مەملىكەتلىك قۇلاق ئاسراش كۈنى

ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى قۇلاق ئاسراش كۈنى قىلىپ بېكىتىلگەن.

ئۇيغۇرچە نامى مەملىكەتلىك قۇلاق ئاسراش كۈنى
تارقالغان رايونلار پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان
ۋاقتى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
بايرام تىپى تەشۋىق-تەربىيە پائالىيتى تىپىدىكى بايرام
ئاپپارات تەسىس قىلىش سەھيە مېنىستېرلىكى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 全国爱耳日
باشقا نامى قۇلاق ئاسراش كۈنى
ئېنگىلىزچە نامى Ear Care Day
بايرامنىڭ ئەھمىيىتى گاسلىق يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاھالىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قۇلاق ئاسراش كۈنىگوۋۇيۈەن ئۇيۇشتۇرغان 1-قېتىملىق مەملىكەتلىك مېيىپلار ئۈلگە ئېلىپ تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، 0 ياشتىن 14 ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ مېيىپ بۇلۇپ قېلىشىنىڭ سەۋەبى ئاڭلاش، سۆزلەش ئىقتىدارىدىن قېلىش بۇلۇپ، بۇ خىلدىكى مېيىپلىقنىڭ ئىگلىگەن نىسبىتنىڭ سەۋەبى ئېنىق بولمىغانلىرى %27.79 نى ئىگىلەيدۇ، ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى %17.47 نى ئىگىلەيدۇ، يۇقىرى قىزىتما كېسەل %12.97، دورا بىلەن زەھەرلىنىش %46.79، ئائىلە ئېرسىيىتى %9.08، غەيرىي يېتىلىش %6.95 نى ئىگەلەيدۇ. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى كېسەللىك، يەرلىك كېسەللەر، تۇغۇتتا سىرتقى قىسمى زەخىملىنىش، شاۋقۇن قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى %1 كە يەتمەيدۇ. ئالـدىـنـقـى تۆتى %70 تىن كۆپرەكىنى ئىگەلەيدۇ. 30 پىرسەنت ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ نېمە سەۋەپتىن ئاڭلاش، سۆزلەش ئىقتىدارىدىن قالغانلىقىنى دەپ بىرەلمەيدۇ. ئاڭلاش سەۋەبى مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئاتا-ئانىلار ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ياكى بوۋاق تۇغۇلغاندا تەكشۈرتۈشكە ئېتبار بەرمىگەن، بۇنىڭ بىلەن ھامىلە ياكى بوۋاقنىڭ گاسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

قۇلاق ئاسراش كۈنىئاڭلاش ۋە تىل بولسا ئىنسانلارنىڭ ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە دۇنيانى بىلىشتىكى مۇھىم ۋاسىتىسى، قۇلاق كېسىلى ۋە ئاڭلاش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش ئازابى ئۇزاققىچە ئۇنتۇلمايدۇ، لېكىن ئۇشتۇمتۇت كەلگەن ھۇجۇم بەك پاراكەندە قىلىدۇ. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ مۆلچەرىگە قارىغاندا، پۈتۈن دۇنيادىكى يېنىك دەرىجىدىكى ئاڭلاش ئىقتىدارى زىيانغا ئۇچرىغۇچى تەخمىنەن 600 مىليون بولۇپ، ئوتتۇرا دەرىجىدىن يۇقىرى بولغان ئاڭلاش كۈچى زەخمىگە ئۇچىرىغۇچى 250 مىليونغا يېتىدۇ. دۆلىتىمىزدە ئاڭلاش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان مېيىپلاردىن 2057 مىڭ بۇلۇپ، تۈرلۈك مېيىپلىق دەرىجىسى بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان، پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ %16.79 نى ئېگەلىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە يەتتە ياشتىن تۆۋەن گاس بالىلار 800 مىڭغا يەتكەن، ھەر يىلى يەنە 30 مىڭدىن ئارتۇق گاس بالىلار يېڭىدىن بارلىققا كېلدىكەن. ئادەمنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ ئاڭلاش ئىقتىدارىدىن قېلىشمۇ ئېغىرلىشىپ بارىدىكەن. قېرىلىقتىكى گاسلىق سانى ئۈزلۈكسىز ئاشىدىكەن. ئادەمنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش ئىجتىمائىي ئالاقە ۋە شەخسلەرنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىگە ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. 

قۇلاق ئاسراش كۈنىسەھىيە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان «كىلىنكىدا قۇلاققا دورا ئىشلىتىش قائىدىسى» دە ،قۇلاققا دورىلارنى قانداق ئىشلىتىش ئۆلچىمى بەلگىلەنگەن. يېتەكچى دوختۇردىن توغرا مەسلىھەت ئېلىش، قۇلىقى ئاجىز، تىلى مېيىپلىقنىڭ كۆرۈلۈشىنى ئازايتىش ۋە ئۇنىڭدىن ساقلىنىش لازىم. دۆلىتىمىزدە يېڭىدىن تۇغۇلغان گاس بالىلارنىڭ سانى كۆپ، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئېھتىياجى چوڭ، لېكىن ئىقتىسادىي شارائىت ۋە تېخنىكا ئىقتىدارى چەكلىك بولغاچقا، پەقەت 20 مىڭغا يەتكۈزۈپ داۋالىغىلى ۋە ئالدىنى ئالغىلى بۇلىدىكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن زۆرۈر بولغان سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، گاسلىق يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش كېرەك. يېڭى گاس بۇلۇپ قالغان بالىلارنىڭ سانىنى ئازايتىش ئىنتايىن مۇھىم بولغان بىر تۈرلۈك خىزمەت. شۇنىڭ ئۈچۈن جۇڭگو مېيىپلار بىرلەشمىسى، سەھىيە مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلار ھەر يىلى 3-مارتنى مەملىكەت بويىچە «قۇلاق ئاسراش كۈنى» قىلىپ بېكىتكەن، ھەمدە 2000-يىلى 3-ئايدا تۇنجى قېتىم «قۇلاق ئاسراش كۈنى» تەشۋىقات-تەربىيە پائالىيىتى قانات يايدۇرغان. گاسلىق يۈز بېرىشنى ئازايتىش ئاھالىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. 

قۇلاق ئاسراش كۈنىسەھىيە خىزمىتى فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، ھەر يىلى «قۇلاق ئاسراش كۈنى» نى بىر ئاساسىي تېما قىلىپ پۈتۈن جەمئىيەتتە قانات يايدۇرۇش ئېلىپ بارغان. «قۇلاق ئاسراش كۈنى» ئاساسلىقى گاسلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان تەشۋىق-تەربىيە پائالىيىتىنى كۆرسىتىدۇ. ئالاقىدار تارماقلار، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەر، قۇلاق، بۇرۇن، كېكىردەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمى مۇتەخەسسىسى، تېببىي خادىم، مېيىپلار خىزمەتچىلىرى، پىدائىي خىزمەتچىلەر ۋە مېيىپلار سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، نەق مەيداندا كۆرەك قىلىش، كوچىلارغا چىقىپ مەسلىھەت بېرىش، خالىس كېسەل كۆرۈش، ئاڭلاش ئىقتىدارى يوق مېيىپلارغا ياردەم بېرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە تېلېۋىزور، رادىئو، گېزىت ژۇرنال، جامائەت پاراۋانلىق ئېلانى، تەشۋىقات رەسىملىرى، ئالدىنى ئېلىش يۈرۈشلۈك كىتابلىرى قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلغان ۋە ئومۇملاشتۇرۇش ئېلىپ بارغان. كۆپچىلىككە گاسلىقنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنىپ، ئۇنىڭ زىيىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، گاسلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈش، بالدۇر بايقاش، بالدۇر دىئاگنوز قويۇش،گاسلىقتىن ساقلىنىش ۋە ئۇنى ئازايتىشنى تەشەببۇس قىلغان.

1. مېيىپلار بىرلەشمىسى؛ 

2. سەھىيە تارماقلىرى؛

3. مائارىپ ئورۇنلىرى؛ 

4. خەلق ئىشلىرى تارمىقى؛ 

5. سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى؛ 

6. دورىلارنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش تارماقلىرى؛ 

7. ئاياللار بىرلەشمىسى؛

8. ياشانغانلار جەمئىيىتى؛ 

9. پىلانلىق تۇغۇت تارماقلىرى. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#