بايقىساڭ توپىمۇ ئالتۇن

بايقىساڭ توپىمۇ ئالتۇن

كىتاب ھەققىدە مەزكۇر كىتاب تەرجىمە قىلىنىپ بازارغا سېلىنغاندىن بۇيان، خەلقىمىز ئارىسىدا زور ئالقىشقا ئېرىشىپ كەلگەن. ئۇ قانداقتۇر نوقۇل پەند-نەسىھەت خاراكتېرىدىكى زېرىكىشلىك ۋەز ئەمەس، بەلكى ئويلاندۇرۇش ھېكىمىتىگە ئىگە.

كىتاب ئىسمى بايقىساڭ توپىمۇ ئالتۇن
ئاپتورى بىل گايتىس
تەرجىمە قىلغۇچى نۇرمۇھەممەد ئۆمەر ئۇچقۇن
نەشر قىلىنغان ۋاقتى 2006-يىلى 6-ئاي
ISBN 7537239835
خەنزۇچە نامى 比尔.盖茨给青少年的准则
باشقا نامى بىل گايتىسنىڭ ياشلارغا تەۋسىيىسى
نەشرىيات شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى
نەشرى 2006-يىل 6-ئاي 1-بېسىلىشى
مەسئۇل كوررېكتور زۆھرە سىدىق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مەزكۇر كىتاب تەرجىمە قىلىنىپ بازارغا سېلىنغاندىن بۇيان، خەلقىمىز ئارىسىدا زور ئالقىشقا ئېرىشىپ كەلگەن. ئۇ قانداقتۇر نوقۇل پەند-نەسىھەت خاراكتېرىدىكى زېرىكىشلىك ۋەز ئەمەس، بەلكى ئويلاندۇرۇش ھېكىمىتىگە ئىگە قىسقا، جانلىق ھىكايەتلەر ئارقىلىق گاڭگىراشتا قالغان قەلبىڭىزگە ئۈمىد نۇرلىرى بېغىشلىغۇچى روھىي ئوزۇقتۇر.

 ئاپتور ئوقۇرمەنلەرگە نۇرغۇن ھېكمەتلىك ھېكايىلەر ئارقىلىق، قانداق قىلغاندا توغرا ئۇسۇل بىلەن بېيىشنى ئۆگىتىدۇ. ئۇشبۇ كىتاب زامانىمىزدىكى ئەڭ كاتتا باي، مۇۋەپەقىيەت قازانغۇچى ۋە ساخاۋەتچى بىل گايتىس نىڭ ياشلارغا قىلغان ئەڭ تەۋسىيەلىك كىتابىدۇر. 

بايقىساڭ توپىمۇ ئالتۇنبىر قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنىدا، بىر داڭلىق ناتىق ھېچقانداق سۆز قىلمايلا، 20 دوللارنى ئېگىز كۆتۈرۈپ يىغىن ئەھلىدىن:

بۇنى كىم ئېلىشنى خالايدۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. ئىككى يۈزدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ قول كۈتۈرشۈپتۇ.ئۇ يەنە: مەن بۇ پۇلنى ئاراڭلاردىن بىرىگە ھەدىيە قىلىمەن. ئەمما ئۇنىڭغىچە بىر ئىش قىلىشىمغا ئىجازەت بىرىڭلار،-دەپتۇ ۋە پۇلنى تامامەن مىجىقلاپ-پۈرلەپ،-ئەمدى كىم ئېلىشنى خالايدۇ،-دىگەنىكەن، ئوخشاشلا ھەممە ئادەم قول كۆتۈرۈپتۇ.

 ئۇ يەنە، ئەگەر مۇنداق قىلسامچۇ؟ دەپتۇ ۋە پۇلنى تاشلاپ، ئۈستىدىن دەسسەپ، يانجىپ، بىرچاغدا مەينەت كۈرۈمسىز بولۇپ كەتكەن پۇلنى ئېلىپ،-ئەمدى كىم ئالىدۇ؟-دىگەنىكەن، يەنە ئوخشاشلا ھەممە ئادەم قول كۆتۈرۈپتۇ.

ناتىق سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ دەپتۇ: بۇرادەرلەر، يۇقىردا ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك دەرستىن بىرنى ئاڭلىدىڭلار، مەيلى پۇلنى نېمە قىلاي، سىلەر ئوخشاشلا ئۇنىڭدىن يالتايمىدىڭلار، نىمە ئۈچۈن؟ چۈنكى پۇلنىڭ قىممىتى چۈشمىدى، يۇقالمىدى. ئۇ ھېلىھەم 20 دوللار. ھاياتلىق مۇساپىسىدە، بىزمۇ سان-ساناقسىز ئۇڭۇشسىزلىقلارنىڭ زەربىسىگە، ئەخمەق قىلىشىغا، ھەتتا تەلتۆكۈس ۋايران قىلىشىغا ئۇچرايمىز، ھەتتا ئۆزىمىزمۇ ئەمدى بىر تىيىنغا ئەرزىگۈچىلىكىم قالمىدى، دەپ ئويلاپ قالىمىز.

ئەمما نېمە ئىش يۈز بىرىشىدىن قەتئىينەزەر، تەڭرىنىڭ نەزىرىدە سىلەر مەڭگۈ قىممىتىڭلاردىن قالمايسىلەر! مەيلى پاسكىنا بولۇڭلار ياكى پاكىز بولۇڭلار، سالاپەتلىك ياكى جۇلدۇر-كېپەن بولۇڭلار سىلەر يەنىلا بىباھا قىممەتكە ئىسگىسىلەر. ھاياتنىڭ قىممىتى بىزنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقىنىمىزغا، كىملەر بىلەن باردى-كەلدى قىلىشىمىزغا ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ ئۆزىمىزگە باغلىق ! مەڭگۈ ئۇنۇتماڭلاركى، سىلەر بىباھا ! ھاياتنىڭ قىممىتى ئۆزىمىزگە باغلىق، ئۆزىمىزدىن بۆلەك ھېچكىم بىزنى پەسلەشتۈرەلمەيدۇ.

بىل گايتىس

بىل گايتىس 1955-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى سېئاتىل شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇ كىچىكىدە باشقىلار بىلەن مۇنازىرىلىشىشكە ئامراق ھەم ناھايىتى ئەقىللىق بالا ئىدى، گەيتىسنىڭ دادىسى ئادۋوكات، ئاپىسى بولسا ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئون نەچچە ياش ۋاقىتلىرىدىلا ئۆزىنىڭ ئىلىمخۇمارلىقىنى بىلىندۈرۈپ، نەچچە توملىغان «دۇنيا نەشرىياتى قامۇسى» نى ئوقۇپ چىققانىدى.

بىل گايتىس ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىدىلا دۇنيادىكى تۇنجى شەخىسلەر كومپىيوتېرى-MITS Altair ئۈچۈن يۇمشاق دېتال ئېچىپ چىققان. 

مىكروسوفت شىركىتى 1985-يىلى Windows مەشغۇلات سېستىمىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىپ چىققان بولۇپ، 1986-يىلى ئۆزىنىڭ پايچېكىنى تارقاتقانىدى، 1987-يىلىغا كەلگەندە ئارانلا 31 ياشقا كىرگەن بىل گايتىس ئاللىقاچان مىليونىرغا ئايلانغان.

1995-يىلىغا كەلگەندە بىل گايتىس دۇنيادىكى ئەڭ كاتتا بايغا ئايلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ مۈلكى 10 مىليارد 290 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

يانغىن ئېلكىتاب ئامبىرى

http://yanghin.net/index.php?D=red&id=233

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#