قىرغۇچى ئايروپىلان

قىرغۇچى ئايروپىلان

قىرغۇچى ئايروپىلان ھازىرقى زامان ھاۋا ئارمىيىسىدىكى ئەڭ ئاساسىي ئايروپىلان تۈرى بولۇپ ئاساسەن، ھاۋا ئۇرۇشىدا ئىشلىتىلىدىغان ئايروپىلان بولغاچقا، جەڭ ئايروپىلانى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى قىرغۇچى ئايروپىلان
ئىنگىلىزچە نامى fighter
ئارتۇقچىلىقى ئوت كۈچى كۈچلۈك، سۈرئىتى تېز، ھەرىكەتچان
خەنزۇچە نامى 歼击机
باشقا نامى جەڭ ئايروپىلانى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قىرغۇچى ئايروپىلان، ئاساسەن، ئېلىشقۇچى جەڭ ئايروپىلانى، توسۇپ زەربە بەرگۈچى ئايروپىلان ۋە بومباردىمانچى قىرغۇچى ئايروپىلاندىن ئىبارەت ئۈچ تۈرگە ئايرىلىدۇ.

ئېلىشقۇچى جەڭ ئايروپىلانى

 ئېلىشقۇچى جەڭ ئايروپىلانىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى دۈشمەن جەڭ ئايروپىلانلىرى بىلەن بوشلۇقتا ئېلىشىپ، ھاۋا بوشلۇقىنى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە ساقلاش.

 توسۇپ زەربە بەرگۈچى ئايروپىلان

 توسۇپ زەربە بەرگۈچى ئايروپىلان ئاساسەن ھاۋا مۇداپىئەسى ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، دۈشمەننىڭ بومباردىمانچى ئايروپىلانى ۋە مۇھاپىزەتچى جەڭ ئايروپىلانلىرىغا توسۇپ زەربە بېرىدۇ.

بومباردىمانچى قىرغۇچى ئايروپىلان

 بومباردىمانچى قىرغۇچى ئايروپىلاننىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى ئوپېراتسىيە سېپىنىڭ ئىچكى نىشانلىرىغا ھۇجۇم قىلىش قاتارلىقلار.

قىرغۇچى ئايروپىلانقىرغۇچى ئايروپىلان ھازىرقى زامان ھاۋا ئارمىيىسىدىكى ئەڭ ئاساسىي ئايروپىلان تۈرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى گەۋدىسى كىچىك، سۈرئىتى تېز، ئۇچۇش سۈرئىتى كۆپىنچىلىرىنىڭ ئاۋاز تېزلىكىدىن ئېشىپ كېتىدۇ، بەزىلىرىنىڭ سۈرئىتى ئاۋاز سۈرئىتىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە يېتىدۇ، ئاز ساندىكىلىرىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە يېتىدۇ. ئادەتتە ئېگىزرەك ئۇچىدۇ، ئەڭ ئېگىز بولغاندا 18 مىڭ مېتىردىن 20 مىڭ مېتىرغا يېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆتۈرۈلۈشى تېز، ھەرىكەتچانلىقى ياخشى. بەزى قىرغۇچى ئايروپىلانلارغا ئىلغار ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، تۈرلۈك ھاۋا رايى شارائىتلىرىدا بوشلۇققا كۆتۈرۈلۈپ جەڭ قىلالايدۇ.

 ئامېرىكىنىڭ 14-F، 15-F، 16-F تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى، روسىيىنىڭ 23-GM، 29-GM، 31-GM ھەم فرانسىيىنىڭ «سايە 2000» تىپلىق ئايروپىلانلىرى دۇنيادىكى بىرقەدەر ئىلغار ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ھېسابلىنىدۇ.

«پېئارل  خاربور ۋەقەسى»

قىرغۇچى ئايروپىلان 1941-يىل 12-ئاينىڭ 7-كۈنى سەھەردە، ياپونىيە 100 دىن ئارتۇق ئايروپىلان چىقىرىپ ئامېرىكىنىڭ پېئارل خاربوردىكى دېڭىز ئارمىيە بازىسىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، 1 سائەت 50 مىنۇت ئىچىدىلا تۈرلۈك پاراخوتلاردىن 20 نەچچىنى چۆكتۈرۈۋەتكەن، ئامېرىكىنىڭ كۈرەشچى ئايروپىلانىدىن 180 نەچچىنى پارتلىتىۋەتكەن، ئامېرىكا ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرىدىن 4500 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن ۋە يارىلانغان، مانا بۇ دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان «پېئارل خاربور ۋەقەسى». قىرغۇچى ئايروپىلانلار بۇ تۈردىكى ھۇجۇملارنىڭ باش پېرسوناژى.

قىرغۇچى ئايروپىلانھازىرقى زامان جەڭ ئايروپىلانلىرىنىڭ تۈرى كۆپ، ئىقتىدارى ياخشى. مەسىلەن، جەڭ بومباردىمانچى ئايروپىلانى قىرغۇچى ئايروپىلاننى ئاساس قىلغان بولۇپ، يەرگە ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارى كۈچەيتىلگەن، بومبا ئېلىپ يۈرمىگەندە، قىرغۇچى ئايروپىلان بولىدۇ، ھازىرقى زاماندىكى ئادەتتىكى قىرغۇچى ئايروپىلانلارنىڭ يەرگە ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇپ، يەر يۈزىدىكى نىشانلارنى بومباردىمان قىلىدۇ. ئامېرىكىنىڭ 14-F، 15-F، 16-F تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى، روسىيىنىڭ 23-GM، 29-GM، 31-GM ھەم فرانسىيىنىڭ «سايە 2000» تىپلىق ئايروپىلانلىرى دۇنيادىكى بىرقەدەر ئىلغار ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ھېسابلىنىدۇ.[0]




ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#