ھەسەل ھەرىسى
ھەسەل ھەرىسى پەردە قاناتلىقلار ئەترىتى، ھەسەل ھەرىسى ئائىلىسىگە تەۋە. تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 8-20 مىللىمېتىر، سارغۇچ قوڭۇر ياكى قارامتۇل قوڭۇر رەڭدە بولۇپ، قويۇق تۈكلىرى بار. بېشى بىلەن كۆكرىكى ئوخشاش دېگۈدەك كەڭلىكتە، ئانتېنناسى بوغۇمسىمان، مۇرەككەپ كۆزى ئېللىپىس شەكىللىك، تۈكلۈك، ئېغىز ئاپپاراتى چايناپ شورىغۇچى، كېيىنكى پۇتى چاڭ يىغقۇچى پۇت بولۇپ، ئىككى جۈپ پەردىسىمان قانىتى بولىدۇ؛
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ھەسەل ھەرىسى ئۇرۇقدىشى پەردە قاناتلىقلار ئەترىتى، ھەسەل ھەرىسى ئائىلىسىگە تەۋە. بىر خىل ئۇچالايدىغان توپلىشىپ ياشايدىغان ھاشارات، ئۇلار بايلىق ھاشارەت دەپ ئاتىلىدۇ. تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 8-20 مىللىمېتىر ، سارغۇچ قوڭۇر ياكى قارامتۇل قوڭۇر رەڭدە بولۇپ، قويۇق تۈكلىرى بار؛ بېشى بىلەن كۆكرىكى ئوخشاش دېگۈدەك كەڭلىكتە؛ بەل قىسمى، كۆكرەك قىسمى، قورساق قىسمى ئىنچىكە؛ ئانتېنناسى بوغۇمسىمان، مۇرەككەپ كۆزى ئېللىپىس شەكىللىك بولۇپ، ئېغىز ئاپپاراتى چايناپ شورىغۇچى، كېيىنكى پۇتى چاڭ يىغقۇچى پۇت بولۇپ، ئىككى جۈپ پەردىسىمان قانىتى بار، ئالدى قانىتى چوڭ، كەينى قانىتى كىچىك، قورساق قىسمى ئېللىپس شەكىللىك، تۈكلىرى كۆكرەك قىسمىدا ئاز، ھەرە تولۇق ھالەت ئۆزگەرتىدىغان ھاشارات بولۇپ، بىر ئۆمۈر تۇخۇم، ئارا لېچىنكا، قورچاق ۋە يېتىلگەن قۇرتتىن ئىبارەت تۆت قۇرت ھالىتىنى باشتىن كەچۈرىدۇ.
ھەسەل ھەرىسى توپلىشىپ ياشايدۇ. بىر ھەسەل ھەرىسى ئائىلىسىدە، بىر ئانا ھەرە، نەچچە يۈز ئەركەك ھەرە ۋە نەچچە ئون مىڭ ئىشچى ھەرە بولىدۇ. ھەسەل ھەرىسى ئائىلىسىدە ئىش تەقسىماتى ئىنىق ئايرىلغان بولۇپ ،ئانا ھەرە تۇخۇم تۇغۇشقا، ئەركەك ھەرە جۈپلىشىشكە، ئىشچى ھەرە ھەسەل يىغىشقا مەسئۇل بولىدۇ. ھەسەل ھەرىسى « ئۇسسۇل ئويناش » ئارقىلىق ھەمراھلىرىغا قەيەردە ھەسەل بارلىقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ.
باھار پەسلىدىن كۈزنىڭ ئاخىرغىچە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ چېچەكلەش پەسلى ، ھەسەل ھەرىسى كۈندە ئالدىراش يۈرىيدۇ. قىش پەسلى ھەسەل ھەرىسىنىڭ بىردىنبىر قىسقا ئارام ئېلىش مەزگىلى. سوغۇق ھاۋا رايى، تۆۋەن تېمپېراتۇرا، ھەسەل ھەرىلىرىنىڭ خىزمەت قىلشىغا پايدىسىز، چۈنكى ھەسەل ھەرىسى ئۆزگىرىشچان تېمپېراتۇرىلىق ھايۋان بولۇپ، ئۇنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئەتراپتىكى مۇھىتنىڭ تېمپېراتۇرا ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ.
پاقىلار ۋە قارلىغاچ ، تاغ قۇچقىچى قاتارلىق قۇرتخور قۇشلار .[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.