جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قاماقخانا نىزامى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قاماقخانا نىزامى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قاماقخانا نىزامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەن نىڭ 52–نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن 1990-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى ئېلان قىلىنغان، ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلغان.


ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قاماقخانا نىزامى
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 1990-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى
ھۆججەت جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەننىڭ 52–نومۇرلۇق پەرمانى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国看守所条例
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 1990-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بىرىنچى باب ئاساسىي پىرىنسىپ 

1-ماددا جىنايى ئىشلار دەۋاسىغا ئائىت پائالىيەتلەرنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» ۋە باشقا ئالاقىدار قانۇنلارنىڭ بەلگىلىمىلىرگە ئاساسەن مەزكۇر نىزام تۈزۈپ چىقىلدى.

2-ماددا قاماقخانا قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنغان، جىنايى ئىشلار بۇيىچە تۇتۇپ تۇرلىدىغان ئەيىبكارلارنى قامايدىغان ئورۇن. بىر يىلغا توشمايدىغان مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان ياكى جازا مۇددىتى بىر يىلدىن ئاز بۇلۇپ، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئورۇنلىرىغا بېرىشقا قۇلايسىز بولغان جىنايەتچىلەرنى، قاماقخاننىڭ نازارەت ئاستىدا باشقۇرۇشىغا تاپشۇرۇپ بېرىشكىمۇ بۇلىدۇ.

3-ماددا قاماقخاننىڭ ۋەزىپىسى د‍ۆلەتنىڭ قانۇن بويىچە، قاماقتىكى ئەيىبكارلارنى ھوشيارلىق بىلەن قۇراللىق ساقلاش، ئامانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش؛ ئەيىبكارلارغا تەربىيە بىرىش؛ ئەيىبكارلارنىڭ تۇرمۇشى ۋە تازلىقىنى باشقۇرۇش؛ تەكشۈرۈش، ئەيىپلەش ۋە سوتلاش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش.

4-ماددا قاماقخانىدا ئەيىبكارلارنى نازارەت قىلىشتا قاتتىق پەخەس بۇلۇپ، ساقلاش بىلەن تەربىيىنى بىرلەشتۈرۈش فاڭجىندا چىڭ تۇرۇش، قانۇن بويىچە باشقۇرۇش، قاتتىق باشقۇرۇش، ئىلمىي باشقۇرۇش ۋە مەدەنىيەتلىك باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، ئەيىبكارلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق- مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش لازىم. ئەيىبكارلارنى ئۇرۇش، تىللاش، تەن جازاسى بىرىش ۋە خورلاشقا ھەرگىز بولمايدۇ.

5-ماددا قاماقخانا ناھىيەدىن يۇقىرى دەرىجىلىك مەمۇرىي رايۇنلارنى بىرلىك قىلىپ تەسىس قىلىندۇ ؛ ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك ج خ تارماقلىرىنىڭ باشقۇرىشىدا بۇلىدۇ.

ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەردىكى دۆلەت خەۋىپسىزلىكى نازارىتى (ئىدارىسى)ئېھتىياجىغا ئاساسەن، قاماقخانا تەسىس قىلسا بۇلىدۇ.

تۆمۈر يول، قاتناش، ئورمانچىلىق ۋە خەلق ئاۋىئاتسىيىسى قاتارلىق سېستىمىلارنىڭ ناھىيەدىن يۇقىرى دەرىجىلىك ج خ تارماقلىرى قاماقخانا تەسىس قىلسا بۇلىدۇ.

6-ماددا قاماقخاندا بىر قاماقخانا باشلىقى، بىردىن ئىككىگىچە مۇئاۋىن باشلىق قويىلىدۇ. خىزمەت ئىھتىياجىغا ئاساسەن، كۆزەتچى، تەربىيەلىگۈچى تىببىي خادىم، مالىيە بوغالتىرى، ئاشپەز قاتارلىق بىر نەچچە كىشى سەپلەپ بىرىلىدۇ.

قاماقخاندا ئايال ئەيىپكارلارنى باشقۇرۇش ئۇچۇن، ئايال خىزمەتچى خادىملار سەپلەپ بىرلىشى لازىم.

7-ماددا قاماقخاندا ئەيىبكارلارنى قوراللىق نازارەت قىلىش ۋە يالاپ ئېلىپ مېڭىشنى، جوڭگۇ خەلق قوراللىق ساقچى قىسىملىرى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ قوراللىق ساقچى قىسىمى دەپ ئاتىلىدۇ)ئۈستىگە ئالىدۇ. قاماقخانا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان قوراللىق ساقچى قىسىملىرىغا كەسپىي جەھەتتىن يىتەكچىلىك قىلىدۇ.

8-ماددا قاماقخانىنىڭ نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش پائالىيىتىگە خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىدۇ.

ئىككىنچى باب تۇۇپ تۇرۇش

9-ماددا قاماقخانا ئەيىىبكارلارنى تۇتۇپ تۇرۇشتا، ناھىيەدىن يۇقۇرى دەرىجىلىك ج خ تارماقلىرى ۋە دۆلەت خەۋىپسىزلىكى تارماقلىرى تارقاتقان قولغا ئېلىش گۇۋانامىسى، جىنايى ئىشلار بۇيىچە تۇتۇپ تۇرۇش گۇۋاھنامىسى ياكى ناھىيەدىن يۇقۇرى دەرىجىلىك ج خ تارماقلىرى، دۆلەت خەۋىپسىزلىكى تارماقلىرى، تۈرمە، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تارماقلىرى، خەلق سوت مەھكىمسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبكارلارنى قوغلاپ تۇتۇش، يالاپ ئېلىپ مېڭىش ۋاقىتلىق گۇۋاھنامىسى بولىشى شەرت، يۇقىرىدا ئېيتىلغان گۇۋاھنامىلار بولمىسا ياكى تۇتۇپ تۇرۇش گۇۋاھنامىدا ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان ئەمەلىي ئەھۋالغا ئۇيغۇن كەلمىسە، تۇتۇپ تۇرۇشقا بولمايدۇ.

10-ماددا قاماقخانا ئەيىىبكارلارنى تۇتۇپ تۇرۇشتا، ئۇلارنىڭ سالايىتىنى تەكشۈرۈشى لازىم. تۆۋەندىكى ئەھۋالارنىڭ بىرى بولسا، تۇتۇپ تۇرۇشقا بولمايدۇ.

(1) نېرۋا كېسىلى ياكى جىددىي خارەكتىرلىك يۇقۇملىق كېسىلى بارلار؛

(2) باشقا ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بۇلۇپ، تۇتۇپ تۇرۇش جەريانىدا، ئۆلۈپ كېتىش، ئېھتىمالى بولغان ياكى تۇرمۇشتا ئۆزىنى-ئۆزى باشقۇرالمايدىغانلار. جىنايىتى ئىنتايىن ئېغىر بۇلۇپ، قامىمىسا، جەمئىيەتكە خەۋىپ يەتكۇزىدىغانلار بۇنىڭ ئىچىگە كىرمەيدۇ.

(3) ھامىلدار ياكى ئېمىتىۋاتقان، يېشىغا توشمىغان بالىسى بار ئاياللار.

11-ماددا قاماقخانا ئەيىىپكارلارنى تۇتۇپ تۇرۇشتا ئۇلار، ئېلىپ ماڭغان ماددىي بۇيۇملارنى باشتىن-ئاياغ قاتتىق تەكشۈرۈش لازىم. بۇنىڭ ئىچىدە كۈندىلىك بۇيۇملارغا ياتمايدىغانلىرىنى تىزىملاپ، ۋاكالىتەن ساقلاپ بىرىش، قاماقخانىدىن چىققاندا ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بىرىش ياكى تۈرمە، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تارماقلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك. چەكلەنگەن بۇيۇملار بولسا مۇسادىرە قىلىنشى، جىنايەت پاكىتى ۋە گۇمانلىق بۇيۇملار سېزىلسە، نەق مەيداندا خاتىرلىنىپ، ئەيىبكارنىڭ بارماق ئىزى باستۇرۇلغاندىن كېيىن، مەسئۇل تارماقلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بىرلىشى لازىم. ئايال ئەيىپكارلارنى ئايال خىزمەتچى خادىملار تەكشۈرىدۇ.

12-ماددا تۇتۇپ تۇرۇلغان ئەيىىبكارغا دېلو تۇرغۇزۇلۇشى لازىم.

13-ماددا ئەيىبكارنى تۇتۇپ تۇرۇشتا ئۇنىڭغا قامىلىش جەريانىدا، تۈرمە بەلگىلمىسىگە قەتئىي ئەمەل قىلىشنى ۋە تېگىشلىك قانۇنىي ھۇقۇق-مەنپەئەتتىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى چۇشەندۇرۇش لازىم.

14-ماددا ئەر ئەيىبكارلار بىلەن ئايال ئەيىبكارلارنى، بالاغەتكە يەتكەن ئەيىبكارلار بىلەن بالاغەتكە يەتمىگەن ئەيىبكارلارنى ئايرىم قاماش لازىم. بىللە جىنايەت ئوتكۇزگەنلەردىن ئايرىم قاماشقا تېگىشلىك بولغانلىرىنى ئايرىم قاماش لازىم.

15-ماددا ج خ تارماقلىرى ياكى دۆلەت خەۋىپسىزلىكى تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرىشى ئاياغلىشىپ، خەلىق تەپتىش مەھكىمىسى بىرتەرەپ قىلىشنى قارار قىلغان، خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قاراپ چىقىشى ياكى تەكشۈرىشى ئاياغلىشىپ، خەلق سوت مەھكىمىسى بىر تەرەپ قىلىشنى قارار قىلغان ئەيىبكارلارنى يۆتكەش، تاپشۇرۇپ بېرىش-تاپشۇرۇۋېېلىشتا رەسمىيەت تۇلۇق بېجىرىلشى، قاماقخانا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى لازىم.

ئۈچىنچى باپ ئاگالاندۇرۇش، ساقلاش

16-ماددا قاماقخانىدا 24 سائەتلىك دىجۇرنىلىك تۇزۈمى يولغا قۇيىلىدۇ. دىجورنى خادىملار خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرشى، سۇلاقخانىلارنى ۋاقتىدا تەشكۇرۇپ تۇرشى لازىم.

17-ماددا ئۈلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلنىپ، تېخى ئىجرا قىلىنمىغان جىنايەتچىلەرگە جەزمەن كويزا-كىشەن سېلىش لازىم. قاتىللىق قىلىش، توپىلاڭ كۆتۈرۈش، قېچىش ھەمدە ئۆزىنى ئۆلتۇرۈۋېلىش ئېھتىمالى ئەمىليەت ئارقىلىق ئىسپاتلانغان ئەيىبكارلارغا، قاماقخانا باشلىقىنىڭ تەستىقى بىلەن كويزا-كىشەن سېلىنسا بۇلىدۇ. جىددىي ئەھۋال ئاستىدا، ئاۋال كويزا-كىشەن سېلىپ ئاندىن قاماقخانا باشلىقىغا دوكلات قىلىنسىمۇ بۇلىدۇ. يۇقىرقى ئەھۋاللار كۆرۈلمىسە، كويزا-كىشەننى ئېلىۋىتىش لازىم.

18-ماددا كۆزەتچى خادىملار ۋە قۇراللىق ساقچىلار تۇۋەندىكى بىرەر ئەھۋالغا يولۇقۇپ، ئۇنى باشقا تەدبىرلەر ئارقىلىق چەكلىيەلمىسە، ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە ئوق چىقارسا بۇلىدۇ؛

(1) ئەيىبكار تۇمىدىن قاچسا ياكى توپىلاڭ كۆتۈرسە؛

(2) قاچسا ياكى قوغلاپ تۇتۇش جەريانىدا تۇتۇق بەرمىسە؛

(3) بۇلاڭچىلىق قىلغان بولسا؛

(4) ئەيىبكار قورال ئىشلىتىپ ياكى باشقا خەتەرلىك نەرسىلەر بىلەن قاتىللىق قىلىۋاتقان ياكى بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقان بولسا؛

(5) ئەيىبكار نازارەت قىلغۇچى خادىملىرىغا تەھدىت سالسا.

ئوق چىقىرىشقا توغرا كەلسە، جىددىي ئەھۋالغا يولۇقۇپ قېلىنمىسىلا، ئالدى بىلەن ئوق چىقىرىپ ئاگاھلاندۇرۇش كېرەك. ئەيىپكاردا يۇۋاشلىق ئالامىتى كورۇلسە، ئوق چىقىرىشنى دەھال توختىتىش لازىم. ئوق چىققارغاندىن كېيىن نەق مەيدانى ساقلاپ قېلىش ھەمدە ئالاقىدار ج خ تارماقلىرى ۋە خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە دەرھال مەلۇم قىلىش لازىم.

تۆتىنچى باپ ئەيىپكارنى سوراققا ئېلىپ چىقىش، يالاپ ئېلىپ مېڭىش

19-ماددا ج خ تارماقلىرى ياكى دولەت خەۋىپسىزلىكى تارماقلىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، خەلق سوت مەھكىمىسى ئەيىبكارلارنى سوراققا ئېلىپ چىققاندا، قەزمەن سوراققا ئېلىپ چىقىش گۇۋاھنامىسى ياكى بېلىتى بۇلىشى لازىم. سوراققا ئېلىپ چىققۇچى خادىم ئىككى ئادەمدىن كەم بولماسلىقى شەرىت.

ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە مۇۋاپىق كەلمىسە، قاماقخانا سوراققا ئېلىپ چىقىشنى رەت قىلىشى لازىم.

20-ماددا سوراققا تارتقۇچىلار ئەيىبكارنى سوراققا تارتىپ بولغاندىن كىيىن، دەرھال دىجۇرنىلىك قىلىۋاتقان كۇزەتچى خادىمغا تاپشۇرۇپ بېرىشى ھەمدە سوراققا ئېلىپ چىقىش گۇۋانامىسى، سوراق قىلىش بېلىتى قايتۇرۋېلىنىشى لازىم.

21-ماددا يالاپ ئېلىپ ماڭغۇچى خادىملار ئەيىبكارنى يالاپ مېڭىش سەپىردە قاتتىق قامال قىلىپ، كۈتىلمىگەن ئەھۋالنىڭ يۇز بىرىشىدىن ساقلىنىشى لازىم. يالاپ ماڭغان ئەيىبكارغا كويزا-كىشەن سېلىشقا بۇلىدۇ. ئايال ئەيىبكارنى يالاپ ئېلىپ ماڭغاندا، يولدا ئۇنىڭ تۇرمىشىغا ئايال خىزمەتچى خادىملار مەسئۇل بۇلىشى لازىم.

بەشىنچى باپ تۇرمۇش، تازىلىق

22-ماددا سولاقخانىلار شامال ئۆتۈشۈپ تۇردىغان، كۇن نۇرى چۈشىدىغان، نەملىكتىن، ئىسسىق ئۆتۈشتىن، سوغوقتىن ساقلانغىلى بۇلىدىغان قىلىپ ياسىلىشى لازىم. قاماقخانا تۇتۇپ تۇرلىۋاتقانلار تۇرۇۋاتقان ئۆيلەرنى ھەر دائىم تەكشۈرۈپ تۇرىشى، ۋاقتىدا رېمونت قىلىشى، ئوت ئاپىتى ۋە باشقا تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشى لازىم.

قاماقخاندىكى ئەيىبكارلارنىڭ تۇرار جاي كۇلىمى كۇندىلىك تۇرمىشىغا تەسىر يەتمەيدىغان بۇلىشى لازىم.

23-ماددا ئەيىپكارلار قامالغان مەزگىلىدە، بەلگىلىمىدىكى ئۆلچەم بويىچە ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىلىندۇ. ئۇنى تۇتۇپ قېلىشقا،باشقا ئىشلارغا ئىشىلتىشكە بولمايدۇ.

ئاز سانلىق مىللەت ئەيىبكارلىرى بىلەن چەت ئەللىك ئەيىبكارلارنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇلارغا تۇرمۇش جەھەتتە مۇۋاپىق ئېتىۋار بېرلىشى لازىم.

24-ماددا ئەيىبكارلار كىيىم-كېچەك، يوتقان-كۆرپىلەرنى ئۆزلىرى تەييارلىشى لازىم. ھەقىقەتەن تەييارلاش ئىمكانىيتى بولمىسا، قاماقخانا تەمىللەيدۇ.

25-ئەيىبكارلانىڭ تېگىشلىك ئۇخلاش ۋاختى ۋە بىر-ئىككى سائەت سىرىتتا ھەركەتلىنىش ۋاقتى بۇلۇش لازىم.

قاماقخانا ئەيىبكارلارغا يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تازلىق تۈزۈملىرىنى بىكىتىپ بېرىشى لازىم.

26-ماددا قاماقخانلار تېگىشلىك تىببىي داۋالاش ئەسۋاپ-ئۇسكىلىرى ۋە دائىم ئىشلىتىلدىغان دۇرا بۇيۇملىرىنى سەپلىشى، ئەيىبكارلارنى دوختۇرخانىلاردا داۋالىتىش زۆرۈر بولسا، شۇ جايدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ مەسئۇللىقىدا ئۇنى داۋالىتىشى، كېسىلى ئېغىرلىرى بولسا، ئۇلارنى كېپىللىككە بىرىپ، سوراق قىلىشنى كۇتىشنى تاپشۇرۇشى لازىم.

27-ماددا ئەيىپكار قامىلىش مەزگىلىدە ئۆلسە، بۇ ئەھۋالنى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە ئەنزە بىجىرىش تارماقلىرىغا تىزدىن دوكلات قىلىپ، قانۇن دوختۇرى ياكى دوختۇر ئۈلۈش سەۋەبىنى بېكىتكەندىن كىيىن، ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ئۇقتۇرۇپ قويۇش لازىم.

ئالتىنچى باپ كۆرۈشۈش، خەت ئالاقىسى قىلىش

28-ماددا ئەيىبكار قاماقخاندىكى مەزگىلىدە ئەنزە بېجىرىش تارماقلىرىنىڭ قۇشۇلىشى، ج خ تارماقلىرىنىڭ تەستىقى بىلەن يېقىن تۇغقانلىرى بىلەن خەت-ئالاقىسى قىلسا،كۆرۈشسە بۇلىدۇ.

29-ماددا ئەيىبكارنىڭ يېقىن تۇغقىنى ئېغىر كېسەل بولسا ياكى ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، ئەيىبكارلارغا ۋاقتىدا ئېنىق ئۇقتۇرۇش لازىم.

ئەيىبكارنىڭ جورىسى، ئاتا-ئانىسى ياكى پەرزەنتلىرىنىڭ كېسىلى خەۋىپلىك بولسا، ئەنزە ئەھۋالى ناھايىتى ئېغىرلىرىدىن باشقىلىرىنىڭ ئەنزە بېجىرگۈچى تارماقلارنىڭ قۇشۇلىشى ۋە ج خ تارماقلارنىڭ تەستىقى بىلەن قاتتىق نازارەت قىلىش شەرتى ئاستىدا، تۇققان يوقلاش ئۈچۈن ئۆيگە قايتىشغا رۇخسەت قىلىندۇ.

30-ماددا ئەيىپكارلارنىڭ يېقىن تۇققانلىرى ئەيىپكارغا ماددىي بۇيۇم ئېلىپ كەلسە، كۆزەتكۈچى خادىملارنىڭ تەكشۈرىشىدىن ئۆتكۈزۈشى  لازىم.

31-ماددا قاماقخانا ئەنزە بېجىرىش تارماقلىرىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئەيىپكارنىڭ ئەۋەتمەكچى بولغان ۋە ئۇنىڭغا كەلگەن خەت-چەكلىرىنى تەكشۈرسە بۇلىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭدا تەكشۈرۈش، ئەيىپلەش ۋە سوتلاشقا توسقۇنلۇق قىلىدىغان ئامىللار سېزىلسە، ئۇنى باستۇرۇپ قۇيۇپ، ئەنزە بېجىرىش تارماقلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بەرسە بۇلىدۇ.

32-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەيىبلەشكە سۇنۇشنى قارار قىلغان ئەنزىدە، قاماقتىكى ئەيىبكار ئەيىپلەشنامىنىڭ قۇشۇمچە نۇسخىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كىيىن، ئۆزى ھاۋالە قىلغان ياكى خەلق سوت مەھكىمىسى كۆرسىتىپ بەرگەن ئاقلىغۇچى بىلەن كۆرۈشسە، خەت ئالاقە قىلسا بۇلىدۇ.

يەتتىنچى باپ تەربىيە بىرىش، مۇكاپاتلاش-جازالاش

33-ماددا قاماقخانا ئەيىبكارلارغا قانۇن-تۇزۇم تەربىيىسى،ئەخلاق تەربىيىسى ۋە تېگىشلىك بولغان ۋەزىيەت ھەمدە ئەمگەك تەربىيەسى بېرىشى لازىم.

34-ماددا ئامانلىققا كاپالەتلىك قىلىش ۋە جىنايى ئىشلار ئەيىبلەش پائالىيىتىگە تەسىر يەتكۇزمەسلىك ئاساسىدا، قاماقخانا ئەيىبكارلارنى مۇۋاپىق ئەمگەككە تەشكىللىسە بۇلىدۇ.

ئەيىبكارلارنىڭ ئەمگەك كىرىمى ۋە چىقىمىدا ھېسابات تۇرغۇزۇلۇشى، رەسمىيەت قاتتىق بۇلىشى لازىم.

35-ماددا ئەيىبكار قاماقتىكى چېغىدا تۈرمە بەلگىلىمىسىگە رىئايە قىلىپ، ئىپادىسى ياخشى بولسا، ئۇنى تەقدىرلەش ۋە ئۇنىڭغا ئىلھام بىرىش لازىم؛ خىزمەت كۆرسىتىش ئىپادىسى بولغانلىرىنى ئەنزە بېجىرىش تارماقلىرىغا مەلۇم قىلىپ، كەڭچىلىك قىلىش لازىم.

36-ماددا قاماقخانا تۈرمە قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغان ئەيىبكارلارغا ئاگاھلاندۇرۇش بىرىشى ياكى تەربىيە بىرىشى، قىلمىشى ئېغىر بۇلۇپ، تەربىيە بەرسىمۇ ئۆزگەرمىگەنلەرنى خاتالىقىنى ئوزگەرتىشكە بۇيرىشى ياكى قاماقخانا باشلىقىنىڭ تەستىقى بىلەن رېجىمغا ئېلىش لازىم.

37-ماددا ئەيىبكارلار قامىلىش مەزگىلىدە جىنايەت ئۆتكۈزسە، قاماقخانا ئەھۋالىنى ئەنزە بېجىرىش تارماقلىرىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرىشى، ئۇلارنى قانۇن بويىچە بىرتەرەپ قىلىشى لازىم.

سەككىزىنچى باپ قاماقخاندىن چىقىرىش

38-ماددا ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىنىپ،ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئجرا قىلىندىغان، مۇددەتسىز، مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىندىغان ياكى نەزەربەنىت قىلىندىغان جىنايەتچىلەرگە، قاماقخانا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىقرا قىلىش ئۇقتۇرۇشنامىسى، ھۆكۈمنامىسىغا ئاساسەن قاماقخانىدىن چىقىش رەسمىيىتى ئۆتەپ بىرىلىدۇ.

39-ماددا قانۇن بويىچە قويۇپ بىرىلدىغانلارغا خەلق سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسى، ج خ تارماقلىرى ياكى دولەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرىنىڭ قويۇپ بىرىش ئۇقتۇرۇشنامىسىغا ئاساسەن، قاماقخانا قويۇپ بىرىش رەسمىيىتى ئۆتەپ بېرىلىدۇ.

قاماقتىكىلەرنى قۇيۇپ بىرىشتە،ئۇلارغا قۇيۇپ بىرىش گۇۋانامىسى تارقى تىپ بېرىلىدۇ.

40-ماددا قاماقىانا ئەمگەك بىلەن تەربىيلىنىشى بېكىتىلگەن جىنايەتچىلەر، باشقا جايغا قاماشقا تاپشۇرىلىدىغان ئەيىبكارلارغا ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلارنىڭ ئىسپات-ھۆججىتىگە ئاساسەن، قاماقخانىدىن چىقىش رەسمىيىتى ئۆتەپ بېرىدۇ.

توققۇزىنچى باپ تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىش

41-ماددا قاماقخانا خىزمەتچى خادىملارغا قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىش تەربىيەسى بېرىش. خەلق تەپتىش مەھكىمىسگە نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىپ تۇرىشى لازىم.

42،-ماددا قاماقخانا تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خەلق قانۇنىغا خىلاپ ئەھۋالارنى تۈزىتىش ھەققىدىكى پىكىرنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، ئۇنى ۋاقتىدا بىرتەرەپ قىلىشى ھەمدە ئۇنىڭ نەتىجىسىنى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە دوكلات قىلىشى لازىم.

ئونىنچى باب باشقا بەلگىلىمىلەر

43-ماددا ئەيىبكارنىڭ قانۇندا بېكىتلگەن قامىلىش مۇددىتى توشۇپ قېلىپ، ئەنزىنىڭ قاراپ چىقىلىشى ئاياغلاشمىغان بولسا، قاماقخانا ئەنزە بېجۈرگۈچى تارماقلارغا ئەنزىنى تىزدىن تەكشۈرۈپ ئاياغلاشتۇرۇشنى ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى، قانۇندا بېكتىلگەن قامىلىش مۇددىتىدىن ئېشىپ كەتكەن ئەنزىلەرنى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە دوكلات قىلىشى لازىم.

44-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ياكى خەلق سوت مەھكىمىسى سايلام ھوقۇقىنى يۈرگۈزىشنى توختىتىش قارار قىلىنمىغان قاماقتىكى ئەيىپكارلانىڭ ناھىيەدىن تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سايلىمىغا قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ.

45-ماددا قاماقخانا ئەيىبكارلارنى قاماش مەزگىلىدە ئەيىبكارلار ئىچىدە خاتا تۇتىلغان، خاتا قولغا ئېلىنغان، خاتا ھۆكۈم چىقىرىلغانلار سېزىلسە، ئەنزە بېجىرىش تارماقلىرىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش قىلىشى، ئۇلار تەكشۈرۈلۈپ ئەمەلىيلەشتۈرلۈپ، قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىشى لازىم.

46-ماددا ئەيىبكارنىڭ يۇقىرىغا سۇنغان ئەرز، شىكايەتنامىسىنى قاماقخانا ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بېرىشى لازىم. توسقۇنلۇق قىلىپ، باستۇرۇپ قۇيۇشقا بولمايدۇ.

ئەيىبكارلار ئەدلىيە خادىملىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرىنى باش قىلغان. ئۇلارنىڭ ئۇستىدىن ئەرز قىلغان ماتېرىيالارنى، ئۆز ۋاقتىدا خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا دوكلات قىلىش لازىم.

ئون بىرىنچى باپ قۇشۇمچە پرىنسىپ

47-ماددا قاماقخانا ھۇكۇم قىلىنغان جىنايەتجىلەرنى باشقۇرۇشتا، ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەرنى باشقۇرۇشقا ئائىت ئالاقىدار قانۇن بەلگىلىمىلىرىنى ئىجرا قىلىش لازىم.

48-ماددا قاماقخانلارغا ئېھتىياجلىق بولغان رېمونت ھەققى ۋە ئەيىبكارلارغا تۇرمۇش راسخوتى كېرەك بولسا، خام چوت تۈزۈش ئارقىلىق، تەۋەلىك مۇناسىۋىتى بويىچە ھەر دەرىجىلىك مالىيىلەر مەخسۇس تۈر بويىچە پۇل ئاجىرتىپ بېرىدۇ.

قاماقىاننىڭ راسخۇت چىقىمى ئايرىم  ھېسابات قىلىنىپ، مەخسۇس پۇل مەخسۇس جايغا ئىشلىتىلىدۇ.

يېڭىدىن قۇرۇلغان، كۇچۇرۇپ قۇرۇلىدىغا قاماقىانىلار شەھەر قۇرۇلۇش پىلانىغا، ئاساسىي قۇرۇلۇش تۇرىگە كىرگۇزۇلۇشى لازىم.

49-ماددا مەزكۇر ماددىلاردىكى «بۇنىڭدىن يۇقىرى»، «بۇنىڭدىن تۇۋەن» دېيىلگەنلەر شۇ سان، شۇ دەرىجىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

50-ماددا مەزكۇر نىزامنى چۈشەندۈرۈشكە ج خ مىنىستىرلىكى مەسئۇل بولىدۇ. يولغا قويۇش چارىسىنى ج خ مىنىستىرلىكى تۈزۈپ چىقىدۇ.

51-ماددا جۇڭگو خەلق ئازاتلىق ئارمىيىسى ھەربىي قاماقخانلارنىڭ كونكىرېت ئەھۋالىغا ئاساسەن، يولغا قويۇش چارىسىنى ئايرىم تۈزۈپ چىقسا بولىدۇ.

52-ماددا مەزكۇر نىزام ئېلان قىلىغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 1954-يىلى 9-ئاينىڭ7-كۈنى ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش نىزامى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر شۇ كۈندىن باشلاپ ئەمەلدىن قالىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#