ئۇرۇقدان ياللۇغى

ئۇرۇقدان ياللۇغى

ئەرلەر ئۇرۇقدان خالتىسى ئىچىدە ئۇزۇن ئىككى تال ئۇرۇقدان بولسىمۇ ، لېكىن ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇزۇن ئىككى قوشۇمچە ئۇرۇقدان بولىدۇ، قوشۇمچە ئۇرۇقدان ئۈچۈن بىر جۈپ ئۇزۇن ياپىلاق ئەزا ، ئۇرۇقدان بىلەن بىللە شۇ تۆۋەنكى  ئۇرۇقدان بېغىشى ئۇچى ئۇرۇقدان بىلەن چاپلىشىپ ئۆسىدۇ . ھەر قېتىم بەدەننىڭ قارشىلىق كۈچى ئاجىزلىغاندا ، چوڭ ئۈچەي ئېشېرىخىيە باكتېرىيەسى ، كولىباتسىللا , ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيە , زەنجىرسىمان شارچە باكتېرىيەسى قاتارلىق كېسەل پەيدا قىلىدىغان باكتېرىيە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ ياللۇغ پەيدا قىلىدۇ . 

غەرب تېبابىتى نامى ئۇرۇقدان ياللۇغى
كېسەللىك سەۋەبى ئۆتكۈر بوغۇم ياللۇغلىرى ۋە باشقا ياللۇغلىنىشلارنىڭ تەسىر قىلىشى
كۆپ كۆرۈلىدىغانلار ئەرلەر
يۇقۇملىنىشى يۇقمايدۇ
ئىنگىلىزچە نامى orchiepididymitis
ئاساسلىق ئالامىتى ئۇرۇقدان ئىششىپ چوڭىيىپ كېتىدۇ
خەنزۇچە نامى 睾丸附睾炎
تەۋە بۆلۈم كۆپىيىش بۆلۈم
كېسەللىك ئورنى ئۇرۇقدان

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تونۇش : ئۇرۇقداننىڭ ھەرخىل سەۋەبلەردىن كېلىپ چىققان ياللۇغلىنىشنى «ئىلتىھابى خۇسسىيە»« ۋەرەمى خۇسىسىيە» ياكى ئۇرۇقدان ياللۇغى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئاغرىشى بولسا ئۇرۇقدان ئاغرىش ياكى «ۋە جىئىولئونىسەيىن» دەپ ئاتىلىدۇ.

ئۇرۇقداننىڭ جاراسمىلار بىلەن يۇقۇملىنىشىدىن يۈز بەرگەن ياللۇغلىنىش كۆپىنچە جىددىي باشلانغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ئادەتتە ئۇرۇقداننىڭ ئىسسىقتىن بولغان ياللۇغى ياكى ئۇرۇقداننىڭ ئۆتكۈر ياللۇغى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇرۇقداننىڭ باشقا سەۋەبلەردىن سادىر بولغان ياكى سوزۇلما ھالەتكە كۆچكەن ياللۇغلىنىشلىرى ئۇرۇقداننىڭ سوغۇق ياللۇغى ياكى ئۇرۇقداننىڭ سۇزۇلى ياللۇغى دەپ ئاتىلىدۇ. [0]

سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، ئەرلەرنىڭ ئۇرۇقدانغا سىل، سۆزنەك، سىفلىس قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ مىكروبى، ئۆتكۈر بوغۇم ياللۇغلىرى ۋە باشقا ياللۇغلىنىشلارنىڭ تەسىر قىلىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. 

ئالامىتى: ئۆتكۈر ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك بولىدۇ، ئۆتكۈر ئۇرۇقدان ياللۇغى ئۇرۇقدان تۇتقىلى قويمىغۇدەك دەرىجىدە ئىششىپ، قاتتىق ئاغرىش، بىر ياكى ئىككىلا ئۇرۇقدان ئىششىپ چوڭىيىپ قېلىش، ئومۇمىي بەدەن مۇناسىپ ھالدا قىزىش ۋە باشقا بەدەن ئالامەتلىرى بىلەن؛ سوزۇلما ئۇرۇقدان ياللۇغى ئۆتكۈر ئۇرۇقدان ياللۇغىنىڭ ۋاقتىدا داۋالاپ ساقايتالماسلىقى نەتىجىسىدە كېلىپ چىقىپ، قاتتىق ئاغرىش بولمىسىمۇ، بوشراق ئاغرىش، روشەن ئىششىش، ئۇرۇقدان تېرىسى ئاقىرىشتەك ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

1-رېتسېپ 

تەركىبى: بابۇنە، ئابدىمىلىك مېغىزى، باقىلە (دادۇر) ، نوقۇت، زىرە ھەر بىرىدىن، ئۈچ گىرامدىن، گۈل يېغى 100 گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، گۈل يېغىدا ياغلاپ مەلھەم تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم يەرلىك ئورۇنغا چېپىلىدۇ. 

2-رېتسېپ

تەركىبى: ئاق قىچا، قارا قىچا، ئابدىمىلىك مېغىزى 10 گىرامدىن، يەسىمەن يېغى 50 مىللىلىتىر.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، يەسىمەن يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە 2 ~ 3 قېتىم يەرلىك ئۇرۇقدان ياغلىنىدۇ. 

3-رېتسېپ 

تەركىبى: سەبرە سۇقۇتىرى، يىلان تۇخۇمى 30 گىرامدىن، ئازاراقى پاراشوكى 10 گىرام، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، سۇ بىلەن يۇغۇرۇپ، خېمىر تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم ئۇرۇقدانغا چېپىلىدۇ. 

ئۇرۇقدان ياللۇغىتونۇش : ئۇرۇقداننىڭ ئۆتكۈر ياللۇغى كۆپىنچە سۆزنەك، سىبىلىس، ۋە كىچىك بالىلارنىڭ قۇلاق ئاستى بېزى ياللۇغلانغاندا ئۇرۇقداننىڭ ئۆتكۈر ئىششى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولىدۇ. بۇلاردىن تاشقىرى، ئۆتكۈر بوغۇم ياللۇغى، ئۇششاق بوغۇملارنىڭ ئۆتكۈر ياللۇغى، سۈيدۈكلۈك ئۆتكۈر ياللۇغى ئۇرۇقدانغا جاراسمىلار ئورۇنلىشىپ جىددىي ياللۇغلىنىش كەلتۈرۈپ چىقىرىشىمۇ مۇمكىن. بەزىدە بىر تەرەپتىكى، بەزىدە ئىككى تەرەپتىكى ئۇرۇقدان ياللۇغلىنىپ ئىششىيدۇ. بۇ ئۇرۇقداننىڭ ئۆتكۈر ياللۇغى دەپ ئاتىلىدۇ.

ئالامىتى: ئۇرۇقدان ئىششىپ، قىزىرىپ قالىدۇ. تۇتقىلى قويمايدۇ. قاتتىق ئاغرىيدۇ. ئىسسىق بىلىنىدۇ. خۇسۇسەن ياللۇغلىنىش خاس ئۇرۇقداننىڭ ئۆزىدەبولسا ياللۇغلىنىش قاتتىق بولىدۇ. بىمارنىڭ ئومۇمىي بەدىنىمۇ مۇناسىپ ھالدا قىزىرىپ ۋە باشقا ئومۇمىي بەدەن رېئاكسىيەلىرى قوشۇلۇپ كېلىدۇ.

داۋالاش: ئالدى بىلەن ياللۇغلىنىشنى، قىزىتمىنى ۋە ئۇرۇقداندىكى ئىششىقنى قايتۇرۇش ئۈچۈن چارە قىلىش لازىم. كۆك يۇمغاقسۈتنى سۇقۇپ ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ چېپىش .

سۆگەت گۈل گۈلىنى ۋاسالغۇ بىلەن بىللە يېرىم سۇقۇپ زىمات قىلىش لازىم. 

تونۇش : بۇ ئۇرۇقداننىڭ سۇزۇلما ياللۇغى بولۇپ ئۇنىڭ ئۆتكۈر ياللۇغى ئۆزۋاقتىدا مۇۋاپىق داۋالاشقا ئېرىشەلمەي سۇزۇلما ھالەتكە ئۆتۈشىدىن ياكى ئۇرۇقدانغا زەربە تېگىش. سۇزۇلما سۆزنەك. مۇپاسىل. نۇقرەس. ۋە باشقىلار تەسىر قىلىشتىن كېلىپ چىقىدۇ .

ئالامىتى : ئۆتكۈر ياللۇغلىنىشتىكىدەك قىزىتما. ئۇرۇقدان قىزىرىپ ئىششىش. قاتتىق ئاغرىش بولماي ئۇرۇقدان تېرىسى ئاق. ئاغرىش بوشراق بولىدۇ. لېكىن ئەرلىك ئۇرۇقنىڭ ھاسىل بۇلىشى ۋە نەسىللىنىشكە تەسىر كۆرسىتىدۇ .

داۋالاش : بەلغەم خىلىتىنى ھەيدىگۈچى دورىلارنى بېرىپ بىر قانچە قېتىم قەي قىلدۇرۇش يەرلىك ئورۇنغا يۇمشاتقۇچى. ئىششىق قايتۇرغۇچى دورىلارنى سۈركەش لازىم .

مەسىلەن :ئۆشنىنى ئىچكۈزۈش ۋە ئۇرۇقدانغا زىمات قىلىش. ئۇرۇقداننىڭ سوغۇقتىن بولغان ياللۇغىغا شىپا بولىدۇ. بابۇنىنى  .ئىنەك پىتى مېغىزىنى. باقىلا ئۇرۇقى. نوقۇت، زىرە، ۋە باشقىلارنى گۈل يېغى، مومغا ئارىلاشتۇرۇپ زىمات قىلىش كېرەك.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    100%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#