خروم
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
مېتاللارنىڭ ئەڭ قاتتىقى خروم ___ خروم قاتتىق بولۇپلا قالماستىن يەنە بەك ئېلاستىك. ئۇنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى كۈمۈشتەك يالتىراپ تۇرىدۇ. ئۇزاق ۋاقىت ھاۋادا تۇرسىمۇ داتلاشمايدۇ. ھاۋانى چىرىتشگە قارشى تۇرالايدىغان ئىقتىدارى مېتاللار ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.
خروم چىرتىشكە چىداملىق ھەم پاقىراق بولغانلىقى ئۈچۈن، باشقا مېتاللار ئۇنىڭ بىلەن قاپلىندۇ. بۇنداق قىلغاندا مېتاللارنىڭ سىرتى كۆركەم كۆرنىدۇ، ئىچكى قۇرۇلمىسىمۇ چىرىشتىن ساقلىندۇ.
ۋېلسىپىت دېتاللىرىنىڭ سىرتى، كۆزەينەك جازىسى، سائەتلەرنىڭ قىپى قاتارلىقلار بىر قەۋەت خروم بىلەن قاپلانغان. پولاتنىڭ يۈزىگە بىر قەۋۋەت خروم يالتىلسا ئۇنىڭ سۈركىلىشكە چىداملىقى ئاشىدۇ. بىر قىسىم زەمبىرەكلەرنىڭ سېتۋولى، مىلتىقلارنىڭ ئىچىگە بىر قەۋەت خروم يالتىلسا، بىر قانچە يۈز مىڭ قىتىم ئېتىلغاندمۇ خروم قەۋىتى بۇزۇلمايدۇ.
خرومنى تۆمۈرگە ئارلاشۇرۇپ تاۋاش ئارقىلىق ئېلاستىكىلقى، چىرتىشكە قارشىلىقى ئىنتايىن ياخشى بولغان داتلاشماس پولاتلارنى ئىشلەشكە بولىدۇ.
تەركىبىدە خروم بولغان ماددىلار باشقا ساھەلەردىمۇ كۆلەپ ئىشلىتىلدۇ. مەسىلەن: بىخرومات كالي-بوياقچلىق، بوياش ماتېرىياللىرىنى ئىشلەش، ھەل بېرىش، دورىگەرلىك قاتارلىقلاردا كۆپ ئىشلىتىلدۇ. بىخورومات كالي بىلەن قويۇق سولفات كىسلاتاسىنى ئارلاشتۇرۇشتىن ھاسىل بولغان ئېرىتمە «يۇيۇش شاھى» بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن تەجىربىخاندا يۇيۇش ئىنتايىن قىيىن بولغان ئەينەك ئەسۋابلار يۇيلىدۇ. لېكىن، ئۇ خىل ئېرىتمىنىڭ چىرتش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك، ئۇنىڭ بىلەن بىۋاستە ئۇچرىششقا بولمايدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.