كۆپ كېزەكلىك ھامىلدارلىق

كۆپ كېزەكلىك ھامىلدارلىق

بىر قېتىملىق ھامىلىدارلىقتا ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق بالىغا ھامىلىدار بولۇش كۆپكىزەك ھامىلىدارلىق دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە قوشكېزەك ھامىلىدارلىق ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ. قوشكىزەك-تاق تۇخۇملۇق قوشكېزەك ۋە قوش تۇخۇملۇق قوشكىزەك دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ، قوش تۇخۇملۇق قوش كېزەك ئادەتتە بىرقەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ.

كېسەللىك نامى كۆپ كېزەكلىك ھامىلدارلىق
تەۋە بۆلۈم تۇغۇت بۆلۈم
كىسەللىك ئورنى بالىياتقۇ
خەنزۇچە نامى 多胎妊娠
يۇقۇملىنىشى يۇقۇملۇق ئەمەس

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بىر قېتىملىق ھامىلىدارلىقتا ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق بالىغا ھامىلىدار بولۇش كۆپكىزەك ھامىلىدارلىق دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە قوشكېزەك ھامىلىدارلىق ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ. قوشكىزەك-تاق تۇخۇملۇق قوشكېزەك ۋە قوش تۇخۇملۇق قوشكىزەك دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ، قوش تۇخۇملۇق قوش كېزەك ئادەتتە بىرقەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ. 1. تاق تۇخۇملۇق قوشكېزەك. بىر دانە ئۇرۇقلانغان تۇخۇم بۆلىنىپ قوشكېزەك بولۇپ تەرەققىي قىلسا بۇ(يەككە تۇخۇملۇق) تاق تۇخۇملۇق قوشكېزەك دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ كۆپىنچە ئۇرۇقلانغاندىن كېيىنكى بىر ھەپتە ئىچىدە شەكىللىنىدۇ. 2. قوش تۇخۇملۇق قوشكېزەك. ئىككى تۇخۇم ئوخشاش ۋاقىتتا ئۇرۇقلىنىپ قوش تۇخۇملۇق قوشكېزەكنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئىككى تۇخۇم بىر تۇخۇم پۇۋەكچىسىدىن چىقىرىلىدۇ ياكى بىر تۇخۇمداننىڭ ئوخشاش بولمىغان پۇۋەكچىسىدىن يەنە بىر تۇخۇمداندىنمۇ چىقىرىلىدۇ.

كۆپ كېزەكلىك ھامىلدارلىقتاق تۇخۇملۇق قوشكېزەكتە-ئىككى ھامىلىنىڭ جىنسى ئايرىمىسى ۋە قان تىپى ئوخشاش بولىدۇ. چىراي شەكلىمۇ ئوخشاش بولىدۇ. بۆلۈنۈش باش سۈيى قېپى بوشلۇقى شەكىللىنىشتىن ئىلگىرى پەيدا بولغانلىقتىن بىردانە چوڭ بالا ھەمرىيى بىر قەۋەت تىۋىتلىق پەردە ۋە ئىككى باش سۈيى بوشلىقىغا ئىگە ئىككى ھامىلە ئايرىم-ئايرىم باش سۈيى قېپى بوشلۇقىدا ياتىدۇ. ئىككى بوشلۇق ئوتتۇرىسىدىكى تىك پاسىل پەقەتلا ئىككى قەۋەت باش سۈيى قېپىدىن تەشكىل تاپىدۇ. ئىككى ھامىلىنىڭ قان ئايلىنىشى بالا ھەمرىيى ئارقىلىق بىر-بىرىگە ئۆتىشىدۇ. قوش تۇخۇملۇق قوشكېزەكتە-ئىككى ھامىلىنىڭ جىنسىي ئايرىمىسى، قان تىپى ئوخشاش بولىشى ناتايىن، چىراي شەكلىنىڭ ئوخشاش بولۇش دەرىجىسى ئادەتتىكى قېرىنداش ئاچا-سىڭىللارچىلىك بولىدۇ. بۇنىڭدا ھەرقايسىسىنىڭ بالا ھەمرىيى، تىۋىتلىك پەردىسى ۋە باش سۈيى قېپى ئايرىم-ئايرىم بولىدۇ. ئىككىسىنىڭ جايلاشقان ئارىلىقى بىرقەدەر يېقىن بولغان چاغدا بىرلىشىپ بىر چوڭ بالا ھەمرىيىگە ئايلىنىدۇ. لېكىن قان ئايلىنىش ئۆز-ئارا ئۆتۈشمەيدۇ. ئىككى تۆرەلمە قېپىنىڭ تىك پاسىلى تۆت قەۋەت بولۇپ ئىككى تەرىپى ئىككى قەۋەت باش سۈيى قېپى پەردىسىدىن تۈزىلىدۇ. ئوتتۇرىسى ئىككى قەۋەت تىۋىتلىق پەردىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ ئۇنى ئايرىش ئىنتايىن ئاسان. قوشكېزەك ھامىلىنىڭ بالا ھەمرىيى ۋە ھامىلە پەردىسى (1) قوش تۇخۇملۇق قوشكېزەك ھامىلە(ئىككى بالا ھەمرىيى ئايرىلغان)؛(2) قوش تۇخۇملۇق قوشكېزەك ھامىلە(ئىككى بالا ھەمرىيى بىرلىشىپ كەتكەن)؛(3) بىر تۇخۇملۇق قوشكېزەك ھامىلە. قوشكېزەك ھامىلدارلىقنىڭ 24-ھەپتىسىدىن كېيىن بالىياتقۇنىڭ چوڭىيىشى ناھايىتى تېز بولۇپ قورساق قىسمى نورمالسىز چوڭىيىدۇ. نەپەس ئېلىش قىيىنلىشىدۇ. پۇتلىرى ئىشىش، ۋىنالىرى ئەگرى-بۈگىرلىشىش قاتارلىق بېسىلىش ئالامەتلىرى پەيدا بولۇپ، بالدۇر تۇغۇش ئېھتىمالى يۇقىرىراق بولىدۇ. قوشكېزەك ھامىلىدارلىقتىكى ھامىلىنىڭ يېتىش شەكلى قورساقنى تەكشۈرگەندە-قورساقنى تۇتقاندا كۆپلىگەن ئۇششاق پۇت پۇتلار ۋە ئىككى باش قولغا ئۇرىنىدۇ. بۇنىڭدا ئىككى باشنىڭ ئالدىغا كېلىش ياكى بىر باش ۋە بىركاسسىنىڭ ئالدىغا كېلىشى كۆپ ئۇچرايدۇ. ئوخشىمىغان ئورۇندىن ئوخشىمىغان سۈرئەتتىكى ئىككى يۈرەك تاۋۇشى ئاڭلىنىدۇ.

1. تىپىك كېسەللىك ئالامىتى ۋە تۇغۇتتىن ئىلگىرى قورساقنى تەكشۈرگەندىكى ئالامەتلەرگە ئاساسلىنىپ دىئاگنوز قويىلىدۇ. 2. قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويىلىدۇ. 1) B تىپلىق ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنى ئاپپاراتىدا تەكشۈرگەندە ھامىلىدارلىقنىڭ 8 ~ 7 ھەپتىسىدە ئىككى ھامىلە قېپىنى كۆرگىلى بولىدۇ، ھامىلىدارلىقنىڭ 13-ھەپتىسىدىن كېيىن ئىككى ھامىلىنىڭ باش، ئومۇرتقا، گەۋدە، مۈچىلىرىنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ. B تىپلىق ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق ئوتتۇرا، ئاخىرقى دەۋرلىك قوشكېزەك ھامىلىدارلىققا ئەڭ توغرا دىئاگنوز قويۇشقا بولىدۇ. 2) ھامىلدارلىقنىڭ 21-ھەپتىسىدىن كېيىن ئوخشىمىغان سۈرئەتتىكى ئىككى يۈرەك تاۋۇشى ئاڭلىنىدۇ.

1. زور ھامىلىدىن پەرقلەندۈرىلىدۇ. كلىنكىدا زور ھامىلە بىرقەدەر كۆپ كۆرۈلىدۇ. ھامىلىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 4000g دىن ئېشىپ كېتىشى زور ھامىلە دەپ ئاتىلىدۇ. زور ھامىلىدە ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ھامىلىدار ئايالنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى تېز ئېشىش، قورساق كۆرۈنەرلىك چوڭىيىش، بالىياتقۇ تۈۋى ئېگىز بولۇش ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. B تىپلىق ئۇلتىرا ئاۋازلىق دولقۇن ئاپپىراتىدا تەكشۈرگەندە ھامىلە تېنى چوڭ، چوققا ئايلانمىسى 10cm دىن ئېشىپ كەتكەن بولىدۇ. يۈرەك تاۋۇشى يەككە ئاڭلىنىدۇ. 2. باش سۈيى كۆپ بولۇشتىن پەرقلەندۈرىلىدۇ. بۇ ھامىلىدارلىقنىڭ 5 −، 7-ئايلىرىدا پەيدا بولىدۇ، قورساق قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تۇيۇقسىز يوغىنايدۇ، بىماردا قورساق چىڭقىلىش، بەل، پۇت ئاغرىش، يۈرەك سېلىش، دېمى سىقىلىش، ئوڭدىسىغا ياتالماسلىق، پۇت ۋە سىرتقى جىنسىي ئەزا ئىششىش، قورساق تېمى ئىششىش، ھەزىم ناچارلىشىش، قۇسۇش، قەۋزىيەت بولۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. تۇغۇتتىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھامىلىنىڭ پۇت قوللىرىنى ۋە بېشىنى بىلگىلى بولىدۇ. تىڭشاپ تەكشۈرگەندە ھامىلىنىڭ يۈرەك تاۋۇشى ئورنى ئېنىق بولمايدۇ. يۈرەك تاۋۇشى يىراق، بوش ئاڭلىنىدۇ ھەتتا ئېنق ئاڭلانمايدۇ. بولۇپمۇ B تىپلىق ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنى ئاپپاراتى ئارقىلىق تەكشۈرگەندە باش سۈيى مىقدارىنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ.

كۆپ كېزەكلىك ھامىلىدارلىقتا بالدۇر تۇغۇلۇش ئېھتىمالى يۇقىرىراق بولىدۇ. قان ئازلىق ئاسان پەيدا بولىدۇ، باش سۈيىنىڭ كۆپ بولۇشى ۋە بالا ھەمرىيىنىڭ ئالدىغا جايلىشىشىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ. ئۇندىن باشقا ھامىلە ئورنىنىڭ نورمالسىز بولۇش ئېھتىمالىمۇ بولىدۇ. تۇغۇت مەزگىلىدە تۇغۇش جەريانىنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كېتىشى، ھامىلە قېپىنىڭ بالدۇر يېرىلىپ كېتىشى ۋە كىندىك بېغىشىنىڭ چىقىپ قېلىشى، بالا ھەمرىيىنىڭ بالدۇر ئاجرىلىشى، بىرىنچى ھامىلە تۇغۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، بالىياتقۇ ئىچىدىكى ئىككىنچى ھامىلە ئاسان ھەرىكەتلىنىپ توغرا ھالەتكە كېلىپ قالىدۇ. ئىككى ھامىلە بېشى ئالدىن كەلگەندە داس كىرىش ئېغىزىغا كەپلىشىپ قالىدۇ. ئەگەر بىرىنچى ھامىلە كاسىسى بىلەن كەلگەن بولسا، ئۇنىڭ كېيىنرەك چىقىدىغان بېشى بىلەن ئىككىنچى ھامىلىنىڭ ئالدىن كەلگەن بېشى گىرەلىشىپ قېلىپ داسنىڭ چىقىش ئېغىزىغا كەپلىشىپ قالىدۇ. تۇغۇتتىن كېيىن بالىياتقۇنىڭ قىسقىراپ ئەسلىگە كېلىشى كېچىكىدۇ. شۇڭا تۇغۇتتىن كېيىن قاناش، شۇك، چىللە مەزگىلىدىكى يۇقۇملىنىش پۇرسىتى كۈچلۈكرەك بولىدۇ.

تۇغۇت مەزگىلىدە كۆپىنچە جىنسىي يول ئارقىلىق تۇغدۇرىلىدۇ. بۇنىڭدا تۇغۇت جەريانىنى قاتتىق كۆزىتىش كېرەك. ئەگەر تولغاق كۈچسىز بولسا تولغاقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىش ياكى ئابدىمىلىك مېيىدىن 4 ~ 3 تامچىنى مۇۋاپىق مىقداردىكى قايناق سۇغا تېمىتىپ ئىچۈرۈش ياكى مەجۈنى ئۇبھەل قاتارلىق دورىلارنى ئىستېمال قىلدۇرۇش كېرەك. ھەمدە ھامىلە باش سۈيى پەردىسىنى يېرىۋېتىش، زۆرۈر تېپىلغاندا ھامىلىنىڭ يۈرەك تاۋۇشىغا دىققەت قىلىش لازىم. بىر تەرەپ قىلىش ئۈنۈم بەرمىسە قورساقنى يېرىپ تۇغدۇرۇش ئوپېراتسىيىسىنى ئىشلەش ھەمدە سۇيۇقلۇق ۋە قان بېرىش قاتارلىقلارنىڭ تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

ھامىلە تۇغۇلغاندىن كېيىن دەرھال كىندىك بېغىشىنىڭ ئانا تەرەپ ئۇچىنى بوغۇش ھەمدە يەنە بىر ھامىلىنىڭ ئورنى ۋە ھامىلىنىڭ يۈرەك سوقۇشىنى تەكشۈرۈش، ئەگەردە ھامىلە توغرىسىغا كەلگەن بولسا، سىرتتىن بۇراپ توغرىلاش ئۇسۇلىنى سىناپ كۆرۈش كېرەك. ئەگەر ھامىلە ئۇزۇنىسىغا كەلگەن بولسا تولغاق كېلىشىنى سەۋرچانلىق بىلەن كۈتۈپ تۇرۇش، يېرىم سائەت ئىچىدە تەگمەسلىك كېرەك. يېرىم سائەتتىن كېيىن يەنىلا تولغاق كەلمىسە، سۈنئىي ئۇسۇلدا ھامىلە قېپىنى يېرىۋەتسە بولىدۇ. ئەگەردە ھامىلە تۇنجۇقۇپ قېلىش ياكى جىنسىي يولدىن قان كېلىش قاتارلىق ھادىسە كۆرۈلسە دەرھال سۈنئىي ئۇسۇلدا ھامىلە قېپىنى يېرىش، ئەھۋالغا قاراپ ھامىلە بېشىنى شۈمۈرۈش، تۇغۇت قىسقۇچى بىلەن قىسىش، ئىچىدىن ھامىلە ئورنىنى توغرىلاش ياكى ساغرىسىدىن تارتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ھامىلىنى تېزدىن قۇتقۇزۇش كېرەك.

ھامىلە تۇغۇلغاندىن كېيىن دەرھال بالىياتقۇنى قىسقارتقۇچى ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، تۇغۇتتىن كېيىنكى قاناشنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ. بالا ھەمرىيى چۈشكەندىن كېيىن جىنسىي يولدىن قان كېلىشنى قاتتىق كۆزىتىش كېرەك ھەمدە ئەھۋالغا قاراپ يۇقۇملىنىشقا قارشى دورىلارنى ئىشلىتىش كېرەك، مەسىلەن: ئىتتىرفىل چۆبچىن، ئەرقى چۆبچىن، ئەرقى شوخلا قاتارلىق دورىلارنى ئىشلىتىش كېرەك. بالا ھەمرىيىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ، بالا ھەمرىيىنىڭ سانى، ھامىلە قېپى، تىك پاسىلىنىڭ قەۋەت سانى، بالا ھەمرىيىنىڭ قان تومۇرلىرىنىڭ ئۆزئارا تۇتاشقان-تۇتاشمىغانلىقى، ھامىلىنىڭ جىنسىي ئايرىمىسى قاتارلىقلارغا ئاساسەن تاق تۇخۇملۇق قوشكېزەك ياكى قوش تۇخۇملۇق قوشكېزەك ئىكەنلىكىنى ئېنىق پەرقلەندۈرۈش كېرەك.

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ كەم قانلىق، ھامىلىدارلىقتىن زەھەرلىنىش قاتارلىقلارنى ئاكتىپلىق بىلەن داۋالاش. زۆرۈر تېپىلغاندا مەجۈنى خۇپسىل ھەدىد، مەجۈنى پولات، ئانار شەربىتى قاتارلىق تەركىبىدە تۆمۈر تەركىبى كۆپ بولغان دورىلارنى مېۋە-چىۋىلەرنى بېرىش لازىم. ئوزۇقلۇققا ۋە دەم ئېلىشغا دىققەت قىلىش، ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ئارتۇق چارچاشتىن ۋە جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ساقلىنىش ئارقىلىق بالدۇر تۇغۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=1204

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=1204

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#