قارا يۇلغۇن يېزىسى
قارا يۇلغۇن يېزىسى، كورلا شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبغا جايلاشقان، شەرقتە لوپنۇر ناھىيىسى بىلەن چېگرىلىنىدۇ، شەرقىي جەنۇبتا دۆلەتنىڭ مىڭ مو سۈپەتلىك ئۇرۇق بازىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، جەنۇبىي پۇخۇي دېھقانچىلىق مەيدانى ۋە پۇخۇي يېزىسى بىلەن چېگرىداش، غەربىي شىمالى ئاۋات يېزىسى بىلەن قوشنا، كورلا شەھىرى بىلەن بولغان ئارلىقى 17.5 كىلومېتىر كېلىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
كورلا شەھىرى بىلەن قارايۇلغۇن يېزىسىنىڭ ئارىلىقى 17.5 كىلومېتىر،مەمۇرى رايۇن كۆلىمى 392 كىۋادرات كىلومېتىر، ئالتە مەمۇرىي كەنت، 25 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى، بىر يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسال ئېچىش رايونى، 11 پونكىت، 7 مەكتەپ، 14 كارخانا ئورۇنى بار. پۈتۈن يېزا ئاھالىسى 2743 ئائىلە، نوپۇسى 10600 ئادەم، پۈتۈن ناھىيەدىكى تېرىلغۇ يەر 15.2 مو ئادەم بېشىغا 14.86 مو، ئورمان كۆلىمى 58 مىڭ مو بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىھاتە ئورمىنى 7000 مو، ئىقتىسادىي ئورمان 51 مىڭ مو. ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئاساسلىقى يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلغان، 3 - كەسىپ پەقەت پۈتۈن يېزا ئىقتىسادىنىڭ % 2 نى ئىگەللىگەن.
قارا يۇلغۇن يېزىسى قارمىقىدا ئالتە كەنت كومتىتى : باغجىگدە كەنتى، قارايۇلغۇن كەنتى، ئوتتۇرا يول خادا كەنتى، ئاق تۇر كەنتى، ئاستى يولى دەستىسى كەنتى، تۆمۈر بالداق كەنتى، بىر يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسال ئېچىش رايونى قاتارلىقلار بار.
ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، تىپىنى ئۆزگەرتىش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش
1. نەشپۈت تېرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىش، تۈۋرۈك كەسىپلەرنىڭ ئورنىنى مۇستەھكەملەش.
2. ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق ئۆزىنى قۇتقۇزۇشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، پاختىكارلارنىڭ مەنپەئەتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش.
3. ئۆزگىچە باقمىچىلىقنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، چارۋىچىلىقنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى تېزلىتىش.
4. كۆكەرتىش ۋە كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، پۇختا قەدەم بىلەن ئورمانچىلىق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش.
1. ئېتىز - ئېرىق سۇچىلىق ئۇل ئەسلىھەلىرى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش.
2. يېزا تاشيول تورى بەرپا قىلىشنى، ئېلېكتىر تورىنىڭ ئاسراش خىزمىتىنىمۇ يەنىمۇ كۈچەيتىش.
3. خەلقنى ئەمىن تاپقۇزۇپ، بېيىتىش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇش.
1. مائارىپ ئىشلىرىنى ئاۋۋال راۋاجلاندۇردۇش.
2. مەدەنىيەت، تەنتەربىيە ئىشلىرىنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇش.
3. يېزىلارنىڭ داۋالاش- ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرىنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇش.
4. نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش.
5. خەلق ئىشلىرى، مېيىپلار بىرلەشمىسى خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەش.
6. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ھەقىقى تۈردە كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇش.
7. پەن - تېخنىكا ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر چۈشىنىش، بېيىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىش.
1. تېز ھەرىكەتكە كېلىپ، خەلق ئۈچۈن تىرىشىپ ئىشلەش.
2. باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش.
3. قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن - تۈزۈم پىرىنسىپىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش.
4. پاكىز ئىش قىلىش، پاك - دىيانەتلىك بولۇشقا قاتتىق رىئايە قىلىش.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.