قۇربان توڭغۇت قۇملۇقى
شىنجاڭ دىكى جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ مەركىزىي، ماناس دەرياسىنىڭ شەرقىي، شۇنىڭدەك ئۆلۈڭگۈر دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى جۇڭگودىكى 2-چوڭ قۇملۇق، شۇنداقلا جۇڭگودىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ مۇقىم، يېرىم مۇقىم قۇملۇق، كۆلىمى تەخمىنەن 48 مىڭ 800 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 300 ~ 600 مېتىر، سۇ مەنبەسى بىر قەدەر كۆپ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ھۆل-يېغىنى
يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 70 مىللىمېتىردىن 150 مىللىمېتىرغىچە، قۇملۇقنىڭ ئىچكى قىسمىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى مۇقىم ۋە يېرىم مۇقىم قۇم بارخانلىرى، ئۇنىڭ كۆلىمى پۈتكۈل قۇملۇق كۆلىمىنىڭ %97 نى ئىگىلەيدۇ، جۇڭگودىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ مۇقىم، يېرىم مۇقىم قۇملۇق. تۇراقلىق قۇم بارخانلىرىنىڭ يېپىنچا ئۆسۈملۈك بىلەن قاپلىنىش دەرىجىسى %50~%40 ، يېرىم مۇقىم قۇم بارخانلىرى %15~% 25، قىش پەسلىدىكى ياخشى چارۋىچىلىق مەيدانى، قۇملۇقتا ئۆسۈملۈك تۈرلىرى كۆپرەك بولۇپ، 100 نەچچە خىلغا يېتىدۇ. فلورا تەركىبى ئوتتۇرا ئاسىيا ئاسىيانىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان.
ھاۋا تېمپېراتۇرىسى
ياز پەسلى قاتتىق ئىسسىق. يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃40 گرادۇستىن يۇقىرى. قىش پەسلىدە قاتتىق سوغۇق ھەم ئۇزۇن بولىدۇ. قاتتىق سوغۇق بولغاندا ℃40 گرادۇستىن تۆۋەن بولىدۇ. بەش ئاينىڭ ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃0 گرادۇستىن تۆۋەن بولىدۇ. 1-ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن ℃15 گرادۇستىن ℃20 گرادۇسقىچە بولىدۇ. 7-ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃23-℃26 گرادۇسقىچە. قاراماي ئەتراپىدا ℃26-℃28 گىرادۇس. يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى جەنۇبىي ℃5-℃7 گرادۇس، شىمالىي ℃5-℃3 گىرادۇس. كۈنلۈك ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا پەرقى ℃15 گرادۇس ئەتراپىدا.
ئۆسۈملۈكلىرى
قۇملۇقنىڭ غەربىي قىسمى ۋە ئوتتۇرا قىسمى ئوتتۇرا ئاسىيا قۇملۇق يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر رايون سىستېمىسى تۈرلىرى ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەيدۇ، ئاق سۆكسۆك، سۆكسۆك، ئاچچىق ئەمەن، ئاق ئەمەن، پەردىلىك چاكاندا، كۆپمە مېۋىلىك قوغىجاي ۋە كۆپ خىل ئۆمرى قىسقا ئۆسۈملۈكلەر تارقالغان؛ قۇملۇقنىڭ غەربىي گىرۋىكىدە گەنجياخۇ كۆلى، سۆكسۆك ئورمىنى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى بار، جۇڭگونىڭ بىردىن بىر چۆل يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرىنى قوغداش ئۈچۈن قۇرۇلغان تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايونلارنىڭ كۆلىمى مىڭ گېكتار. قۇربان توڭغۇت قۇملۇقىدا سۆكسۆكنىڭ تارقىلىش كۆلىمى 1 مىليون گېكتار، قەدىمكى كۆل چۆكۈندىسى تۈزلەڭلىكى ۋە دەريانىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى دېلتىدا «چۆل ئورمان» ھاسىل بولغان.
قۇملۇق تىپى
قۇملۇقتىكى قۇمنىڭ كېلىش مەنبەسى ئاساسەن تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى ھەرقايسى دەريا ئېقىنلىرىنىڭ تىنما قۇم قەۋىتى. قۇملۇق ئىچىدە ئەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە قۇم بارخانلىرىنىڭ تىپى بولسا قۇم قىرى بولۇپ، قۇملۇق كۆلىمى %50 تىن كۆپرەك. قۇم قىر تەكشىلىك شەكلى دەرەخ شېخىغا ئوخشاش ھالەتتە. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى نەچچە يۈز مېتىردىن ئون نەچچە كىلومېتىر كېلىدۇ، ئېگىزلىكى ئون مېتىردىن 50 مېتىرغىچە كېلىدۇ، جەنۇبىي ئېگىز، شىمالىي پەس. قۇملۇق ئوتتۇرا ۋە شىمالىي قىسمىنىڭ قۇم قىر تىزىلىشى ئاساسەن جەنۇبتىن شىمالغا يۈزلەنگەن يۆنىلىشتە بولۇپ، قۇملۇقنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمى، غەربىي شىمال-شەرقىي جەنۇب يۆنىلىشىدە.
باشقا ماددىلار
قۇم مەنبەسى قەدىمكى ياكى ھازىرقى زاماندىكى ھەر خىل چۆكۈندىلەر ئارىسىدىكى باكتېرىيىلەردىن كەلگەن ئۇششاق دانىچە ماددىلار. مەسىلەن، جۇڭگودىكى تەكلىماكان قۇملۇقى قەدىمكى دەريا تىندۇرمىسى؛ تېڭگېر قۇملۇقى، مۇئۇس قۇملۇقى ۋە كىچىك تەڭرى قۇملۇقىنىڭ كۆپ قىسىم قۇم مەنبەسى قەدىمكى ۋە ھازىرقى زامان ئېقىن چۆكۈندىسى ۋە كۆل چۆكمە جىسىملىرى؛ غەربىي جەنۇبىي تارىم دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنى ۋە كورلا تېيىلىپ قۇرۇق دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا كەلگەن قۇملۇقلارنىڭ ھازىرقى زامان دەريا تىندۇرمىسى؛ ئولانبۇخې قۇملۇقى ۋە خېلەنشەن تېغى، لاڭشەن-بايىن يۇلتۇز سازلىقى ئەرۋىن گىنىئول تېغىدىكى ئالدى رايونى قۇم بارخانلىرى كەلكۈن چۆكۈندىسى-ئېقىن چۆكۈندىسىدىن كەلگەن.
يەر بايلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىگە بولغان يەر كۆلىمى ئازلاۋاتىدۇ، يەر پەيدا بولۇش ئىقتىدارى چېكىنىش، ئۆسۈملۈك مىقدارى ئازىيىش، يەر بېسىلغان ئۇلاغ كۈچى تۆۋەنلەش كىلىپ چىقىپ زىرائەتلەرنىڭ بىرلىك مەھسۇلات مىقدارى تۆۋەنلەپ كېتىۋاتىدۇ. قۇملىشىش، نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ يېزا ئىگىلىك، چارۋىچىلىق ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇشى ۋە مال-مۈلكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزۋاتىدۇ.
بىز قۇملۇققا جەڭ ئېلان قىلىپ، قۇملۇققا سۇ باشلاپ، كۆچەت تىكىپ ئورمان بەرپا قىلىشىمىز.
قەدەم-باسقۇچلىرى :
1. جۇغراپىيەلىك تەكشۈرۈش
2. گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش خىزمىتى
3. يەرنى تۈزلەش
4. لايىھە تۈزەش ئۇسۇلى
5. بىناكارلىق توسما تام
6. توپا ياتقۇزۇش
7. سۇ تۇرۇبىسى
8. سۇ تۇربىسىنىڭ ئۈستىدە لاي ياتقۇزۇش
9. ئۆسۈملۈك ئۆستۈرۈش
10. ئىمارەت ۋە يەر ئاستى ئۆيى قۇرۇش
تۇنۇشتۇرۇش
قۇملۇقنىڭ غەربىي جەنۇب قىسمىغا جايلاشقان. قۇم قىرى-كۆنەكسىمان بارخان ۋە تارقالغان كۆنەكسىمان بارخانلار بار، جەنۇبىدا ئاز ساندىكى چوڭ بىرىكمە تىپتىكى قۇم قىرى بار. كۆچمە قۇم بارخانلىرى قۇملۇقنىڭ شەرقىگە مەركەزلەشكەن، كۆپىنچە ھىلال ئايسىمان قۇم بارخانلىرى ۋە قۇم بارخانلىرى زەنجىرى بار. قۇملۇقنىڭ غەربى شامال ئېغىزىغا يېقىن بولغاچقا، ئاجايىپ-غارايىپ يەر شەكلى شەكىللەنگەن، ئۇنىڭ ئىچىدە ئورقۇدىكى «شەيتانكەرىش» ئەڭ داڭلىق.
جۇغراپىيەلىك شارائىتى
ئالۋاستى شەھىرى ئورقۇ شەيتانكەرىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ. شىنجاڭدىكى جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ غەربىي شىمالىي چېتىدىكى جام دەرياسى تۆۋەن ئېقىمىدىكى ئورقۇ كان رايونىغا جايلاشقان، شەرقىي مېرىدىئان ′91 °85، شىمالىي كەڭلىك ′6 °46، غەربىي قاراماي شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 100 كىلومېتىر. شامال يالىغان يەر شەكلى ئۆزگىچە، قىياپىتى غەلىتە، يەرلىك موڭغۇللار بۇ ئالۋاستىلار چىرقىراشقاندەك كىشىنى ۋەھىمىگە سالىدىغان شەھەر دەپ ئاتاشقان، قازاقلار «سايىم تانكا يېزىسى» دەپ ئاتايدۇ، ئالۋاستى شەھىرى دېگەن مەنىدە. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.