جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ستاتىستىكا قانۇنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ستاتىستىكا قانۇنى

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ستاتىستىكا قانۇنى» 1983-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى 6-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 3-يىغىنىدا ماقۇللانغان.

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ستاتىستىكا قانۇنى
ئېلان قىلغان ئورگان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى
ماقۇللانغان ۋاقتى 1983-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى
قوللىنىلغان ۋاقتى 2010-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国统计法
پىنيىنچە يېزىلىشى zhōng huá rén mín gòng hé guó tǒng jì fǎ
تۈزۈتىلگەن ۋاقتى 2009-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ستاتىستىكا قانۇنى» ستاتىستىكا خىزمىتىنى ئىلمىي، ئۈنۈملۈك تەشكىللەش، ستاتىستىكا ماتېرىياللىرىنىڭ راست، توغرا، تولۇق ۋە ۋاقتىدا چىقىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ستاتىستىكىنىڭ دۆلەتنىڭ ئەھۋالى ۋە كۈچىنى بىلىپ تۇرۇش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىشتىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش مەقسىتىدە تۈزۈلگەن.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى (15–نومۇرلۇق)

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ستاتىستىكا قانۇنى» 2009-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 9-يىغىنىدا ئۆزگەرتىلىپ ماقۇللاندى، ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ستاتىستىكا قانۇنى» ئېلان قىلىندى، 2010-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ

2009-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ستاتىستىكا قانۇنى» 1983-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى 6-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 3-يىغىنىدا ماقۇللانغان.

1996-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19-يىغىنىنىڭ «(جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ستاتىستىكا قانۇنى)غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار»ىغا بىنائەن تۈزىتىلگەن.

2009-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 9-يىغىنىدا ئۆزگەرتىلىپ ماقۇللانغان.

2010-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلغان.

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1-ماددا بۇ قانۇن ستاتىستىكا خىزمىتىنى ئىلمىي، ئۈنۈملۈك تەشكىللەش، ستاتىستىكا ماتېرىياللىرىنىڭ راست، توغرا، تولۇق ۋە ۋاقتىدا چىقىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ستاتىستىكىنىڭ دۆلەتنىڭ ئەھۋالى ۋە كۈچىنى بىلىپ تۇرۇش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىشتىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

2-ماددا بۇ قانۇن ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ستاتىستىكا ئاپپاراتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار تەشكىللەپ قىلغان ستاتىستىكا پائالىيەتلىرىگە تەتبىقلىنىدۇ.

ستاتىستىكىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى- ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش، ستاتىستىكىلىق تەھلىل قىلىش، ستاتىستىكا ماتېرىيالى ۋە ستاتىستىكىلىق مەسلىھەت پىكرى بېرىش، ستاتىستىكىلىق نازارەتچىلىكنى يولغا قويۇش.

3-ماددا دۆلەت مەركەزلەشتۈرۈلگەن ۋە بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن ستاتىستىكا سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ، بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، دەرىجە بويىچە مەسئۇل بولىدىغان ستاتىستىكىلىق باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى يولغا قويىدۇ.

4-ماددا گوۋۇيۈەن ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ئالاقىدار تارماقلار ستاتىستىكا خىزمىتىگە بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ستاتىستىكا خىزمىتىنى زۆرۈر كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك.

5-ماددا دۆلەت ستاتىستىكا ئىلمىي تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، ئىلمىي بولغان ستاتىستىكا كۆرسەتكۈچ سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش ئۇسۇلىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، ستاتىستىكىنىڭ ئىلمىيلىكىنى ئاشۇرىدۇ.

دۆلەت ستاتىستىكىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى پىلانلىق كۈچەيتىپ، ستاتىستىكا ئۇچۇرىنى توپلاش، بىر تەرەپ قىلىش، يەتكۈزۈش، بىرلىكتە ئىشلىتىش، ساقلاش تېخنىكىسىنى ۋە ستاتىستىكا سانلىق مەلۇمات ئامبار سىستېمىسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىدۇ.

6-ماددا ستاتىستىكا ئاپپاراتلىرى ۋە ستاتىستىكا خادىملىرى ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش، ستاتىستىكىلىق مەلۇمات بېرىش، ستاتىستىكىلىق نازارەت قىلىش خىزمەت ھوقۇقىنى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە مۇستەقىل يۈرگۈزىدۇ، ئۇنىڭغا چېقىلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ھۆكۈمەتنىڭ ستاتىستىكا ئاپپاراتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار، شۇنىڭدەك ئورۇنلار مەسئۇللىرىنىڭ ستاتىستىكا ماتېرىياللىرىدىن ستاتىستىكا ئاپپاراتلىرى ۋە ستاتىستىكا خادىملىرى قانۇن بويىچە توپلىغان، رەتلىگەنلىرىنى ئۆز ئالدىغا تۈزىتىشكە يول قويۇلمايدۇ، ستاتىستىكا ئاپپاراتلىرى، ستاتىستىكا خادىملىرى ۋە باشقا ئاپپاراتلار، خادىملاردىن ستاتىستىكا ماتېرىيالىنى ئويدۇرۇپ چىقىش، ئۆزگەرتىۋېتىشنى ھەرقانداق ئۇسۇل بىلەن تەلەپ قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلغان ياكى ستاتىستىكا جەھەتتىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى رەت قىلغان، توسقان ستاتىستىكا خادىملىرىدىن ئۆچ ئېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

7-ماددا دۆلەت ئورگىنى، كارخانا، كەسپىي ئورۇن ۋە باشقا تەشكىلات، شۇنىڭدەك يەككە سودا-سانائەتچى ۋە شەخس قاتارلىق ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش ئوبيېكتلىرى ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈشكە كېرەكلىك ماتېرىياللارنى مۇشۇ قانۇن ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، راست، توغرا، تولۇق، ۋاقتىدا بېرىشى شەرت، ئۇلارنىڭ راست ياكى تولۇق بولمىغان ستاتىستىكا ماتېرىياللىرىنى بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ، ستاتىستىكا ماتېرىياللىرىنى يوللاشنى كېچىكتۈرۈشىگە، رەت قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

8-ماددا ستاتىستىكا خىزمىتىدە جامائەتنىڭ نازارەتچىلىكىنى قوبۇل قىلىش كېرەك. ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس ستاتىستىكىدا ساختىپەزلىك قىلىشقا ئوخشاش قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق. پاش قىلىشتا خىزمەت كۆرسەتكەن ئورۇنلار ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلەش ۋە مۇكاپاتلاش كېرەك.

9-ماددا ستاتىستىكا ئاپپاراتلىرى ۋە ستاتىستىكا خادىملىرى ستاتىستىكا خىزمىتىدە بىلىپ قالغان دۆلەت مەخپىيىتى، سودا مەخپىيىتىنى ۋە شەخسىي ئۇچۇر مەخپىيىتىنى ساقلىشى كېرەك.

10-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ساختا ستاتىستىكا ماتېرىيالىدىن پايدىلىنىپ، شەرەپ نام، ماددىي مەنپەئەتكە ئالدامچىلىق يولى بىلەن ئېرىشىۋېلىشىغا ياكى ۋەزىپىسىنى ئۆستۈرۈۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

2-باب ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش-باشقۇرۇش

11-ماددا ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش تۈرى دۆلەتنىڭ ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش تۈرى، تارماقلارنىڭ ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش تۈرى ۋە يەرلىكنىڭ ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

دۆلەتنىڭ ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش تۈرى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش تۈرىنى كۆرسىتىدۇ. تارماقلارنىڭ ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش تۈرى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ كەسپىي ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش تۈرىنى كۆرسىتىدۇ. يەرلىكنىڭ ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش تۈرى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ تارماقلىرىنىڭ يەرلىك ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش تۈرىنى كۆرسىتىدۇ.

دۆلەتنىڭ ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش تۈرى، تارماقلارنىڭ ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش تۈرى ۋە يەرلىكنىڭ ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش تۈرىدە ئىش تەقسىماتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئۆز ئارا تۇتاشتۇرۇش كېرەك، تەكرار بولۇپ قېلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

12-ماددا دۆلەتنىڭ ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش تۈرىنى دۆلەت ستاتىستىكا ئىدارىسى بېكىتىپ ياكى دۆلەت ستاتىستىكا ئىدارىسى بىلەن گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىرلىكتە بېكىتىپ، گوۋۇيۈەنگە ئەنگە ئالدۇرىدۇ، دۆلەتنىڭ چوڭ-چوڭ ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش تۈرلىرى گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىلىدۇ.

تارماقلارنىڭ ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش تۈرىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بېكىتىدۇ. ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش ئوبيېكتىلىرىدىن شۇ تارماقنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى سىستېمىغا كىرىدىغانلىرى دۆلەت ستاتىستىكا ئىدارىسىگە ئەنگە ئالدۇرۇلىدۇ؛ ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش ئوبيېكىتلىرىدىن شۇ تارماقنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى سىستېمىغا كىرمەيدىغانلىرى دۆلەت ستاتىستىكا ئىدارىسىگە تەستىقلىتىلىدۇ.

يەرلىكنىڭ ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش تۈرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ستاتىستىكا ئاپپاراتلىرى بىلەن ئالاقىدار تارماقلار ئايرىم-ئايرىم بېكىتىدۇ ياكى بىرلىكتە بېكىتىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ستاتىستىكا ئاپپاراتى ئۆز ئالدىغا بېكىتكەنلىرى ياكى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە بېكىتكەنلىرى دۆلەت ستاتىستىكا ئىدارىسىگە تەستىقلىتىلىدۇ؛ ئۆلكە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ستاتىستىكا ئاپپاراتى ئۆز ئالدىغا بېكىتكەنلىرى ياكى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە بېكىتكەنلىرى ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ستاتىستىكا ئاپپاراتىغا تەستىقلىتىلىدۇ؛ ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بېكىتكەنلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ستاتىستىكا ئاپپاراتىغا تەستىقلىتىلىدۇ.

13-ماددا ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش تۈرىنى تەستىقلىغۇچى ئورگان تەكشۈرۈش تۈرىنىڭ زۆرۈرلۈكى، مۇمكىنلىكى ۋە ئىلمىيلىكىنى تەكشۈرۈپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتكە توشىدىغانلىرىنى تەستىقلاپ، يازما قارار چىقىرىشى ھەمدە ئېلان قىلىشى؛ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتكە توشمايدىغانلىرىدا تەستىقلىمىغانلىق يازما قارارى چىقىرىشى ھەمدە سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇشى كېرەك.

14-ماددا ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش تۈرىنى بېكىتىش بىلەن تەڭ شۇ تۈرنىڭ ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى چىقىرىش ھەمدە مۇشۇ قانۇننىڭ 12-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر يوللا تەستىقلىتىش ياكى ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك.

ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش تۈزۈمىدە تەكشۈرۈش مەقسىتى، تەكشۈرۈش مەزمۇنى، تەكشۈرۈش ئۇسۇلى، تەكشۈرۈش ئوبيېكتى، تەكشۈرۈشنىڭ تەشكىلىي شەكلى، تەكشۈرۈش جەدۋىلىنىڭ فورمىسى، ستاتىستىكا ماتېرىيالىنىڭ مەلۇم قىلىنىشى ۋە ئېلان قىلىنىشى قاتارلىقلار ھەققىدە بەلگىلىمە چىقىرىش كېرەك.

ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈشنى ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش تۈزۈمى بويىچە ئۇيۇشتۇرۇش كېرەك. ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش تۈزۈمىنىڭ مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشتە ئەسلىي تەستىقلىغان ئورگانغا تەستىقلىتىش ياكى ئەسلىي ئەنگە ئالغان ئورگانغا ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك.

15-ماددا ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش جەدۋىلىگە جەدۋەل نومۇرى، جەدۋەل تۈزگۈچى ئورگان، تەستىق ھۆججىتى نومۇرى ياكى ئەنگە ئېلىش ھۆججىتى نومۇرى، كۈچكە ئىگە مۆھلىتى قاتارلىق بەلگىلەرنى قويۇش كېرەك.

ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش جەدۋەللىرىدىن ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن بەلگە قويۇلمىغانلىرى ياكى كۈچكە ئىگە مۆھلىتى ئۆتۈپ كەتكەنلىرىنى ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش ئوبيېكىتلىرى تولدۇرۇشنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ستاتىستىكا ئاپپاراتلىرى ئالاقىدار ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرىنى توختىتىشنى قانۇن بويىچە بۇيرۇشى كېرەك.

16-ماددا ستاتىستىكا ماتېرىياللىرىنى توپلاشتا ۋە رەتلەشتە دەۋرىيلىك ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى ئۇل، دائىملىق ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈشنى گەۋدە قىلىپ، ئەتراپلىق تەكشۈرۈش، نۇقتىلىق تەكشۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللارنى ھەر تەرەپلىمە قوللىنىش ھەمدە مەمۇرىي خاتىرە قاتارلىق ماتېرىياللاردىن تولۇق پايدىلىنىش كېرەك.

دۆلەتنىڭ ئەھۋالى ۋە كۈچىگە دائىر چوڭ-چوڭ ئەھۋاللارنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىگە گوۋۇيۈەن بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدۇ، بۇ خىزمەتنى گوۋۇيۈەن ۋە يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ستاتىستىكا ئاپپاراتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار بىرلىكتە ئىشلەيدۇ.

17-ماددا دۆلەت بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن ستاتىستىكا ئۆلچىمىنى چىقىرىپ، ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈشتە قوللىنىدىغان كۆرسەتكۈچ مەزمۇنى، ھېسابلاش ئۇسۇلى، تۈر مۇندەرىجىسى، تەكشۈرۈش جەدۋىلى فورمىسى ۋە ستاتىستىكا كودى قاتارلىقلارنى ئۆلچەملەشتۈرۈشنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

دۆلەتنىڭ ستاتىستىكا ئۆلچىمىنى دۆلەت ستاتىستىكا ئىدارىسى چىقىرىدۇ ياكى دۆلەت ستاتىستىكا ئىدارىسى بىلەن گوۋۇيۈەننىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش مەسئۇل تارمىقى بىرلىكتە چىقىرىدۇ.

گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىن ئۆزىنىڭ قوشۇمچە ستاتىستىكا ئۆلچىمىنى چىقارغانلىرى دۆلەت ستاتىستىكا ئىدارىسىگە تەستىقلاتسا بولىدۇ. تارماقلارنىڭ ستاتىستىكا ئۆلچىمىنىڭ دۆلەتنىڭ ستاتىستىكا ئۆلچىمىگە توقۇنۇشۇپ قېلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

18-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ستاتىستىكا ئاپپاراتلىرى ستاتىستىكا ۋەزىپىسىنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ، ستاتىستىكا ماتېرىياللىرىنى كومپيۇتېر تورى ئارقىلىق يوللاشنى ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش ئوبيېكىتلىرى ئارىسىدا كېڭەيتسە بولىدۇ.

19-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ستاتىستىكا خىزمىتىگە كېرەكلىك خىراجەتنى مالىيە خام چوتىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

دۆلەتنىڭ ئەھۋالى ۋە كۈچىگە دائىر چوڭ-چوڭ ئەھۋاللارنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشكە كېرەكلىك خىراجەتنى گوۋۇيۈەن ۋە يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بىرلىكتە ئۈستىگە ئېلىپ، شۇ يىللىق مالىيە خام چوتىغا كىرگۈزۈپ، ۋاقتىدا ئاجرىتىپ بېرىپ، نەقلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

3-باب ستاتىستىكا ماتېرىياللىرىنى باشقۇرۇش ۋە ئېلان قىلىش

20-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ستاتىستىكا ئاپپاراتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار، شۇنىڭدەك يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، ستاتىستىكا ماتېرىياللىرىنى ساقلاش، باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى، ستاتىستىكا ئۇچۇرىدىن تەڭ پايدىلىنىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.

21-ماددا دۆلەت ئورگىنى، كارخانا، كەسپىي ئورۇن ۋە باشقا تەشكىلات قاتارلىق ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش ئوبيېكىتلىرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە دەسلەپكى خاتىرە، ستاتىستىكا قونداق ھېساباتى تۇتۇشى ستاتىستىكا ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈش، قول قويۇش، ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزۈۋېلىش، ئارخىپلاشتۇرۇش قاتارلىق ئىشلارنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.

ستاتىستىكا ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرگۈچى ۋە ئۇنىڭغا قول قويغۇچىلار ئۆزى تەكشۈرگەن، قول قويغان ستاتىستىكا ماتېرىياللىرىنىڭ راست، توغرا ۋە تولۇق چىقىشىغا مەسئۇل بولۇشى كېرەك.

22-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ستاتىستىكىغا كېرەكلىك مەمۇرىي خاتىرە ماتېرىياللىرىنى ۋە خەلق ئىگىلىكى ھېساباتىغا كېرەكلىك كەسپىي مالىيە ماتېرىيالى، مالىيە ماتېرىيالى ۋە باشقا ماتېرىياللارنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ستاتىستىكا ئاپپاراتىغا ۋاقتىدا بېرىشى ھەمدە ئۆزى تەشكىللەپ ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈپ ئېرىشكەن ئالاقىدار ماتېرىياللارنى ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش تۈزۈمىدىكى بەلگىلىمە بويىچە شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ستاتىستىكا ئاپپاراتىغا ۋاقتىدا يوللاپ بېرىشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ستاتىستىكا ئاپپاراتى ئالاقىدار ستاتىستىكا ماتېرىياللىرىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىغا ۋاقتىدا بېرىشى كېرەك.

23-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ستاتىستىكا ئاپپاراتى ستاتىستىكا ماتېرىياللىرىنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئېلان قىلىپ تۇرىدۇ.

دۆلەتنىڭ ستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتلىرىدا دۆلەت ستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلار ئاساس قىلىنىدۇ.

24-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈپ ئېرىشكەن ستاتىستىكا ماتېرىياللىرىنى شۇ تارماق دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئېلان قىلىدۇ.

25-ماددا مەلۇم بىر ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش ئوبيېكتىنىڭ سالاھىيىتىنى پەرقلەندۈرگىلى ياكى پەرەز قىلغىلى بولىدىغان ماتېرىياللاردىن ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈشتە ئېرىشكەنلىرىنى ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ سىرتقا بېرىشىگە، ئاشكارىلاپ قويۇشىغا يول قويۇلمايدۇ، ستاتىستىكىنى باشقا مەقسەتتە ئىشلىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

26-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ستاتىستىكا ئاپپاراتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈپ ئېرىشكەن ستاتىستىكا ماتېرىياللىرىدىن قانۇن بويىچە مەخپىيىتى ساقلىنىدىغانلىرىدىن باشقىلىرىنى جامائەتنىڭ سۈرۈشتۈرۈشى ئۈچۈن ۋاقتىدا ئاشكارىلىشى كېرەك.

4-باب ستاتىستىكا ئاپپاراتلىرى ۋە ستاتىستىكا خادىملىرى

27-ماددا گوۋۇيۈەن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ستاتىستىكا خىزمىتىگە قانۇن بويىچە تەشكىلىي رەھبەرلىك قىلىدىغان ۋە ئۇنى ماسلاشتۇرىدىغان دۆلەت ستاتىستىكا ئىدارىسىنى قۇرىدۇ.

دۆلەت ستاتىستىكا ئىدارىسى خىزمەت ئېھتىياجىغا قاراپ قۇرغان تەكشۈرۈش ۋاكالەت ئاپپاراتلىرى دۆلەت ستاتىستىكا ئىدارىسى ئورۇنلاشتۇرغان ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش ۋەزىپىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى مۇستەقىل ستاتىستىكا ئاپپاراتى قۇرۇپ، يېزا-بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى ستاتىستىكا ئىش ئورنىنى تەسىس قىلىپ، مەخسۇس ياكى قوشۇمچە ستاتىستىكا خادىملىرىنى قويۇپ، ستاتىستىكا خىزمىتىنى قانۇن بويىچە باشقۇرىدۇ ۋە ئىشلەيدۇ، ستاتىستىكىلىق تەكشۈرىدۇ.

28-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ستاتىستىكا ۋەزىپىسىنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ ستاتىستىكا ئاپپاراتى قۇرۇپ ياكى ئالاقىدار ئاپپاراتلاردا ستاتىستىكا خادىملىرىنى قويۇپ ھەمدە ستاتىستىكىغا مەسئۇل بولغۇچىلارنى بېكىتىپ، شۇ تارماقنىڭ مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدىكى ستاتىستىكا خىزمىتىنى قانۇن بويىچە تەشكىللەپ ۋە باشقۇرۇپ ستاتىستىكىلىق تەكشۈرىدۇ، ستاتىستىكا كەسپىدە شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ستاتىستىكا ئاپپاراتىنىڭ يېتەكچىلىكىنى قوبۇل قىلىدۇ.

29-ماددا ستاتىستىكا ئاپپاراتلىرى ۋە ستاتىستىكا خادىملىرى مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، ستاتىستىكا ماتېرىياللىرىنى ئەينەن توپلىشى ۋە يوللىشى كېرەك، ستاتىستىكا ماتېرىياللىرىنى ئويدۇرۇپ چىقىشقا ۋە ئۆزگەرتىۋېتىشكە يول قويۇلمايدۇ، ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخستىن راست بولمىغان ستاتىستىكا ماتېرىيالى بېرىشنى ھەرقانداق شەكىل بىلەن تەلەپ قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ، مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ باشقا قىلمىشلارنى سادىر قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

ستاتىستىكا خادىملىرى راستچىل بولۇشى، كەسىپ ئەخلاقىغا قاتتىق رىئايە قىلىشى، ئۆزى ئىگە بولۇپ توپلىغان، تەكشۈرگەن، كىرگۈزگەن ستاتىستىكا ماتېرىياللىرى بىلەن ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش ئوبيېكىتلىرى يوللىغان ستاتىستىكا ماتېرىيالىنىڭ بىردەك چىقىشىغا ئىگە بولۇشى كېرەك.

30-ماددا ستاتىستىكا خادىملىرى ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈشتە، ستاتىستىكىغا ئالاقىدار ئىشلارنى ئالاقىدار كىشىلەردىن سۈرۈشتۈرۈپ، ئۇلاردىن ئالاقىدار ئەھۋال، ماتېرىياللارنى ئەينەن بېرىشنى ھەمدە راست ۋە توغرا بولمىغان ماتېرىياللارنى تۈزىتىپ قويۇشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

ستاتىستىكا خادىملىرى ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈشتە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ستاتىستىكا ئاپپاراتلىرى ياكى ئالاقىدار تارماقلار بەرگەن خىزمەت كىنىشكىسىنى كۆرسىتىشى كېرەك؛ كۆرسەتمىسە ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش ئوبيېكىتلىرى تەكشۈرۈشنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

31-ماددا دۆلەت ستاتىستىكا كەسپىي تېخنىكا ۋەزىپە سالاھىيىتى بويىچە ئىمتىھان ئېلىش، باھالاپ تەكلىپ قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ستاتىستىكا خادىملىرىنىڭ كەسپىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ستاتىستىكا قوشۇنىنىڭ مۇقىملىقىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

ستاتىستىكا خادىملىرى ئىشلەۋاتقان ستاتىستىكا خىزمىتىگە لايىق كەسپىي بىلىم ۋە ئىقتىدارنى ھازىرلىشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ستاتىستىكا ئاپپاراتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار ستاتىستىكا خادىملىرىنى كەسپىي جەھەتتە يېتىشتۈرۈش ۋە كەسىپ ئەخلاقى جەھەتتە تەربىيىلەشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

5-باب نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش

32-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ستاتىستىكا ئاپپاراتلىرىنىڭ ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مۇشۇ قانۇننى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىدۇ.

33-ماددا دۆلەت ستاتىستىكا ئىدارىسى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ستاتىستىكا خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى تەشكىللەپ باشقۇرىدۇ، ستاتىستىكا جەھەتتىكى قانۇنغا خىلاپ چوڭ-چوڭ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ستاتىستىكا ئاپپاراتلىرى شۇ مەمۇرىي رايوندا سادىر بولغان ستاتىستىكا جەھەتتىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ. لېكىن، دۆلەت ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ۋاكالىتەن تەكشۈرۈش ئاپپاراتى ئۇيۇشتۇرغان ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش پائالىيىتىدە سادىر بولغان ستاتىستىكا جەھەتتىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا شۇ ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈشنى ئۇيۇشتۇرغان تەكشۈرۈش ئاپپاراتى مەسئۇل بولىدۇ.

قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ستاتىستىكا جەھەتتىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشى ھەققىدە ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

34-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ستاتىستىكا ئاپپاراتىنىڭ ستاتىستىكا جەھەتتىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشىغا پائال ھەمكارلىشىپ، ستاتىستىكا جەھەتتىكى قانۇنغا خىلاپ دېلوغا ئائىت ماتېرىياللارنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ستاتىستىكا ئاپپاراتىغا ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.

35-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ستاتىستىكا ئاپپاراتلىرى ستاتىستىكا جەھەتتىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى تەكشۈرۈشتە ياكى ستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئېنىقلاشتا تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا ھوقۇقلۇق:

(1) ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش سۈرۈشتۈرمىسى ئەۋەتىپ، تەكشۈرۈش ئوبيېكتىدىن ئالاقىدار ئىشلارنى سۈرۈشتۈرۈش؛

(2) تەكشۈرۈش ئوبيېكتىدىن ئالاقىدار دەسلەپكى خاتىرە ۋە دوكۇمېنت، ستاتىستىكا قونداق ھېساباتى، ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش جەدۋىلى، بوغالتېرلىق ماتېرىيالى شۇنىڭدەك باشقا ئالاقىدار ئىسپات ۋە ماتېرىياللارنى بېرىشنى تەلەپ قىلىش؛

(3) تەكشۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى ئالاقىدار كىشىلەردىن سوراش؛

(4) تەكشۈرۈش ئوبيېكتىنىڭ كەسىپ سورۇنىغا ۋە ستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇچۇر سىستېمىسىغا كىرىپ تەكشۈرۈش، ئېنىقلاش؛

(5) شۇ ئاپپارات مەسئۇلىنىڭ تەستىقى بىلەن، تەكشۈرۈش ئوبيېكتىنىڭ ئالاقىدار دەسلەپكى خاتىرىسى ۋە دوكۇمېنتى، ستاتىستىكا قونداق ھېساباتى، ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش جەدۋىلى، بوغالتېرلىق ماتېرىيالى شۇنىڭدەك باشقا مۇناسىۋەتلىك ئىسپات ۋە ماتېرىياللىرىنى تىزىملاپ ساقلاپ قويۇش؛

(6) تەكشۈرىدىغان ئىشقا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋال ۋە ماتېرىياللارنى خاتىرىلەپ قويۇش، ئۈن-سىنغا ئېلىش، سۈرەتكە تارتىش ۋە كۆپەيتىۋېلىش.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ستاتىستىكا ئاپپاراتى نازارەت قىلىپ تەكشۈرگەندە، نازارەت قىلىپ تەكشۈرگۈچىلەر 2 دىن ئاز بولماسلىقى ھەم ئۇلار قانۇن ئىجرا قىلىش گۇۋاھنامىسىنى كۆرسىتىشى كېرەك، كۆسەتمىسە، ئالاقىدار ئورۇنلار ۋە شەخسلەر تەكشۈرۈشنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

36-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ستاتىستىكا ئاپپاراتى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغاندا، ئالاقىدار ئورۇنلار ۋە شەخسلەر ئەھۋالنى ئەينەن ئىنكاس قىلىشى، ئالاقىدار ئىسپات ۋە ماتېرىياللارنى ئەينەن بېرىشى كېرەك، تەكشۈرۈشنى رەت قىلىشىغا ۋە تەكشۈرۈشكە توسالغۇ بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ، دەسلەپكى خاتىرە ۋە دوكۇمېنت، ستاتىستىكا قونداق ھېساباتى، ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش جەدۋىلى، بوغالتېرلىق ماتېرىيالى شۇنىڭدەك ئالاقىدار باشقا ئىسپات ۋە ماتېرىياللارنى يۆتكىۋېتىشىگە، تىقىۋېلىشىغا، ئۆزگەرتىۋېتىشىگە، تاشلىۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

6-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

37-ماددا يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ھۆكۈمەتنىڭ ستاتىستىكا ئاپپاراتلىرى ياكى ئالاقىدار تارماقلار، ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىغا تەيىنلىگۈچى ۋە قالدۇرغۇچى ئورگان ياكى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ ھەم ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ستاتىستىكا ئاپپاراتى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىدۇ:

(1) ستاتىستىكا ماتېرىياللىرىنى ئۆز ئالدىغا تۈزىتىپ قويغانلار، ساختا ستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىنى ئويدۇرۇپ چىققانلار؛

(2) ستاتىستىكا ئاپپاراتى، ستاتىستىكا خادىملىرىدىن ياكى باشقا ئاپپارات، خادىملاردىن ستاتىستىكا ماتېرىيالىنى ئويدۇرۇپ چىقىش، ئۆزگەرتىۋېتىشنى تەلەپ قىلغانلار؛

(3) مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلغان ياكى ستاتىستىكا جەھەتتىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى رەت قىلغان، توسىغان ستاتىستىكا خادىملىرىدىن ئۆچ ئالغانلار؛

(4) شۇ جاي، شۇ تارماق ۋە شۇ ئورۇندا سادىر بولغان ستاتىستىكا جەھەتتىكى قانۇنغا خىلاپ ئېغىر قىلمىشلارنى تۇيماي يۈرگەنلەر.

38-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ستاتىستىكا ئاپپاراتلىرى ياكى ئالاقىدار تارماقلاردىن ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇشتا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى، يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ستاتىستىكا ئاپپاراتى ياكى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ستاتىستىكا ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا تەيىنلىگۈچى ۋە قالدۇرغۇچى ئورگان ياكى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ:

(1) ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈشنى تەستىقلاتماي تۇرۇپ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۇيۇشتۇرغانلار؛

(2) ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش تۈزۈمىنىڭ مەزمۇنىنى تەستىقلاتماي تۇرۇپ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتكەنلەر؛

(3) ستاتىستىكا ماتېرىيالىنى ئويدۇرۇپ چىققانلار، ئۆزگەرتىۋەتكەنلەر؛

(4) ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش ئوبيېكىتلىرى ياكى باشقا ئاپپاراتلار، خادىملاردىن راست بولمىغان ستاتىستىكا ماتېرىيالى بېرىشنى تەلەپ قىلغانلار؛

(5) ئالاقىدار ماتېرىياللارنى يوللاشتا ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش تۈزۈمىدىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار.

ستاتىستىكا خادىملىرىدىن ئالدىنقى تارماقنىڭ (3) تارماقچىسىدىن (5) تارماقچىسىغىچە بولغان تارماقچىلاردا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

39-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ستاتىستىكا ئاپپاراتلىرى ياكى ئالاقىدار تارماقلاردىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا تەيىنلىگۈچى ۋە قالدۇرغۇچى ئورگان ياكى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ:

(1) ستاتىستىكا ماتېرىياللىرىنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئېلان قىلغانلار؛

(2) ستاتىستىكا ئوبيېكتىنىڭ سودا مەخپىيىتى، شەخسىي ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاپ قويغانلار ياكى مەلۇم بىر ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش ئوبيېكتىنىڭ سالاھىيىتىنى پەرقلەندۈرگىلى ياكى پەرەز قىلغىلى بولىدىغان ماتېرىياللاردىن ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈشتە ئېرىشكەنلىرىنى بېرىۋەتكەنلەر، ئاشكارىلاپ قويغانلار؛

(3) دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، ستاتىستىكا ماتېرىيالىنى بۇزۇۋەتكەنلەر، يوق قىلىۋەتكەنلەر.

ستاتىستىكا خادىملىرىدىن ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

40-ماددا ستاتىستىكا ئاپپاراتلىرى ۋە ستاتىستىكا خادىملىرىدىن دۆلەت مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويغانلىرى قانۇن بويىچە قانۇن جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدۇ.

41-ماددا ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش ئوبيېكتى بولغان دۆلەت ئورگانلىرى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ياكى باشقا تەشكىلاتلاردىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ستاتىستىكا ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقارسا بولىدۇ؛ ئۇلارنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىملىرى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىدىن دۆلەت خادىمى ھېسابلىنىدىغانلىرىغا تەيىنلىگۈچى ۋە قالدۇرغۇچى ئورگان ياكى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ:

(1) ستاتىستىكا ماتېرىيالىنى بېرىشنى رەت قىلغانلار ياكى سۈيلىگەندىن كېيىنمۇ ۋاقتىدا بەرمىگەنلەر؛

(2) راست ياكى تولۇق بولمىغان ستاتىستىكا ماتېرىيالىنى بەرگەنلەر؛

(3) ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش سۈرۈشتۈرمىسىگە جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغانلار ياكى ئەينەن جاۋاب بەرمىگەنلەر؛

(4) ستاتىستىكىلىق ئەھۋال ئۇقۇش، ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈشنى رەت قىلغانلار ۋە ئۇنىڭغا توسالغۇ بولغانلار؛

(5) دەسلەپكى خاتىرە ۋە دوكۇمېنت، ستاتىستىكا قونداق ھېساباتى، ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش جەدۋىلى شۇنىڭدەك باشقا ئالاقىدار ئىسپات ۋە ماتېرىياللارنى يۆتكىۋەتكەن، تىقىۋالغان، ئۆزگەرتىۋەتكەن، تاشلىۋەتكەنلەر ياكى بېرىشنى رەت قىلغانلار.

كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ياكى باشقا تەشكىلاتلاردىن ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىغا قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

يەككە سودا-سانائەتچىلەردىن مۇشۇ ماددىنىڭ 1-تارمىقىدا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ستاتىستىكا ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

42-ماددا ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش ئوبيېكتى بولغان دۆلەت ئورگانلىرى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ياكى باشقا تەشكىلاتلاردىن ستاتىستىكا ماتېرىيالى يوللاشنى كېچىكتۈرگەنلىرىنى ياكى دەسلەپكى خاتىرە، ستاتىستىكا قونداق ھېساباتى تۇتۇشتا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلمىغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ستاتىستىكا ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ.

كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ياكى باشقا تەشكىلاتلاردىن ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىغا قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ.

يەككە سودا-سانائەتچىلەردىن ستاتىستىكا ماتېرىيالىنى يوللاشنى كېچىكتۈرگەنلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ستاتىستىكا ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، قوشۇمچە 1000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

43-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ستاتىستىكا ئاپپاراتى ستاتىستىكا جەھەتتىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈشكە تېگىشلىك دەپ قارىغان دۆلەت خادىملىرىغا چارە كۆرۈش ھەققىدە تەكلىپ بېرىشى كېرەك؛ شۇ دۆلەت خادىمىنى تەيىنلىگۈچى ۋە قالدۇرغۇچى ئورگان ياكى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى قانۇن بويىچە ۋاقتىدا قارار چىقىرىشى ھەم نەتىجىسىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ستاتىستىكا ئاپپاراتىغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.

44-ماددا ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش ئوبيېكتى بولغان شەخسلەردىن دۆلەتنىڭ ئەھۋالى ۋە كۈچىگە دائىر چوڭ-چوڭ ئىشلارنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش پائالىيىتىدە ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈشنى رەت قىلغانلىرى ۋە ئۇنىڭغا توسالغۇ بولغانلىرى ياكى راست ياكى تولۇق بولمىغان ستاتىستىكا ماتېرىيالى بەرگەنلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ستاتىستىكا ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، تەنقىد-تەربىيە بېرىدۇ.

45-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ساختا ستاتىستىكا ماتېرىيالىدىن پايدىلىنىپ، شەرەپ نام، ماددىي مەنپەئەتكە ئالدامچىلىق يولى بىلەن ئېرىشىۋالغان ياكى ۋەزىپىسىنى ئۆستۈرۈۋالغانلار ساختا ستاتىستىكا ماتېرىيالى ئويدۇرۇپ چىقىش ياكى باشقىلاردىن ساختا ستاتىستىكا ماتېرىيالى ئويدۇرۇپ چىقىشنى تەلەپ قىلىش قىلمىشى ئۈچۈن قانۇن بويىچە قانۇن جاۋابكارلىقىغا تارتىلغاندىن باشقا، ئالاقىدار قارارلارنى چىقارغان ئورۇنلار ياكى ئۇلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلىرى، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى ئۇلارنىڭ شەرەپ نامىنى بىكار قىلىدۇ، ئېرىشىۋالغان ماددىي مەنپەئىتىنى قايتۇرۇۋالىدۇ، ئۆستۈرۈۋالغان ۋەزىپىسىنى بىكار قىلىدۇ.

46-ماددا ئالاقىدارلاردىن ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ستاتىستىكا ئاپپاراتىنىڭ مەمۇرىي جازا قارارىغا قايىل بولمىغانلىرى قانۇن بويىچە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى مەمۇرىي دەۋا قىلسا بولىدۇ. ئۇلاردىن دۆلەت ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى تەكشۈرۈش ۋاكالەت ئاپپاراتىنىڭ مەمۇرىي جازا قارارىغا قايىل بولمىغانلىرى مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى دۆلەت ستاتىستىكا ئىدارىسىگە ئىلتىماس قىلىدۇ؛ دۆلەت ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ باشقا تەكشۈرۈش ۋاكالەت ئاپپاراتلىرىنىڭ مەمۇرىي جازا قارارىغا قايىل بولمىغانلىرى مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى دۆلەت ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ شۇ ۋاكالەت ئاپپارات بار ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىكى تەكشۈرۈش ۋاكالەت ئاپپاراتىغا ئىلتىماس قىلىدۇ.

47-ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

7-باب قوشۇمچە پرىنسىپ

48-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ستاتىستىكا ئاپپاراتى دۆلەت ستاتىستىكا ئىدارىسىنى ۋە ئۇنىڭ تەكشۈرۈش ۋاكالەت ئاپپاراتىنى، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ستاتىستىكا ئاپپاراتىنى كۆرسىتىدۇ.

49-ماددا ئەلئارا ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش پائالىيىتىنى باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن چىقىرىدۇ.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چېگرىسى سىرتىدىكى تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەردىن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چېگرىسى ئىچىدە ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش پائالىيىتى قىلىشقا توغرا كېلىدىغانلىرى گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە تەستىقلىتىشى كېرەك.

ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈشتىن پايدىلىنىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەنلەر، جامائەت مەنپەئىتىگە زىيان سالغانلار ياكى ئالدامچىلىق قىلغانلار قانۇن بويىچە قانۇن جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدۇ.

50-ماددا بۇ قانۇن 2010-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/277451.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#