شىنجاڭ رادىئو-تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى

شىنجاڭ رادىئو - تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى، 1978 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنقىلابىي كومىتېتىنىڭ تەستىقى بىلەن قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈپ، 1979 - رەسمىي قۇرۇلدى. شىنجاڭ رادىئو - تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى بولسا بىر ھازىرقى زامان يىراقتىن ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان يېڭىچە ئالىي مەكتەپ. 

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ رادىئو-تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى
قۇرۇلغان ۋاقتى 1979-يىلى
ئايرىمىسى ھۆكۈمەت ئۇنىۋېرسىتېتى
مەكتەپ مۇدىرى پاتىگۈل مەممەت
قاراشلىق رايون جۇڭگو شىنجاڭ
خەنزۇچە نامى 新疆广播电视大学
مەسئۇل تارماق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى
فاكۇلتېتلىرى يىراقتىن ئوقۇتۇش ئىنستىتۇتى، داۋاملىق تەربىيە ئىنستىتۇتى
مەكتەپ تىپى ئۇنىۋېرسال بىلىملەر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شىنجاڭ رادىئو-تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى باش ئورنىنى مەركەز قىلىپ جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدا شۆبە مەكتەپ، خىزمەت پونكىتى قۇرغان. مەكتەپ قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئۈرۈمچى، سانجى رايونلىرىدىن ھالقىپ، 15 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر دەرىجىلىك تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى شۆبە مەكتىپىگە تەرەققىي قىلغان. 28 تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى خىزمەت پونكىتى، 10 ئوقۇتۇش نۇقتىسى قۇرۇلغان. مەكتەپ بىر تۇتاش پىلانلاش، دەرىجىگە ئايرىپ ئوقۇتۇش، دەرىجىلىككە ئايرىپ باشقۇرۇشتەك مەكتەپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى قوللانغان بولۇپ، مەكتەپنىڭ مەركىزىي بۆلۈمى ئاپتونوم رايوننىڭ تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى شۆبە مەكتەپلىرى، خىزمەت پونكىتلىرى، ئوقۇتۇش نۇقتىلىرىغا كەسپىي جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ئىلمىي نەتىجىلەرنى باشقۇرۇش خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولۇپ، شىنجاڭدا ئاپتونوم رايونلۇق تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنى مەركەز قىلغان، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگە تارقالغان رادىئو-تېلېۋىزىيە مائارىپىنى شەكىللەندۈرگەن.

 ئوقۇتۇش شەكلى پۈتۈنلەي ئىشتىن ئايرىلىپ ئوقۇتۇش، يېرىم ئىشتىن ئايرىپ ئوقۇتۇش، ئىشتىن سىرت ئۆگىنىش قاتارلىقلار بولۇپ، ئوقۇش مۇددىتى ئىككى يىلدىن ئۈچ يىلغىچە، ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللاپ ئوقۇيدۇ. يەنە ئىش ئورنى تەربىيىلەش سىنىپى، كەسپىي گۇۋاھنامە سىنىپى، كەسپىي تېخنىكا مائارىپى ۋە ئۈزلۈكسىز مائارىپى سىنىپى قاتارلىقلارنىمۇ تەسىس قىلغان.

1982-يىلى ئاز سانلىق مىللەت تىلدا دەرس بېرىلىدىغان رادىئو-تېلېۋىزىيە مائارىپىنى قۇرۇپ، مەملىكەتتىكى ئەڭ بالدۇر ئاز سانلىق مىللەت تىلدا دەرس بېرىلىدىغان رادىئو-تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى بولۇپ قالغان. مەملىكەت دائىرىسىدە «بەشتە بىرلىككە كەلگەن» ( ئاز سانلىق مىللەت بۆلۈمى ئاپتونوم رايونلۇق رادىئو-تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ باشچىلىقىدا «بەشتە بىلىككە كەلگەن » تۈزۈمنى ئىجرا قىلىدۇ) ، يەنى «ئوقۇتۇش پىلانى بىرلىككە كەلگەن، ئوقۇتۇش پروگراممسى بىرلىككە كەلگەن، دەرسلىك ماتېرىيال بىرلىككە كەلگەن، سوئال چىقىرىپ ئىمتىھان ئېلىش بىرلىككە كەلگەن، نومۇر قويۇش ئۆلچىمى بىرلىككە كەلگەن » تۈزۈم يولغا قويۇلغان. ئوقۇش تارىخ قاتلىمىدىن تولۇق كۇرس، مەخسۇس كۇرس، ئوتتۇرا تېخنىكوم قاتارلىقلار بار.

مەكتەپنىڭ ھازىر يەنە 11000 كۋادرات مېتىرلىق ئوقۇتۇش، تەجرىبە، ئىشخانا خىزمەت بىناسى بار. ئىچىدە كومپيۇتېر مەركىزىي، سۈنئىي ھەمرا ئۇچۇرى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى، تەجرىبىخانا، كۆرۈش، ئاڭلاش ئۆيى، ئۈن-سىن ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى ياساش ئۆيى قاتارلىقلار ھەمدە تېلېۋىزور پروگراممىلىرىنى تارقىتىش سىستېمىسى، سۈنئىي ھەمراھ ئۇچۇرى قوبۇل قىلىش سىستېمىسى، كومپيۇتېر سىستېمىسى، تەجرىبە سىستېمىسى قاتارلىقلار بار. بۇنىڭدىن باشقا سىمسىز چاستوتا كېڭەيتىش تېخنىكىسى ۋە ئەسلىھەلىرى ئارقىلىق شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ئىنتېرنېت تۇتاشقان ھەمدە مەركىزىي تېلېۋزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش، بايلىقلاردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ۋە تور ئارقىلىق ئوقۇتۇش باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرغان.

1999-يىلدىكى ئوقۇغۇچى سانى 25 مىڭ نەپەر. مەكتەپ قۇرۇلغان 20 يىلدىن بۇيان، بۇ مەكتەپ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بەش خىل پەن، 21 تۈر، 152 مەخسۇس كۇرس كەسىپلىرىنى تەسىس قىلغان. جەمئىي تەسىس قىلغان ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇش تارىخى سىنىپى 45، يەنە «مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كۇرسقا ئۆرلەش» ، ئېچىۋېتىلگەن مائارىپ سىناق نۇقتىسى تەسىس قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى كەسپىلىرىگە ئالىي، ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇغۇچىلىرىدىن 50000 نەپەردىن ئارتۇق ئادەم تەربىيىلىگەن.

1999 -يىلى، شىنجاڭ رادىئو - تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى تەستىقلانغان مەملىكەت بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى « مەركىزىي رادىئو - تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىش  ۋە ئېچىۋېتىلگەن مائارىپ سىناق قىلىش » تۈرى ( تۆۋەندە قىسقارتىلىپ « نۇقتىدا سىناق قىلىش تۈرى ) ئۆلكە دەرىجىلىك رادىئو - تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىرى بۇلۇپ باھالانغان. 

2000 -يىلى كۈز پەسلىدە، مەركىزىي رادىئو - تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى تەستىقلىدى ، شىنجاڭ رادىئو - تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئاز سانلىق مىللەت تولۇق باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپ كەسپى باشلاندى، ئېچىۋېتىلگەن مائارىپ سىناق خىزمىتىنى ، كېيىن بىر قىسىم تولۇق كۇرس نۇقتىدا سىناق قىلىش قانات يايدۇرۇلدى ، شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھازىرقى زامان يىراق ئېچىۋېتىلگەن مائارىپ تەرەققىيات تارىخىدىكى يېڭى سەھىپە ئېچىلدى. 2002 - يىلى مەكتەپ مائارىپ مىنىستىرلىكى « نۇقتىدا سىناق قىلىش تۈرى »  ئوتتۇرا مەزگىللىك باھالاش. مەن مەكتەپ 2006 -يىلى 5-ئايدا مائارىپ مىنىستىرلىكى « نۇقتىدا سىناق قىلىش تۈرى » خۇلاسە خاراكتېرلىك باھالاشلارغا ئېرىشتى.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#