جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت تۆلەم راسخوتىنى باشقۇرۇش چارىسى

دۆلەت تۆلەم راسخوتىنى باشقۇرۇش چارىسى

 جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت تۆلەم راسخوتىنى باشقۇرۇش چارىسى 1995-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ 171-نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىپ يولغا قويۇلغان.

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت تۆلەم راسخوتىنى باشقۇرۇش چارىسى
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 1995-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى
خەنزۇچە نامى 华人民共和国国家赔偿费用管理办法

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1-ماددا دۆلەت تۆلەم راسخوتىنىڭ باشقۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ دۆلەت تۆلەم ھوقۇقىدىن قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە ھوقۇق يۈرگۈزۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، دۆلەت تۆلەم قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن بۇ چارە تۈزۈلدى.

2-ماددا بۇ چارىدە ئېيتىلغان دۆلەت تۆلەم راسخوتى-تۆلەم تۆلەش مەجبۇرىيىتى بار ئورگانلارنىڭ دۆلەت تۆلەم قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە تۆلەم تەلەپ قىلغۇچىلارغا تۆلەپ بېرىدىغان راسخوتىنى كۆرسىتىدۇ.

3-ماددا دۆلەت تۆلىمىنى تۆلەشتە، پۇل تۆلەپ بېرىش شەكلى ئاساسلىق ئۇسۇل قىلىنىدۇ.

4-ماددا تۆلەم مەجبۇرىيىتى بار ئورگانلار مال-مۈلۈكنى قايتۇرۇپ بېرىش ياكى بۇرۇنقى ھالىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارقىلىق تۆلەم تۆلەش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلالىسا، مال-مۈلۈكنى قايتۇرۇپ بېرىش ياكى بۇرۇنقى ھالىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىش لازىم.

5-ماددا دۆلەت ئورگانلىرى ۋە ئۇنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى قانۇنغا خىلاپ ھالدا خىزمەت ھوقۇقى يۈرگۈزۈپ، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارغا جەرىمانە قويۇش، مال-مۈلۈكلىرىنى يىغىۋېلىش، مۇسادىرە قىلىش ئارقىلىق ياكى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ھالدا پۇل يىغىش، سېلىق چېچىش ئارقىلىق ئۇلارنى زىيانغا ئۇچراتقان بولۇپ، مال-مۈلۈكنى قايتۇرۇشقا تېگىشلىك بولسا، تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە قايتۇرىدۇ:

(1) مال-مۈلۈكنى تېخىچە يۇقىرىغا تاپشۇرمىغان بولسا، ئۇنى تۆلەم تۆلەش مەجبۇرىيىتى بار ئورگان مەسئۇل بولۇپ قايتۇرىدۇ؛

(2) مال-مۈلۈكنى يۇقىرىغا تاپشۇرۇۋەتكەن بولسا، تۆلەم تۆلەش مەجبۇرىيىتى بار ئورگان مەسئۇل بولۇپ، تەڭ دەرىجىلىك مالىيە ئورگىنىغا قايتۇرۇپ بېرىش توغرىسىدا ئىلتىماس سۇنىدۇ.

6-ماددا دۆلەت تۆلەم راسخوتى ھەر دەرىجىلىك مالىيە تارماقلىرىنىڭ خام چوتىغا كىرگۈزۈلىدۇ. ئۇنى ھەر دەرىجىلىك مالىيە تارماقلىرى مالىيە باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىگە ئاساسەن، دەرىجىلەر بويىچە ئۈستىگە ئالىدۇ.

 ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ئۆز رايونىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، مەلۇم ساندا دۆلەت تۆلەم راسخوتىنى بېكىتىپ، ئۇنى شۇ دەرىجىلىك مالىيە تارماقلىرىنىڭ مالىيە خام چوتىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

دۆلەت تۆلەم راسخوتىنى ھەر دەرىجىلىك مالىيە ئورگانلىرى مەسئۇل بولۇپ باشقۇرىدۇ، شۇ يىللىق ئەمەلىي چىقىم قىلىنغان دۆلەت تۆلەم راسخوتىنىڭ پۈتۈن يىللىق خام چوتىدىن ئېشىپ كەتكەن قىسمىنى، شۇ دەرىجىلىك خام چوت زاپىسىدىن ھەل قىلسا بولىدۇ.

7-ماددا دۆلەت تۆلەم راسخوتىنى تۆلەم تۆلەش مەجبۇرىيىتى بار ئورگان ئالدى بىلەن ئۆز ئورنىنىڭ خام چوت راسخوتى ۋە ئىشلىتىشكە قالدۇرغان مەبلەغدىن چىقىم قىلىپ تۇرۇپ، چىقىم قىلىپ بولغاندىن كېيىن، تەڭ دەرىجىلىك مالىيە ئورگىنىغا ئىلتىماس قىلىپ ئاجراتقۇزۇۋالىدۇ.

8-ماددا تۆلەم تۆلەش مەجبۇرىيىتى بار ئورگان دۆلەت تۆلەم راسخوتىنى ئاجرىتىپ بېرىشنى ياكى مالىيە ئورۇنلىرىغا تاپشۇرۇۋەتكەن مال-مۈلۈكنى قايتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشتا، كونكرېت ئەھۋالغا ئاساسەن، تۆۋەندىكى ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى ياكى ھۆججەتلەرنىڭ قوشۇمچىسىنى ھازىرلىشى كېرەك:

(1) تۆلەم تەلەپ قىلغۇچىنىڭ تۆلەم تۆلەپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىش ئىلتىماسى؛

(2) تۆلەم تۆلەش مەجبۇرىيىتى بار ئورگاننىڭ تۆلەم تۆلەش توغرىسىدا چىقارغان قارارى؛

(3) قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگاننىڭ قايتا قاراپ چىقىش قارارنامىسى؛

(4)خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمنامىسى، كېسىمنامىسى ياكى تۆلەم تۆلەش قارارنامىسى؛

(5) تۆلەم تۆلەش مەجبۇرىيىتى بار ئورگاننىڭ قەستەنلىكى بار ياكى زور سەۋەنلىكى بار جاۋابكارلاردىن قانۇن بويىچە تۆلەم پۇلى ئېلىش توغرىسىدىكى  پىكرى ياكى قارارى؛

(6) مال-مۈلۈكنى مالىيىگە تاپشۇرغانلىق توغرىسىدىكى ئالاقىدار ھۆججەتلەر؛

(7) مالىيە ئورگانلىرى ھازىرلاشنى تەلەپ قىلغان باشقا ھۆججەتلەر ياكى ھۆججەتنىڭ قوشۇمچىسى.

9-ماددا مالىيە ئورگانلىرى تۆلەم تۆلەش مەجبۇرىيىتى بار ئورگاننىڭ ئىلتىماسىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئەھۋالنى پەرقلەندۈرۈپ، تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

(1) مالىيىگە تاپشۇرۇۋەتكەن مال-مۈلۈكلەر قانۇن بويىچە تۆلەم تەلەپ قىلغۇچىغا قايتۇرۇشقا تېگىشلىك بولسا، ئۆز ۋاقتىدا قايتۇرۇش كېرەك؛

(2) قانۇن بويىچە تۆلەپ بولغان دۆلەت تۆلەم راسخوتىنى تەكشۈرۈپ ئاجرىتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان بولسا، ئۇنى ئۆز ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ ئاجرىتىپ بېرىش كېرەك.

10-ماددا مالىيە ئورگانلىرى مەمۇرىي تۆلەم تۆلىگەن تۆلەم تۆلەش مەجبۇرىيىتى بار ئورگاننىڭ قەستەنلىك ياكى زور سەۋەنلىك تۈپەيلىدىن، دۆلەت تۆلىمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ياكى دۆلەتنىڭ تۆلەم قانۇنىدا بەلگىلەنگەن دائىرە ۋە ئۆلچەمدىن ھالقىغان ھالدا تۆلەم تۆلىگەنلىكىنى چېلىقتۇرسا، ئۇنى شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەتكە يوللاپ، تۆلەم تۆلەش مەجبۇرىيىتى بار ئورگاننىڭ تۆلىگەن دۆلەت تۆلەم راسخوتىنىڭ بىر قىسمىنى ياكى ھەممىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشنى بۇيرۇشنى  تەۋسىيە قىلسا بولىدۇ.

11-ماددا تۆلەم تۆلەش مەجبۇرىيىتى بار ئورگان تۆلەم تەلەپ قىلغۇچىغا دۆلەت تۆلەم راسخوتى تۆلەش ياكى مال-مۈلۈكنى قايتۇرۇشقا، تۆلەم تەلەپ قىلغۇچى ھۆججەت ياكى باشقا ئىسپاتلارنى چىقىرىش لازىم: تۆلەم تۆلەش مەجبۇرىيىتى بار ئورگان ئۇلار چىقارغان ھۆججەت ياكى باشقا ئىسپاتلارنىڭ قوشۇمچىسىنى تەڭ دەرىجىلىك مالىيە ئورگانلىرىنىڭ ئەنگە ئېلىشىغا يوللاپ بېرىشى كېرەك.

12-ماددا تۆلەم تۆلەش مەجبۇرىيىتى بار ئورگان زىياننى تۆلىگەندىن كېيىن، دۆلەت تۆلەم قانۇنىنىڭ 14-ماددا ۋە 24-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، جاۋابكارلاردىن دۆلەت تۆلەم راسخوتىنىڭ بىر قىسمى ياكى ھەممىسىنى تۆلىتىۋېلىشى لازىم.

دۆلەت تۆلەم راسخوتى بۇ چارىنىڭ 9-ماددا 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئاجرىتىلغان بولسا، تۆلىتىۋالغان دۆلەت تۆلەم سوممىسىنى تەڭ دەرىجىلىك مالىيە ئورگانلىرىغا تاپشۇرۇش كېرەك.

13-ماددا ھەر دەرىجىلىك مالىيە ئورگانلىرى دۆلەت تۆلەم راسخوتىغا بولغان نازارەتچىلىك ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت تۆلەم راسخوتىنى باشقۇرۇش ۋە تەكشۈرۈپ ئاجرىتىش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى لازىم.

14-ماددا دۆلەت ئورگانلىرىدا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرى كۆرۈلگەن بولسا، مالىيە ئورگانلىرى ئۇلار ئېلىپ كەتكەن دۆلەت تۆلەم راسخوتىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈپ قايتۇرۇۋېلىشى لازىم:

(1) دۆلەت تۆلەم راسخوتىنى يالغان مەلۇم قىلغان، ساختىپەزلىك، ئالدامچىلىق بىلەن ئېلىۋالغانلار؛

(2) دۆلەت تۆلەم راسخوتىنى باشقا ئىشلارغا يۆتكەپ ئىشلەتكەنلەر؛

(3) دۆلەت تۆلەم راسخوتىنى بەلگىلىمە بويىچە تۆلىتىۋالمىغانلار؛

(4) دۆلەت تۆلەم راسخوتىنى تۆلەم قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا چىقىم قىلغانلار.

دۆلەت ئورگانلىرىدا يۇقىرىقى تارماقتا ئېيتىلغان قىلمىشلارنىڭ بىرى كۆرۈلگەن بولسا، بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بار ئاساسلىق باشقۇرغۇچى خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

15-ماددا مالىيە مىنىستىرلىكى مۇشۇ چارىگە ئاساسەن، مەركەزدىكى دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ دۆلەت تۆلەم راسخوتىنى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى كونكرېت بەلگىلىمىسىنى تۈزۈپ چىقىدۇ.

 ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مۇشۇ چارىگە ئاساسەن ھەم ئۆز رايونىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، كونكرېت بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈپ چىقسا بولىدۇ.

16-ماددا بۇ چارە ئېلان قىلىنغان كۈندىن ئېتىبارەن يولغا قويۇلىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#