ماشىنا ئادەم

ماشىنا ئادەم

ماشىنا ئادەم ئەمەلىيەتتە، كومپيۇتېر ئورنىتىلغان، ئادەمدەك ئىش قىلالايدىغان ماشىنىدۇر. ماشىنا ئادەمنىڭ «چوڭ مېڭە» (كومپيۇتېر) سى بار، شۇڭا «تەپەككۇر» قىلالايدۇ. ئۇ ئادەتتىكى ماشىنىلارغا قارىغاندا كۆپ «ئەقىللىق». ئۇنىڭ تېنىدە نۇرغۇن مۇرەككەپ ئېلېكتر ئەسۋابلىرى ۋە زاپچاسلار بار. ئۇلار پۈتۈن ماشىنا ئادەمنىڭ كونترول ۋە ھەرىكەت سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرگەن. 

ئۇيغۇرچە نامى ماشىنا ئادەم
چەتئەلچە نامى Robot
خەنزۇچە نامى 机器人
تېخنىكىسى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېخنىكا

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ماشىنا ئادەم ماشىنا ئادەم ( ) بولسا ئاپتوماتىك ئىجرا خىزمىتىدىكى ماشىنا قۇرۇلمىسى. ئۇ ئىنسانلار قوماندانلىقى ئاستىدا خىزمەت قىلىدۇ. ئونىڭ ھەم ئىجرا قىلىش ھەم ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇش تەرتىپى بولىدۇ، يەنە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئارقىلىق تېخنىكا تۈزگەن پرىنسىپىغا ئاساسەن پروگرامما ھەرىكەتى بولىدۇ. ئۇنىڭ ۋەزىپىسى تۈزۈشىگە ياردەملىشىدۇ ياكى ئورۇن ئېلىش ئىنسانىيەت خىزمىتىنىڭ ئورۇنىنى ئالىدۇ. ئالايلۇق، ئىشلەپچىقىرىش كەسپى، بىناكارلىق، ھەمدە خەتەرلىك خىزمەتلەر. 

ماشىنا ئادەمنىڭ نەرسىلەرنى كۆرۈشى ئادەمگە تەقلىد قىلىنغان. ئۇنىڭ «كۆزى» تېلېكامېرا، «چوڭ مېڭىسى» كومپيۇتېردىن ئىبارەت. ئۇ نەرسىلەرنى كۆرمەكچى بولسا، ئالدى بىلەن تېلېكامېرا ئارقىلىق جىسىمنى «سۈرەتكە ئېلىۋالىدۇ»، ئاندىن، سۈرەتنى ئېلېكتر سىگنالغا ئايلاندۇرۇپ كومپيۇتېرغا يوللاپ بېرىدۇ، كومپيۇتېر ئۇنى پەرقلەندۈرىدۇ. پەرقلەندۈرۈش ئۇسۇلى مۇنداق: ئالدى بىلەن تەييارلانغان نۇرغۇن سۈرەت كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈلىدۇ، ئاندىن كېيىن تېلېكامېرادا تارتىلغان سۈرەت كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈلۈپ، ئۇلار سېلىشتۇرۇلىدۇ، ئىككىسى ئوخشاش بولسا، كومپيۇتېر ئۇنىڭ قانداق جىسىم ئىكەنلىكىنى تونۇيالايدۇ.

ماشىنا ئادەمدەسلەپكى ماشىنا ئادەملەر ئاساسەن سانائەتتە ئىشلىتىلگەن. ئۇلار ئادەملەرنىڭ ئورنىدا خەتەرلىك، ئېغىر ۋەزىپىلەرنى ئورۇندايدۇ. مەسىلەن، نەرسە ئالغۇچى ماشىنا ئادەم، يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق، زەھەرلىك مۇھىت ئىچىدىن نەرسىلەرنى ئاچىقالايدۇ؛ پۈركۈگۈچى ماشىنا ئادەم ماشىنىلارنى سىرلىيالايدۇ؛ قۇراشتۇرغۇچى ماشىنا ئادەم ئايرىم-ئايرىم زاپچاسلارنى قۇراشتۇرۇپ، ماشىنا ياسىيالايدۇ. 

ماشىنا ئادەم ماشىنا ئادەم پەيدىنپەي «ھۆكۈم قىلىش» ۋە «تەدبىر بەلگىلەش» نى ئۆگىنىۋالدى. ئۇلارنىڭ ئىشلىتىلىش ساھەسىمۇ بارغانسېرى كېڭەيدى. مەسىلەن، قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىدا ماسىنا ئادەم تاملارغا يامىشىپ، يەر ئاستىغا تېشىپ كىرەلەيدۇ. ھەر خىل ئۈسكۈنىلەرنى تازىلىيالايدۇ ۋە رېمونت قىلالايدۇ. ئۇرۇش مەيدانلىرىدا، ماشىنا ئادەملەر ئاۋانگارتلىق بىلەن يول ئېچىپ، دۈشمەن ئىچىگە ئىچكىرىلەپ كىرىپ رازۋېدكا قىلالايدۇ. پەن-تېخنىكا ساھەسىدە، ماشىنا ئادەم ئاي ۋە مارسقا چىقىپ ئىلمىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارالايدۇ. تۇرمۇشتا، ماشىنا ئادەم دوختۇرخانا ياكى ئائىلىلەردە سېسترا ۋە ئۆي خىزمەتچىسى بولۇپ، كېسەلنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا، ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىشقا ياردەم بېرەلەيدۇ. 

ماشىنا ئادەم ئۇنىڭ تېنىدىكى نازۇك ئېلېكتر زاپچاسلىرى ئېھتىياتسىزلىقتىن بۇزۇلۇپ قالسا، پۈتكۈل سىستېمىدا كاشىلا پەيدا بولىدۇ. ماشىنا ئادەم بىر قانچە يىل خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، ئىچكى قىسمىدىكى مېخانىك سىستېمىلا بارا-بارا ئۇپراپ ۋە كونىراپ كېتىش نەتىجىسىدىمۇ كېسەل بولۇپ، نورمال خىزمەت قىلالمايدۇ. ماشىنا ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسى-كومپيۇتېر سىستېمىسى تاشقى تەسىرىگە تولىمۇ سەزگۈر بولۇپ، ئەگەر ئەتراپنىڭ تېمپېراتۇرىسىدا كۈچلۈك ئۆزگىرىش يۈز بەرسە ياكى ئۇ «كۈتۈلمىگەن ھادىسە» لەرگە يولۇقۇپ قالسا، يەنىلا بۇزۇلۇپ قالىدۇ. مەسىلەن، بىر قېتىم، مەلۇم زاۋۇتنىڭ ماشىنا ئادىمى يېقىن ئەتراپتىكى بىر ئويۇنچۇقخانىدىن تارقالغان ئېلېكترو ماگنىت دولقۇنىنىڭ كاشىلىسىغا ئۇچراپ، قوللىرى بىردىنلا كالانپايلىشىپ كەتكەن. ماشىنا ئادەم «كېسەل بولۇپ قالسا» مەشغۇلاتچى خادىم دەرھال توك مەنبەسىنى ئۈزۈۋېتىشى ھەمدە ۋاقتىدا رېمونت قىلىشى لازىم. كۈتۈلمىگەن ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ماشىنا ئادەملەرنى قەرەللىك «تەكشۈرۈش» ، قەرەللىك رېمونت قىلىش ھەمدە تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، تۇيۇقسىز پەيدا بولىدىغان ئېلېكتروماگنىت دولقۇنىنىڭ كاشىلىسى ياكى كومپيۇتېر ۋىرۇسىنىڭ بۇزغۇنچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. ماشىنا ئادمنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، بۈگۈنكى كۈندە، نۇرغۇن ماشىنا ئادەملەر «ئۆزىدىكى كاشىلىغا دىئاگنوز قويۇش» ۋە ئۆزىنىڭ «كېسىلىنى كۆرۈش» ئىقتىدارىغا ئىگە بولدى. ئۇ «مىجەزى» يوقلۇقىنى «سەزگەن» ھامان، ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرىدۇ ھەمدە خىزمەتچى خادىملارغا «دوكلات قىلىدۇ».

ماشىنا ئادەم40 نەچچە يىللىق تەرەققىيات جەريانىدا، ماشىنا ئادەم تېخنىكىسى بارغانسېرى مۇكەممەللىشىپ، ماشىنا ئادەملەرمۇ بارغانچە ئىقتىدارلىق بولۇپ كەتتى. بۈگۈنكى كۈندە، پۈتۈن دۇنيادىكى نەچچە يۈز مىڭلىغان ماشىنا ئادەملەر ھارماي-تالماي، جاپا-مۇشەققەتكە باش ئەگمەي، ئۆز خىزمەت ئورۇنلىرىدا كۆرۈنەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرماقتا! [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#