بامبۇكسىمان قۇرت

فاسمىدا
فاسمىدا (بامبۇكسىمان قۇرت) دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن ھاشارەت بولۇپ، ئادەتتە ئۇزۇنلۇقى 10-20 سانتىمېتىر كېلىدۇ. ئەڭ ئۇزۇنى 33 سانتىمېتىر كېلىدۇ. باشقا ھاشارەتلەرگە ئوخشاش ئۇلارنىڭمۇ بېشىدا بىر جۈپ ئىنچىكە-ئۇزۇن بۇرۇتى بار. كۆكرىكىدە ئۈچ بوغۇم بار. ھەر بىر بوغۇمدا بىر جۈپ ئىنچىكە-ئۇزۇن پۇتى بولۇپ، ئۆمىلەشكە ماسلاشقان.
ئەڭ ئۇزۇن ھاشارەت
ئۇيغۇرچە ئىسمى بامبۇكسىمان قۇرت
خەنزۇچە ئىسمى 竹节虫
تىپى بوغۇم ئاياغلىقلار تىپى
تۈركۈمى فاسمىد قۇرىتى تۈركىمى
ئېنگىلىزچە ئىسمى فاسمىدا
تەۋەلىكى ھايۋاناتلار دۇنياسى
سىنىپى ھاشاراتلار سىنىپى
ئائىلىسى فاسمىد قۇرىتى ئائىلىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

فاسمىدانىڭ شەكلى غەيرىچە بولۇپ، خۇددى بامبۇك شېخىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. گەۋدىسى بوغۇملۇق بولۇپ، يېشىل ياكى قوڭۇر كېلىدۇ. ئۇلار بامبۇك ئارىلاش چاتقاللىقتا ياشايدۇ. يوپۇرماق يەيدۇ. 

فاسمىدا دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن ھاشارەت بولۇپ، ئادەتتە ئۇزۇنلۇقى 10-20 سانتىمېتىر كېلىدۇ. ئەڭ ئۇزۇنى 33 سانتىمېتىر كېلىدۇ. باشقا ھاشارەتلەرگە ئوخشاش ئۇلارنىڭمۇ بېشىدا بىر جۈپ ئىنچىكە-ئۇزۇن بۇرۇتى بار. كۆكرىكىدە ئۈچ بوغۇم بار. ھەر بىر بوغۇمدا بىر جۈپ ئىنچىكە-ئۇزۇن پۇتى بولۇپ، ئۆمىلەشكە ماسلاشقان. مەملىكتىمىزدە ياشايدىغان فاسمىدالارنىڭ ئادەتتە قانىتى يوق. ھەركىتى ئاستا، كۆپىيىش قابىلىيىتىمۇ يۇقىرى بولمىغان بۇ خىل ھاشارەت قانداق قىلىپ تەبئىي تاللىنىش جەريانىدا شاللىنىپ كەتمەي، ئۆز دۈشمەنلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قۇتۇلۇپ، ئەۋلاتتىن-ئەۋلاتقا ساقلىنى كېلەلىگەن؟ بۇنداق بولۇشىنى ئۇلارنىڭ كۆرۈنىشىنىڭ بامبۇك شاخلىرىغا ئىنتايىن ئوخشاپ كەتكەنلىكى بىلەن ناھايىتى زور مۇناسىۋەتلىك. بامبۇك ئارىلاش ئۆسكەن چاتقاللىقتا «كىچىككىنە بىر تال بامبۇك شېخى» دەرەخ غازاڭلىرى ئارىسىغا چۈشۈپ قالسا، ئۇنىڭغا كىممۇ دىققەت قىلسۇن؟ تىكىلىپ قارىغاندىمۇ، پەرق ئەتمەك تەس، تۈسداشلىق جەھەتتىكى بۇندان ئالاھىدىلىك ئۇلارنى قوغداپ قالغان. ئۇلارنىڭ شاللىنىپ كەتمەي ھازىرغا قەدەر ياشاپ كېلىشىگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەن. شۇڭا فاسمىدا جانلىق مەۋجۇداتلىرىنىڭ تەدرىجى تەرەققىياتى ۋە تۈسداشلىقنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان ياخشى ماتىريالدۇر. (يۈەن يىلەن)

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#