ئېدىنبۇرگ خان جەمەتى ئىلمىي جەمئىيىتى

ئېدىنبۇرگ خان جەمەتى ئىلمىي جەمئىيىتى __ بۇ جەمئىيەت ئەسلىدە 1731-يىلى ئەنگلىيىنىڭ ئېدىنبۇرگ شەھىرىدە مېدىتسىنا بىلىمى سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن قۇرۇلغان.

ئۇيغۇرچە نامى ئېدىنبۇرگ خان جەمەتى ئىلمىي جەمئىيىتى
قۇرۇلغان ۋاقتى 1783-يىلى
باش شىتابى ئەنگلىيەنىڭ ئېدىنبۇرگ شەھىرى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئېدىنبۇرگ خان جەمەتى ئىلمىي جەمئىيىتى __ بۇ جەمئىيەت ئەسلىدە 1731-يىلى ئەنگلىيەنىڭ ئېدىنبۇرگ شەھىرىدە مېدىتسىنا بىلىمى سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن قۇرۇلغان. 1739-يىلى، جەمئىيەتنىڭ پائالىيەت دائىرىسى كېڭىيىپ، پەلسەپە ۋە ئەدەبىياتنى ئۆز ئىچىگە ئالدى ۋە ئېدىنبۇرگ پەلسەپە ئىلمىي جەمئىيىتى دەپ ئاتالغان. خىزمەتلىرى ئارىلىقتا بىرنەچچە يىل توختاپ قالدى. 1783-يىلى ئېدىنبۇرگ خان جەمەتى ئىلمىي جەمئىيىتى رەسمىي قۇرۇلغان. ئىلمىي جەمئىيەت پەلسەپە ئەزالىرىدىن باشقا، تەبىئىي پەن ئەزالىرىنىمۇ كۆپەيتكەن. 1909-يىلى ئېدىنبۇرگ خان جەمەتى ئىلمىي جەمئىيىتى لېكسىيە سۆزلەش زالى، كۈتۈۋېلىش ئۆيى ۋە 160 مىڭ پارچە كىتاب ساقلىغىلى بولىدىغان كۇتۇپخانىسى بار يېڭى ئورۇنغا كۆچكەن.

ئىلمىي جەمئىيەت يەنە بىر قاتار مۇكاپات ۋە مېداللارنى تارقىتىدۇ: نېل مۇكاپاتى ئىككى يىلدا بىر قېتىم تارقىتىلىدۇ، مۇكاپات ئالدىنقى ئىككى يىلدا مۇزېيشۇناسلىق جەھەتتە ئىلمىي جەمئىيەتكە ياخشى ئىلمىي ماقالە سۇنغان شوتلاندىيە تەۋەلىكىدىكى مۇزېيشۇناسقا بېرىلىدۇ. كىس مۇكاپاتى ۋە ماكدوگال-برىسبان مۇكاپاتىمۇ ئىككى يىلدا بىر قېتىم تارقىتىلىدۇ، بۇ مۇكاپات ئالدىنقى ئىككى ليىلدا فىزىكا ۋە بىئولوگىيە جەھەتتە «پەن» ژۇرنىلى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تۆھپە قوشقۇچىلارغا نۆۋەتلەشتۈرۈپ تارقىتىلىدۇ. گۇننىنگ ۋىكتورىيىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇكاپاتى تۆت يىلدا بىر قېتىم تارقىتىلىتىدۇ، بۇ مۇكاپات فىزىكا، خىمىيە ياكى نەزەرىيە ماتېماتىكىسى، ئەمەلىي ماتېماتىكا جەھەتتە ئىجادىي قارىشى بار ئالىملارغا تارقىتىلىدۇ. جامېس سىكوت مۇكاپاتى ئۈچ يىلدا بىر قېتىم تارقىتىلىدۇ، بۇ مۇكاپات تەبىئىي پەن ئاساسىي نەزەرىيىلىرى جەھەتتىكى مۇنەۋۋەر لېكسىيە ياكى ئىلمىي ماقالىگە بېرىلىدۇ. برۇئېس مۇكاپاتى جەنۇبىي، شىمالىي قۇتۇپ ئېكسپېدىتسىيىسىگە بارغان ۋە ئىلمىي تەكشۈرۈش بىلەن شۇغۇللانغان دوكتور برۇئېسنى خاتىرىلەش ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئىككى يىلدا بىر قېتىم تارقىتىلىدۇ، بۇ مۇكاپات ئۆزى قۇتۇپ رايونىغا تەكشۈرۈشكە بارغان ۋە تەبىئىي پەن جەھەتتە روشەن نەتىجىگە ئېرىشكەن ھەرقانداق دۆلەت تەۋەلىكىدىكىلەرگە بېرىلىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#