شەبنەم
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
شەبنەمپاكىستاننىڭ بىر ئەۋلاد كىنو خانىشى شەبنەم 1947-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى بېنگالدا تۇغۇلغان، بېنگال مىللىتىدىن. ئەسلى ئىسمى جارنا باساك بولۇپ، شەبنەم ئۇنىڭ كىنوچىلىق ساھەسىگە كىرگەندىن كېيىن قوللانغان ئىسمى. ئۇ ئىلگىرى بېنگالنىڭ تىياتىر ۋە كىنو ئارتىسى بولۇپ، بىر نەچچە بېنگال تىلىدىكى فىلىمدە رول ئالغان. پاكىستان كىنو ئارتىسى ۋاھىد مۇراد ئۆزىنىڭ بىر فىلىمىدە شەبنەمگە پاكىستاننىڭ كىنوچىلىق ئىشلىرىنى تونۇشتۇرىدۇ.
ئۇ ھازىر بېنگالنىڭ داككادا ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، رېژىسسور، فىلىم ئىشلىگۈچىلىك بىلەن شۇغۇللانماقتا.
1962-يىلى ئوردو تىلىدىكى فىلىم «ئاي»دا باش رول ئېلىپ، بىراقلا شۆھرەت قازىنىدۇ. بۇ فىلىم شۇ يىلى «نىگار» ئەڭ مۇنەۋۋەر فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. شەبنەم ئۆزىمۇ شۇ يىللىق «نىگار» ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ھەمدە «پاكىستاندىكى ئەڭ زور بايقاش» دەپ تەرىپلەنگەن.
1960-يىللاردا ئۇ پاكىستاندىكى ئەڭ ئالقىشلىق ئارتىس بولۇپ قالىدۇ. ئۇ يەنە كەسىپتە تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن بېنگالدىن كاراچىغا كۆچۈپ كېتىدۇ. ئۇ كاراچىغا بارغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئاجايىپ تىرىشچانلىقى بىلەن نۇرغۇن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ ھەمدە پاكىستاندىكى كىنوچىلىق مۇنبىرىدىكى ئورنىغا مۇستەھكەم ئاساس سالغان.
ئۇ 1980-يىللارنىڭ ئاخىرىغا قەدەر پاكىستان كىنوچىلىقىدا ئىزچىل مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ كەلگەن. ئۇنى دۇنيادىكى كىنو مۇنبىرىدە 30 يىلغا يېقىن ئۇدا ئۇتۇق قازانغان بىردىنبىر ئايال ئارتىس دېيىشكە بولىدۇ.
شەبنەم 1958-يىلىدىن 1999-يىلىغىچە 180 دەك فىلىمدە رول ئېلىپ، مۇتلەق كۆپ فىلىمدە ئۇتۇق قازىنىدۇ. ئۇنىڭ پاكىستاننىڭ مەشھۇر كىنو چولپىنى نادىم بىلەن بىرلىكتە رولغا چىققان بىر نەچچە فىلىم ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان.
شەبنەمئۇ باش رولغان «نامسىزلار»، «ئارىلىق» ناملىق ئىككى فىلىم 1984-يىلى ۋە 1985-يىلى دۆلەتلىك كىنو مۇكاپاتىنىڭ «ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال ئارتىس مۇكاپاتى»غا نائىل بولغان.
ئۇ 30 نەچچە يىلدا 13 قېتىم «نىگار» مۇكاپاتىغا، ئۈچ قېتىم «پاكىستان دۆلەت مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن.
ئۇ 1999-يىلى بېنگالدا ئىشلەنگەن كاتتا فىلىم ___ «قەدىرلىك ئانا»دا رول ئالغان، بۇ ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر فىلىمى بولۇپ قالغان. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.