ياقىلا بازىرى

ياقىلا بازىرى

ياقىلا بازىرى كۇچا ناھىيەسىنىڭ شەرقىگە 52 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان،كۆلىمى 214.5 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى ياقىلا بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
يەر مەيدانى 214.5 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق كىلىماتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 雅克拉镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون كۇچا ناھىيەسى
نوپۇسى 540

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ياقىلا بازىرى ياقىلا بازىرىدا كۇچا شەرقىي يولى، كۇكۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى، دۆلەت يولى 314-لىنىيەسى قاتارلىق مۇھىم قاتناش غول لىنىيىسى بار، ئاساسلىقى نېفىت رايونىدىن تەركىب تاپقان. بىر مەمۇرىي كەنت بار، كەنت ئاھالىلىرى ئاساسلىقى بۇغداي، كېۋەز تېرىيدۇ، كالا، قوي باقىدۇ، تارقاق ئەمگەك-مۇلازىمەت كىرىمىنى قوشۇمچە ئىقتىسادىي كىرىم مەنبەسى قىلغان، يەنە يېمەك-ئىچمەك تىجارىتى، سارايۋەنلىك كەسپى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىدۇ.

ياقىلا بازىرى2002-يىلى 3-ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق ياقىلا بازىرى تەسىس قىلىنغان. ياقا بازىرى كۇچا ناھىيەسىنىڭ شەرقىگە 52 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، شەرقتە قوشئاۋات دېھقانچىلىق مەيدانى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەرب، شىمالدا ياقا بازىرى بىلەن، جەنۇبى ياقا، دۆڭقوتان بازىرى بىلەن قوشنا. جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 16.5 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 13 كىلومېتىر، كۆلىمى تەخمىنەن 214.5 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.

 ياقىلا بازىرىنىڭ شىمالىدا كورلا-كۇچا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى، غەربىدە خەن ،تاڭ چوققىسى تۇرىنى كونا ئورنى، جەنۇبىدا دۆڭقوتان كۆلچەك نېفىت مەخسۇس لىنىيىسى، شەرق تەرىپىدە تارىم دەرياسى نېفىتلىكىنىڭ بار، تەۋەلىكىدىكى قاتناش قولايلىق، نېفىت-گاز بايلىقى مول بۇلۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى ئىنتايىن مۇھىم نېفىت-گاز بايلىق چىقىدىغان جاي ۋە ئۆتەڭ. 

ياقىلا بازىرىتەۋەلىكىدىكى ئومۇمىي ئائىلە سانى 124، نوپۇسى 540 كىشى، بازارلىق پارتكوم قارىمىقىدا بازارلىق ئورگان ۋە چۆلئاۋات كەنتىدىن ئىبارەت ئىككى پارتىيە ياچېيكىسى،بىر كەنت ئاھالە كومىتېتى (مەمۇرىي كەنت)، تۆت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار، پارتىيە ئەزاسى 30 نەپەر، «تۆت پېشقەدەم» لەر 5 نەپەر.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#