مىچۇرىن

مىچۇرىن

رۇسىيەنىڭ ئۇلۇغ تەبىئەت ئۆزگەرتكۈچىسى مىچۇرىن 1855-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى بىر نامرات ئائىلىدە تۇغۇلغان. تەبىئەتنى ئۆزگەرتكۈچى بۇ ئۇلۇغ ئەرباپ 1935-يىل 6-ئاينىڭ 7-كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن.

ئۇيغۇرچە ئىسمى مىچۇرىن
باشقا نامى 伊万·弗拉基米洛维奇·米丘林
مىللىتى رۇس مىللىتى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1935-يىل 6-ئاينىڭ 7-كۈنى
ئىتىقادى پراۋوسلاۋىيە دىنى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 米丘林
دۆلەت تەۋەلىكى رۇسىيە
تۇغۇلغان ۋاقتى 1855-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى
كەسپى ئۆسۈملۈكشۇناس، ئاكادېمىك
چەتئەلچە نامى Ivan Vladimirovich Michurin

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مىچۇرىنرۇسىيەنىڭ ئۇلۇغ تەبىئەت ئۆزگەرتكۈچىسى مىچۇرىن ئۆز ھاياتىدا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ 350 نەچچە خىل يېڭى تۈرىنى يارىتىپ، مىچۇرىن ئىنستىتۇتىنى قۇرغان. ئۇ «بىز تەبىئەتنىڭ ئىلتىپاتىنى كۈتۈپ تۇرماي، تەبىئەتتىن نېمەت ئېلىشىمىز كېرەك» دېگەن ھېكمەتلىك سۆزنى ئوتتۇرىغا قويغان. مىچۇرىن 1855-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى بىر نامرات ئائىلىدە تۇغۇلغان. ئۇ كىچىكىدە كۆپ ئوقۇيالمىغان. ئۇنىڭ دادىسى مېۋىلىك دەرەخ ئۆستۈرىدىغان ۋە مېۋىلىك باغقا قارايدىغان ئادەم ئىدى. شۇڭا دائىم مىچۇرىننى باغقا باشلاپ باراتتى. كىچىك مىچۇرىن دادىسىنىڭ مېۋىلىك بېغىدا ئەپچىل ياردەمچى بولۇپ ئىشلەيتتى. شاخلارنى پۇتاش ۋاقتىدا، دادىسىغا قايچا ئېلىپ بېرەتتى. ھاشارەتلەرنى تۇتۇش ۋاقتىدا، دادىسىغا ھاشارەتلەرنى سالىدىغان قاچا ئېلىپ بېرەتتى. بىر كۈنى، ئۇ ئۇشتۇمتۇت دادىسىدىن «ئالمىنىڭ شاخلىرىنى نېمىشقا پۇتايدۇ؟» دەپ سورىغاندا، دادىسى كۈلۈپ كېتىپ «بۇنى بىر ئىككى ئېغىز گەپ بىلەن چۈشەندۈرۈپ بەرگىلى بولمايدۇ، سەن ئاستا-ئاستا چۈشىنىپ قالىسەن» دېگەن. مىچۇرىن 8 يېشىدا ئالما ئۇلاشنى ئۆگىنىۋالىدۇ. بىر قېتىم مىچۇرىن دەرەخنىڭ غولىدىن سۇ تەپچىپ چىققانلىقىنى كۆرۈپ، دادىسىدىن بۇ نېمە ئۈچۈن دەپ سورايدۇ. دادىسى ئۇنىڭغا، بۇ دەرەخ سۇيۇقلۇقى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ دەرەخنىڭ ئوزۇقلۇقى، شاخ-يوپۇرماقلىرىنىڭ ئاينىشى ۋە چېچەكلەپ مېۋە بېرىشىنىڭ ھەممىسى شۇنىڭغا تايىنىدۇ، دەيدۇ. مىچۇرىن بىردىنلا چۈشىنىپ، ئالمىنىڭ شاخلىرىنى نېمە ئۈچۈن پۇتايدىغانلىقىنىڭ تېگى-تەكتىنى چۈشەنگەن. 

تەبىئەتنى ئۆزگەرتكۈچى بۇ ئۇلۇغ ئەرباب 1935-يىل 6-ئاينىڭ 7-كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن.

مىچۇرىن ئون ياشقا كىرگەندە دادىسى ۋاپات بولۇپ كېتىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن كۆپ ئۆتمەي ئۇ شاگىرتلىق ھاياتىنى باشلايدۇ. ئۇ 17 يېشىدا، بىر ۋوگزالدا مال تىزىملىغۇچى بولۇپ ئىشلەپ، ئىككى يىلدىن كېيىن تۇرمۇش قۇرىدۇ. بۇ چاغدا ئۇ باغۋەنچىلىك ئىشىنى يەنىلا ئېسىدىن چىقارمايدۇ، ئۇ بوتانىكىنى ئۆگىنىش بىلەنلا قالماي، ئۆينىڭ كەينىدىكى ئاق يەرنى ئېچىپ، ئۆزى ئىنچىكلەپ تاللىغان ئالما، نەشپۈت ۋە ئالۇچىنىڭ ئۇرۇقىنى تېرىيدۇ. بۇ چاغدا ئۇنىڭ بىردىنبىر ياردەمچىسى ئايالى بولىدۇ. بۇ چاغدا، مىچۇرىننىڭ ئائىلە كىرىمى ناھايىتى ئاز ئىدى. شۇڭا ئۇ بىكار ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ سائەتچىلىك قىلىدۇ. ئۇ يالغۇز جېنىغا ئۈچ ئىشنى قىلىدۇ. بىرىنچىدىن خىزمەتچى بولىدۇ، ئىككىنچىدىن سائەتچىلىك قىلىدۇ، ئۈچىنچىدىن باغۋەنچىلىك قىلىدۇ. سائەتچىلىكتىن قىلغان كىرىمىنى باغۋەنچىلىك تەتقىقاتىغا ئىشلىتىدۇ. ئۇ تۇرغان يەرنىڭ ھاۋاسى ئىنتايىن سوغاق بولۇپ، 2-3 خىللا ئالما، نەشپۈت ۋە ئالۇچا ئۆسەتتى، ئۇ بۇلارنىڭ يېڭى تۈرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشقا بەل باغلايدۇ. مىچۇرىن موسكۋادىن ئۆسۈملۈكلەرگە ئائىت نۇرغۇن كىتاپلارنى سېتىۋېلىپ، ئون قېتىملاپ، يۈز قېتىملاپ بېرىلىپ ئوقۇيدۇ. ئۇ دارۋىننىڭ «تۈرلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى» دېگەن كىتاپىنى كۆرگەندە، خوشال بولۇپ: «تۈرلەر ئۆزگىرىدۇ، دۇرۇس، مەن تامامەن قوشۇلىمەن» دەيدۇ. ئەمىلىيەتنى كۆرۈش ئۈچۈن، مىچۇرىن بىر يىلى كۈزدە سەپەرگە ئاتلىنىدۇ، ئۇ ناھىيلەرنى بىر-بىرلەپ ئارىلاپ چىقىدۇ، ئۇ مېۋىلىك دەرەخلەرنى تۈر جەھەتتىن ھەقىقەتەنمۇ بەك ئاز ئۇچرىتىدۇ. بولۇپمۇ سوغاققا چىداملىق ياخشى سورتلارنى ئاساسەن ئۇچرىتالمايدۇ. ئۇ ئىختىيارسىز ھالدا: «ئېھ روسىيە، نېمانچە قالاقسەن!» دەپ ئۇھسىنىدۇ. بۇ ساياھەتتىن كېيىن، ئۇ ئۆزىنىڭ تەتقىقات ئىشىدا مۇنداق ئىككى چوڭ ۋەزىپىنى بەلگىلەيدۇ: بىرىنچىسى، روسىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا سوغاققا چىداملىق شىرنىلىك، مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ تۈرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش؛ ئىككىنچىسى، جەنۇپنىڭ مېۋىلىك دەرەخلىرىنى پەيدىن-پەي يىراق شىمالغا كۆچۈرۈپ ئۆستۈرۈش. نۇرغۇن كىشىلەر بۇنى ئەمەلگە ئاشمايدىغان ئىش دەپ قارايدۇ، ئەمما مىچۇرىن بولسا ئەمەلگە ئاشماسلىقىغا ئىشەنمەيدۇ. ئۇ جەنۇبنىڭ مېۋىلىك دەرەخلىرىنى شىمالغا كۆچۈرۈش ئۈچۈن، ئۆزى سائەتچىلىك قىلىپ توپلىغان پۇلىنىڭ ھەممىسىنى چىقىرىپ، فلورىز دەرياسىنىڭ بويىدىن يەر سېتىۋېلىپ، يىراقتىن كۆچۈرۈپ كەلگەن تۈرلۈك كۆچەتلەرنى تىكىدۇ. دەسلەپ، ئۇ ئاددى ئۇسۇل ئارقىلىق، جەنۇبنىڭ سۈپەتلىك سورتلىرىنىڭ بىخ نوتىسى شىمالدا ئۆسىدىغان سوغاققا چىداملىق بولغان ئۇلاق تۈپىگە ئۇلايدۇ. نەتىجىدە ئۇلاق تۇتىدۇ، لېكىن قاتتىق سوغاق بولغاندا، ئۇلاقلارنىڭ ھەممىسى ئۈششۈپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قايتا-قايتا تەجرىبە قىلىپ، ئۈزلۈكسىز باش قاتۇرىدۇ. ئەمما مەغلۇبىيەتتىن ھېچ قۇتۇلالمايدۇ، شۇنداق قىلىپ 10 يىللىق قىممەتلىك ۋاقىت ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئۇ باشقا بىر يول تېپىش قارارىغا كېلىدۇ. دەسلەپ سۈنئىي شالغۇتلاشتۇرۇش ۋە سۈنئىي چاڭلاشتۇرۇش ئۇسۇلىنى تەتقىق قىلىدۇ. بۇ تەجرىبە جەريانىدا، ئۇ ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بىر مۇھىم ئالاھىدىلىكىنى-شالغۇتلاشتۇرۇلغان كۆچەتنىڭ تاشقى مۇھىتنىڭ تەسىرىنى ئاسان قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ئىلگىرىكى مەغلۇبىيەتنىڭ يېتىلىپ قالغان ساپ ئۇرۇقىنى ئىشلىتىپ قويغانلىقتىن بولغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىدۇ.

نەچچە ئون يىللىق جاپالىق ئىزلىنىش ئارقىسىدا، مىچۇرىن ئاخىرى: «مۇھىت دەرەخنىڭ خۇسۇسىيىتىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى، مۇھىتنىڭ چېنىقتۇرىشى ئارقىسىدا، ئۆسۈملۈكلەردىمۇ ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىنى» نى چۈشىنىپ يېتىدۇ. كېيىن ئۇ باغىنىڭ بىر بۇلۇڭىدىكى قۇملۇق يەردە ئۈنۈپ قالغان كۆچەتنىڭ بىر قەدەر سوغاققا چىداملىق بولغانلىقىنى بايقاپ قالىدۇ. بۇنىڭدىن ئۇ: «تۇپراق مۇنبەت، مۇھىت شارائىتى ياخشى بولۇپ كەتسە كۆچەتنىڭ جەزمەن نازۇك ئۆسۈپ قېلىپ، سوغاققا چىدىيالمايدىغانلىقىنى» چۈشىنىدۇ-دە، خوشاللىقتىن سەكرەپ: «سوغاققا چىداملىق كۆچەتنى ئاجىز قۇمساڭ يەردە يېتىشتۈرۈش كېرەككەن. يۈرۈڭلار، قۇمساڭ يەرگە كۆچەيلى!» دەيدۇ.

1900-يىلى، مىچۇرىن كوزلوۋ شەھىرىدىن ئىككى كىلومېتىر يىراقلىقتىكى يەردىن بىر قۇمساڭ يەرنى تاپىدۇ، ئۇ يەرگە كۆچەتلەرنى بىر-بىرلەپ كۆچۈرىدۇ. ئۇ بۇ يەردە 7-8 يىل جاپالىق ئەمگەك قىلىپ، ئاخىرى سوغاققا چىداملىق نۇرغۇن ئېسىل مېۋىلىك دەرەخ سوتلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىدۇ. كېيىن، مىچۇرىن يەنە مېۋىنى بالدۇر پىشۇرۇش ئۇسۇلىنى تەجرىبە قىلىدۇ. ئۇ مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق يىراقلىقتىكى جەنۇپنىڭ مېۋىلىك دەرەخلىرىنى شىمالغا كۆچۈرىدۇ. جەنۇبنىڭ بۇ مېۋىلىك دەرەخلىرى ئاخىرى شىمالدا ماكانلىشىدۇ ھەم چېچەكلەپ مول مېۋە بېرىدۇ. مىچۇرىن ئىنتايىن قىيىن شارائىت ئاستىدا، 40 يىلغا يېقىن قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىدۇ. ئۇ ئىلمىي تەتقىقاتتا ناھايىتى زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ، 350 خىل يېڭى سۇلۇق مېۋە ۋە شىرنىلىك مېۋە دەرەخلىرى، ئۇنىڭ ئۆز قولى بىلەن يېتىشتۈرۈشى ئارقىسىدا، باراقسان ئۆسۈپ يېتىلىشكە باشلايدۇ. چار پادىشاھ دەۋىرىدە، مىچۇرىنىڭ خىزمىتىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر خەلقئارادا ئىنتايىن زور دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغايدۇ. ھەتتا ئامېرىكادىكى بىر كاپتالىست ئۇنىڭ ئىشىدىن مەنپەئەت ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى بايقاپ، ئۇنى ئامېرىكىغا بېرىپ تەتقىقات ئىشىنى ئىشلەشكە دەۋەت قىلىدۇ، لېكىن مىچۇرىن ئۆز ۋەتىنىدىن كېتىشنى خالىمايدۇ. ۋەھالەنكى، ئەكسىيەتچىل چار پادىشاھ ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ خىزمىتىگە پەقەت ئەھمىيەت بەرمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۇشۇنداق مۇشەققەتلىك شارائىتتا 42 يىل باغۋەنچىلىك تەتقىقات ئىشىنى ئىشلەيدۇ.

ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن، مىچۇرىننىڭ ئىشى يېڭى ھاياتقا ئىگە بولىدۇ. لېنىن مىچۇرىنىڭ خىزمىتىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ. 1919-يىلى سوۋىت ھۆكۈمىتى مىچۇرىننىڭ تەجرىبە مەيدانىنى دۆلەتنىڭ ھىمايىسى ئاستىغا ئالىدۇ. 1922-يىلى شۇ چاغدىكى پۈتۈن سوۋېت مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى كالىنىن شەخسەن ئۆزى تەجرىبە مەيدانىغا بېرىپ ئۇنى يوقلايدۇ. سوتسىيالىزىم شارائىتىدا مىچۇرىننىڭ باھارى قايتا ياشىرىپ، ئىنقىلابتىن كېيىنكى قىسقىغىنا 17 يىل ئىچىدە، ئۇ يەنە 200 خىلدىن ئارتۇق يېڭى مېۋىلىك دەرەخ سوتلىرىنى ئىجات قىلىدۇ. سوۋېت ھۆكۈمىتى مىچۇرىننىڭ ئۇلۇغ تۆھپىسىنى تەقدىرلەش ئۈچۈن، 1934-يىلى ئۇنىڭ باغۋەنچىلىك تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرلەش ۋاقتىدا، ئۇنىڭغا پەن ۋە تېخنىكا ئەمگەك قەھرىمانى دېگەن نامنى بەرگەن.

[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/1710752.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#