جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى نىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى 2007-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 29- يىغىنىدا ماقۇللانغان.

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى
ماقۇللانغان ۋاقتى 2007-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国就业促进法
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2008-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1-ماددا بۇ قانۇن ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى ماسلاشتۇرۇش، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

2-ماددا دۆلەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئاكتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئەمگەكچىلەر ئۆز ئالدىغا كەسىپ تاللاش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى بازار ئارقىلىق تەڭشەش، ھۆكۈمەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرىدۇ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دائىرىسىنى كۆپ يوللار بىلەن كېڭەيتىدۇ.

3-ماددا ئەمگەكچىلەر باراۋەر ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئۆز ئالدىغا كەسىپ تاللاش ھوقۇقىدىن قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدۇ.

ئەمگەكچىلەر ئىشقا ئورۇنلىشىشتا مىللىتى، ئىرىقى، جىنسى ۋە دىنىي ئېتىقادىنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن كەمسىتىلمەيدۇ.

4-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ مۇھىم نىشانى قىلىپ، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزىدۇ ھەمدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئوتتۇرا ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك يىرىك پىلان ۋە يىللىق خىزمەت پىلانىنى تۈزىدۇ.

5-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىقتىسادنى راۋراجلاندۇرۇش ۋە كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، كەسپىي مائارىپ ۋە تەربىيىلەشنى كۈچەيتىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ياردىمى بېرىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، ئىشقا ئورۇنل ىشىش شارائىتى يارىتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ.

6-ماددا گوۋۇيۈەن مەملىكەت بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىدىكى چوڭ-چوڭ مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ ئەمگەك مەمۇرىي تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىگە كونكرېت مەسئۇل بولىدۇ.

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىدىكى چوڭ-چوڭ مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى ئىش تەقسىماتى بويىچە ئورتاق ياخشى ئىشلەيدۇ.

7-ماددا دۆلەت ئەمگەكچىلەرنىڭ توغرا كەسىپ تاللاش قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارى ۋە ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ؛ ئەمگەكچىلەرنى ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش ۋە ئۆزى ئىش تىپىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار تەرتىپنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىشى ۋە ئۆزى ئىش تېپىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

8-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئۆز ئالدىغا ئادەم ئىشلىتىش ھوقۇقىدىن قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدۇ.

ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار مۇشۇ قانۇن ۋە باشقا قانۇن- نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

9-ماددا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى، مېيىپلار بىرلەشمىسى ۋە باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىگە ماسلىشىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئەمگەك ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قوغدايدۇ.

10-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلەيدۇ ۋە مۇكاپاتلايدۇ.

2-باب سىياسەت جەھەتتە مەدەت بېرىش

11-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى مۇھىم مەسئۇلىيىتى قىلىپ، كەسىپ سىياسىتى بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇشى كېرەك.

12-ماددا دۆلەت ھەر خىل كارخانىلارنىڭ قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن دائىرىدە يېڭى كەسىپنى يولغا قويۇش ياكى تىجارەتنى كېڭەيتىش يولى بىلەن ئىش ئورنىنى كۆپەيتىشىگە ئىلھام بېرىدۇ.

دۆلەت ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپ ۋە مۇلازىمەت كەسپىنى راۋا جلاندۇرۇش، ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنى يۆلەش ئارقىلىق، كۆپ يول، كۆپ خىل شەكىللەر بىلەن ئىش ئورنىنى كۆپەيتىشكە ئىلھام بېرىدۇ.

دۆلەت ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ ۋە قوللايدۇ، يېتەكلەيدۇ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئىش ئورنىنى كۆپەيتىدۇ.

13-ماددا دۆلەت ئىچكى-تاشقى سودا ۋە خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كۆپەيتىدۇ.

14-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ھۆكۈمەت مەبلىغىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە چوڭ-چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى بېكىتىشتە، مەبلەغ سېلىش ۋە چوڭ-چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىش ئورنىنى كۆپەيتىشى كېرەك.

15-ماددا دۆلەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق مالىيە سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، مەبلەغ سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەھۋالى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمەت نىشانىغا ئاساسەن، مالىيە خامچوتىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىگە ئىشلىتىدىغان مەخسۇس مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇشى لازىم.

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەخسۇس مەبلىغى ئىش تونۇشتۇرۇش، كەسپىي جەھەتتىن تەربىيىلەش، جامائەت پاراۋانلىق ئىش ئورنى، كەسپىي ماھارەت باھالاش، مۇئەييەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قاتارلىقلاردا ياردەم پۇل بېرىش، ئاز سوممىلىق قەرز كېپىللىك فوندى ۋە پايدىسى ئاز تۈردىكى ئاز سوممىلىق كېپىللىك قەرز ياردەم ئۆسۈمى شۇنىڭدەك جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىگە يۆلەك بولۇش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەخسۇس مەبلىغىنى ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى بىلەن ئەمگەك مەمۇرىي تارمىقى چىقىرىدۇ.

16-ماددا دۆلەت ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشسىزلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرىدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

17-ماددا دۆلەت كارخانىلارنىڭ ئىش ئورنىنى كۆپەيتىشىگە ئىلھام بېرىدۇ، ئىشسىزلار ۋە مېيىپلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا يۆلەك بولىدۇ، تۆۋەندىكى كارخانا ۋە كىشىلەرگە قانۇن بويىچە باجدا ئېتىبار بېرىدۇ:

(1) دۆلەت بەلگىلىگەن شەرتكە توشقان ئىشسىزلارنى قوبۇل قىلىپ، بەلگىلەنگەن تەلەپكە يەتكەن كارخانىلار؛

(2) ئىشسىزلار قۇرغان ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار؛

(3) مېيىپلارنى بەلگىلەنگەن نىسبەتتە ئورۇنلاشتۇرغان ياكى مېيىپلارنى كۆپ ئىشلەتكەن كارخانىلار؛

(4) يەككە تىجارەت قىلىدىغان، دۆلەت بېكىتكەن شەرتكە توشىدىغان ئىشسىزلار؛

(5) يەككە تىجارەت قىلىدىغان مېيىپلار؛

(6) گوۋۇيۈەن باجدا ئېتىبار بېرىلىدىغانلىقىنى بېكىتكەن باشقا كارخانىلار ۋە كىشىلەر.

18-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 17-ماددىسىنىڭ (4) ، (5) تارماقچىلىرىدا بەلگىلەنگەن كىشىلەرگە ئالاقىدار تارماقلار تىجارەت سورۇنى قاتارلىق جەھەتلەردە ئېتىبار بېرىشى، مەمۇرىي-كەسپىي ھەقنى كەچۈرۈم قىلىشى كېرەك.

19-ماددا دۆلەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق پۇل-مۇئامىلە سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يولىنى كۆپەيتىدۇ؛ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى ياخشىلاپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا بولغان كرېدىت ياردىمىنى ئاشۇرۇشىغا ھەمدە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگەنلەرگە مەلۇم مۇددەتتە ئاز سوممىلىق كرېدىت ياردىمى بېرىشىگە ئىلھام بېرىدۇ.

20-ماددا دۆلەت شەھەر- يېزىلاردا بىر تۇتاش ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، شەھەر، يېزىلاردىكى ئەمگەكچىلەر باراۋەر ئىشقا ئورۇنلىشىدىغان تۈزۈمنى ئورنىتىپ ۋە مۇككەممەللەشتۈرۈپ، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى تەرتىپلىك يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى كىچىك شەھەر-بازار قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە ناھىيىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يېقىن جايدا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلەيدۇ. كىچىك شەھەر-بازار يىرىك پىلانىنى تۈزۈشتە، شۇ رايوندىكى يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇھىم مەزمۇن قىلىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى شەھەرگە تەرتىپلىك يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يىتەكلەيدۇ؛ ئەمگەك كۈچى چىقارغان ۋە كىرگۈزگەن جايدىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ماسلىشىپ، يېزىدىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ شەھەرگە كىرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇھىتى ۋە شارائىتىنى ياخشىلىشى كېرەك.

21-ماددا دۆلەت رايون ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىدۇ، رايونلار ھەمكارلىقىغا ئىلھام بېرىدۇ، ئوخشاش بولمىغان رايونلاردا ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ تەكشى ئېشىشىنى بىر تۇتاش ماسلاشتۇرىدۇ. دۆلەت ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇشقا مەدەت بېرىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ.

22-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شەھەر-بازارلاردىكى يېڭى كۆپەيگەن ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىشسىزلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

23-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، پۈتۈن كۈنلۈك بولمىغان تۈزۈمدە ئەمگەكچى ئىشلىتىش قاتارلىق جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ماس كېلىدىغان ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت سۇغۇرتىسى سىياسىتىنى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە يولغا قويۇپ، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقۇچىلارغا ياردەم بېرىدۇ ۋە مۇلازىمەت قىلىدۇ.

24-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار ئىشسىزلارنىڭ يەككە تىجارەت قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، سىياسەت جەھەتتىن مەسلىھەت بېرىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش جەھەتتە تەربىيىلەش ۋە ئىش باشلاشقا يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

3-باب باراۋەر ئىشقا ئورۇنلىشىش

25-ماددا ھەردەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى باراۋەر ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇھىتى يارىتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش جەھەتتىكى كەمسىتىشنى يوقىتىپ، سىياسەت تۈزۈپ ۋە تەدبىر قوللىنىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىشى كېرەك.

26-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئادەم ئېلىشتا، كەسپىي ۋاسىتىچى ئاپپارات كەسپىي ۋاسىتىچىلىك قىلىشتا، ئەمگەكچىلەرگە باراۋەر ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى ۋە باراۋەر ئىشقا ئورۇنلىشىش شارائىتى ھازىرلاپ بېرىشى، ئىشقا ئورۇنلىشىش جەھەتتە كەمسىتمەسلىكى كېرەك.

27-ماددا دۆلەت ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن باراۋەر ئەمگەك ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئادەم ئېلىشتا، دۆلەت ئاياللارغا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن ئىش تۈرى ياكى ئورۇننى ھېسابقا ئالمىغاندا جىنسىنى باھانە قىلىپ ئاياللارنى ئىشلىتىشنى رەت قىلسا ياكى ئاياللارنى ئىشلىتىش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈۋالسا بولمايدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئىشلەتكەندە، ئەمگەك توختامىدا ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ توي قىلىشىغا، تۇغۇشىغا چەك قويىدىغان مەزمۇنلارنى بەلگىلىسە بولمايدۇ.

28-ماددا ھەرمىللەت ئەمگەكچىلىرى باراۋەر ئەمگەك ھوقۇقىغا ئىگە. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئادەم ئىشلەتكەندە، ئازسانلىق مىللەت ئەمگەكچىلىرىگە قانۇن بويىچە مۇۋاپىق ئېتىبار بېرىشى كېرەك.

29-ماددا دۆلەت مېيىپلارنىڭ ئەمگەك ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ. ھەردەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مېيىپلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، مېيىپلارغا ئىشقا ئورۇنلىشىش شارائىتى يارىتىپ بېرىشى كېرەك. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئادەم ئېلىشتا، مېيىپلارنى كەمسىتسە بولمايدۇ.

30-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئادەم ئېلىشتا، يۇقۇملۇق كېسەل يۇقتۇرغۇچى دېگەن باھانە بىلەن، ئىشلىتىشنى رەت قىلسا بولمايدۇ. لېكىن، تىببىي باھالاشتا، يۇقۇملۇق كېسەل يۇقتۇرغۇچىلار داۋالىنىپ ساقىيىشتىن بۇرۇن ياكى يۇقۇملۇق كېسەل گۇمانى تۈگەشتىن بۇرۇن، قانۇن، مەمۇرىي نىزامدا بەلگىلەنگەن ۋە گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلىگەن شۇغۇللىنىش مەنئى قىلىنغان، يۇقۇملۇق كېسەلنى ئاسان كېڭەيتىۋېتىدىغان خىزمەت بىلەن شۇغۇللانسا بولمايدۇ.

31-ماددا يېزىدىكى ئەمگەكچىلەر شەھەرگە كىرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشتا، شەھەر-بازارلاردىكى ئەمگەكچىلەر بىلەن باراۋەر ئەمگەك ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ، يېزىدىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ شەھەرگە كىرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كەمسىتىلمە چەك قويۇشقا بولمايدۇ.

4-باب ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى قىلىش ۋە باشقۇرۇش

32-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى بىر تۇتاش ئېچىۋېتىلگەن، تەرتىپلىك رىقابەتلىشىدىغان ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا مۇلازىمەت قىلىدۇ.

33-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى قانۇن بويىچە قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى ۋە كەسپىي ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمىتىگە بولغان يېتەكچىلىك ۋە نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، شەھەر-يېزىلاردا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

34-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرىنىڭ ئۇچۇر تورى ۋە ئالاقىدار ئۈسكۈنە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرىنىڭ ئۇچۇر مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بازار ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

35-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتى قۇرۇپ، ئەمگەكچىلەرگە تۆۋەندىكىدەك مۇلازىمەتلەرنى ھەقسىز قىلىدۇ:

(1) ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئائىت سىياسەت ۋە قانۇن-نىزامدىن مەسىلىھەت بېرىش؛

(2) كەسىپ جەھەتتە تەمىنات-تەلەپ ئۇچۇرى، بازاردىكى مائاش يېتەكچى ئۆلچەم ئۇچۇرى ۋە كەسپىي تەلىم-تەربىيە ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىش؛

(3) كەسپىي جەھەتتىن يېتەكلەش ۋە ئىش تونۇشتۇرۇش؛

(4) ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىش؛

(5) ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنى ۋە ئىشسىزلارنى تىزىملاش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىش؛

(6) باشقا ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەتلىرىنى قىلىش. ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى مۇلازىمەت سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى، تىجارەتلىك پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانماسلىقى كېرەك. ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت خىراجىتى شۇ دەرىجىلىك مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈلىدۇ.

36-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى كەسپىي ۋاسىتىچى ئاپپاراتلاردىن جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرىدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى قىلغانلىرىغا بەلگىلىمە بويىچە ياردەم پۇل بېرىدۇ. دۆلەت جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەرنى جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرىدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىگە ئىئانە، ھەدىيە قىلىشقا، ماددىي ياردەم بېرىشىگە ئىلھاملاندۇرىدۇ.

37-ماددا يەرلىك ھەردەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار تىجارەتلىك كەسپىي ۋاسىتىچىلىك ئاپپارات قۇرسا ياكى باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ قۇرسا بولمايدۇ. يەرلىك ھەردەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتى ئادەم ئېلىش يىغىنى ئاچقاندا، ئەمگەكچىلەردىن ھەق ئالسا بولمايدۇ.

38-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار كەسپىي ۋاسىتىچىلىك ئاپپاراتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشىگە ئىلھام بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

39-ماددا كەسپىي ۋاسىتىچىلىك قىلىشتا، قانۇنلۇق بولۇش، سەمىمىي بولۇش ۋە لەۋزىدە تۇرۇش، لىللا بولۇش، ئاشكارا بولۇش پرىنسى پىغا ئەمەل قىلىش كېرەك. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار كەسپىي ۋاسىتىچىلىك ئاپپاراتى ئارقىلىق ئادەم ئېلىشتا، كەسپىي ۋاسىتىچىلىك ئاپپاراتىغا ئىش ئورنى ئېھتىياجى ھەققىدە ئەينەن ئۇچۇر بېرىشى كېرەك. ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ كەسپىي ۋاسىتىچىلىكتىن پايدىلىنىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان سېلىشى مەنئى قىلىنىدۇ.

40-ماددا كەسپىي ۋاسىتىچىلىك ئاپپاراتى قۇرۇشتا تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك:

(1) ئېنىق نىزامنامىسى ۋە باشقۇرۇش تۈزۈمى بولۇش؛

(2) كەسىپنى يولغا قويىدىغان زۆرۈر مۇقىم سورۇنى، ئىشخانا ئەسلىھەسى ۋە مۇئەييەن سوممىدىكى ئىش باشلاش مەبلىغى بولۇش؛

(3) مەلۇم ساندا مۇناسىپ كەسپىي سالاھىيەتنى ھازىرلىغان مەخسۇس خادىمى بولۇش؛

(4) قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا شەرتلەر. كەسپىي ۋاسىتىچىلىك ئاپپاراتى قۇرۇشتا، قانۇن بويىچە مەمۇرىي ئىجازەت ئېلىش كېرەك. ئىجازەت بېرىلگەن كەسپىي ۋاسىتىچىلىك ئاپپاراتى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا تىزىملىتىشى كېرەك. قانۇن بويىچە ئىجازەت ئالمىغان ۋە تىزىملاتمىغان ئاپپارات كەسپىي ۋاسىتىچىلىك بىلەن شۇغۇللانسا بولمايدۇ. چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كەسپىي ۋاسىتىچىلىك ئاپپاراتلىرى ۋە ئەمگەكچىنى چېگرا سىرتىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى قىلىدىغان كەسپىي ۋاسىتىچىلىك ئاپپاراتلىرى ھەققىدە دۆلەتنىڭ ئايرىم بەلگىلىمىسى بولغانلىرى شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

41-ماددا كەسپىي ۋاسىتىچىلىك ئاپپاراتلىرى تۆۋەندىكى ئىشلارنى قىلسا بولمايدۇ:

(1) ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققىدە ساختا ئۇچۇر بېرىش؛

(2) قانۇنلۇق گۇۋاھنامىسى يوق ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا كەسپىي ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمىتى قىلىش؛

(3) كەسپىي ۋاسىتىچىلىك ئىجازەتنامىسىنى ياسىۋېلىش، ئۆزگەرتىۋېلىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش؛

(4) ئەمگەكچىنىڭ كىملىكى ۋە باشقا كىنىشكىلىرىنى تۇتۇپ قېلىش ياكى ئەمگەكچىدىن زالوك ئېلىش؛

(5) قانۇن- نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ باشقا قىلمىشلار.

42-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىشسىزلىق سىگنال تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان بىرقەدەر كەڭ دائىرىلىك ئىشسىزلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشى، ئۇنى تەڭشىشى ۋە تىزگىنلىشى كېرەك.

43-ماددا دۆلەت ئەمگەك كۈچىنى تەكشۈرۈپ ستاتىستىكا قىلىش تۈزۈمى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنى تىزىملاش، ئىشسىزلارنى تىزىملاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئەمگەك كۈچى بايلىقى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالى ۋە ئىشسىزلىق ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ ستاتىستىكا قىلىدۇ ھەمدە تەكشۈرۈپ سىتاتىستىكا قىلىش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىدۇ. ستاتىستىكا تارماقلىرى ۋە ئەمگەك مەمۇرىي تارماقلىرى ئەمگەك كۈچىنى تەكشۈرۈپ ستاتىستىكا قىلىش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنى، ئىشسىزلارنى تىزىملاشتا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ۋە شەخسلەر تەكشۈرۈپ ستاتىستىكا قىلىش ۋە تىزىملاشقا زۆرۈر بولغان ئەھۋاللارنى ئەينەن ئېيتىشى كېرەك.

5-باب كەسپىي مائارىپ ۋە تەلىم-تەربىيە

44-ماددا دۆلەت كەسپىي مائارىپنى قانۇن بويىچە راۋاجلاندۇرۇپ، كەسپىي تەلىم-تەربىيىنى قانات يايدۇرۇشقا ئىلھام بېرىپ، ئەمگەكچىلە رنىڭ كەسپىي ماھارىتىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارى ۋە ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ.

45-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا شۇنداقلا بازار ئېھتىياجىغا قاراپ، كەسپىي ئىقتىدار تەرەققىيات پىلانىنى تۈزىدۇ ھەمدە يولغا قويىدۇ.

46-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كەسپىي ئالىي مەكتەپلەر، كەسپىي ماھارەت يېتىشتۈرۈش ئاپپاراتلىرى ۋە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىن بۇرۇن تەربىيىلەش، ئىش ئورنىدا تەربىيىلەش، قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيىلەش ۋە ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيىلەشنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ؛ ئەمگەكچىلەرنىڭ تۈرلۈك شەكىلدە تەلىم-تەربىيە ئېلىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

47-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار بازار ئېھتىياجى ۋە كەسىپ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە قاراپ، كارخانىلارنىڭ كەسپىي مائارىپ ۋە تەلىم-تەربىيىنى كۈچەيتىشىگە ئىلھام بېرىدۇ ۋە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. كەسپىي ئالىي مەكتەپلەر ۋە كەسپىي ماھارەت يېتىلدۇرۇش ئاپپاراتلىرى كارخانىلار بىلەن بولغان ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن مائارىپنى بىرلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشقا مۇلازىمەت قىلىپ، ياراملىق ئىختىساسلىقلار ۋە مەلىكىلىك ئەمگەكچىلەرنى يېتىشتۈرۈشى كېرەك. كارخانىلار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئىشچى-خىزمەتلەر مائارىپ خىراجىتى ئاجرىتىپ، ئەمگەكچىلەرنى كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيىلىشى ۋە داۋاملىق تەربىيىلىشى كېرەك.

48-ماددا دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ زاپاس ئەمگەكچىلەر تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تولۇقسىز ئوتتۇرا، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگە نلەردىن ئىشقا ئورۇنلىشىش تەلىپى بولغانلىرىنى مەلۇم مۇددەت كەسپىي مائارىپ بويىچە تەربىيىلەپ ۋە يېتىشتۈرۈپ، ئۇلارنى مۇناسىپ كەسپىي سالاھىيەتكە ئېرىشتۈرىدۇ ياكى مۇئەييەن كەسپىي ماھارەتكە ئىگە قىلىدۇ.

49-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە تەربىيىلەشكە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ، ئىشسىزلارنىڭ كەسپىي ماھارىتىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارى ۋە ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ. ئىشسىزلاردىن ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە تەربىيىلەشكە قاتناشقانلىرى ھۆكۈمەتنىڭ تەربىيىلەش ياردەم پۇلىدىن ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە بەھرىمەن بولىدۇ.

50-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، شەھەرگە كىرىپ ئىشقا ئورۇنلاشقان يېزا ئەمگەكچىلىرىنى ماھارەت بويىچە تەربىيىلىنىشكە ئۇيۇشتۇرىدۇ ۋە يېتەكلەيدۇ، تەربىيىلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ شەھەرگە كىرىپ ئىشقا ئورۇنلاشقان يېزا ئەمگەكچىلىرىنى ماھارەت بويىچە تەربىيىلىشىگە ئىلھام بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارى ۋە ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ.

51-ماددا دۆلەت جامائەت خەۋپسىزلىكى، جىسمانىي ساغلاملىق، كىشىلەرنىڭ ھاياتىي ۋە مال-مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكى قاتارلىقلارغا چېتىلىدىغان ئالاھىدە ئىش تۈرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئەمگەكچىلەرگە كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ، كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن چىقىرىدۇ.

6-باب ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش

52-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىشقا ئورۇنلىش ىشقا ياردەم بېرىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باج-ھەقنى ئازايتىش ۋە كەچۈرۈم قىلىش، ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز پۇل بېرىش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياردەم پۇلى بېرىش، ئىش ئورنى ياردەم پۇلى بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، جامائەت پاراۋانلىقى ئىش ئورنىغا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق يوللار بىلەن، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلارغا ئاۋۋال يار- يۆلەك بولىدۇ ۋە نۇقتىلىق ياردەم بېرىدۇ. ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلار سالامەتلىك ئەھۋالى، ماھارىتى، ئائىلە ئامىلى، يەردىن ئايرىلىپ قېلىشقا ئوخشاش سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلارنى شۇنىڭدەك مەلۇم ۋاقىت ئۇدا ئىشسىز قېلىپمۇ ئىشقا ئورۇنلىشالمىغانلارنى كۆرسىتىدۇ. ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلارنىڭ كونكرېت دائىرىسىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ بەلگىلەيدۇ.

53-ماددا ھۆكۈمەت مەبلەغ سېلىپ ياراتقان جامائەت پاراۋانلىقى ئىش ئورۇنلىرىغا ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلاردىن ئىش ئورنى تەلىپىگە لايىق كېلىدىغانلىرىنى ئاۋۋال ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. جامائەت پاراۋانلىقى ئىش ئورنىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلارغا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئىش ئورنى ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ.

54-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاساسىي قاتلامغا ئىشقا ئورۇنلىشىش ياردىمى بېرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلارغا نۇقتىلىق ياردەم بېرىپ، قاراتمىلىقى بولغان ھالدا ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇلازىمىتى قىلىدۇ ۋە جامائەت پاراۋانلىقى ئىش ئورنى ياردىمى بېرىدۇ. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلارنى ماھارەت جەھەتتە تەربىيىلىشىگە، ئىش ئورنى ئۇچۇر مۇلازىمىتى قىلىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

55-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئالاھىدە ياردەم بېرىش تەدبىرى قوللىنىپ، مېيىپلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مېيىپلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك، كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن چىقىرىدۇ.

56-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ، جامائەت پاراۋانلىقى ئىش ئورۇنلىرىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىپ،ئىش ئورنىنى كۆپەيتىپ، شەھەردىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئېھتىياجى بولغان ئائىلىلەردىن ئاز دېگەندە 1 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەمگەك يېشىدىكى ئائىلە ئەزالىرى ئىشسىزلىق ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان شەھەر ئائىلىسى ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى كوچا، مەھەللىلەرنىڭ جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتىغا ئىشقا ئورۇنلىشىش ياردىمى بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. كوچا، مەھەللىلەرنىڭ جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتى راستلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن ئائىلىدىن ئاز دېگەندە 1 كىشىنى مۇۋاپىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.

57-ماددا دۆلەت بايلىقى ئېچىلىدىغان شەھەرلەردە ۋە مۇستەقىل زاۋۇت-كان رايونلىرىدا بازار ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھام بېرىپ، ئەمگەكچىلەرنى باشقا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلەيدۇ. بايلىق تۈگەش ياكى ئىقتىسادىي قۇرۇلما تەڭشىلىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلار يىغىلىپ قالغان جايلارنى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يۆلىشى ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىشى كېرەك.

7-باب نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش

58-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش بويىچە نىشان مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ئورنىتىشى كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش نىشان مەسئۇلىيەت تۈزۈمىدىكى تەلەپكە بىنائەن، قارىمىقىدىكى ئالاقىدار تارماقلار ۋە بىر دەرىجە تۆۋەن خەلق ھۆكۈمىتىنى تەكشۈرىدۇ ۋە نازارەت قىلىدۇ.

59-ماددا ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگانلىرى ۋە مالىيە تارماقلىرى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەخسۇس مەبلىغىنى باشقۇرۇش ۋە ئىشلىتىش ئەھۋالىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشى كېرەك.

60-ماددا ئەمگەك مەمۇرىي تارماقلىرى مۇشۇ قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈپ، پاش قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، مۇشۇ قانۇنغا خىلاپ ئىشلار ھەققىدىكى مەلۇماتىنى قوبۇل قىلىشى ھەمدە ۋاقتىدا ئېنىقلاپ بىرتەرەپ قىلىشى كېرەك.

8-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

61-ماددا ئەمگەك مەمۇرىي تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلانغان، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغانلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

62-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش جەھەتتە كەمسىتكەنلەر ئۈستىدىن ئەمگەكچى خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.

63-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ئالاقىدار تارماقلار ۋە جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تىجارەتلىك كەسپىي ۋاسىتىچىلىك ئاپپاراتى قۇرۇپ، تىجارەتلىك كەسپىي ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمىتى قىلىپ، ئەمگەكچىدىن ھەق ئالغانلىرىنى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل ئورگان سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە، قانۇنغا خىلاپ ئالغان ھەقنى ئەمگەكچىگە قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ ھەمدە بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ.

64-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىجازەت ئالماي ۋە تىزىملاتماي تۇرۇپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن كەسپىي ۋاسىتىچىلىك قىلغانلارنى ئەمگەك مەمۇرىي تارمىقى ياكى باشقا مەسئۇل تارماق قانۇن بويىچە تاقىۋېتىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ. 65-ماددا كەسپىي ۋاسىتىچىلىك ئاپپاراتلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ھەققىدە ساختا ئۇچۇر بەرگەن، قانۇنلۇق گۇۋاھنامىسى يوق ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا كەسپىي ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمىتى قىلغان، كەسپىي ۋاسىتىچىلىك ئىجازەتنامىسىنى ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىۋالغان، ئۆتۈنۈپ بەرگەنلىرىنى ئەمگەك مەمۇرىي تارمىقى ياكى باشقا مەسئۇل تارماق تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ كەسپىي ۋاسىتىچىلىك ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىدۇ.

66-ماددا كەسپىي ۋاسىتىچىلىك ئاپپاراتلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئەمگەكچىنىڭ كىملىكى قاتارلىق كىنىشكىلىرىنى تۇتۇپ قالغانلىرىنى ئەمگەك مەمۇرىي تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە ئەمگەكچىگە قايتۇرۇپ بېرىشكە بۇيرۇيدۇ ھەمدە ئالاقىدار قانۇ ندىكى بەلگىلىمە بويىچە جازالايدۇ. كەسپىي ۋاسىتىچىلىك ئاپپاراتلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ ئەمگەكچىلەردىن زالوك ئالغانلىرىنى ئەمگەك مەمۇرىي تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە ئەمگەكچىگە قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ ھەمدە ھەربىر كىشى ئۈچۈن 500 يۈەندىن يۇقىرى، 2 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن ئۆلچەمدە جەرىمانە قويىدۇ.

67-ماددا كارخانىلاردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مائارىپ خىراجىتىنى ئاجرىتىشتا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلمىغان ياكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مائارىپ خىراجىتىنى ئىشلتىۋالغانلىرىنى ئەمگەك مەمۇرىي تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ھەمدە قانۇن بويىچە جازالايدۇ.

68-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق- مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەن، مال- مۈلكىگە زىيان سالغان ياكى باشقا زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

9-باب قوشۇمچە پرىنسىپ

69-ماددا بۇ قانۇن 2008-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#