تاشكېمىر سەنئىتى

تاشكېمىر سەنئىتى

تاشكېمىر بولسا تاغ جىنىسلىرى، تىك يارغا ئىبادەتخانا سېلىشنى كۆرسىتىدۇ، ھىندىستاندا پەيدا بولغان،كېيىن جۇڭگوغا تارقالغان.

ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى تاشكېمىر سەنئىتى
مىسال موگاۋ تاشكېمىرى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 石窟艺术
مەنبەسى ھىندىستان

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

 تاشكېمىر بولسا تاغ جىنىسلىرى، تىك يارغا ئىبادەتخانا سېلىشنى كۆرسىتىدۇ، ھىندىستاندا پەيدا  بولغان.ھىندىستان جايلاشقان جەنۇبىي ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ كىلىماتى نەم ئىسسىق، يامغۇر پەسلى ئۇزاق بولغاچقا، بۇ ئامىللارنىڭ ھەممىسى دۇئا-ئىبادەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا پايدىسىز؛ شۇڭا ھىندىستانلىقلار ناھايىتى بالدۇرلا قىشتا ئىسسىق يازدا سالقىن بولغان تەبىئىي غارلار ئىچىدە يېتىپ-قوپۇپ باداشقان قۇرۇپ ئولتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن تاۋلاشنى تاللىغان. بۇنداق قۇرۇلۇش ئۇسۇلى شۇنىڭدىن كېيىن جۇڭگوغا تارقالغان، بۇددا دىنى ئۇنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرغان.

تاشكېمىر سەنئىتى ئەڭ دەسلەپتە ھىندىستاندا پەيدا بولغان، كېيىن جۇڭگوغا تارقالغان. باشلانغان ۋاقتى تەخمىنەن 3-ئەسىر (غەربىي جىن) گە، گۈللەنگەن ۋاقتى 5-8ئەسىرگە (ۋېي، جىن، جەنۇبىي-شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدىن تاڭ دەۋرىگىچە)، ئاخىرقى مەزگىلى 16-ئەسىر (مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى) گە توغرا كېلىدۇ. جۇڭگونىڭ تاشكېمىرلىرىنىڭ تارقىلىش دائىرىسى ناھايىتى كەڭ، سانىمۇ كۆپ، مەملىكەتنىڭ ھەرقايىسى جايلىرىدا 100 گە يېقىن چوڭ-كىچىك تاشكېمىر بولۇپ، 30 جايدىكى تاشكېمىر مەملىكەت بويىچە مەدەنىيەت يادىكارلىقىدا نۇجتىلىق قوغدىلىدىغان ئورۇن قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە گەنسۇ دۇنخۈاڭ تاشكېمىرى، سەنشى داتۇڭ تاشكېمىرى، خېنەن لوياڭ لۇڭمېن تاشكېمىرى، شىنجاڭ كۈسەن مىڭ ئۆي تاشكېمىرى، گەنسۈ تىيەنشۈي مەيجىشەن تاشكېمىرى قاتارلىقلار دۇنياغا داڭلىق. تاشكېمىر سەنئىتى بىناكارلىق، ھەيكەلتىراشلىق ۋە تام رەسىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە دۇنخۇاڭ موگاۋ تاشكېمىردىكى تام رەسىملەر ئەڭ كۆپ،ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان. دەسلەپكى مەزگىللەردىكى تام رەسىملىرىدە بۇددا دىنىغا ئائىت ھېكايىلەر مەزمۇنى ئەڭ كۆپ، رەسىملەر ئاددىي، رەڭلىرى سۈرلۈك. تاڭ دەۋرىدە كۆپىنچە غەربىي قىسىمدىكى بۇددا ئېلىنىڭ يەرلىك نەغمە-ناۋا كۆرۈنۈشلىرى ئىپادىلەنگەن بولۇپ، ھەشەمەتلىك بېزەك كاتاكچىلەر، لەرزان ئۇچۇۋاتقان پەرىزاتلار گۈللەنگەن تاڭ دەۋرىدىكى شاد-خۇراملىقنى نامايان قىلغان. يەر شارائىتنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن ھەيكەلتىراشلىق ئۇسۇلىمۇ ئوخشىمىغان، يەنى بەزىلىرى لاي ھەيكەل بولسا، بەزىلىرى تاش ھەيكەل بولغان. يۈنگاڭ تاشكېمىرىدىكى ھەيكەللەردە شىمالدىكى چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى ئىپادىلەنسە، لۇڭمېن تاشكېمىرىدىكى لوشەنە چوڭ بۇتىدا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ئەندىزىسى تۇرغۇزۇلغان.

موگاۋ تاشكېمىرى

موگاۋ تاشكېمىرىموگاۋ تاشكېمىرى 336-يىلىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى يۆ زۇن ئىسمىلىك بىر راھىب بۈگۈنكى گەنسۇنىڭ (يەتتۇسۇ، دەشتى ئاتا) دۇنخۇاڭدىكى سەنۋېيشەن تېغى ئېتىكىدە تۇرۇپ مىڭشا تېغىنىڭ شەرقىي ئېدىرلىقىدا چاقناپ تۇرغان نۇرنى كۆرگەن ۋە مىڭ ئۆي نامايان بولدى دەپ قاراپ، تۇنجى ئۆڭكۆرنى قېزىشقا باشلىغان، مانا شۇندىن كېيىن دۇنياغا مەشھۇر دۇنخۇاڭ موگاۋ تاشكېمىرى ئاتالغان، ئادەتتە مىڭئۆي دەپ ئاتىلىدۇ. موگاۋ تاشكېمىرى ئالدىنقى چىن دەۋرىدە قېزىلشقا باشلاپ، شىمالىي لىياۋ، شىمالىي ۋېي، غەربىي ۋېي، شىمالىي جۇ، سۈي، تاڭ، بەش سۇلالە، سۇڭ، غەربىي شىيا، يۈەن قاتارلىق سۇلالىلەر مەزگىلىدە ۋۇ زېتيەن زامانى (698-يىلى) غا كەلگەندە قېزىلغان غارلار مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن، ھازىر 492 غار، 3000 دىن ئارتۇق رەڭلىك ھەيكەل، 45 مىڭ كىۋادىرات مېتىردىن ئارتۇق تام رەسىمى، تاڭ، سۇڭ زامانىدا ياسالغان بەش ياغاچ ئۆڭكۈر لەمپىسى ساقلانغان.

 موگاۋ تاشكېمىرى بىناكارلىق، ھەيكەلتىراشلىق، تام رەسىملىرى بىر گەۋدىلەشكەن ئۇنىۋېرسال سەنئەت گۆھىرى. تاشكېمىرىلەر شەكلى ھەرخىل، ھىندىستان ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك شەكىللىرى تولۇق گەۋدىلەنگەن. ھەيكەلتىراشلىق، رەسساملىق بىرلەشكەن، ئوبرازلار جانلىق، نەپىس، بولۇپمۇ سۈي، تاڭ دەۋرىدىكى رەڭلىك ھەيكەللەر ناھايتى نەپىس.

دۇنخۇاڭ قەدىمكى دەۋرىدىكى جۇڭگو-غەرب مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىدىكى مۇھىم ئۆتەڭ، موگاۋ تاشكېمىرى سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتى غەربىي يۇرت بۇددا دىنى سەنئىتنىڭ بىۋاستە تەسىرىگە ئۇچراپلا قالماي، يەنە بەدەن ئاناتومىيىسى ۋە يورۇق-تۇتۇق بوياش قاتارلىق ئىپادىلەش ئۇسۇلىنىمۇ قوبۇل قىلغان.

يۈنگاڭ تاش غارى

يۈنگاڭ تاش غارىيۈنگاڭ تاش غارى ئېلىمىزدىكى ئەڭ چوڭ تاش غارىنىڭ بىرى، دۇنخۇاڭ موگاۋ غارى، لوياڭدىكى لۇڭمېن تاش غارى ۋە مەيجىشەن تاشكېمىرى بىلەن جۇڭگونىڭ تۆت چوڭ تاش غار سەنئىتى خەزىنىسى ھېساپلىنىدۇ. يۈننەن ئۆلكىسى داتۇڭ شەھىرىنىڭ 16 كىلومېتىر غەربىدىكى ۋۇجوۋ تېغىغا جايلاشقان،شەرق غەرب ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن بىر چاقىرىم بۇلۇپ ھەيۋەتلىك،مەزمۇنى مول. ھازىر 45 غار،252 چوڭ-كىچىك بۇت تەكچىسى،5 مىليون 1 مىڭدىن ئارتۇق ھەيكەل ساقلانغان، مىلادىيە 5-، 6 -ئەسىردىكى جۇڭگونىڭ بۇددا دىنى تاشكېمىر سەنئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە دارياۋدىكى 5  غارنىڭ ياسىلىشى بىردەك بۇلۇپ جۇڭگو بۇددا دىنى تاشكېمىر سەنئىتىنىڭ گۈللەنگەن دەۋرىدىكى ۋەكىللىك ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ.

لوڭمېن غارى 

لوڭمېن غارىلوڭمېن تاشكېمىرى جۇڭگونىڭ داڭلىق ئۈچ چوڭ تاش ئويما سەنئىتى خەزىنىسىنىڭ بىرى، خېنەن ئۆلكىسى لوياڭ شەھىرىنىڭ جەنۇبىغا  12 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى يىشۈي دەرياسىنىڭ  ئىككى قىرغىقىغا جايلاشقان. شىمالىي ۋېي سۇلالىسى دەۋرىدىن شىمالىي سۇڭ سۇلالىسىگىچە  400 نەچچە يىل قېزىلغان بولۇپ، 2100 دىن كۆپرەك بۇت تەكچىسى، 10 مىڭدىن ئارتۇق ھەيكەل، 3600 دىن تاش پۈتۈك بۇيۇم ساقلانغان، كۆپىنچە يىشۈي دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان. سانىنىڭ كۆپلىكى بىلەن جۇڭگونىڭ ھەرقايسى چوڭ تاش غار ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە « لۇڭمېن يىگىرمە پارە » ۋېي ئابىدە يېزىقى خەتتاتلىقىنىڭ جەۋھىرى، تاڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى مەشھۇر خەتتات چۇ سۈيلياڭنىڭ ئەسىرى « يىجۆ بۇت تەكچىسى ئابىدىسى » بولسا كەيشۇ سەنئتىنىڭ ئۈلگىسى ھېسابلىنىدۇ.

مەيجىشەن تاشكېمىرى 

مەيجىشەن تاشكېمىرىمەيجىشەن تاشكېمىرى جۇڭگونىڭ تۆت چوڭ تاش غار بىرى. مەيجىشەن تاشكېمىرى مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى، شۇنداقلا دۇنياغا داڭلىق سەنئەت خەزىنىسى ھېسابلىنىدۇ. مەيجىشەن تېغى گەنسۇ ئۆلكىسى تيەنشۈي شەھىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا تەخمىنەن 35 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، ئېلىمىز چىنلىڭ تاغ تىزمىسى غەربىي كىچىك لۇڭشەن تېغى ئىچىدىكى بىر ئاجايىپ چوققا ،دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1742 مېتىر، لېكىن يەر يۈزىدىن پەقەت 142 مېتىر ئېگىز،تاغ شەكلى غەلىتە، يالغۇز چوققىلار چوقچىيىپ تۇرىدىغان بۇلۇپ بۇغداي دۆۋىسىگە ئوخشايدۇ، شۇڭا كىشىلەر ئۇنى مەيجىشەن تېغى دەپ ئاتىغان.

تيەنتى تېغى تاش غارى

تيەنتى تېغى تاش غارىتيەنتى تېغى تاش غارى تارىختا لياڭجۇ تاش غارى دەپ ئاتالغان، غار ئالدىدا ۋە ئىبادەتخانا بار، يەرلىك كىشىلەر ئادەتتە دافو ئىبادەتخانىسى دەپ ئاتايدۇ، يەنە بىر ئىسمى، ۋۇۋېي شەھىرىنىڭ جەنۇبىغا 50 كىلومېتىر كېلىدىغان پەلەمپەي تىك يار گەۋدىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان، ئېلىمىزنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى تاشكېمىرلىرىنىڭ بىرى.تاغلار پەلەككە تاقاشقان، تاغ ئۈستىدە تاش پەلەمپەيلەر بار،يول ئېگىز-پەس بۇلۇپ ئاسما شوتىغا ئوخشايدۇ، شۇڭا تيەنتى تېغى دەپ ئاتالغان.تاغ چوققىسى يىل بويى قار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدىغان بۇلۇپ، ئادەتتە « قار شوتىسى » دەپمۇ ئاتىلىدۇ، لياڭجۇدىكى سەككىز مەنزىرىلىك جاينىڭ بىرى. تاش غار ئىچىدە چوڭ بۇت ئولتۇرغان، ئۇنىڭ بەدىنىنى نېپىز بۇلۇت ئوراپ تۇرغان بۇلۇپ، بىر پارچە تاغ، سۇ،بۇت، بۇلۇت بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ كەتكەن ھەيۋەتلىك مەنزىرىنى شەكىللەندۈرگەن، لياڭجۇدىكى داڭلىق ساياھەت رايونىدۇر. 

بۇددا دىنى تاشكېمىر سەنئىتى جۇڭگونىڭ قەدىمكى دەۋرىدىن تارقلىپ كەلگەن دنىي سەنئەت، شۇنداقلا بۈگۈنكى كىشلەرنىڭ جۇڭگونىڭ قەدىمكى دەۋر جەمئىيىتنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، دىن، گۈزەل سەنئەت، بىناكارلىق كۆپ تەرەپلىرىنى تەتقىق قىلىشىدىكى ئىنتايىن قىممەتلىك ئوبرازلىق ماتېرىيال.[1][0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#