ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالىدىكى كۆلىمى ئەڭ زور ئۇنىۋېرسال خەلقئارا يەرمەنكە — ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى 1992 – يىلدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان بولۇپ ، ھەر يىلى 9 – ئاينىڭ 1 –كۈنىدىن 8 – كۈنىگىچە شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ . ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى يېڭى ئاسىيا – ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكى ئارقىلىق ، جۇڭگونىڭ شەرقى ۋە غەربىدىكى بازارلار بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ چوڭ بازارلىرىنى زىچ باغلاپ ، يېڭى بازار ئېچىشتىكى كۆۋرۈك ۋە كۆزنەك بولۇپ كەلدى .
ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى : ئېمپورت – ئېكسپورت سودىسى ئۈستىدە كېڭىشىش ، سىرت بىلەن بولغان ئىقتىساد – تېخنىكا ھەمكارلىقى ئۈستىدە كېڭىشىش ، دۆلىتىمىزنىڭ شەرقى ۋە غەربىنىڭ ئىقتىسىادىي جەھەتتىكى ھەمكارلىقى ، تاشقى ئىقتىساد – تېخنىكا ھەمكارلىقى ئۈستىدە كېڭىشىش ، يېڭى مەھسۇلات ، يېڭى تېخنىكا ، يېڭى تۈرلەرنى كۆرگەزمە قىلىشتىن ئىبارەت .[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
شىنخۇا تورى
خەتكۈچلەر:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.