جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قانۇنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قانۇنى

‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قانۇنى›› 2010–يىل 10–ئاينىڭ 28–كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 17 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى يولغا قۇيۇلۇپ ئېلان قىلىنغان.

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قانۇنى
ئېلان قىلغان ئورگان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمي كومىتېتى
يولغا قۇيۇلغان ۋاقىت 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国社会保险法
ئېلان قىلغان ۋاقىت 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قانۇنى‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قانۇنى›› 2010–يىل 10–ئاينىڭ 28–كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 17 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى يولغا قۇيۇلۇپ ئېلان قىلىنغان.

1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1 – ماددا بۇ قانۇن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مۇناسىۋىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇش جەھەتتىكى قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداپ، پۇقرالارنى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن بەھرىمەن قىلىش، جەمئىيەتنىڭ ئىناق ۋە مۇقىم بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن چىقىرىلدى.

2 – ماددا دۆلەت ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى، تۇغۇت سۇغۇرتىسى قاتارلىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، پۇقرالارنىڭ ياشانغان، كېسەل بولغان، ئىشتا يارىلانغان، ئىشسىز قالغان، تۇغۇتلۇق بولغان ئەھۋاللاردا دۆلەت ۋە جەمئىيەتنىڭ قانۇن بويىچە ماددىي ياردىمىگە ئېرىشىش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

3 – ماددا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تۈزۈمىنى يولغا قويۇشتا كەڭ قاپلاش، ئاساسنى كاپالەتلەندۈرۈش، كۆپ قاتلاملىق بولۇش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا سەۋىيەسىنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات سەۋىيەسىگە لايىقلاشتۇرۇش كېرەك.

4 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدىكى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە شەخسلەر قانۇن بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرغاندا، ھەق تاپشۇرۇش خاتىرىسىنى، شەخسلەرنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىگە دائىر خاتىرىنى سۈرۈشتۈرۈشكە، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپاراتلاردىن ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى سۈرۈشتۈرۈپ بېرىشكە ئالاقىدار مۇلازىمەتلەرنى قىلىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

شەخسلەر ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتىدىن قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولۇشتا، شۇ ئورۇننىڭ ئۆزى ئۈچۈن ھەق تاپشۇرۇش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

5 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىشلىرىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزىدۇ.

دۆلەت ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەبلىغىنى كۆپ يوللار بىلەن غەملەيدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىشلىرىغا تېگىشلىك خىراجەت مەدىتى بېرىدۇ.

دۆلەت باج ئېتىبار سىياسىتى ئارقىلىق، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىشلىرىغا مەدەت بېرىدۇ.

6 – ماددا دۆلەت ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنى قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.

گوۋۇيۈەن ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنىڭ بىخەتەر ۋە ئۈنۈملۈك ئىشلىتىلىشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، جەمئىيەتتىكى ساھەلەرنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنى نازارەت قىلىشقا قاتنىشىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ. 

7 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، گوۋۇيۈەننىڭ باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى مۇناسىۋەتلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا خىزمىتىگە مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مەسئۇل بولىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارماقلىرى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى مۇناسىۋەتلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا خىزمىتىگە مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مەسئۇل بولىدۇ.

8 – ماددا ئىجتىمائىي سۇغۇرتابېجىرگۈچى ئاپپارات ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مۇلازىمىتى قىلىدۇ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى تىزىملاش، شەخسىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى خاتىرىلەش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتىنى بېرىش خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولىدۇ.

9 – ماددا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغدايدۇ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا دائىر چوڭ – چوڭ ئىشلار ھەققىدىكى مۇھاكىمىگە ئارىلىشىپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا نازارەتچىلىك كومىتېتىغا قاتنىشىشقا، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا جەھەتتىكى ھوقۇق – مەنپەئىتىگە ئالاقىدار ئىشلارنى نازارەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

2 – باب ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى

10 – ماددا ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشى كېرەك، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا ھەققىنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئىشچى – خىزمەتچىلەر بىرلىكتە تاپشۇرىدۇ.

ياللانما ئىشچىسى بولمىغان يەككە سودا – سانائەتچىلەر، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇندا ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشمىغان، پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدە بولمىغان كەسىپكارلار، شۇنىڭدەك جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقان باشقا كىشىلەر ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىپ، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا ھەققىنى ئۆزى تاپشۇرسا بولىدۇ.

مەمۇرلار ۋە مەمۇرلار قانۇنىدىن پايدىلىنىپ باشقۇرۇلىدىغان خادىملارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

11 – ماددا ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىدا جەمئىيەت بىر تۇتاش غەملەش بىلەن شەخسىي ئىسچوت ئېچىش بىرلەشتۈرۈلىدۇ.

ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا فوندى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە شەخسلەر تاپشۇرغان ھەق، شۇنىڭدەك ھۆكۈمەت ياردەم پۇلى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپىدۇ.

12 – ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، شۇ ئورۇندىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەر مائاشى ئومۇمىي سوممىسىنىڭ نىسبىتى بويىچە ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇپ، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى غەملىمە فوندىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

ئىشچى – خىزمەتچىلەر دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، مائاشىنىڭ نىسبىتى بويىچە ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇپ، شەخسىيلەرنىڭ ئىسچوتىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

ياللانما ئىشچىسى بولمىغان يەككە سودا – سانائەتچىلەر، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردا ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشمىغان، پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدە بولمىغان كەسىپكارلار، شۇنىڭدەك جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىپ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان باشقا كىشىلەر دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇپ، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا غەملىمە فوندى ۋە شەخسىي ئىسچوتىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

13 – ماددا دۆلەت كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلاردىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشتىن بۇرۇن ھەق تاپشۇرىدۇ دەپ قارالغان يىل چېكىدە تاپشۇرىدىغان ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا ھەققىنى ھۆكۈمەت ئۈستىگە ئالىدۇ.

ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا فوندى چىقىمغا يەتمىگەندە، ھۆكۈمەت ياردەم پۇل بېرىدۇ.

14 – ماددا شەخسىي ئىسچوتتىن مۇدەتتىن بۇرۇن چىقىم قىلىشقا، ئىسچوتنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى بانكىنىڭ قەرەللىك ئامانەت پۇل ئۆسۈمىدىن تۆۋەن قىلىپ قويۇپ، ئۆسۈم بېجىنى كەچۈرۈم قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ. ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ شەخسىي ئىسچوتىدىكى قالدۇققا ۋارىسلىق قىلىشقا بولىدۇ.

15 – ماددا ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى غەملىمە كۈتۈنۈش پۇلى ۋە شەخسىي ئىسچوتتىكى كۈتۈنۈش پۇلىدىن تەركىب تاپىدۇ.

ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى شەخسلەرنىڭ جەمئىي ھەق تاپشۇرغان يىل چېكى، ھەق تاپشۇرۇلىدىغان مائاشى، شۇ جايدىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشى، شەخسىي ئىسچوتتىكى سومما، شەھەر – بازار ئاھالىسىنىڭ ئوتتۇرىچە مۆلچەر ئۆمرى قاتارلىق ئامىللارغا قاراپ بېكىتىلىدۇ.

16 – ماددا ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان شەخسىيلەردىن قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىغا يەتكەندە جەمئىي ھەق تاپشۇرغان ۋاقتى 15 يىلغا توشقانلىرى ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى ھەر ئايدا ئالىدۇ.

ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان شەخسلەردىن قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىغا يەتكەندە جەمئىي ھەق تاپشۇرغان ۋاقتى 15 يىلغا توشمىغانلىرى 15 يىل توشقىچە ھەق تاپشۇرۇپ، ھەر ئايدا ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ئالسا بولىدۇ؛ يېزا يېڭىچە ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا ياكى شەھەر – بازار ئاھالىسى ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا يۆتكەپ، گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مۇناسىپ كۈتۈنۈش سۇغۇرتا تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولسىمۇ بولىدۇ.

17 – ماددا ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان شەخسلەردىن كېسەل سەۋەبى بىلەن ياكى ئىشتىن باشقا سەۋەب بىلەن ئۆلۈپ كەتكەنلىرىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى دەپنە ياردەم پۇلى ۋە نەپىقە پۇلى ئالسا بولىدۇ؛ قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىغا توشماي تۇرۇپ كېسەل سەۋەبى ياكى ئىشتىن باشقا سەۋەب بىلەن مېيىپ بولۇپ، ئەمگەك ئىقتىدارىدىن پۈتۈنلەي قالغانلىرى كېسەلمەنلەر ۋە مېيىپلەر ياردەم پۇلى ئالسا بولىدۇ. كېرەكلىك مەبلەغ ئاساسىي كۈتۈنۈش فوندىدىن بېرىلىدۇ.

18 – ماددا دۆلەت ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى تەڭشەپ تۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىدۇ.

ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشىنىڭ ئۆسۈشى ۋە باھانىڭ ئۆرلىشىگە قاراپ، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا تەمىناتى سەۋىيەسى مۇۋاپىق پەيتتە ئۆستۈرۈلىدۇ.

19 – ماددا غەملىگۈچى جايدىن باشقا جايدا ئىشقا ئورۇنلاشقان شەخسلەرنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا مۇناسىۋىتى ئۆزى بىلەن بىللە يۆتكىلىدۇ، ھەق تاپشۇرغان يىل چېكى قوشۇپ ھېسابلىنىدۇ. شەخسلەر قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىغا توشقاندا، ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى باسقۇچ بويىچە ھېسابلىنىپ، بىر تۇتاش بېرىلىدۇ، كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

20 – ماددا دۆلەت يېزا يېڭىچە ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، يېزا يېڭىچە ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىدا شەخسلەر ھەق تاپشۇرۇش، كوللېكتىپ، ھۆكۈمەت ياردەم بېرىش بىرلەشتۈرۈلىدۇ.

21 – ماددا يېزا يېڭىچە ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا تەمىناتى ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ۋە شەخسىي ئىسچوتتىكى كۈتۈنۈش پۇلىدىن تەركىب تاپىدۇ.

يېزا يېڭىچە ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان يېزا ئاھالىسىدىن دۆلەت بەلگىلىگەن شەرتكە توشىدىغانلىرى يېزا يېڭىچە ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا تەمىناتى ئالىدۇ.

22 – ماددا دۆلەت شەھەر – بازار ئاھالىسى ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ، شەھەر – بازار ئاھالىسى ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى بىلەن يېزا يېڭىچە ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى بىللە يولغا قويسا بولىدۇ.

3 – باب ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى

23 – ماددا ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشى كېرەك، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا ھەققىنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ۋە ئىشچى – خىزمەتچىلەر دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە بىرلىكتە تاپشۇرىدۇ.

ياللانما ئىشچىسى بولمىغان يەككە سودا – سانائەتچىلەر، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇندا ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشمىغان، پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدە بولمىغان كەسىپكارلار، شۇنىڭدەك جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقان باشقا كىشىلەر ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىپ، دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرسا بولىدۇ.

24 – ماددا دۆلەت يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشنى باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

25 – ماددا دۆلەت شەھەر – بازار ئاھالىسى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

شەھەر – بازار ئاھالىسى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدا شەخسلەر ھەق تاپشۇرۇش بىلەن ھۆكۈمەت ياردەم پۇل بېرىش بىرلەشتۈرۈلىدۇ.

ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلار، ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالغان مېيىپلەر، تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەردىكى 60 ياشتىن ئاشقانلار، شۇنىڭدەك قۇرامىغا يەتمىگەنلەر شەخسىي تاپشۇرىدىغان قىسمىغا ھۆكۈمەت ياردەم پۇل بېرىدۇ.

26 – ماددا ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا تەمىنات ئۆلچىمى، يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتا تەمىنات ئۆلچىمى ۋە شەھەر – بازار ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا تەمىنات ئۆلچىمى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ.

27 – ماددا ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان شەخسلەردىن قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىغا يەتكەندە جەمئىي ھەق تاپشۇرغان ۋاقتى دۆلەت بەلگىلىگەن يىل چېكىگە يەتكەنلىرى پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرماي، دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا تەمىناتى ئالىدۇ؛ دۆلەت بەلگىلىگەن يىل چېكىگە يەتمىگەنلىرى دۆلەت بەلگىلىگەن يىل چېكى توشقىچە ھەق تاپشۇرسا بولىدۇ.

28 – ماددا ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا دائىرىسىدىكى دورا كاتالوگى، داۋالاش تۈرى، داۋالاش مۇلازىمەت ئەسلىھەسى ئۆلچىمىگە توشىدىغان داۋالاش خىراجىتى، شۇنىڭدەك جىددىي داۋالاش، قۇتقۇزۇش خىراجىتى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا فوندىدىن چىقىم قىلىنىدۇ.

29 – ماددا سۇغۇرتىغا قاتناشقانلارنىڭ داۋالىنىش خىراجىتىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش فوندىدىن چىقىم قىلىنىدىغان قىسمىنى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپارات بىلەن داۋالاش ئاپپاراتى، دورا تىجارىتى ئورۇنلىرى بىۋاسىتە راسچوت قىلىدۇ.

ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى ۋە سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى باشقا جايدا داۋالانغانلارنىڭ داۋالىنىش خىراجىتىنى راسچوت قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقانلارنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

30 – ماددا تۆۋەندىكى داۋالىنىش خىراجىتى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا فوندىدىن چىقىم قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمەيدۇ:

(1) ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندىدىن چىقىم قىلىنىدىغان خىراجەت؛

(2) 3 – كىشى چىقىرىدىغان خىراجەت؛

(3) جامائەت ساغلاملىقى خىراجىتىدىن چىقىرىلىدىغان خىراجەت؛

(4) چېگرا سىرتىدا داۋالىنىشقا كەتكەن خىراجەت.

داۋالىنىش خىراجىتىنى قانۇن بويىچە 3 – كىشى چىقىرىدىغان تۇرۇقلۇق، چىقارمىسا ياكى 3 – كىشىنى بېكىتكىلى بولمىسا، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا فوندىن چىقىم قىلىنىپ تۇرۇلىدۇ، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا فوندى چىقىم قىلغان پۇلنى، 3 – كىشىدىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.

31 – ماددا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپارات باشقۇرۇش مۇلازىمىتى ئېھتىياجىغا قاراپ داۋالاش ئاپپاراتى، دورا تىجارەت ئورۇنلىرى بىلەن مۇلازىمەت كېلىشىمى تۈزۈپ، داۋالاش مۇلازىمىتىنى قېلىپلاشتۇرسا بولىدۇ.

داۋالاش ئاپپاراتلىرى سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىغا مۇۋاپىق، زۆرۈر داۋالاش مۇلازىمىتى قىلىشى كېرەك.

32 – ماددا غەملىگۈچى جايدىن باشقا جايدا ئىشقا ئورۇنلاشقان شەخسلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا مۇناسىۋىتى شۇ كىشى بىلەن بىللە يۆتكىلىپ، ھەق تاپشۇرغان يىل چېكى قوشۇپ ھېسابلىنىدۇ.

4 – باب ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى

33 – ماددا ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشى كېرەك، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا ھەققىنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تاپشۇرىدۇ، ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرمايدۇ.

34 – ماددا دۆلەت ساھەلەرنىڭ پەرقلىق ھەق نىسبىتىنى ئوخشاش بولمىغان ساھەلەردىكى ئىشتا يارىلىنىش خەۋپ – خەتىرىنىڭ دەرىجىسىگە قاراپ بېكىتىش ھەمدە ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندىنى ئىشلىتىش، ئىشتا يارىلىنىش ھادىسىسىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى قاتارلىق ئەھۋاللارغا قاراپ، ھەر بىر ساھەنىڭ ئىچكى قىسمىدا ھەق نىسبىتىنىڭ دەرىجىسىنى بېكىتىدۇ. ساھەلەرنىڭ پەرقلىق ھەق نىسبىتى ۋە ساھەنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ھەق نىسبىتىنىڭ دەرىجىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى بېكىتىپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن ئېلان قىلىپ يولغا قويىدۇ.

ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپارات ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار تاپشۇرىدىغان ھەق نىسبىتىنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئىشتا يارىلىنىش فوندىنى ئىشلىتىش ئەھۋالى، ئىشتا يارىلىنىش ھادىسىسىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى ۋە ئۇلار قاراشلىق ساھەنىڭ ھەق نىسبىتى دەرىجىسى قاتارلىق ئەھۋاللارغا قاراپ بېكىتىدۇ.

35 – ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن شۇ ئورۇندىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ مائاش ئومۇمىي سوممىسى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپارات بېكىتكەن ھەق نىسبىتى بويىچە ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇشى كېرەك.

36 – ماددا ئىشچى – خىزمەتچىلەردىن ئىشتا ھادىسە يۈز بېرىپ زەخىملەنگەن ياكى كەسىپ كېسىلى بولغان، يەنە كېلىپ ئىشتا يارىلانغانلىقى بېكىتىلگەنلىرى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ؛ ئۇلاردىن ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالغانلىقى بېكىتىلگەنلىرى مېيىپلىك تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىش ۋە ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش ئاددىي، قولايلىق بولۇشى كېرەك.

37 – ماددا ئىشچى – خىزمەتچىلەردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى تۈپەيلىدىن خىزمەتتە تالاپەتكە ئۇچرىغانلىرى ئىشتا يارىلاندى، دەپ قارالمايدۇ:

(1) قەستەن جىنايەت ئۆتكۈزۈش؛

(2) مەست بولۇش ياكى زەھەر چېكىش؛

(3) مېيىپ بولۇۋېلىش ياكى ئۆلۈۋېلىش؛

(4) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.

38 – ماددا ئىشتا يارىلىنىش سەۋەبىدىن پەيدا بولغان تۆۋەندىكى خىراجەتلەر دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندىدىن چىقىم قىلىنىدۇ.

(1) ئىشتا يارىلانغانلارنى داۋالاش خىراجىتى ۋە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىراجىتى؛

(2) كېسەلخانىدا يېتىش تاماق ياردەم پۇلى؛

(3) غەملىگۈچى جايدىن باشقا جايدا داۋالانغانلارنىڭ قاتناش، تاماق – ياتاق پۇلى؛

(4) مېيىپلىك قوشۇمچە سايمانلىرىنى سالدۇرۇش خىراجىتى؛

(5) ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش كومىتېتى تۇرمۇشتا ھاجىتىدىن چىقالمايدىغانلار ئۈچۈن بېكىتكەن ھالىدىن خەۋەر ئېلىش پۇلى؛

(6) بىر يولىلا بېرىلىدىغان مېيىپلىك ياردەم پۇلى ۋە 1 – دەرىجىدىن 4 – دەرىجىگىچە بولغان مېيىپ ئىشچى – خىزمەتچىلەرگە ھەر ئايدا بېرىلىدىغان مېيىپلىك ياردەم پۇلى؛

(7) ئەمگەك توختامى ئاخىرلاشقان ياكى بىكار قىلىنغاندا بىر يولىلا بېرىلىدىغان داۋالىنىش ياردەم پۇلى؛

(8) ئىشتا ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە بېرىلىدىغان دەپنە ياردەم پۇلى، تۇغقانلىرىنى باقىدىغان نەپىقە پۇلى ۋە ئىشتا ئۆلۈپ كەتكەنلەر ياردەم پۇلى؛

(9) ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش پۇلى.

39 – ماددا ئىشتا يارىلىنىش سەۋەبىدىن پەيدا بولغان تۆۋەندىكى خىراجەتلەرنى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن چىقىرىدۇ:

(1) ئىشتا يارىلانغانلارنىڭ داۋالانغان مەزگىلدىكى مائاشى، پاراۋانلىقى؛

(2) 5 – ، 6 – دەرىجىلىك مېيىپ ئىشچى – خىزمەتچىلەرگە ھەر ئايدا بېرىلىدىغان مېيىپلىك قوشۇمچە پۇلى؛

(3) ئەمگەك توختامى ئاخىرلاشقان ياكى بىكار قىلىنغاندا بىر يولىلا بېرىلىدىغان مېيىپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم پۇلى.

40 – ماددا ئىشتا يارىلانغان ئىشچى – خىزمەتچىلەردىن ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا پۇلىئېلىش شەرتىگە توشىدىغانلىرىغا مېيىپلىك قوشۇمچە پۇلى توختىتىلىپ، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا تەمىناتى بېرىلىدۇ. ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا تەمىناتى مېيىپلىك قوشۇمچە پۇلىدىن ئاز بولۇپ قالغانلىرىنىڭ كەم قىسمى ئىشتا يارىلىنىش فوندىدىن تولۇقلاپ بېرىلىدۇ.

41 – ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا ھەققىنى قانۇن بويىچە تاپشۇرمىغان بولسا، ئىشتا يارىلىنىش ھادىسىسى يۈز بەرگەندە، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا تەمىناتىنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بېرىدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بەرمىسە، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندىدىن بېرىپ تۇرۇلىدۇ.

ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندىدىن بېرىپ تۇرغان ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا تەمىناتىنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن قايتۇرۇشى كېرەك. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن قايتۇرمىسا، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپارات مۇشۇ قانۇننىڭ 63 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تۆلىتىۋالسا بولىدۇ.

42 – ماددا 3 – كىشىنىڭ سەۋەبى بىلەن ئىشتا يارىلىنىش ھادىسىسى كۆرۈلۈپ، 3 – كىشى ئىشتا يارىلانغانلارنىڭ داۋالىنىش خىراجىتىنى بەرمىسە ياكى 3 – كىشىنى بېكىتكىلى بولمىسا، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندىدىن بېرىپ تۇرۇلىدۇ. ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندى بېرىپ تۇرغاندىن كېيىن، 3 – كىشىدىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.

43 – ماددا ئىشتا يارىلانغان ئىشچى – خىزمەتچىلەردىن تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلىرىنىڭ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا تەمىناتى توختىتىلىدۇ:

(1) تەمىناتتىن بەھرىمەن بولۇش شەرتىنى يوقاتقانلار؛

(2) ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاشقا ئۇنىمىغانلار؛

(3) داۋالاشنى رەت قىلغانلار.

5 – باب ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى

44 – ماددا ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشى كېرەك، ئىشسىزلىق سۇغۇرتا ھەققىنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئىشچى – خىزمەتچىلەر دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە بىرلىكتە تاپشۇرىدۇ.

45 – ماددا ئىشسىزلاردىن تۆۋەندىكى شەرتكە توشىدىغانلىرى ئىشسىزلىق سۇغۇرتا فوندىدىن ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلى ئالىدۇ:

(1) ئىشسىز قېلىشتىن ئىلگىرى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە شۇ كىشىنىڭ ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلى تاپشۇرغىنىغا بىر يىل بولغان بولسا؛

(2) ئۆز ئارزۇسىدىن باشقا سەۋەب بىلەن ئىشتىن توختاپ قالغان بولسا؛

(3) ئىشسىزلىقنى تىزىملاتقان ھەم ئىشقا ئورۇنلىشىش تەلىپى بولسا.

46 – ماددا ئىشسىزلار ئىشسىز قېلىشتىن بۇرۇن، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە شۇ كىشىنىڭ جەمئىي ھەق تاپشۇرغان ۋاقتى بىر يىلغا توشۇپ، بەش يىلغا توشمىغان بولسا، ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلى ئالىدىغان ۋاقىت ئەڭ ئۇزاق بولغاندا 12 ئاي بولىدۇ؛ جەمئىي ھەق تاپشۇرغان ۋاقتى بەش يىلغا توشۇپ، ئون يىلغا توشمىغان بولسا، ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلى ئالىدىغان ۋاقىت ئەڭ ئۇزاق بولغاندا 18 ئاي بولىدۇ؛ جەمئىي ھەق تاپشۇرغان ۋاقىت ئون يىلدىن ئاشقان بولسا، ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلى ئالىدىغان ۋاقتى ئەڭ ئۇزاق بولغاندا 24 ئاي بولىدۇ. قايتا ئىشقا ئورۇنلىشىپ يەنە ئىشسىز قالغان بولسا، ھەق تاپشۇرغان ۋاقتى قايتا ھېسابلىنىدۇ، ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلى ئالىدىغان ۋاقىت ئالدىنقى قېتىم ئىشسىز قالغاندا ئېلىشقا تېگىشلىك بولسىمۇ، ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلى ئالمىغان ۋاقتى بىلەن قوشۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئەڭ ئۇزاق بولغاندا 24 ئايدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.

47 – ماددا ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلى ئۆلچىمىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بېكىتىدۇ، شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت ئۆلچىمىدىن تۆۋەن قىلىپ قويۇشقا بولمايدۇ.

48 – ماددا ئىشسىزلار ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلى ئېلىۋاتقان مەزگىلدە ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتسىغا قاتناشقان بولسا، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

ئىشسىزلار تاپشۇرىدىغان ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا ھەققى ئىشسىزلىق سۇغۇرتا فوندىدىن چىقىم قىلىنىدۇ، شەخسلەر ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرمايدۇ.

49 – ماددا ئىشسىزلار ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلى ئېلىۋاتقان مەزگىلدە ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، شۇ جايدىكى ئىشلەۋاتقان ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆلۈم – يېتىم ئىشلىرىغا دائىر بەلگىلىمىدىن پايدىلىنىپ، ئائىلە تەۋەلىرىگە دەپنە ياردەم پۇلى ۋە نەپىقە بىر يولىلا بېرىلىدۇ. كېرەكلىك مەبلەغ ئىشسىزلىق سۇغۇرتا فوندىدىن چىقىم قىلىنىدۇ.

شەخسلەر ئۆلۈپ كەتكەندە، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا دەپنە ياردەم پۇلى ئېلىش شەرتىگىمۇ، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا دەپنە ياردەم پۇلى ئېلىش شەرتىگىمۇ ۋە ئىشسىزلىق سۇغۇرتا دەپنە ياردەم پۇلى ئېلىش شەرتىگىمۇ توشسا، ئائىلە تەۋەلىرى بۇلاردىن بىرىنىلا تاللايدۇ.

50 – ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىشسىزلارغا ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىق ياكى بىكار قىلغانلىق ئىسپاتىنى ۋاقتىدا بېرىشى ھەم ئىشسىزلارنىڭ ئىسىملىكىنى ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئاخىرلاشتۇرۇلغان ياكى بىكار قىلىنغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپاراتقا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

ئىشسىزلار شۇ ئورۇننىڭ ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىق ياكى بىكار قىلغانلىق ئىسپاتىنى ئېلىپ، بېكىتىلگەن جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتىغا ۋاقتىدا بېرىپ ئىشسىزلىقنى تىزىملىتىشى كېرەك.

ئىشسىزلار ئىشسىزلىق تىزىم ئىسپاتى ۋە شەخسىي سالاھىيەت ئىسپاتىغا ئاساسەن، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپاراتتا ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلى ئېلىش رەسمىيىتى ئۆتەيدۇ. ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلى ئېلىش ۋاقىت چېكى ئىشسىزلىقنى تىزىملاتقان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.

51 – ماددا ئىشسىزلاردىن ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلى ئېلىۋاتقان مەزگىلدە، تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى بولغانلىرىنىڭ ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلى توختىتىلىدۇ ھەم باشقا ئىشسىزلىق سۇغۇرتا تەمىناتلىرىمۇ توختىتىلىدۇ:

(1) قايتا ئىشقا ئورۇنلاشقانلار؛

(2) ئەسكەر بولۇپ ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىگەنلەر؛

(3) چېگرا سىرتىدا ئولتۇراقلاشقانلار؛

(4) ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولغانلار؛

(5) شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتكەن تارماق ياكى ئاپپارات تونۇشتۇرغان مۇۋاپىق خىزمەتنى ياكى ئۇنىڭ تەربىيەلىشىنى يوللۇق سەۋەب يوق تۇرۇپ رەت قىلغانلار.

52 – ماددا ئىشچى – خىزمەتچىلەر غەملىگۈچى جايدىن باشقا جايدا ئىشقا ئورۇنلاشسا، ئىشسىزلىق سۇغۇرتا مۇناسىۋىتى ئۆزى بىلەن بىللە يۆتكىلىدۇ، ھەق تاپشۇرغان يىل چېكى قوشۇپ ھېسابلىنىدۇ.

6 – باب تۇغۇت سۇغۇرتىسى

53 – ماددا ئىشچى – خىزمەتچىلەر تۇغۇت سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشى كېرەك، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە تۇغۇت سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرىدۇ، ئىشچى – خىزمەتچىلەر تۇغۇت سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرمايدۇ.

54 – ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تۇغۇت سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرغان بولسا، ئىشچى – خىزمەتچىلىرى تۇغۇت سۇغۇرتا تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ؛ ئىشچى – خىزمەتچىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشمىغان جورىسى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە تۇغۇت داۋالىنىش خىراجىتى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، كېرەكلىك مەبلەغ تۇغۇت سۇغۇرتا فوندىدىن چىقىم قىلىنىدۇ.

تۇغۇت سۇغۇرتا تەمىناتى تۇغۇت داۋالىنىش خىراجىتى ۋە تۇغۇت قوشۇمچە پۇلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

55 – ماددا تۇغۇت داۋالىنىش خىراجىتى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

(1) تۇغۇت داۋالىنىش خىراجىتى؛

(2) پىلانلىق تۇغۇت داۋالىنىش خىراجىتى؛

(3) قانۇن – نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا خىراجەتلەر.

56 – ماددا ئىشچى – خىزمەتچىلەردىن تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى بولغانلىرى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە تۇغۇت قوشۇمچە پۇلىدىن بەھرىمەن بولسا بولىدۇ:

(1) ئايال ئىشچى – خىزمەتچىلەردىن تۇغۇت رۇخسىتى ئالغانلىرى؛

(2) پىلانلىق تۇغۇت ئوپېراتسىيە ئوتپۇسكىسى ئالغانلار؛

(3) قانۇن – نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.

تۇغۇت قوشۇمچە پۇلى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇندا ئىشلەۋاتقان ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئالدىنقى يىلدىكى ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشى بويىچە بېرىلىدۇ.

7 – باب ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى ئېلىش – تاپشۇرۇش

57 – ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە تىجارەت كىنىشكىسى، تىزىم گۇۋاھنامىسى ياكى ئورۇننىڭ تامغىسىنى ئېلىپ، شۇ جايدىكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپاراتقا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تىزىملىتىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپارات ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە تەكشۈرۈپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تىزىم كىنىشكىسى بېرىشى كېرەك.

ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا تىزىملاتقان ئىشلاردا ئۆزگىرىش بولغان ياكى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن قانۇن بويىچە ئاخىرلاشقان بولسا، ئۆزگىرىش بولغان ياكى ئاخىرلاشقان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپاراتقا بېرىپ تىزىم ئۆزگەرتىشى ياكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تىزىمىنى ئۆچۈرگۈزۈشى كېرەك.

سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى، خەلق ئىشلىرى تارمىقى ۋە ئاپپارات – ئىشتات باشقۇرغۇچى ئورگان ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ قۇرۇلغانلىقى ۋە ئاخىرلاشقانلىقىدىن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپاراتنى ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرۈشى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى شەخسلەرنىڭ تۇغۇلۇش، ئۆلۈش ئەھۋالى، شۇنىڭدەك نوپۇسقا ئالدۇرۇش، نوپۇس يۆتكەش، نوپۇستىن ئۆچۈرۈلۈش ئەھۋاللىرىدىن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپاراتنى ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك.

58 – ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئادەم ئىشلەتكەن كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپاراتقا ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا تىزىملىتىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا تىزىملاتمىغان بولسا، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپارات تاپشۇرىدىغان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى بېكىتىپ بېرىدۇ.

ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قاتناشقان، ياللانما ئىشچىسى بولمىغان يەككە سودا – سانائەتچىلەر، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇندا ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتناشمىغان، پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدە بولمىغان كەسىپكارلار، شۇنىڭدەك جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقان باشقا كىشىلەر ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپاراتقا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.

دۆلەت مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن شەخسلەر ئىجتىمائىي كاپالەت نومۇرىنى يولغا قويىدۇ. شەخسلەر ئىجتىمائىي كاپالەت نومۇرى پۇقرالارنىڭ سالاھىيەت نومۇرى بولىدۇ.

59 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى ئېلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىدۇ.

ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى بىر تۇتاش ئېلىنىدۇ، قەدەم باسقۇچى ۋە كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

60 – ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى ئۆزى مەلۇم قىلىشى، ۋاقتىدا، تولۇق تاپشۇرۇشى كېرەك، تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان ئەھۋال قاتارلىق قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەھۋالدىن باشقا ئەھۋالدا كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇشقا، كېمەيتىشكە ۋە كەچۈرۈم قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ. ئىشچى – خىزمەتچىلەر تاپشۇرىدىغان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرۇشى، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇش تەپسىلاتىنى شۇ كىشىگە ئايمۇئاي ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

ياللانما ئىشچىسى بولمىغان يەككە سودا – سانائەتچىلەر، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇندا ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتناشمىغان پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدە بولمىغان كەسىپكارلار، شۇنىڭدەك جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقان باشقا كىشىلەر ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى ئالغۇچى ئاپپاراتقا بىۋاسىتە تاپشۇرسا بولىدۇ.

61 – ماددا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى ئالغۇچى ئاپپارات ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى قانۇن بويىچە ۋاقتىدا، تولۇق ئېلىشى ھەم ھەق تاپشۇرۇش ئەھۋالىنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە شەخسكە قەرەللىك ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

62 – ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تاپشۇرىدىغان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى سوممىسىنى بەلگىلىمە بويىچە مەلۇم قىلمىغان بولسا، تاپشۇرۇلىدىغان سومما شۇ ئورۇن ئالدىنقى ئايدا تاپشۇرغان ھەق سوممىسىنىڭ %110 بويىچە بېكىتىلىدۇ؛ ھەق تاپشۇرغۇچى ئورۇن مەلۇم قىلىش رەسمىيىتىنى تولۇقلىغاندىن كېيىن، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى ئالغۇچى ئاپپارات بەلگىلىمە بويىچە راسچوت قىلىپ بېرىدۇ.

63 – ماددا ئادەمئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى ۋاقتىدا، تولۇق تاپشۇرمىغانلىرىنى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى ئالغۇچى ئاپپارات بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تاپشۇرۇشقا ياكى تولۇقلاپ تاپشۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ.

ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى مۆھلەت ئۆتسىمۇ تاپشۇرمىغان ياكى تولۇقلاپ تاپشۇرمىغان بولسا، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى ئالغۇچى ئاپپارات ئامانەت پۇل ئىسچوتىنى بانكا ۋە باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىدىن سۈرۈشتۈرسە ھەم ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئالاقىدار مەمۇرىي تارماققا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى ئاجرىتىپ بېرىش قارارى چىقىرىشنى ئىلتىماس قىلسا، ھېساب ئاچقان بانكا ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىغا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى ئاجرىتىپ بېرىشنى يازما ئۇقتۇرۇش قىلسا بولىدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئىسچوت قالدۇقى تاپشۇرىدىغان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىدىن ئاز بولسا، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىگە چىقىش قىلمىسا، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى ئالغۇچى ئاپپارات ئادەم ئىشلەتكۈچى شۇ ئورۇندىن كېپىل تېپىشنى، ھەقنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش كېلىشىمى تۈزۈشىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى تولۇق تاپشۇرمىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە كېپىل تاپمىغان بولسا، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى ئالغۇچى ئاپپارات تاپشۇرىدىغان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى بىلەن تەڭ قىممەتتىكى مال – مۈلكىنى تۇتۇپ قېلىش، پېچەتلەش، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش ھەققىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئىلتىماس قىلىپ، كىمئارتۇق سودىسى تاپاۋىتىنى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىگە توغرىلىۋەتسە بولىدۇ.

8 – باب ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى

64 – ماددا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا فوندى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا فوندى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتا فوندى ۋە تۇغۇت سۇغۇرتا فوندىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندلىرىدا ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنىڭ تۈرى بويىچە ئايرىم ھېساب ئېچىلىپ، ئايرىم ھېساباتقىلىنىدۇ، دۆلەتنىڭ بىرلىككە كەلگەن بوغالتىرلىق تۈزۈمى ئىجرا قىلىنىدۇ.

ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى مەخسۇس ئىشلىتىلىدۇ، ھەر قانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ ئىگىلىۋېلىشىغا ياكى ئىشلىتىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا فوندىنى مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش غەملەش پەيدىنپەي يولغا قويۇلىدۇ، باشقا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندلىرىنى ئۆلكە دەرىجىلىكتە بىر تۇتاش غەملەش پەيدىنپەي يولغا قويۇلىدۇ، كونكرېت ۋاقتى، قەدەم – باسقۇچىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

65 – ماددا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىدا كىرىم – چىقىم خامچوت ئارقىلىق تەڭپۇڭلاشتۇرۇلىدۇ.

ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى چىقىمغا يېتىشمىگەندە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ياردەم پۇل بېرىدۇ.

66 – ماددا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىدا غەملىمە قاتلىمى بويىچە خامچوت تەسىس قىلىنىدۇ. ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى خامچوتى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تۈرى بويىچە تۈزۈلىدۇ.

67 – ماددا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنىڭ خامچوت، نەق چوت لايىھەسى قانۇن ۋە گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە تەييارلىنىدۇ، تەكشۈرۈلىدۇ ۋە تەستىقلىنىدۇ.

68 – ماددا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى مالىيە مەخسۇس ئىسچوتىغا قويۇلىدۇ، كونكرېت باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

69 – ماددا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش شەرتى ئاستىدا، گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە تىجارەتكە سېلىنىپ قىممىتى ساقلىنىدۇ ۋە ئاشۇرۇلىدۇ.

ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنى قائىدىگە خىلاپ ھالدا تىجارەتكە سېلىشقا، ھۆكۈمەتنىڭ باشقا خامچوتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا ئىشلىتىشكە، قۇرۇلۇشقا، خىزمەت سورۇنىنى ئۆزگەرتىشكە ۋە خادىملارنىڭ خىراجىتىگە، يۈرۈشتۈرۈش خىراجىتى، باشقۇرۇش خىراجىتى قىلىپ ئىشلىتىشكە ياكى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ باشقا ئىشقا ئىشلىتىۋېلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

70 – ماددا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپارات ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ئەھۋالى، شۇنىڭدەك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنىڭ كىرىمى، چىقىمى، قالدۇقىنى ۋە پايدا ئېلىش ئەھۋالىنى جەمئىيەتكە قەرەللىك ئېلان قىلىپ تۇرۇشى كېرەك.

71 – ماددا دۆلەت مەملىكەتنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت فوندىنى تەسىس قىلىدۇ، ئۇ، مەركەز مالىيەسى خامچوتتىن ئاجراتقان پۇل، شۇنىڭدەك گوۋۇيۈەن تەستىقلىغان باشقا ئۇسۇلدا غەملىگەن مەبلەغتىن تەركىب تاپىدۇ، ئىجتىمائىي كاپالەت چىقىمىنى تولۇقلاشقا ۋە تەڭشەشكە ئىشلىتىدۇ. مەملىكەتنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت فوندىنى مەملىكەتنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت فوندىنى باشقۇرغۇچى ئاپپاراتى باشقۇرۇپ، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش شەرتى ئاستىدا قىممىتىنى ساقلايدۇ ۋە ئاشۇرىدۇ.

مەملىكەتنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت فوندىنىڭ كىرىم – چىقىم ئەھۋالى، باشقۇرۇلۇش ئەھۋالى ۋە تىجارەتكە سېلىنىش ئەھۋالىنى جەمئىيەتكە قەرەللىك ئېلان قىلىپ تۇرۇش كېرەك. گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى، ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى ۋە ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى مەملىكەتنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت فوندى كىرىم – چىقىم ئەھۋالى، باشقۇرۇلۇش ئەھۋالى ۋە تىجارەتكە سېلىنىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىدۇ.

9 – باب ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش

72 – ماددا غەملىگۈچى جايدا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپارات قۇرۇلىدۇ. ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپارات خىزمەت ئېھتىياجىغا قاراپ، شۇ جايدىكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى ۋە ئاپپارات – ئىشتات باشقۇرغۇچى ئورگاننىڭ تەستىقى بىلەن، شۇ غەملىگۈچى جايدا شۆبە، تارماق ئاپپارات ۋە مۇلازىمەت تور نۇقتىسى قۇرىدۇ.

ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپارات خادىملىرىنىڭ خىراجىتى ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىشتە پەيدا بولغان ئاساسىي يۈرۈشتۈرۈش خىراجىتى، باشقۇرۇش خىراجىتىنى تەڭ دەرىجىلىك مالىيە دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە كاپالەتلەندۈرىدۇ.

73 – ماددا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپارات كەسىپ، مالىيە، بىخەتەرلىك ۋە خەۋپ–خەتەر باشقۇرۇش تۈزۈملىرىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.

ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپارات ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتىنى ۋاقتىدا، تولۇق بېرىشى كېرەك.

74 – ماددا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپارات كەسىپ بېجىرىش، ئىستاتىستىكا قىلىش، تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا خىزمىتىگە كېرەكلىك سانلىق مەلۇماتقا ئېرىشمەكچى بولغاندا، ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەر ۋاقتىدا، ئەينەن بېرىشى كېرەك.

ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپارات ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋاقتىدا ئارخىپ تۇرغۇزۇپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتناشقانلارنى، ھەق تاپشۇرۇش قاتارلىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا سانلىق مەلۇماتلىرىنى تولۇق، توغرا خاتىرىلىشى، تىزىملاتقان، مەلۇم قىلغان ئەسلىي دوكومېنت ۋە بېرىم راسچوتىنىڭ بوغالتىرلىق دوكومېنتىنى ئوبدان ساقلىشى كېرەك.

ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپارات ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتناشقان شەخسلەرنىڭ ھەق تاپشۇرۇش ئەھۋالى ۋە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ شەخسلەر ئۈچۈن ھەق تاپشۇرۇش ئەھۋالىنى، شۇنىڭدەك شەخسلەرنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتى قاتارلىقلارنى ئېلىش جەھەتتىكى ھوقۇق – مەنپەئىتىنى ۋاقتىدا، تولۇق، توغرا خاتىرىلىشى، شەخسلەرنىڭ ھوقۇق – مەنپەئەت خاتىرە قەغىزىنى شۇ كىشىگە ھەقسىز ئەۋەتىپ بېرىشى كېرەك.

ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە شەخسلەر ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپاراتتىن ئۆزلىرىنىڭ ھەق تاپشۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇش خاتىرىسىنى ھەقسىز سۈرۈشتۈرسە، ئېنىقلىسا، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپاراتتىن ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا دائىر مەسلىھەت بېرىش قاتارلىق ئالاقىدار مۇلازىمەت قىلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

75 – ماددا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئۇچۇر سىستېمىسىنى دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش پىلانىغا ئاساسەن، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى دەرىجە بويىچە مەسئۇل بولۇش پىرىنسىپىغا بىنائەن ئورتاق بەرپا قىلىدۇ.

10 – باب ئىجتىمائىي سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى

76 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى كىرىم – چىقىم ئەھۋالى، ئۇنى باشقۇرۇش، تىجارەتكە سېلىش ئەھۋالى، شۇنىڭدەك نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى مەخسۇس خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلايدۇ ۋە قاراپ چىقىدۇ، مۇشۇ قانۇننىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈشكە تەشكىلاتچىلىق قىلىدۇ، نازارەتچىلىك ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزىدۇ.

77 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا دائىر قانۇن، نىزاملارغا رىئايە قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى نازارەت قىلىپ تەكشۈرگەندە، تەكشۈرۈلگۈچى ئورۇن ۋە شەخسلەر ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا ئالاقىدار ماتېرىياللارنى ئەينەن بېرىشى، تەكشۈرۈشنى رەت قىلماسلىقى ياكى يالغان مەلۇم قىلماسلىقى، يوشۇرماسلىقى كېرەك.

78 – ماددا مالىيە تارمىقى ۋە ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى كىرىم – چىقىم ئەھۋالى، ئۇنى باشقۇرۇش ۋە تىجارەتكە سېلىش ئەھۋالىنى مەسئۇلىيىتى بويىچە نازارەت قىلىدۇ.

79 – ماددا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى كىرىم – چىقىم ئەھۋالى، ئۇنى باشقۇرۇش ۋە تىجارەتكە سېلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرگەندە مەسىلىلەرنى بايقىسا، تۈزىتىش تەكلىپى بېرىشى، قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش قارارى چىقىرىشى ياكى ئالاقىدار مەمۇرىي تارماققا بىر تەرەپ قىلىش تەكلىپى بېرىشى كېرەك. ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى جەمئىيەتكە قەرەللىك ئېلان قىلىپ تۇرۇشى كېرەك.

ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشتە، تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا ھوقۇقلۇق:

(1) ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى كىرىم – چىقىمىغا، ئۇنى باشقۇرۇش ۋە تىجارەتكە سېلىشقا ئالاقىدار ماتېرىياللارنى كۆرۈش، خاتىرىلىۋېلىش، كۆپەيتىۋېلىش؛ يۆتكىۋېتىش، يوشۇرۇپ قويۇش ياكى يوقىتىۋېتىش ئېھتىمالى بولغان ماتېرىياللارنى پېچەتلەش؛

(2) تەكشۈرۈلىدىغان ئىشقا مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ۋە شەخسلەردىن ئەھۋال ئۇقۇش، ئۇلاردىن تەكشۈرۈلىدىغان ئىشقا دائىر مەسىلىلەر ھەققىدە چۈشەنچە بېرىش، ئالاقىدار ئىسپات ماتېرىياللارنى بېرىشنى تەلەپ قىلىش؛

(3) ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنى يوشۇرۇپ قويۇش، يۆتكىۋېتىش، ئىگىلىۋېلىش، ئىشلىتىۋېلىش قىلمىشلىرىنى توسۇش ھەم تۈزىتىشكە بۇيرۇش.

80 – ماددا غەملىگۈچى جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ۋەكىلى، سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار ۋەكىلى، شۇنىڭدەك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋەكىلى، مۇتەخەسسىسلەر قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا نازارەتچىلىك كومىتېتى قۇرۇپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنى كىرىم – چىقىم قىلىش، باشقۇرۇش ۋە تىجارەتكە سېلىش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ ۋە تەھلىل قىلىپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا خىزمىتى ھەققىدە مەسلىھەت ۋە تەكلىپ بېرىدۇ، ئىجتىمائىي نازارەتچىلىك قىلىدۇ.

ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپارات ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنى كىرىم – چىقىم قىلىش، باشقۇرۇش ۋە تىجارەتكە سېلىش ئەھۋالىنى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا نازارەتچىلىك كومىتېتىغا قەرەللىك دوكلات قىلىشى كېرەك. ئىجتىمائىي سۇغۇرتا نازارەتچىلىك كومىتېتى بوغالتىرلىق ئورنى تەكلىپ قىلىپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنى كىرىم – چىقىم قىلىش، باشقۇرۇش ۋە تىجارەتكە سېلىش ئەھۋالىنى يىللىق ئىقتىسادىي تەپتىش قىلسا ۋە مەخسۇس ئىقتىسادىي تەپتىش قىلسا بولىدۇ. ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش نەتىجىسىنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلاش كېرەك.

ئىجتىمائىي سۇغۇرتا نازارەتچىلىك كومىتېتى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنى كىرىم – چىقىم قىلىش، باشقۇرۇش ۋە تىجارەتكە سېلىشتا مەسىلە بارلىقىنى بايقىسا، تۈزىتىش تەكلىپى بېرىشكە ھوقۇقلۇق؛ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپارات ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە ئالاقىدار تارماققا تەكلىپ بېرىشكە ھوقۇقلۇق.

81 – ماددا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار مەمۇرىي تارماقلار، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپارات، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى ئالغۇچى ئاپپارات، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ خادىملىرى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ ئۇچۇر مەخپىيىتىنى قانۇن بويىچە ساقلىشى، ھەر قانداق شەكىلدە ئاشكارىلاپ قويماسلىقى كېرەك.

82 – ماددا ھەر قانداق تەشكىلات ياكى شەخس ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا دائىر قانۇن – نىزاملارغا خىلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلىشقا، شىكايەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى، سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپارات، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى ئالغۇچى ئاپپارات ۋە مالىيە تارمىقى، ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى ئۆز تارمىقى، ئۆز ئاپپاراتىنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسىگە كىرىدىغان ئەرز – شىكايەتنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك؛ ئۆز تارمىقى، ئۆز ئاپپاراتىنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسىگە كىرمەيدىغانلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە تارماق ۋە ئاپپاراتقا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى ھەمدە ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك. بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى بار تارماق ۋە ئاپپارات بىر – بىرىگە ئىتتىرمەي ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

83 – ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ياكى شەخسلەردىن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى ئالغۇچى ئاپپاراتنىڭ ھەرىكىتى قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىمگە زىيان يەتكۈزدى، دەپ قارىغانلىرى قانۇن بويىچە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى مەمۇرىي دەۋا قىلسا بولىدۇ.

ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپارات قانۇن بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى تىزىملىمىسا، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى بېكىتمىسە، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتىنى بەرمىسە، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى يۆتكەپ بېرىش، ئۆتكۈزۈۋېلىش رەسمىيىتىنى ئۆتىمىسە ياكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھوقۇق – مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان باشقا قىلمىش سادىر قىلسا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ياكى شەخس مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى قانۇن بويىچە ئىلتىماس قىلسا ياكى مەمۇرىي دەۋا قىلسا بولىدۇ.

شەخسلەر بىلەن ئۇلار ئىشلەيدىغان ئورۇن ئوتتۇرىسىدا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تالاش – تارتىشى كۆرۈلسە، مۇرەسسە قىلىش، كېسىم قىلىشنى قانۇن بويىچە ئىلتىماس قىلىشقا، دەۋا قىلىشقا بولىدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن شەخسلەرنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھوقۇق – مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەن بولسا، شەخسلەر ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى ياكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى ئالغۇچى ئاپپاراتتىن قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلسىمۇ بولىدۇ.

11 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى

84 – ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا تىزىملاتمىسا، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى مۆھلەت ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ مۆھلەت ئۆتكىچە تۈزەتمىسە، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تاپشۇرىدىغان سۇغۇرتا ھەققى سوممىسىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئۈچ ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا 500 يۈەندىن يۇقىرى، 3000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

85 – ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ياكى بىكار قىلىش ئىسپاتى بەرمىگەنلىرى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك توختامى قانۇنى›› دىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

86 – ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى ۋاقتىدا، تولۇق تاپشۇرمىغانلىرىنى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى ئالغۇچى ئاپپارات بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تاپشۇرۇشقا ياكى تولۇقلاپ تاپشۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ ھەم تاپشۇرمىغان كۈندىن باشلاپ، كۈنىگە 10 مىڭدە %5 بويىچە كېچىكتۈرگەنلىك پۇلىنى قوشۇپ ئالىدۇ؛ مۆھلەت ئۆتكىچە تاپشۇرمىغانلىرىغا ئالاقىدار مەمۇرىي تارماق تاپشۇرمىغان سوممىسىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئۈچ ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

87 – ماددا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپارات، شۇنىڭدەك داۋالاش ئاپپاراتى، دورا تىجارەت ئورنى قاتارلىق ئىجتىمائىي مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنى ئالدامچىلىق قىلىش، ئىسپات ماتېرىياللىرىنى ئويدۇرۇش يولى ياكى باشقا يول بىلەن ئېلىۋالغان بولسا، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى ئالداپ ئېلىۋالغان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ، ئالداپ ئېلىۋالغان سوممىسىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مۇلازىمەت ئاپپاراتى شۇنداق قىلغان بولسا، مۇلازىمەت كېلىشىمىنى بىكار قىلىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلاردىن كەسپىي سالاھىيىتى بارلىرىنىڭ كەسپىي سالاھىيىتىنى قانۇن بويىچە بىكار قىلىدۇ.

88 – ماددا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتىنى ئالدامچىلىق قىلىش، ئىسپات ماتېرىياللىرىنى ئويدۇرۇش يولى بىلەن ئېلىۋالغان ياكى باشقا يول بىلەن ئالداپ ئېلىۋالغانلارنى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى ئالداپ ئېلىۋالغان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ، ئالداپ ئېلىۋالغان سوممىسىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

89 – ماددا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپارات ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىغا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ياكى شەخسكە زىيان سالغانلىرى قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ:

(1) ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىشلىرىدا قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلار؛

(2) ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنى مالىيە مەخسۇس ئىسچوتىغا قويمىغانلار؛

(3) ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتىنى قىسىپ قالغان ياكى ۋاقتىدا بەرمىگەنلەر؛

(4) ھەق تاپشۇرغانلىق خاتىرىسى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتى ئېلىش خاتىرىسى قاتارلىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا سانلىق مەلۇماتلىرىنى شەخسلەرنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىگە دائىر خاتىرىنى يوقىتىپ قويغانلار ياكى ئۆزگەرتكەنلەر؛

(5) ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا دائىر قانۇن – نىزاملارغا خىلاپ باشقا قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلار.

90 – ماددا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى ئالغۇچى ئاپپاراتلاردىن تاپشۇرۇلىدىغان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى ئاساس سانى ۋە ھەق نىسبىتىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنىڭ ئاز ياكى كۆپ ئېلىنىشىغا سەۋەبچى بولغانلىرىنى ئالاقىدار مەمۇرىي تارماق تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرۇشقا ياكى تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك بولمىغان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى قايتۇرۇشقا بويرۇيدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ.

91 – ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنى يوشۇرۇپ قويغان، يۆتكىۋەتكەن، ئىگىلىۋالغان، ئىشلىتىۋالغان ياكى قائىدىگە خىلاپ ھالدا تىجارەتكە سالغانلارنى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى، مالىيە تارمىقى، ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ.

92 – ماددا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار مەمۇرىي تارماقلار، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپاراتلار، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى ئالغۇچى ئاپپاراتلار ۋە ئۇلارنىڭ خادىملىرىدىن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاپ قويغانلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ؛ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ياكى شەخسكە زىيان سالغانلىرى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

93 – ماددا دۆلەت خادىملىرىدىن ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى باشقۇرۇش، نازارەت قىلىش خىزمىتىدە خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە – كەلمەس پايدىلانغان، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغانلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

94 – ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

12 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

95 – ماددا شەھەردە ئىشلەۋاتقان يېزا ئاھالىسى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتنىشىدۇ.

96 – ماددا يېزا كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەرنى ئېلىشتا، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى يېرى ئېلىنغان دېھقانلارغا تولۇق ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېرى ئېلىنغان دېھقانلارنى گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مۇناسىپ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تۈزۈمى دائىرىسىگە كىرگۈزۈش كېرەك.

97 – ماددا چەت ئەللىكلەردىن جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە ئىشقا ئورۇنلاشقانلىرى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىدىن پايدىلىنىپ ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتنىشىدۇ.

(تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن – نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتكەن).[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/4601001.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#