سايدۆڭ باغۋەنچىلىك مەيدانى

سايدۆڭ باغۋەنچىلىك مەيدانى

سايدۆڭ باغۋەنچىلىك مەيدانى شىنجاڭ كورلا شەھىرى نىڭ سىرتىغا جايلاشقان بۇلۇپ، كورلىدىكى ئاساسلىق نەشپۈت چىقىدىغان جاي.

ئۇيغۇرچە نامى سايدۆڭ باغۋەنچىلىك مەيدانى
تەۋە دۆلەت جۇڭگو
ئورنى كورلا شەھىرى
خەنزۇچە نامى 沙依东园艺场
قاراشلىق رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سايدۆڭ باغۋەنچىلىك مەيدانىسايدۆڭ باغۋەنچىلىك مەيدانى شىنجاڭ كورلا شەھىرى نىڭ سىرتىغا جايلاشقان بۇلۇپ، كورلىدىكى ئاساسلىق نەشپۈت چىقىدىغان جاي. كورلا نەشپۈتى رەڭگى چىرايلىق، پوستى نىپىز، گۆشى چۈرۈك، شەربىتى كۆپ، تاتلىق ۋە پۇراقلىق، ئۇزۇقلۇقى يۇقىرى بۇلۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولغاچقا، ھۆل يىيىشتىن سىرت يەنە ھاراق، مۇراببا، نەشپۈت شىرنىسى، كونسېرۋا قاتارلىق ئۆپكىگە پايدىلىق، بەلغەمنى بوشتىپ زەھەرنى قايتۇردىغان ئۈنۈملۈك مەھسۇلاتلارنىمۇ ئىشلەپ چىقارغىلى بولىدۇ. ھەر يىلى 8-، 9--ئايلار نەشپۈتنىڭ پىشىدىغان مەزگىلى بۇلۇپ، مۇشۇ مەزگىل نەشپۈت باغلىرىنىڭ مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىپلا قالماستىن، يەنە ئالىي دەرىجىلىك نەشپۈتلەرنىمۇ تېتىپ باققىلى بولىدۇ. 

سايدۆڭ باغۋەنچىلىك مەيدانىسايدۆڭ باغۋەنچىلىك مەيدانى پىلانلانغان يەر كۆلىمى 60 مىڭ موغا يەتكەن، ھازىر نەشپۈتلۈك باغ كۆلىمى 42 مىڭ مو. 1993-يىلى «سايدۆڭ» ماركىلىق كورلا نەشپۈتىگە تۇنجى قېتىم جۇڭگو يېشىل يېمەكلىك تەرەققىيات مەركىزى «يېشىل گۇۋاھنامە» تارقاتقان، ھەمدە ھازىرغىچە شۇ يېشىل يېمەكلىك قىممىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە. 1997-يىلدىن 2008-يىلغىچە «سايدۆڭ» ماركىلىق كورلا نەشپۈتى جۇڭگو 3-، 4-، 5-نۆۋەتلىك دۆلەت ئىچى، خەلقئارا يېزا-ئىگىلىك يەرمەنكىسىدە ئۇدا كۆپ قېتىم داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلات دەپ بېكىتىلگەن؛

2002-يىلى 10-ئايدا سايدۆڭ باغۋەنچىلىك مەيدانى كورلا نەشپۈتى 30 مىڭ مو ئىشلەپچىقىرىش بازىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتى تارقاتقان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى زىيانسىز يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ئېتىراپنامىسى ئىسپاتى» نى بەرگەن؛

2007-يىلى «سايدۆڭ» ماركىلىق كورلا نەشپۈتى جۇڭگو خەلقئارا ئورمانچىلىق مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسىدە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشپ، يېشىل مەھسۇلات بولۇپ باھالانغان؛

2008-يىلى سايدۆڭ باغۋەنچىلىك مەيدانى ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى نۇقتىلىق باشلامچى كارخانا دەپ بېكىتىلگەن.[1]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#