قەدىمقى مىسوپاتامىيە مەدەنىيىتى

قەدىمقى مىسوپاتامىيە مەدەنىيىتى  ____ بەلۇجىستان  مىسوپاتامىيە - قەدىمقى مىسىر، قەدىمقى يۇنان، قەدىمقى ھىندىستان، قەدىمقى جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە دۇنيادىكى بەش قەدىمى مەدەنىيەتلىك ئەلنىڭ بىرى بولۇپ قەدىمقى يۇنان تىلىدا «ئىككى دەريا ۋادىسى» دىگەن مەنىدە كېلىپ دەجلە ۋە فىرات دەرياسىنىڭ ئارىلىقىدىكى مۇنبەت زىمىننى كۆرسەتكەن. مىسوپاتامىيەنىڭ شىمالى قىسمى ئاسۇرىيە جەنۇبى قىسمى بابىلون دەپ ئاتالغان.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قەدىمقى مىسوپاتامىيە مەدەنىيىتى  ___بەلۇجىستان  مىسوپاتامىيە - قەدىمقى مىسىر، قەدىمقى يۇنان، قەدىمقى ھىندىستان، قەدىمقى جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە دۇنيادىكى بەش قەدىمى مەدەنىيەتلىك ئەلنىڭ بىرى بولۇپ قەدىمقى يۇنان تىلىدا «ئىككى دەريا ۋادىسى» دىگەن مەنىدە كېلىپ دەجلە ۋە فىرات دەرياسىنىڭ ئارىلىقىدىكى مۇنبەت زىمىننى كۆرسەتكەن. مىسوپاتامىيەنىڭ شىمالى قىسمى ئاسۇرىيە جەنۇبى قىسمى بابىلون دەپ ئاتالغان.

بابىلونمۇ يەنە ئىككىگە بۆلۈنۈپ شىمالى قىسمى ئاككاد، جەنۇبى قىسمى سۇمېر دەپ ئاتالغان. سۇمېرغا كېينىكى يىللاردا بىر بۆلۈك ھىندى-ياۋروپا تىل سېستىمىسىدىكى مىللەتلەرنىڭ كۆچۈپ كېلىپ كۆپ ساننى ئىگەلەپ ياشىغىنىنى ھىساپقا ئالمىغاندا سۇرىيان. ئاكاد ۋە بابىلونلۇقلارنىڭ ھەممىسى ئەجدادلىرى ئەرەب يېرىم ئارىلىدىن كەلگەن ھام-سام تىل سېستىمىسىدكى مىللەتلەر ئىدى.

سۇمېرلار مىلادىدىن ئىلگىركى 4000-يىللىرىلا ئىلگىر -ئاخىر بولۇپ ھازىرقى مىسوپوتامىيە رايونىدا مىس ئېرىتىش ۋە باشقا قول ھۈنەرۋەنچىلىكى تەرققى قىلىپ بازارلار بارلىققا كەلگەن ۋە لاگاش، ئۇر(Ur)، ئۇرۇك(ياكى ئۇلۇقUruk,) ، لارسا(Larsa) ، شىپار(shipar)، كىش(kish) قاتارلىق شەھەر دۆلەتلىرى قۇرۇلغان. بۇ شەھەر دۆلەتلىرىنىڭ پادىشالىرى ئېن(En)، لوگال(Logal) دەپ ئاتالغان. پادىشالار ئەسلىدىكى دىنى ئىبادەتخانىلارنىڭ مويسىپىتلىرىدىن ئۆزگەرگەن بولۇپ ئۇنىڭ ھوقۇقى ئاقساقاللار كېڭىشىنىڭ تىزگىنلىشىدە بولغان. بەزىدە ھەتتا خەلىق يىغىنى چاقىرىلىپ ئاقساقاللار كېڭىشىنى قارارىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا ھوقۇقلۇق بولغان. ئەمما پادىشاھلىق يەنىلا ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا مىراس قالىدۇرۇلغان. مىسوپاتامىيە دۆلەتلىرىدە پۇقرالار تۆت تەبىقىگە ئايرىلغان بولۇپ ،بىرىنچىسى قولدار ئاقسۆڭەكلەر. ئىككىنچىسى تېرىلغۇ يەرلىرى بولغان ئەركىن دىھقانلار، ئۈچىنچىسى پومىشچىكلارغا ئىشلەپ بېرىدىغان يانچى دىھقانلار، تۆتىنچى تەبىقە بولسا ئەڭ تۆۋەن تەبىقە ھىساپلانغان قۇللار ئىدى. 

مىلادىدىن بۇرۇنقى 2550-يىلى پادىشا ئىنناتۇم (Ennatum) مەلۇم بىر قېتىملىق جەڭنىڭ غەلىبىسىنى تەبرىكلەش ئۇچۇن ئىگىزلىكى 18مىتىر،كەڭلىكى 13مىتىر كىلىدىغان دۇنيادا ھازىرغىچە مەلۇم بولغان ئەڭ قەدىمقى ئابىدە مۇنارنى تىكلەيدۇ. بۇ مۇنارنىڭ قالدۇق خارابىسى ھازىرغىچە ساقلانماقتا. 

مىلادىدىن بۇرۇنقى 2378 ـــ 2371-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان پادىشاھ Uruk’agina دۆلەتتە كەڭ كۇلەملىك ئىسلاھات ئېلىپ بارىدۇ. ئۇ « پۇقرالارغا ئەركىنلىك بېرىش» دىگەن ئىدىيىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. «ئەركىنلىك»(سۇمېر تىلىدا Amargi) دىگەن بۇ ئىبارە ئىنسانىيەت تارىخىدا تۇنجى قىتىم يازما مەنبەدە كۆرۇلىدۇ. 

مىلادىدىن بۇرۇنقى 2371-يىلى كىش دۆلىتى (سۇمېر شەھەر دۆلىتى) نىڭ ۋەزىرى سارگون (Sargon) پادىشا ئۇر زابابا (Urzababa) نى ئاغدۇرۇپ قەدىمقى ئاكادىيان دۆلىتىنى قۇرۇپ 5400كىشىلىك مۇقىم ئارمىيە، ئۆلچەم بىرلىكى، پۇل قاتارلىقلارنى يولغا قويغان. سارگون مىلادىدىن بۇرۇنقى 2350-يىللىرى پۇتكۇل سۇمېر شەھەر دۆلەتلىرىنى بىرلىككە كەلتۇرۇپ ئاكادىيان ئىمپىرىيىسى(Akkadian Empire) نى تىكلىگەن. 

مىلادىدىن بۇرۇنقى 2230-يىلى ئاككادىيان ئىمپىرىيىسى ئاغدۇرىلىدۇ. سۇمېرلارنىڭ يەنە بىر كۇچلۇك شەھەر دۆلىتى بولغان ئۇر (Ur) نىڭ پادىشاھى ئۇرنام (Urnam) ئۇر 3-سۇلالىسىنى قۇرىدۇ. ئۇرنام دىھقانچىلىق، سودا، قاتناش ئىشلىرىنى زور دەرىجىدە راۋاجلاندۇرىدۇ، ۋە دۇنيادا ھازىرغىچە مەلۇم بولغان ئەڭ قەدىمقى يازما قانۇن كودىكسىيىسى «ئۇرنام قانۇنى» نى تۇزۇپ ئېلان قىلىدۇ. 

مىلادىدىن بۇرۇنقى 2004-يىلى ئۇر 3ـ سۇلالىسى ئېلەملەر(Elam) تەرىپىدىن ئاغدۇرىلىدۇ. ئىككى دەريا ۋادىسىنىڭ ئەڭ مۇنبەت ۋە ئىككى دەيانىڭ ئەڭ يېقىن يېرىدە قۇرۇلغان شەھەر دۆلىتى بابىلون كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىپ زىمىنىنى كېڭەيتىدۇ. مىلادىدىن بۇرۇنقى 18-ئەسىردە بابىلون پادىشاھى ھامۇراپى ئاكاد ۋە سومىر رايونىنىڭ بىرلىككە كەلتۈرىدۇ. دۇنيادىكى تۇنجى يازما قانۇن «ھامۇراپى قانۇنى» مانا مۇشۇ دەۋردە بارلىققا كېلىدۇ. 

بابىلون دەۋرى ئۇزۇنغا بارمىغان ، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 16-ئەسىردە قەدىمقى بابىلون شىمالدىن كەلگەن ھىندى-ياۋروپا تىل سېستىمىشىغا تەۋە ھىتىتلار تەرىپىدىن يوقىتىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن پېرسىيە تاغلىرىدا ياشايدىغان چارۋىچى مىللەت كاسسىتلار بابىلوننى بېسىۋالىدۇ. كاسسىتلار مەدەنىيەتتە ئارقىدا قالغان مىللەت بولغاچقا بابىلونىيە مەدەنىيىتى كاسسىتلارنىڭ 300يىلدىن ئاتۇق ھۆكۈمرانلىقى جەريانىدا ۋەيران بولۇپ، بابىلون مەدەنىيىتى ئاسۇرىيە ئارقىلىق يۇنانغا تارقايدۇ.

سۇمېرلارنىڭ پەلەمپەي شەكىللىك ئىبادەتخانا(Temple) سېلىش ئادىتى بولۇپ ، مىسوپوتامىيە رايونىغا كەلگەندىن تارتىپلا بۇنداق ئىبادەتخانىلارنى سېلېشنى باشلىغان. سۇمېر مەدىنىيىتىنىڭ كىيىنكى مەزگىلىگە كەلگەندە بۇ خىل پەشتاقسىمان ئىبادەتخانىلار غايەت زور يوغىناپ ۋە ئىگىزلەپ دۇنياغا داڭلىق يەنە بىر مۆجىزە« Ziggurat» (كىيىنكىلەر بابىل مۇنارى دەپ ئاتىغان) نى ۋۇجۇتقا كەلتۇرگەن. بەزى ئالىملار كىيىنكى مىسىر پىرامىدالىرى ۋە يوناننىڭ بىناكارلىق تېخنىكىسىنى سۇمېرلاردىن قۇبۇل قىلغان دەپ قارايدۇ.

سۇمېرلار ھازىرغىچە مەلۇم بولغان ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ دەسلەپ يېزىق ئىجاد قىلىپ مەدىنىيەت دەۋرىگە كىرگەن خەلقتۇر. سۇمېرلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى يېزىقى رەسىم شەكىللىك بەلگىلەرنى ئاساس قىلغان يېزىق بولۇپ كۆپىنچە لايدىن ياسالغان كېسەكلەرگە ئۇيۇلغان. كىيىنچە يېزىشقا قولايلىق بولۇش ئۇچۇن مىخ شەكلىگە ئوخشىشىپ كىتىدىغان ھالەتكە كەلگەن ۋە تەدرىجى ھەرپلىك يېزىققا ئايلانغان. بۇ يېزىق تارىختا مىخ يېزىق دەپ ئاتالغان. بۇ مىخ شەكىللىك بەلگىلەر ئەڭ كۆپەيگەن ۋاقتلىرىدا 600 دىن ئېشىپ كەتكەن. سۇمېرلار ئىجاد قىلغان يېزىق كىيىن مەلۇم ئۆزگەرتىش ۋە ئىسلاھ قىلىشلاردىن ئۆتكەندىن كىيىن مىسىر ، بابىل، يۇنان، پارىسلار ئارقىلىق پۇتۇن دۇنياغا تارقىلىپ ھازىرقى ئىشلىنىۋاتقان تۇرلۇك يېزىقلارنىڭ ئورتاق ئەجدادى بولۇپ قالغان (خەنزۇ يېزىق سىېستىمىسىدىن باشقا).

  سۇمېرلار ماتىماتىكا، ئاسترونومىيە، كالىندارچىلىق جەھەتلەردىمۇ كىيىنكىلەرگە قىممەتلىك بايلىقلارنى قالدۇرۇپ كەتكەن. سۇمېرلار 10 لىق ساناق سېستىمىسىغا ئوخشىمايدىغان يەنە بىر خىل 60 نى بىرلىك قىلغان ساناق سېستىمىسىنى ئىجاد قىلىغان. ھازىر بىز ئىشلىتىۋاتقان چەمبەرنىڭ 360گىرادوسقا بۆلۇنىشى ،بىر سائەت 60 مىنوت،بىر مىنوتنى 60 سىكونتقا ئايرىش ئوسۇلى دەل شۇلاردىن كەلگەن. سۇمېرلار بىر كېچە بىلەن بىر كۇندۇزنى ئايرىم ئايرىم ھالدا 12 سائەتتىن جەمى 24 سائەتكە بۆلگەن. ئۇلار دىھقانچىلىق ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشتا تۆت ئەمەلدىن (قوشۇش، ئېلىش، كۆپەيتىش، بۈلۈش) ئۇنۇملۇك پايدىلانغان. كەسىر سانلار ، كۇۋادىرات يىلتىز ۋە كۇپ يىلتىزىنى تېپىش قاتارلىق خېلى مۇرەككەپ ماتىماتىكىلىق تەڭلىمىلەرنى ئىگەللىگەن. سۇمېرلار قۇياش كالىندارىنى ئىجاد قىلغان(ھازىرقى مىلادىيە كالىندارىنىڭ ئىپتىدائى شەكلى) ، بىر يىلنى 12 ئايغا بۆلگەن. 6 ئاينى 29 كۈن، 6 ئاينى 30 كۈندىن قىلىپ بەلگىلىگەن. ئۇلار بىر يىل بىلەن 12 ئاي ئوتتۇرسىدا يەنە 11 كۇن پەرقلىنىدىغانلىقىنى بايقىغان،ھەم كەبىسە ئېيىنى قوشقان. 

ھازىرغا قەدەر سۇمېر مەدىنىيىتىگە دائىر نۇرغۇن يازما يادىكارلىقلار قىزىۋىلىنغان . ئېراقنىڭ نىپور دىگەن يىرىدىن قىزىۋىلىنغان ماددى يادىكارلىقلار ئىچىدە سۇمېرلارنىڭ نۇرغۇن رىۋايەتلەر توپلىمى تېپىلغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئالەمنىڭ پەيدا بولۇشى. ئىنسانلارنىڭ يارىتىلىشى، كەلكۇن ئاپىتى قاتارلىق نۇرغۇن رىۋايەتلەر بولۇپ ، ئالىملار بۇ رىۋايەتلەرنى تەۋرات ، ئىنجىل ۋە قۇرئانلاردىكى مۇناسىۋەتلىك رىۋايەتلەرنىڭ ئەڭ قەدىمقى شەكلى دەپ قارايدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#