ئەنجۇدان ئۇرۇقى

ئەنجۇدان ئۇرۇقى بەلغەم بوشىتىپ ، يۆتەل پەسەيتىش ، يەل تارقىتىش ، ئارتۇق ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش ، ئىشىشق قايتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. 


ئۇيغۇرچە نامى ئەنجۇدان ئۇرۇقى
ئىنگلىزچە Xin jiang Giantfennel
تەمى تەمى ئاچچىق
تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسق .
مىقدارى 1 ~2 گىرام
خەنزۇچە نامى 阿魏子e wei zi
شەكلى رەڭگى سارغۇچ قىزىل
چىقىش ئورنى ئىلى رايونى،رۇسىيە،قازاقىستان.
باشقا نامى ئەنجۇدان (ئە)، ئەنگۇدان (پ)، ئەنجۇدان (ئو)
ئورۇنباسارى ياۋا سەۋزە ئۇرۇقى .

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇ كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك، ھىڭ ئۆسۈمـلۈكـنىڭ ئۇرۇقىـدىن ئىبـارەت بولۇپ ، «غۇلجـاڭ ئۇرۇقـى» ياكى «ئەنجۇدان ئۇرۇقى» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ . رەڭگى سارغۇچ قىزىل،تەمى ئاچچىق، بۇلۇپ بەتبۇي پۇراققا ئىگە.

بەلغەم بوشىتىپ ، يۆتەل پەسەيتىش ، يەل تارقىتىش ، ئارتۇق ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش ، ئاشقازاننى قۇۋەتلەش ، سۈيدۈك ۋە ھەيىزنى راۋانلاشتۇرۇش ، تۇسالغۇلارنى ئېچىش ، ئىشىشق قايتۇرۇش خۇسۇسىيىتى بار.

ئۆپكە ياللۇغى، كۆكرەك پەردە ياللۇغى، لەقۋا، پالەچ، رەئىشە، ئۇنۇتقاقلىق، بەلغەملىك قىزىتما، سۇلۇق ئىششىق، سۇيدۈك تۇتۇلۇش، ھەيىز تۇسۇلۇش، سېرىقلىق چۈشۈش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ .

1. ئەنجۇدان ئۇرۇقىدىن 5 گرام، خىيار شەنبەردىن 20 گرام، ئۇبھەل ، سانا ، سېرىق چېچەك ئۇرۇقى قاتارلىقلارنىڭ ھەربىرىدىن 10 گرام ، قاينىتىپ ، كۈنلۈكى 30 مىللىلىتىردىن ئىككى ۋاق ئىچىپ بەرسە ھەيىزنى راۋانلاشتۇرىدۇ .

 2. 5 گرام ئەنجۇدان ئۇرۇقىنى قاينىتىپ، زەيتۇن يېغىنى قوشۇپ، قۇلاققا تېمىتسا ، قۇلاق ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ .

 3. زۇپا ۋە ، شۇمشا ئۇرۇقىدىن 5 گرام ، زىغىر ئۇرۇقىدىن 7 گرام ، ئەنجۇدان ئۇرۇقىدىن 2 گرام ئېلىپ، سۇقۇپ سۇپۇپ تەييارلاپ ئىچىپ بەرسە بەلغەمنى بوشىتىپ يۆتەل پەسەيتىدۇ.

 4. ئۇدسەلىبتىن 10 گرام ، ئەنجۇدان ئۇرۇقىدىن 3 گرام ، ئاقىر قەرھا يېغىدىن 10 گرام ئېلىپ، بۇلارنى بىر ھەپتە ئاپتاپتا قۇيۇپ ، يەرلىك ئۇرۇنغا سۈركەپ بەرگەندە، رەئىشەگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

 5. ئەنجۇدان ئۇرۇقىنى پۇراپ بەرسە ، ھامىلىنى چۈشۈرىدۇ.

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار 

بۇ ئۆتكۈر پۇراقلىق سېسىق دورا بولغاچقا، بۇنى پۇرىسا، كۆڭلىنى ئېلىشتۇرۇپ قىستۇرىدۇ. ھامىلدار ئاياللار پۇراشتىن ساقلىنىش كېرەك.

تۈزەتكۈچىسى

دوۋساققا نىسبەتەن قوغۇن ئۇرۇقى، ئۈچەيگە قارىتا ئەرەب يىلىمى، ئىسسىق مىزاج كىشىلەرگە قارىتا ئانار شەربىتى ۋە باشقا شەربەتلەر .

شىنجاڭنىڭ ئىلى رايونى، شىمالىي شىنجاڭنىڭ قۇربانتوڭغۇت قۇملۇقىنىڭ جەنۇبى ۋە قۇكاڭ قاتارلىق جايلىردىن چىقىدۇ، چەت ئەلدە رۇسىيە، قازاقىستان ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق رايونلارغا تارقالغان.

ساقلاش 

4 – 6 ئاي مەزگىلىدە مېۋىسى پىشقاندا يىغىۋېلىنىپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ ساقلىنىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=499

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#