سېزىكلىك

سېزىكلىك

 سېزىكلىك - ئايال كىشى ھامىلىدار بولغاندا، كۆڭلى ئاينىيدىغان، كۆڭلى بىرەر نەرسىنى تارتىدىغان بىر خىل روھىي ھالەت.

ئۇيغۇرچە نامى سېزىكلىك
خەنزۇچە نامى 妊娠反应

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سېزىكلىككۆپ قىسىم ئاياللاردا ھامىلىدار بولۇپ، تۆتىنچى، بەشىنچى ھەپتىسىدىن باشلاپ، سېزىكلىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. سېزىكلىك باشلانغان ۋاقىتقا 250 كۈننى قوشسا، بوۋاقنىڭ تۇغۇلۇش ۋاقتىنى ھېسابلىغىلى بولىدۇ. بىراق سېزىكلىك ئالامەتلىرىنىڭ باشلىنىش ۋاقتىمۇ ھەرخىل بولىدۇ. بۇ خىل ھېسابلاش ئۇسۇلى يەنىلا ئەڭ توغرا ھېسابلاش ئۇسۇلى بولالمايدۇ.

ھامىلىدار بولغاندا، كۆڭلى ئاينىيدىغان، كۆڭلى بىرەر نەرسىنى تارتىدىغان بىر خىل روھىي ھالەت.

ئەمەلىيەتتە، سېزىكلىك ئالامىتى ئۆزلۈكىدىن ئاستا-ئاستا ئاجىزلاپ يوقاپ كېتىدۇ. بۇنىڭغا ئالاھىدە داۋالاش كەتمەيدۇ، پەقەت يېمەك-ئىچمەك ئادىتى جەھەتتە مۇۋاپىق تەڭشەش ئېلىپ بارسىلا بولىدۇ. يېمەك-ئىچمەكنى تەڭشەش لايىھىسى:

ئاز-ئازدىن، پات-پات يېيىش

ئاز-ئازدىن، پات-پات يېيىش. ئاز-ئازدىن يېيىش دېگىنى بولسا—ھەددىدىن زىيادە كۆپ يېۋىلىپ، سىڭدۈرەلمەي قالماسلىقنى كۆرسىتىدۇ. پات-پات يېيىش دېگىنى بولسا ئۇزۇن مۇددەت ئاچ قورساق يۈرۈشتىن ساقلىنىش دېگەنلىكتۇر. ئەمەلىيەتتە، قورساق ئېچىپ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن ئەھۋال ئاستىدا تاماق يېسىمۇ كۆڭلى ئېلىشىپ، ياندۇرىدۇ.

ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى ئېلىپ يۈرۈش

 ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى ئېلىپ يۈرۈش. ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەردە قەنت (شېكەر) ئاساسلىق ئورۇندا تۇرۇش كېرەك. مەسىلەن، پىرەنىك دېگەندەك. . . بۇ بولغۇسى ئانىلارنىڭ خىزمەت ئالدىراشلىقىدا، دەرھال يەپ، ئاچلىقنى كونترول قىلىشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى. 

مايسىز تاماق يېيىش

ئەتىگەنلىك تاماقتا ئىمكانقەدەر مايسىز تاماق يېيىش. مەسىلەن، بولكا دېگەندەك. ئادەتتە ئاچچىق، ئالاھىدە پۇراقلىق نەرسىلەردىن، ماي بۇسى ۋە مايلىق يېمەكلىكلەردىن ئىلاجى بار ئۆزىنى قاچۇرۇش كېرەك.

سېزىكلىك ھامىلىدار ئاياللار بۇلارغا دىققەت قىلغاندىن سىرت، كۈندىلىك تۇرمۇشتىمۇ ئائىلە ئەزالىرى كۆپرەك ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ تۇرۇشى كېرەك.

غىزالانغاندا، يېمەكلىكنىڭ سۇ مىقدارى بەك كۆپ بولماسلىق. سۇ ئىچكۈسى كېلىپ كەتكەن بولسا ئەڭ ياخشىسى ئىككى ۋاخ تاماق ئارىلىقىدا ئىچىش. چۈنكى سۇ مىقدارى ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولۇپ كەتسىمۇ ئاشقازان، ئۈچەينى ئاغرىتىپ، ياندۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.

 ياندۇرۇشى ئېغىر بولغان كىشىلەر ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئازراق پېچىنە يېۋالسا، كېچىدىكى ۋە ئەتىگەندىكى قان شېكىرىنى تولۇقلايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ۋاراڭ-چۇرۇڭ ۋە ھاۋاسى ناچار يەردە ئىمكانقەدەر غىزالانماسلىق كېرەك، نۇرغۇنلىغان بولغۇسى ئانىلار دەسلەپكى مەزگىلدە ئىشتىھاسى ياخشى بولماي، بەدەن ئېغىرلىقى يېنىكلەپ كېتىدۇ. بىراق بۇ ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر قىلمايدۇ ۋە مەڭگۈلۈك خەتەرنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ. ئەگەر ئېھتىياجلىق بولغاندا ۋىتامىن B6 نى تولۇقلىسا بولىدۇ، بىراق ياندۇرۇشنى توختىتىش دورىسىنى خالىغانچە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. ئەلۋەتتە دورا يېيىشكىمۇ بولمايدۇ، ئەگەر ياندۇرۇش دەرۋەقە بەك ئېغىر بولۇپ كېتىپ، كوللاپىس (قانسىراش، سۇسىزلىنىش، زەھەرلىنىش قاتارلىقلار نەتىجىسىدە يۈرەك قان ئايلىنىشنىڭ زەئىپلىشىشى) دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن بولسا ياندۇرۇشنى توختىتىش دورىسىنى ئىشلەتسە بولىدۇ. بىراق، ئەڭ ياخشىسى يەنىلا ئاياللار بۆلۈمىدىكى دوختۇرلار رېتسېپ يېزىپ بەرسە ياخشى بولىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#