غېجەك

غېجەك چالغۇلىرىمىز ئىچىدىكى ئەڭ قەدىمى تارلىق، كامانچىلىق چالغۇ.

ئۇيغۇرچە نامى غېجەك
ياسىلىش ماتېرىيالى ئۆرۈك، چىنار، ئۈجمە، ياڭاق ياغاچلىرى
تۈرى چالغۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

 غېجەك چالغۇلىرىمىز ئىچىدىكى ئەڭ قەدىمى تارلىق، كامانچىلىق چالغۇ. ئۇ سورۇنلاردا ئىزچىل باشلامچىلىق رولىنى ئۆتەپ كەلگەن، خەلق كۈي – مۇقاملىرىمىزنى ئورۇنداشتا بۇ چالغۇ خۇسۇسىدا يېڭىچە يۈكسىلىشلەر بارلىققا كەلگەن.

غېجەك ئۆرۈك، چىنار، ئۈجمە، ياڭاق ياغاچلىرىدا ياسىلىدۇ. ئۇنىڭ باش قىسمى يۇمىلاق بولۇپ، دىيامېتىرى 5سانتىمېتىر ياكى 14 .15 سانتىمېتىر بولىدۇ. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 70 سانتىمېتىر بولۇپ، باش قىسمىنىڭ قاق ئوتتۇرىسىدىن كەينى تەرەپكە يىلان تېرىسى كىرىلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇقىرىقى ماتېرىياللاردىن نەپىس تەييارلانغان چاپلىما ئورنىتىلغان. ئالدى تەرىپىگە توققۇز سانتىمېتىرلىق ئۆلچەمدە چىرايلاق يۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلغان، شەرتلىك ئاساستا ئوبدان سادا قايتۇرغۇچى ئۈجمە ياغىچىدىن 1.5 سانتىمېتىر كەڭلىكتە تىل ئېلىنغان، مۇۋاپىق ئاۋاز تىرىكى بېكىتىلىپ ئوتتۇرا قىسىمدىكى تىرەككە يېپىىشتۈرۈلغان. خەرەك مۇۋاپىق مىقداردا سىم ئىلغۇچ تۆشۈكىدىن بەش – ئالتە سانتىمېتىر ئارىلىققا قويۇلغان.

غېجەكنىڭ ئىسكىرىپكىدىن ئارتۇقچىلىقى شۇكى، چالغۇچى ئۇنىڭ «ئاي» شەكىللىك تىرىغۇچىنى تىزى ئۈستىگە قويۇۋېلىپ، كۈينىڭ رىتىم ئېھتىياجى بويىچە ئەركىن ھەرىكەتلەندۈرۈپ، كامانچىنىڭ ھەرقانداق كۈينى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇندىيالايدۇ.

 غېجەك ئىزچىل خەلقىمىزنىڭ سۆيۈملۈك چالغۇسى ھېسابلىنىپ كەلگەن، ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشى ئۇزاق تارىخقا ئىگە.

بۇ توغرىلىق قىزىقارلىق مەلۇمات بار: «زىننەت ئەل مەجالىس» (زىننەتلەرنىڭ مەجلىسى) ناملىق كىتابتا ھېكايە قىلىنىشىچە، فارابى راي شەھىرىدە ساھىب ئىبىن ئابباد ھۇزۇرىدا بولغاندا، ۋەزىرلەر شەرىپىگە ئۆتكۈزۈلگەن زىياپەتتە ئۆزى ئىجاد قىلغان چالغۇدا كۈي چالغان. قارىماققا كىچىك قاپاققا ئوخشايدىغان بۇ چالغۇ «غېجەك» ئاتالغان. بۇ چالغۇدا فارابى ئۈچ قىسىملىق كۈي ئورۇنداپ ئاڭلىغۇچىلارنى ھەم يىغلاتقان، ھەم كۈلدۈرگەن، ھاياجانغا سالغان (ئۆزبېكچە مۇراد تاشمۇ ھەممەدوفنىڭ «غېجەك دەرسلىكى» ناملىق كىتابىدىن ئېلىنغان).

    20 – ئەسىرنىڭ 50-، 60 – يىللىرىغا كەلگەندە غېجەك يېڭىچە تەرەققىيات دەۋرىگە يۈزلەنگەن.

مەشھۇر مۇزىكانت، كومپوزىتور، مۇزىكا مائارىپچىسى شىرئەلى ھاشىم ھاجى، ماھىر چالغۇچى ئابدۇللا ھامۇت، تەتقىقاتچى مۇھەممەدخان ھاشىملارنىڭ تىرىشىشى نەتىجىسىدە غېجەك ئوبدانلا ئىسلاھ قىلىنغان.

ئۇلارنىڭ شۇ ئۆلمەس ئەجرى تۈپەيلى تەۋەررۈك چالغۇمىز غېجەك، دەۋرىمىزدە دۇنياۋى چالغۇ ئىسكىرىپكا بىلەن رىقابەتلىشىش دەرىجىسىگە يەتكەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#