قەشقەر يېزا ئىگىلىك مەكتىپى

قەشقەر يېزا ئىگىلىك مەكتىپى 1954-يىلى 10-ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق دېھانچىلىق، ئورمانچىلىق نازارىتى قەشقەردە جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى دېھقانچىلىق تەربىيىلەش سىنىپى ئاچقان. بۇ ئاساستا 1958-يىلى 4-ئايدا قۇرۇلۇشقا باشلاپ، شۇ يىلى 12-ئايدا رەسمىي ھالدا «قەشقەر يېزا ئىگىلىك مەكتىپى» دەپ نام بېرىلگەن. 

ئۇيغۇرچە نامى قەشقەر يېزا ئىگىلىك مەكتىپى
قۇرۇلغان ۋاقتى 1958-يىلى 10-ئاي
مەكتەپ تۈرى
كەسپى مەكتەپ
خەنزۇچە نامى 喀什农业学校
ئايرىمىسى كەسپىي مائارىپ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قەشقەر يېزا ئىگىلىك مەكتىپى 1954-يىلى 10-ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق دېھانچىلىق، ئورمانچىلىق نازارىتى قەشقەردە جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى دېھقانچىلىق تەربىيىلەش سىنىپى ئاچقان. بۇ ئاساستا  1958-يىلى 4-ئايدا قۇرۇلۇشقا باشلاپ، شۇ يىلى 12-ئايدا رەسمىي ھالدا «قەشقەر يېزا ئىگىلىك مەكتىپى» دەپ نام بېرىلگەن. مەكتەپ خەنزۇ، مىللىي ئارىلاش مەكتەپ بولۇپ، ئوقۇتۇشتا خەنزۇ تىلى، ئۇيغۇر تىلى قوللىنىلىدۇ. ئىگىلىگەن يەر مەيدانى 34000 كۋادرات مېتىر بولۇپ، ئوقۇتۇش رايونى قۇرۇلۇش كۆلىمى 21602 كۋادرات مېتىر.

 مەكتەپ شتاتى 1999-يىلى مەخسۇس ئوقۇتقۇچىسى 120 نەپەر (ئالىي دەرىجىلىك لېكتور سەككىز نەپەر، لېكتور 39 ئادەم، ياردەمچى لېكتور 45 نەپەر) ، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى 910 نەپەر. مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان جەمئىي 8000 نەپەردىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى تەربىيىلىنىپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن، 2000 نەپەردىن ئارتۇق ئادەم قىسقا مۇددەتلىك كۇرستا تەربىيىلەنگەن.

قەشقەر يېزا ئىگىلىك مەكتىپى 1954-يىلى 10-ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق دېھانچىلىق، ئورمانچىلىق نازارىتى قەشقەردە جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى دېھقانچىلىق تەربىيىلەش سىنىپى ئاچقان. بۇ ئاساستا  1958-يىلى 4-ئايدا قۇرۇلۇشقا باشلاپ، شۇ يىلى 12-ئايدا رەسمىي ھالدا «قەشقەر يېزا ئىگىلىك مەكتىپى» دەپ نام بېرىلگەن. 1976-يىلى قەشقەر يېزا ئىگىلىك ئىنستىتۇتى قۇرۇلغاندا ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ كەتكەن. مەكتەپ قەشقەر شەھەر سىرىتىنىڭ شەرقىدىكى دەريا بويىغا كۆچۈرۈلگەن. 1978-يىلى قەشقەر يېزا ئىگىلىك ئىنستىتۇتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، مەكتەپ يەنە ئەسلى ئورنىغا كۆچۈرۈلۈپ، قەشقەر يېزا ئىگىلىك مەكتىپى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن، قەشقەر ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىك ئىدارىسىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولغان. 

مەزكۇر مەكتەپ قەشقەر ۋىلايىتىدىكى بىردىنبىر يېزا ئىگىلىك، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان ئادەتتىكى ئوتتۇرا تېخنىكوم كەسپىي مەكتىپى، مەكتەپ يېزا ئىگىلىك، يېزا ئىقتىسادىي، باغۋەنچىلىك، چارۋىچىلىق، ئۆسۈملۈك ئاسراس قاتارلىق ئالتە تايانچ كەسىپ ۋە مۇناسىپ ئالتە كەسپىي بۆلۈم تەسىس قىلغان ھەمدە جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى كارانتىن قىلىش، پاختا، مېۋىلىك دەرەخ، كۆكتات، يېزا كەنتلىرىنى پىلانلاش كەسىپلىرىنىمۇ ئاچقان.

مەكتەپتە قەشقەر ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىك كادىرلارنى تەربىيىلەش بۆلۈمى، قەشقەر ۋىلايەتلىك پاختا تېخنىكىسى يېتىشتۈرۈش مەركىزى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئۈسكۈنىلىرى ئىلغار كومپيۇتېرخانا، تىل-تەجرىبىخانا، ئېلېكترلەشكەن ئوقۇتۇش مەركىزى ۋە كەسپىي تەجرىبىخانىلاردىن 21 سى، مەكتەپ ئىچى-سىرتىدا پراكتىكا بازىسىدىن 19 ھەمدە نەسىل يېتىشتۈرۈش بازىسى. باقمىچىلىق مەيدانى بار. كۇتۇپخانىدىكى كىتاب 30 مىڭدىن ئارتۇق. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەكتەپ ئوقۇتۇش شەكلى كۆپ خىللىشىپ، پۈتۈن كۈنلۈك ئوتتۇرا تېخنىكومىدىن مەخسۇس تۈردىكى تېخنىك يېتىشتۈرۈش، كەسپىي سالاھىيەت تەربىيىلەش قاتارلىقلارنى يولغا قويغان، رايونىمىزدىكى مۇناسىۋەتلىك ئونىۋېرسىتېتلار بىلەن بىرگە، ئىشتىن سىرتقى مەخسۇس كۇرس سىنىپى ۋە «2+3 يىزا ئىگىلىك ئوقوتقۇچىلرى تەربىلەش مەخسۇس كورۇس سىنىپى تەسىس قىلغان.

1997-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تەرىپىدىن «ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇشتىكى ئىلغار ئورۇن» دەپ باھالاندى.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#