مەمۇرىي دەۋا قانۇنىنى ئىجرا قىلىشتىكى بىرنەچچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھات

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇ

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرىي دەۋا قانۇنى»نى ئىجرا قىلىشتىكى بىرنەچچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھاتى 1999-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى سوت ھەيئىتىنىڭ 1088-يىغىنىدا ماقۇللانغان. 2000-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان. 2000-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن ئېتىبارەن يولغا قويۇلغان.

ئۇيغۇرچە نامى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرىي دەۋا قانۇنى»نى ئىجرا قىلىشتىكى بىرنەچچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھاتى
ماقۇللانغان ۋاقتى 1999-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى
ھۆججەت س ئى (2000) 8-نومۇرلۇق بۇيرۇق
خەنزۇچە نامى 最高人民法院关于执行《中华人民共和国行政诉讼法》若干问题的解释
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 2000-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2000-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

س ئى (2000) 8-نومۇرلۇق بۇيرۇق

1999-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى سوت ھەيئىتىنىڭ 1088-يىغىنىدا ماقۇللاندى. 2000-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىندى. 2000-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن ئېتىبارەن يولغا قويۇلىدۇ.

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى

2000-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرىي دەۋا قانۇنى» (تۆۋەندە قىسقارتىپ مەمۇرىي دەۋا قانۇنى دېيىلىدۇ)نى توغرا چۈشىنىش ۋە تەتبىقلاش ئۈچۈن، مەمۇرىي سوت خىزمىتى ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، مەمۇرىي دەۋا قانۇنىنى ئىجرا قىلىشتىكى بىرنەچچە مەسىلە توغرىسىدا تۆۋەندىكىچە ئىزاھات بېرىمىز:

بىرىنچى دېلو قوبۇل قىلىش دائىرىسى

1-ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار دۆلەت مەمۇرىي ھوقۇقىغا ئىگە ئورگانلار، تەشكىلاتلار ۋە ئۇلارنىڭ خادىملىرىنىڭ مەمۇرىي ھەرىكىتىگە قايىل بولماي قانۇن بويىچە قىلغان دەۋالار خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەمۇرىي دېلولىرىنى قوبۇل قىلىش دائىرىسىگە كىرىدۇ.

پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلار تۆۋەندىكى ھەرىكەتلەرگە قايىل بولماي قىلغان دەۋالار خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەمۇرىي دەۋا دېلولىرىنى قوبۇل قىلىش دائىرىسىگە كىرمەيدۇ.

(1) مەمۇرىي دەۋ اقانۇنىنىڭ 12-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ھەرىكەتلەر؛

(2) جامائەت خەۋپسىزلىكى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى جىنايى ئىشلار دەۋ اقانۇنىدا ئېنىق بېرىلگەن ھوقۇقىغا بىنائەن يۈرگۈزگەن ھەرىكەتلەر؛

(3) مۇرەسسە ھەرىكەتلىرى ۋە قانۇندا بەلگىلەنگەن كېسىم ھەرىكەتلىرى؛

(4) مەجبۇرلاش كۈچى بولمىغان مەمۇرىي يېتەكچىلىك ھەرىكەتلىرى؛

(5) دەۋالاشقۇچىلارنىڭ مەمۇرىي ھەرىكەت ئۈستىدىن قىلغان دەۋاسىنى رەت قىلىشتىكى تەكرار بىر تەرەپ قىلىش ھەرىكەتلىرى؛

(6) پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ھوقۇق-مەجبۇرىيىتىگە ئەمەلىي تەسىر كۆرسەتمەيدىغان ھەرىكەتلەر.

2-ماددا مەمۇرىي دەۋا قانۇنىنىڭ 12-ماددا (1) تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن دۆلەت ھەرىكەتلىرى دەپ گوۋۇيۈەن، مەركىزىي كومىتېت ھەربىي ئىشلار كومىتېتى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئورگانلار ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بېرىلگەن ھوقۇقىغا ئاساسەن، دۆلەت نامىدا يۈرگۈزگەن دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە دىپلوماتىيە ئىشلىرىغا دائىر ھەرىكەتلەر، شۇنداقلا ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا ھوقۇق بېرىلگەن دۆلەت ئورگانلىرى جىددىي ھالەت، ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈش ۋە ئومۇمىي سەپەرۋەرلىك قىلىشنى جاكارلاش ھەرىكەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

3-ماددا مەمۇرىي دەۋا قانۇنىنىڭ 12-ماددا (2) تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن «ئومۇميۈزلۈك چەكلەش كۈچىگە ئىگە قارار ۋە بۇيرۇقلار» دەپ، مەمۇرىي ئورگانلار خاسلىققا ئىگە بولمىغان ئوبيكېتلارغا قارىتا ئېلان قىلغان تەكرار تەتبققلاشقا بولىدىغان قېلىپلشقان مەمۇرىي ھۆججەتلەرنى كۆرسىتىدۇ.

4-ماددا مەمۇرىي دەۋا قانۇنىنىڭ 12-ماددا (3) تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن «مەمۇرىي ئورگان خادىملىرىنى مۇكاپاتلاش ۋە تەيىنلەش، قالدۇرۇش قارارلىرى» دەپ، مەمۇرىي ئورگانلار چىقارغان شۇ مەمۇرىي ئورگان خىزمەتچىلىرىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان قارارلارنى كۆرسىتىدۇ.

5-ماددا مەمۇرىي دەۋا قانۇنىنىڭ 12-ماددا (4) تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن «قانۇندا ئاخىرقى قارارىنى مەمۇرىي ئورگانلار چىقىرىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتلەر»دىكى «قانۇن» مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى تۈزگەن، ماقۇللىغان قېلىپلاشقان ھۆججەتلەرنى كۆرسىتىدۇ.

ئىككىنچى باشقۇرۇش تەۋەلىكى

6-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ مەمۇرىي سوت كوللېگىيىسى مەمۇرىي دېلولارنى سوت قىلىدۇ ۋە مەمۇرى ئورگانلارنىڭ كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكىتىنى ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىش ئىلتىماس قىلىنغان دېلولارنى تەكشۈرىدۇ.

مەخسۇس خەلق سوت مەھكىمىلىرى، خەلق سوتلىرى مەمۇرىي دېلولارنى سوت قىلمايدۇ، شۇنداقلا مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكىتىنى ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىش ئىلتىماس قىلىنغان دېلولارنى تەكشۈرمەيدۇ ۋە ئىجرا قىلمايدۇ.

7-ماددا قايتا قاراپ چىقىش قارارلىرىدىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرى بولغانلىرى مەمۇرىي دەۋا قانۇنىدا بەلگىلەنگەن «ئەسلىدىكى كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتنى ئۆزگەرتىش»كە كىرىدۇ:

(1) ئەسلىدىكى كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتتە بېكىتىلگەن ئاساسىي پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلار ئۆزگەرتىلگەن بولسا؛

(2) ئەسلىدىكى كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتكە تەتبىقلانغان قېلىپلاشقان دەلىل-ئىسپاتلار ئۆزگەرتىلگەنلىكتىن، خاراكتېرنى بېكىتىشكە تەسىر يەتكەن بولسا؛

(3) ئەسلىدىكى كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتنىڭ بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسى كۈچتىن قالدۇرۇلغان، قىسمەن كۈچتىن قالدۇرۇلغان ياكى ئۆزگەرتىلگەن بولسا.

8-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرى بولغانلىرى مەمۇرىي دەۋا قانۇنىنىڭ 14-ماددا (3) تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن «ئۆز تەۋەلىكىدىكى چوڭ، چىگىش دېلولار»غا كىرىدۇ:

(1) جاۋابكار ناھىيىدىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى بولغاچقا، ئاساىسي قاتلام خەلق سوت مەھكىمىسى سوت قىلىشقا مۇۋاپىق بولمايدىغان دېلولار؛

(2) ئىجتىمائىي تەسىرى زور بولغان ئورتاق دەۋا، گۇرۇھ دەۋالىرى دېلولىرى؛

(3) چەت ئەلگە ياكى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ۋە تەيۋەن رايونىغا چېتىلىدىغان چوڭ دېلولار؛

(4) باشقا چوڭ، چىگىش دېلولار.

9-ماددا مەمۇرىي دەۋا قانۇنىنىڭ 18-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن «دەۋاگەر تۇرۇشلۇق جاي»، دەۋاگەرنىڭ نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي، دائىم ئولتۇرۇشلۇق جايى ۋە جىسمانىي ئەركىنلىكى چەكلەنگەن جاينى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مەمۇرىي ئورگان ئوخشاش بىر پاكىتقا ئاساسەن ھەم جىسمانىي ھەم مال-مۈلۈك جەھەتتە مەمۇرىي جازا بەرگەن ياكى مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللانغان بولسا، جىسمانىي ئەركىنلىكى چەكلەنگەن پۇقرالار، مال-مۈلكى تۇتۇپ قېلىنغان ياكى مۇسادىرە قىلىنغان پۇقرالار قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلاردىن يۇقىرىقى ھەرىكەتكە قايىل بولمىغانلار ھەم جاۋابكار تۇرۇشلۇق جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ، دەۋانى قوبۇل قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسى باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى بىرلەشتۈرۈپ سوت قىلسا بولىدۇ.

10-ماددا دەۋالاشقۇچىلار باشقۇرۇش تەۋەلىكى ئۈستىدىكى باشقىچە پىكرىنى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ دەۋاغا جاۋاب بېرىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈنىدىن باشلاپ ئون كۈن ئىچىدە يازما ئوتتۇرىغا قويۇشى لازىم.

دەۋالاشقۇچىلارنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكى ئۈستىدىكى پىكرىنى خەلق سوت مەھكىمىسى تەكشۈرۈشى كېرەك. باشقىچە پىكرى پۇت تىرەپ تۇرالىغانلىرىدا، كېسىم ئارقىلىق دېلونى باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقى بولغان خەلق سوت مەھكىمىسىگە يۆتكەپ بېرىدۇ؛ باشقىچە پىكرى پۇت تىرەپ تۇرالمىغانلىرىنى كېسىم ئارقىلىق رەت قىلىدۇ.

ئۈچىنچى دەۋاغا قاتناشقۇچىلار

11-ماددا مەمۇرىي دۋا قانۇنىنىڭ 24-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن «يېقىن تۇغقانلار» دەپ، جورىسى، ئاتا-ئانىسى، ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللىرى، بوۋا-مومىسى، ئانا جەمەت بوۋا-مومىسى، نەۋرىلىرى ۋە يار-يۆلەك بولۇش، ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مۇناسىۋىتى بولغان باشقا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

جىسمانىي ئەركىنلىكى چەكلەنگەنلىكتىن دەۋا قىلالمىغان پۇقرالارنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى ئاغزاكى ياكى يازما ھاۋالىسى بىلەن شۇ پۇقرانىڭ نامىدا دەۋا قىلسا بولىدۇ.

12-ماددا كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەت بىلەن قانۇن جەھەتتە مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولغان پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار شۇ ھەرىكەتكە قايىل بولمىسا، قانۇن بويىچە مەمۇرى دەۋا قىلسا بولىدۇ.

13-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرى بولسا، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار قانۇن بويىچە مەمۇرىي دەۋا قىلسا بولىدۇ:

(1) دەۋا قىلىنغان كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەت قوشنىدارچىلىق ھوقۇقى ياكى ئادىل رىقابەتلىشىش ھوقۇقىغا چېتىلسا؛

(2) دەۋا قىلىنغان مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش قارارى بىلەن قانۇن جەھەتتە مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولغان ياكى قايتا قاراپ چىقىش تەرتىپىدە 3-كىشى قىلىنغان بولسا؛

(3) ئاساسلىق باشقۇرغۇچى مەمۇرىي ئورگان زىيانغا ئۇچراتقۇچىنىڭ قانۇن جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلسا؛

(4) كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتنى كۈچتىن قالدۇرۇش ياكى ئۆزگەرتىش بىلەن قانۇن جەھەتتە مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولسا.

14-ماددا شېرىكچىلىك كارخانىلىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا، تىزىمغا ئالدۇرۇلغان كارخانا دەۋاگەر بولۇپ، شېرىكچىلىك كارخانىسىنىڭ ئىشلىرىنى بىر ياقلىق قىلىدىغان شېرىكلەشكۈچىلەر دەۋا ۋەكىلى بولىدۇ؛ شېىرىكچىلىكتىكى باشقا تەشكىلاتلار دەۋا قىلسا، شېرىكلەشكۈچىلەر ئورتاق دەۋاگەر بولىدۇ.

قانۇنىي ئىگە سالاھىيىتى بولمىغان باشقا تەشكىلاتلار خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا، شۇ تەشكىلاتنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى دەۋا ۋەكىلى بولىدۇ؛ ئاساسلىق مەسئۇلى بولمىغانلىرىدا، سايلاپ چىقىلغان مەسئۇلى دەۋا ۋەكىلى بولسا بولىدۇ.

بىر دېلودىكى دەۋاگەر بەشتىن ئارتۇق بولسا، بىردىن بەشكىچە دەۋا ۋەكىلى سايلاپ چىقىپ دەۋاغا قاتناشتۇرۇش لازىم؛ بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە سايلاپ چىقالمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ھوقۇقىغا ئاساسەن بەلگىلەپ بەرسە بولىدۇ.

15-ماددا بىرلەشمە تىجارەت كارخانىلىرى، جۇڭگو، چەت ئەل شېرىكچىلىكىدىكى ياكى ھەمكارلىقىدىكى كارخانىلاردىكى بىرلەشمە تىجارەت قىلغۇچى، شېرىكلەشكۈچى، ھەمكارلاشقۇچى تەرەپلەر بىرلەشمە تىجارەت كارخانىسى، جۇڭگو-چەت ئەل شېرىكچىلىكىدىكىياكى ھەمكارلىقىدىكى كارخانىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتى ياكى ئۆزىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتى كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتنىڭ دەخلى-تەرۇزىگە ئۇچرىدى دەپ قارىسا، ئۆزىنىڭ نامىدا دەۋا قىلسا بولىدۇ.

16-ماددا يېزىلاردىكى يەرنى ھۆددىگە ئالغۇچىلار قاتارلىق يەردىن پايدىلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە كىشىلەر مەمۇرىي ئورگاننىڭ ئۆزى ئىشلىتىۋاتقان يېزا كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەرنى بىر تەرەپ قىلىش ھەرىكىتىگە قايىل بولمىسا، ئۆزىنىڭ نامىدا دەۋا قىلسا بولىدۇ.

17-ماددا دۆلەت ئىگىدارلىقىدا بولمىغان كارخانىلار مەمۇرىي ئورگان تەرىپىدىن رويىخەتتىن ئۆچۈرۈۋېتىلگەن، ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان، بىرلەشتۈرۈۋېتىلگەن، مەجبۇرىي بۇيرۇق ئارقىلىق قوشۇۋېتىلگەن، سېتىۋېتىلگەن، ئايرىۋېىتىلگەن ياكى كارخانىنىڭ تەۋەلىك مۇناسىۋىتى ئۆزگەرتىۋېتىلگەن بولسا، شۇ كارخانا ياكى ئۇنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى دەۋا قىلسا بولىدۇ.

 18-ماددا پاي تۈزۈمىدىكى كارخانىلارنىڭ پايچىكلار يىغىنى، پايچىكلار قۇرۇلتىيى، مۇدىرىيەت يىغىنى قاتارلىقلار مەمۇرىي ئورگاننىڭ كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكىتى كارخانىنىڭ تىجارەتتە ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولۇش ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلدى دەپ قارىسا، كارخانا نامىدا دەۋا قىلسا بولىدۇ.

19-ماددا دەۋالاشقۇچىلار يۇقىرى دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورگان تەستىقلىغان كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتكە قايىل بولماي، خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا، سىرتقا قارىتا قانۇن كۈچىگە ئىگە بولغان ھۆججەتكە نامى يېزىلغان ئورگان جاۋابكار بولىدۇ.

20-ماددا مەمۇرىي ئورگان تەسىس قىلغان ھەمدە مەمۇرىي باشقۇرۇش فۇنكسىيىسى بەرگەن، ئەمما قانۇن جاۋابكارلىقىنى مۇستەقىل ئۈستىگە ئېلىش ئىقتىدارى بولمىغان ئاپپاراتلار ئۆزىنىڭ نامىدا ئېلىپ بارغان كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتكە دەۋالاشقۇچى قايىل بولماي دەۋا قىلسا، شۇ ئاپپاراتنى تەسىس قىلغان مەمۇرىي ئورگان جاۋابكار بولىدۇ.

مەمۇرىي ئورگان ئىچىدە تەسىس قىلىنغان ئاپپارات ياكى ۋاكالەت ئاپپاراتى قانۇن-نىزام ياكى قائىدىلەردە ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا، ئۆزىنىڭ نامىدا ئېلىپ بارغان كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتكە دەۋالاشقۇچىلار قايىل بولماي دەۋا قىلسا، شۇ مەمۇرىي ئورگان جاۋابكار بولىدۇ.

قانۇن-نىزام ياكى قائىدىلەردە مەمۇرىي ھوقۇق يۈرگۈزۈش ھوقۇقى بېرىلگەن مەمۇرىي ئورگان ئىچىدە تەسىس قىلىنغان ئاپپارات، ۋاكالەت ئاپپاراتى ياكى باشقا تەشكىلاتلار قانۇندا بېرىلگەن ھوقۇق دائىرىسىدىن ھالقىپ ئېلىپ بارغان مەمۇرىي ھەرىكەتكە دەۋالاشقۇچىلار قايىل بولماي دەۋا قىلسا، شۇ ھەرىكەتنى ئېلىپ بارغان ئاپپارات ياكى تەشكىلات جاۋابكار بولىدۇ.

21-ماددا مەمۇرىي ئورگان قانۇن-نىزام ياكى قائىدىلەردە بەلگىلىمە يوق ئەھۋالدا، ئۆز ئىچىدە تەسىس قىلىنغان ئاپپارات، ۋاكالەت ئاپپاراتى ياكى باشقا تەشكىلاتلارغا مەمۇرىي ھوقۇق بەرگەن بولسا، ھاۋالە قىلىنغان دەپ قاراش لازىم. دەۋالاشقۇچىلار قايىل بولماي دەۋا قىلسا، شۇ مەمۇرىي ئورگان جاۋابكار بولىدۇ.

22-ماددا قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان قانۇندا بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە قايتا قاراپ چىقىش قارارى چىقارمىغان، دەۋالاشقۇچىلار ئەسلىدىكى كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتكە قايىل بولماي دەۋا قىلغان بولسا، ئەسلىدىكى كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتنى ئېلىپ بارغان ئورگان جاۋبكار بولىدۇ؛ دەۋالاشقۇچىلار قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگاننىڭ پاسسىپ ھەرىكىتىگە قايىل بولماي دەۋا قىلسا، قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان جاۋابكار بولىدۇ.

23-ماددا دەۋاگەر دەۋا قىلغان جاۋابكار مۇۋاپىق بولمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسى دەۋاگەرگە جاۋابكارنى ئۆزگەرتىشنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك، دەۋاگەر ئۆزگەرتىشكە قوشۇلمىسا، دەۋانى كېسىم ئارقىلىق رەت قىلىشى لازىم.

جاۋابكارنى قوشۇشقا تېگىشلىك بولسىمۇ، دەۋاگەر قوشۇشقا قوشۇلمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭغا 3-كىشى قاتارىدا دەۋاغا قاتنىشىشنى ئۇقتۇرۇشى لازىم.

24-ماددا مەمۇرىي ئورگاننىڭ ئوخشاش بىر كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكىتى ئىككىدىن ئارتۇق مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولغان كىشىگە چېتىشلىق بولۇپ، ئۇلاردىن بىر قىسمى كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتكە قايىل بولماي دەۋا قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى دەۋا قىلمىغان مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولغان كىشىگە 3-كىشى قاتارىدا دەۋاغا قاتنىشىشنى ئۇقتۇرۇشى لازىم.

3-كىشى شۇ دېلوغا ئالاقىدار دەۋا تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ 1-سوت ھۆكۈمىگە قايىل بولمىسا، نارازىلىق ئەرز بېرىشكە ھوقۇقلۇق.

 25-ماددا دەۋالاشقۇچىلار دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىشتا، خەلق سوت مەھكىمىسىگە ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ ئىمزاسى قويۇلغان ياكى تامغىسى بېسىلغان ھوقۇق بېرىش ھاۋالىنامىسىنى تاپشۇرۇشى لازىم. ھاۋالىنامىگە ھاۋالە قىلىنغان ئىشلار ۋە كونكرېت ھوقۇق چېكى ئېنىق يېزىلىشى كېرەك. پۇقرالار ئالاھىدە ئەھۋال ئاستىدا يازما ھاۋالە قىلالمىسا، ئاغزاكى ھاۋالە قىلسىمۇ بولىدۇ. ئاغزاكى ھاۋالىنى خەلق سوت مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دېلوغا خاتىرىلەپ قويۇشى لازىم؛ دەۋا قىلىنغان ئورگان ياكى ھەمكارلىشىش مەجبۇرىيىتى بولغان باشقا ئورگانلار خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكى چەكلەنگەن پۇقرادىن تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى رەت قىلسا، ھاۋالە ۋۇجۇدقا چىققان دەپ قارىلىدۇ. دەۋالاشقۇچىلار ھاۋالىنى بىكار قىلماقچى ياكى ئۆزگەرتمەكچى بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسىگە يازما دوكلات قىلىشى كېرەك، خەلق سوت مەھكىمىسى باشقا دەۋالاشقۇچىلارغا بۇ ھەقتە ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ.

تۆتىنچى دەلىل-ئىسپات

26-ماددا مەمۇرىي دەۋا جەريانىدا، جاۋابكار ئۆزىنىڭ كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكىتىگە ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

جاۋابكار ئەرز خېتىنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈنىدىن باشلاپ ئون كۈن ئىچىدە جاۋاب خېتى تاپشۇرۇشى ھەمدە كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغان چاغدىكى دەلىل-ئىسپات ۋە ئاساس بىلەن تەمىن ئېتىشى كېرەك؛ جاۋابكار تەمىن ئەتمىسە ياكى يوللۇق ئاساسى يوق تۇرۇقلۇق تەمىن ئېتىشنى كەينىگە سۈرسە، شۇ كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتنىڭ دەلىل-ئىسپاتى ۋە ئاساسى يوق دەپ بېكىتىش لازىم.

27-ماددا دەۋاگەر تۆۋەندىكى ئىشلاردا ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ:

(1) دەۋانىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ، ئەمما جاۋابكار دەۋاگەرنىڭ دەۋاسى سۈرۈكتىن ئېشىپ كەتكەن دەپ قارىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛

(2) جاۋابكارنىڭ پاسسىپ ھەرىكىتى ئۈستىدىن دەۋا قىلىنغان دېلودا، ئۆزىنىڭ ئىلتىماسىدىكى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدۇ؛

(3) قوشۇپ قېلىنغان مەمۇرىي تۆلەم دەۋاسىدا، دەۋا قىلىنغان ھەرىكەتنىڭ دەخلى-تەرۇزىدىن كېلىپ چىققان زىيانغا دائىر پاكىتلارنى ئىسپاتلايدۇ؛

(4) دەۋاگەر دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك باشقا ئىشلار.

28-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرى بولسا، جاۋابكار خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىپ، ئالاقىدار دەلىل-ئىسپاتلارنى تولۇقلىسا بولىدۇ:

(1) جاۋابكار كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغاندا، دەلىل-ئىسپات توپلىغان، لېكىن تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان يوللۇق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تەمىن ئېتەلمىگەن بولسا؛

(2) دەۋاگەر ياكى 3-كىشى دەۋا جەريانىدا، جاۋابكار مەمۇرىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش جەريانىدا ئوتتۇرىغا قويمىغان رەددىيە بېرىش ئاساسى ياكى دەلىل-ئىسپاتىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسا.

29-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرى بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى دەلىل-ئىسپات ئېلىشقا ھوقۇقلۇق:

(1) دەۋاگەر ياكى 3-كىشى ۋە ئۇنىڭ دەۋا ۋاكالەتچىسى دەلىل-ئىسپات يىپ ئۇچى بىلەن تەمىن ئەتكەن، لېكىن ئۆز ئالدىغا توپلىيالماي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ دەلىل-ئىسپات ئېلىشىنى ئىلتىماس قىلغان بولسا؛

(2) دەۋالاشقۇچىلار تەمىن ئېتىشكە تېگىشلىك بولسىمۇ، ئەسلىي نۇسخىسى ياكى ئەسلىي نەرسە بىلەن تەمىن ئېتەلمىگەن بولسا.

30-ماددا تۆۋەندىكى ئىسپاتلارنى دەۋا قىلىنغان كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتنىڭ قانۇنلۇقلۇقىنى بېكىتىش ئاساسى قىلىشقا بولمايدۇ:

(1) جاۋابكار ۋە ئۇنىڭ دەۋا ۋاكالەتچىسى كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغاندىن كېيىن ئۆز ئالدىغا توپلىغان دەلىل-ئىسپاتلار؛

(2) جاۋابكار قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپكە ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ توپلىغان باشقا دەلىل-ئىسپاتلار.

31-ماددا سوتتا يۈزلەشتۈرۈلمىگەن دەلىل-ئىسپاتلارنى خەلق سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم-كېسىمنىڭ ئاساسى قىلىشقا بولمايدۇ.

قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان قايتا قاراپ چىقىش جەريانىدا توپلىغان ۋە تولۇقلىغان دەلىل-ئىسپاتلارنى خەلق سوت مەھكىمىسى ئەسلىي كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتنى كۈچكە ئىگە قىلىش ئاساسى قىلىشقا بولمايدۇ.

جاۋابكار 2-سوت جەريانىدا سوتقا تاپشۇرغان 1-سوتتا تاپشۇرمىغان دەلىل-ئىسپاتلارنى 2-سوت قىلغان سوت مەھكىمىسى 1-سوت ھۆكۈم-كېسىمىنى كۈچتىن قالدۇرۇش ياكى ئۆزگەرتىش ئاساسى قىلىشقا بولمايدۇ.

بەشىنچى دەۋا قىلىش ۋە قوبۇل قىلىش

32-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى كېڭەشمە سوت ئۇيۇشتۇرۇپ دەۋاگەرنىڭ دەۋاسىنى تەكشۈرۈش كېرەك. دەۋا قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن بولغانلىرىدا يەتتە كۈن ئىچىدە دېلو ئېچىشى، دەۋا قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن بولمىغانلىرىدا يەتتە كۈن ئىچىدە قوبۇل قىلماسلىق ھەققىدە كېسىم چىقىرىشى لازىم.

قوبۇل قىلىش-قىلماسلىقنى يەتتە كۈن ئىچىدە قارار قىلغىلى بولمايدىغانلىرىنى ئالدىن قوبۇل قىلىشى؛ قوبۇل قىلغاندىن كېيىن تەكشۈرۈپ دەۋا قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن بولمىغانلىرىنى كېسىم ئارقىلىق رەت قىلىشى لازىم.

دەۋانى قوبۇل قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى يەتتە كۈن ئىچىدە دېلو ئاچمىسا، كېسىممۇ چىقارمىسا، دەۋا قىلغۇچى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلسا ياكى دەۋا قىلسا بولىدۇ. بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى قوبۇل قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ دەپ قارىغانلىرىنى قوبۇل قىلىشى لازىم؛ قوبۇل قىلغاندىن كېيىن تۆۋەن دەرىجىلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ سوت قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بەرسە ياكى سوت قىلىشىنى بەلگىلىسە بولىدۇ، ئۆز ئالدىغا سوت قىلسىمۇ بولىدۇ.

ئالدىنقى ئۈچ تارماقتا بەلگىلەنگەن سۈرۈك دەۋانى قوبۇل قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى دەۋا خېتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كۈنىدىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ؛ دەۋا خېتىنىڭ مەزمۇنى كەمچىل بولغانلىقتىن دەۋاگەر تولۇقلاشقا بۇيرۇلغان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى تولۇقلانغان ماتېرىيالنى تاپشۇرۇۋالغان كۈنىدىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.

33-ماددا قانۇن-نىزاملاردا قايتا قاراپ چىقىشنى ئالدىن ئىلتىماس قىلىش بەلگىلەنگەنلىرىدە، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلماستىن بىۋاسىتە دەۋا قىلغان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قوبۇل قىلمايدۇ.

قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلمىغان ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە قايتا قاراپ چىقىش قارارى چىقارمىغانلىقتىن، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار قايىل بولماي، خەلق سوت مەھكىمىسىگە قانۇن بويىچە دەۋا قىلغان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلىشى لازىم.

34-ماددا قانۇن-نىزاملاردا مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنىڭ مەمۇرىي دەۋادىكى زۆرۈر تەرتىپ ئىكەنلىكى ھەققىدە بەلگىلىمە يوق. پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار ھەم دەۋا قىلغان، ھەم قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلغان بولسا، ئالدى بىلەن قوبۇل قىلغان ئورگاننىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ؛ بىرلا ۋاقىتتا قوبۇل قىلىنغان بولسا، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار تاللايدۇ. پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن قايتا قاراپ چىقىش سۈرۈكى ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋ اقىلغان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قوبۇل قىلمايدۇ.

35-ماددا قانۇن-نىزاملاردا مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنىڭ مەمۇرىي دەۋادىكى زۆرۈر تەرتىپ ئىكەنلىكى ھەققىدە بەلگىلىمە يوق. پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگانغا مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلغاندىن كېيىن، يەنە قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگاننىڭ قوشۇلۇشى بىلەن قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماسىنى قايتۇرۇۋېلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن دەۋا سۈرۈكى ئىچىدە ئەسلىدىكى كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەت ئۈستىدىن دەۋا قىلغان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلىشى لازىم.

36-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى كېسىم ئارقىلىق دەۋاگەرنىڭ دەۋادىن كېچىشىگە رۇخسەت قىلغاندىن كېيىن، دەۋاگەر ئوخشاش بىر پاكىت ۋە ئاساس بىلەن قايتىدىن دەۋا قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قوبۇل قىلمايدۇ.

دەۋادىن كېچىشكە رۇخسەت قىلىش كېسىمىدە ھەقىقەتەن خاتالىق بولۇپ، دەۋاگەر يېڭىۋاشتىن سوت قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى سوت نازارەتچىلىكى تەرتىپى ئارقىلىق ئەسلىدىكى دەۋدىن كېچىشكە رۇخسەت قىلىش كېسىمىنى كۈچتىن قالدۇرۇپ، دېلونى قايتىدىن سوت قىلىشى لازىم.

37-ماددا دەۋاگەر ياكى نارازىلىق ئەرز بەرگۈچى بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە دېلو قوبۇل قىلىش ھەققىنى ئالدىن تاپشۇرمىغان، يەنە كېلىپ كېچىكىپ تاپشۇرۇش، كېمەيتىپ تاپشۇرۇش، كەچۈرۈم قىلىشنى ئىلتىماس قىلمىغان ياكى قىلغان ئىلتىماسى تەستىقلانمىغان بولسا، ئۆزلۈكىدىن دەۋادىن كەچكەنلەر قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. دەۋادىن كەچكەنلەر قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىن، دەۋاگەر ياكى نارازىلىق ئەرز بەرگۈچى قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە يېڭىۋاشتىن دەۋا قىلسا ياكى نارازىلىق ئەرز بەرسە ھەمدە دەۋا ھەققىنى ئالدىن تاپشۇرۇش مەسىلىسىنى قانۇن بويىچە ھەل قىلغان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قوبۇل قىلىشى لازىم.

38-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم ئارقىلىق مەمۇرىي ئورگاننىڭ كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكىتىنى كۈچتىن قالدۇرغاندىن كېيىن، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار مەمۇرىي ئورگاننىڭ قايتىدىن ئېلىپ بارغان كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكىتىگە قايىل بولماي خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلىشى كېرەك.

39-ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار مەمۇرىي ئورگاننىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى ئىلتىماس قىلغان، مەمۇرىي ئورگان ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈنىدىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە ئادا قىلمىغانلىقتىن، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلغان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلىشى لازىم. قانۇن-نىزام، قائىدە ۋە باشقا قېلىپلاشقان ھۆججەتلەردە مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش سۈرۈكى ھەققىدە ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرى شۇ بەلگىلىە بويىچە بولىدۇ.

پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار جىددىي ئەھۋال ئاسىتىدا مەمۇرىي ئورگاننىڭ ئۆزىنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى، مال-مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشتىن ئىبارەت قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى تەلەپ قىلغاندا، مەمۇرىي ئورگان ئادا قىلمىغان بولسا، دەۋا مۆھلىتى ئالدىنقى ماددىدا بەلگىلەنگەن چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ.

40-ماددا مەمۇرىي ئورگان كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغاندا، قانۇن ھۆججىتى تەييارلىمىغان ياكى يەتكۈزۈپ بەرمىگەنلىكتىن، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار قايىل بولماي خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلغان بولسا، كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغىلى بولسىلا، خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلىشى لازىم.

41-ماددا مەمۇرىي ئورگان كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشتا، پۇقرالار ياكى باشقا تەشكىلاتلارغا دەۋا ھوقۇقى ياكى دەۋا سۈرۈكىنى ئۇقتۇرۇپ قويمىغان بولسا، دەۋا سۈرۈكى پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار دەۋا ھوقۇقى ياكى دەۋا سۈرۈكىنى بىلگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ. لېكىن كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتنىڭ مەزمۇنىنى بىلگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ. لېكىن كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتنىڭ مەزمۇنىنى بىلگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىغاندا، ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا ئىككى يىلدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

قايتا قاراپ چىقىش قارارىدا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلارغا دەۋا ھوقۇقى ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن دەۋا سۈرۈكى ئۇقتۇرۇپ قويۇلمىغان بولسا، ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.

42-ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار مەمۇرىي ئورگان ئېلىپ بارغان كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتنىڭ مەزمۇنىنى بىلمىگەن بولسا، دەۋا سۈرۈكى شۇ كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتنىڭ مەزمۇنىنى بىلگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ. كۆچمەس مۈلۈككە چېتىلىدىغان كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىغاندا 20 يىلدىن ئېشىپ كەتكەن، باشقا كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىغاندا بەش يىلدىن ئېشىپ كەتكەندە قىلىنغان دەۋانى خەلق سوت مەھكىمىسى قوبۇل قىلمايدۇ.

43-ماددا دەۋا قىلغۇچى دەۋا سۈرۈكىنىڭ ئېشىپ كېتىشىگە ئۆزى سەۋەبچى بولمىغان بولسا، كېچىكتۈرۈلگەن ۋاقىت دەۋا مۆھلىتىگە كىرگۈزۈپ ھېسابلانمايدۇ. جىسمانىي ئەركىنلىكى چەكلەنگەنلىكتىن دەۋا قىلالمىغان بولسا، جىسمانىي ئەركىنلىكى چەكلەنگەن ۋاقىت دەۋا مۆھلىتىگە كىرگۈزۈپ ھېسابلانمايدۇ.

ئالتىنچى سوت قىلىش ۋە ھۆكۈم چىقىرىش

44-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرى بولسا، كېسىم ئارقىلىق قوبۇل قىلماسلىق؛ قوبۇل قىلىنغانلىرىنى كېسىم ئارقىلىق رەت قىلىش لازىم:

(1) تەلەپ قىلىنغان ئىشلار مەمۇرىي سوت قىلىش ھوقۇق دائىرىسىگە كىرمەيدىغان بولسا؛

(2) دەۋا قىلغۇچىنىڭ دەۋا سۇبيېكتى سالاھىيىتى بولمىسا؛

(3) دەۋا قىلغۇچى جاۋابكارنى خاتا كۆرسەتكەن، يەنە كېلىپ ئۆزگەرتىشنى رەت قىلغان بولسا؛

(4) قانۇندا دەۋا ھەرىكىتىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن ياكى بەلگىلەپ بېرىلگەن ۋاكالەتچى، ۋەكىل ۋاكالىتەن ئېلىپ بېرىشى شەرت دەپ بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، دەۋا ھەرىكىتىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن ياكى بەلگىلەپ بېرىلگەن ۋاكالەتچى، ۋەكىل ۋاكالىتەن ئېلىپ بارمىغان بولسا؛

(5) دەۋا ۋاكالەتچىسى ۋاكالىتەن دەۋا قىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ۋاكالەتلىك قىلىشى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەلەپكە ئۇيغۇن كەلمىگەن بولسا؛

(6) دەۋسى قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈكتىن ئېشىپ كەتكەن بولسا، يەنە كېلىپ يوللۇق ئاساسى بولمىسا؛

(7) قانۇن-نىزاملاردا مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش دەۋادىكى زۆرۈر تەرتىپ دەپ بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلمىغان بولسا؛

(8) دەۋا قىلغۇچى تەكرار دەۋا قىلغان بولسا؛

(9) دەۋادىن كېچىپ، يوللۇق ئاساسى يوق تۇرۇقلۇق يېڭىۋاشتىن دەۋا قىلغان بولسا؛

(10) دەۋا نىشانى كۈچكە ئىگە بولغان ھۆكۈم كۈچىنىڭ چەكلىمسىىگە ئۇچرىغان بولسا؛

(11) دەۋا قىلىشتا قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا مۇھىم شەرتلەرنى ھازىرلىمىغان بولسا.

ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن ئەھۋاللارنى تولۇقلاش ياكى تۈزىتىشكە بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى مۆھلەت بەلگىلەپ تولۇقلاش ياكى تۈزىتىشكە بۇيرۇشى؛ چەكلەنگەن مۆھلەتتە تولۇقلىغان ياكى تۈزەتكەن بولسا، قانۇن بويىچە قوبۇل قىلىشى لازىم.

45-ماددا دەۋا خېتىنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسى جاۋابكارغا يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن، دەۋاگەر يېڭى دەۋا تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويسا، خەلق سوت مەھكىمىسى رۇخسەت قىلمايدۇ، لېكىن يوللۇق ئاساسى بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

46-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرى بولسا، خەلق سوت مەھكمىسى قوشۇپ سوت قىلىشنى قارار قىلسا بولىدۇ:

(1) ئىككىدىن ئارتۇق مەمۇرىي ئورگان ئوخشاش بولمىغان قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، ئوخشاش بىر پاكىت ئۈستىدە كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغانلىقتىن، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار قايىل بولماي ئوخشاش بىر خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلغان بولسا؛

(2) مەمۇرىي ئورگان ئوخشاش بىر پاكىت ئۈستىدە بىرقانچە پۇقرا، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتقا قارىتا كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغانلىقتىن، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار ئوخشاش بىر خىل سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلغان بولسا؛

(3) دەۋا جەريانىدا، جاۋابكار دەۋاگەرگە قارىتا يېڭى كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغانلىقتىن، دەۋاگەر قايىل بولماي ئوخشاش بىر خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلغان بولسا؛

(4) خەلق سوت مەھكىمىسى قوشۇپ سوت قىلسا بولدۇ دەپ قارىغان باشقا ئەھۋاللار بولسا.

47-ماددا دەۋالاشقۇچىلار چەتلەپ تۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشتا، سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ، دېلو سوت قىلىش باشلانغاندا ئوتتۇرىغا قويۇشى؛ چەتلەپ تۇرۇش مەزمۇنىنى دېلو سوت قىلىش باشلانغاندىن كېيىن بىلگەن بولسا، سوت مۇنازىرىسى ئاخىرلىشىشتىن ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويۇشى لازىم.

چەتلەپ تۇرۇشى ئىلتىماس قىلىنغانلار خەلق سوت مەھكىمىسى چەتلەپ تۇرۇش-تۇرماسلىقىنى قارار قىلىشتىن ئىلگىرى، دەۋاغا ئارىلىشىش خىزمىتىنى ۋاقتىنچە توختىتىشى لازىم، لېكىن جىددىي تەدبىر قوللىنىشقا تېگىشلىك دېلولار بۇنىڭ سىرتىدا.

دەۋالاشقۇچىلار چەتلەپ تۇرۇش ئىلتىماسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، خەلق سوت مەھكىمىسى ئۈچ كۈن ئىچىدە ئاغزاكى ياكى يازما قارار چىقىرىشى لازىم.

ئىلتىماس قىلغۇچىلار چەتلەپ تۇرۇش ئىلتىماستىنى رەت قىلىش قارارىغا قايىل بولمىسا، قارار چىقارغان خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ يەنە بىر قېتىم قايتا قاراپ چىقىشىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. قايتا قاراپ چىقىش مەزگىلىدە، چەتلەپ تۇرۇشى ئىلتىماس قىلىنغانلار شۇ دېلوغا ئارىلىشىش خىزمىتىنى توختاتمايدۇ. ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماسى ئۈستىدە، خەلق سوت مەھكىمىسى ئۈچ كۈن ئىچىدە قايتا قاراپ چىقىش قارارى چىقىرىشى ھەمدە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىغا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى لازىم.

48-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى دەۋالاشقۇچى بىر تەرەپنىڭ ھەرىكىتى ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغىلى بولماسلىق ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ كۈچكە ئىگە بولغان ھۆكۈم-كېسىمىنى ئىجرا قىلغىلى بولماسلىق ياكى ئىجرا قىلىش تەس بولۇش ئېھتىمالى بولغان دېلولاردا، دەۋالاشقۇچى قارشى تەرەپنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن، مال-مۈلۈكنى ئامان ساقلاش ھەققىدە كېسىم چىقارسا بولىدۇ؛ دەۋالاشقۇچى ئىلتىماس قىلمىغان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى زۆرۈر تېپىلغاندا، قانۇن بويىچە مال-مۈلۈكنى ئامان ساقلاش تەدبىرى قوللانسىمۇ بولىدۇ.

خەلق سوت مەھكىمىسى مەمۇرىي ئورگان قانۇن بويىچە نەپىقە پۇلى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلى، ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى بەرمىدى دەپ دەۋا قىلىنغان دېلولارنى سوت قىلغاندا، دەۋاگەرنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن، قانۇن بويىچە يازما كېسىم چىقىرىپ ئالدىن ئىجرا قىلسا بولىدۇ.

دەۋالاشقۇچىلار مال-مۈلۈكنى ئامانس اقلاش ياكى ئالدىن ئىجرا قىلىش كېسىمىگە قايىل بولمىسا، قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. قايتا قاراپ چىقىش مەزگىلىدە كېسىمنىڭ ئىجراسى توختىتىلمايدۇ.

49-ماددا دەۋاگەر ياكى نارازىلىق ئەرز قىلغۇچى قانۇنلۇق چاقىرتىلسىمۇ، يوللۇق ئاساسى يوق تۇرۇقلۇق سوتقا كەلمىسە ياكى سوتنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ ئارىدا سوتتىن چىقىپ كەتسە، دەۋادىن كەچكەنلەر قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنسا بولىدۇ.

دەۋاگەر ياكى نارازىلىق ئەرز قىلغۇچى دەۋادىن كېچىشنى ئىلتىماس قىلغاندا، خەلق سوت مەھكىمىسى كېسىم ئارقىلىق رۇخسەت قىلمىغان، دەۋاگەر ياكى نارازىلىق ئەرز قىلغۇچى قانۇنلۇق چاقىرتىلسىمۇ يوللۇق ئاساسى يوق تۇرۇقلۇق سوتقا كەلمىگەن ياكى سوتنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ ئارىدا سوتتىن چىقىپ كەتكەن بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى سىرتىدىن ھۆكۈم چىقارسا بولىدۇ.

3-كىشى قانۇنلۇق چاقىرتىلسىمۇ يوللۇق ئاساسى يوق تۇرۇقلۇق سوتقا كەلمىگەن ياكى سوتنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ ئارىدا سوتتىن چىقىپ كەتكەن بولسا، دېلونىڭ سوت قىلىنىشىغا تەسىر يەتمەيدۇ.

50-ماددا جاۋابكار 1-سوت مەزگىلىدە دەۋا قىلىنغان كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكىتىنى ئۆزگەرتكەن بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسىگە يازما ئۇقتۇرۇپ قويۇشى لازىم.

دەۋاگەر ياكى 3-كىشى ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى ھەرىكەتكە قايىل بولماي دەۋا قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتنى قايتا سوت قىلىشى لازىم.

جاۋابكار ئەسلىدىكى كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكىتىنى ئۆزگەرتكەن بولسىمۇ، دەۋاگەر دەۋادىن كەچمىسە، خەلق سوت مەھكىمىسى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەسلىدىكى كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەت قانۇنغا خىلاپ دەپ قارىسا، ئۇنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ھەققىدە ھۆكۈم چىقىرىشى؛ ئەسلىدىكى كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتنى قانۇنلۇق دەپ قارىسا، دەۋاگەرنىڭ دەۋا تەلىپىنى ھۆكۈم ئارقىلىق رەت قىلىشى لازىم.

دەۋاگەر جاۋابكارنىڭ پاسسىپ ھەرىكىتى ئۈستىدىن دەۋا قىلغان، دەۋا جەريانىدا جاۋابكار كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغاچقا، دەۋاگەر دەۋادىن كەچمىگەن بولسا، يۇقىرىقى بەلگىلىمىدىن پايدىلىنىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

51-ماددا دەۋا جەريانىدا، تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرى بولسا، دەۋا توختىتىپ تۇرۇلىدۇ:

(1) دەۋاگەر ئۆلۈپ كەتكەنلىكتىن، ئۇنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىنىڭ دەۋاغا قاتنىشىش-قاتناشماسلىقنى بىلدۈرۈشىنى كۈتۈشكە توغرا كەلسە؛

(2) دەۋاگەر دەۋا قىلىش ھەرىكەت ئىقتىدارىنى يوقاتقانلىقتىن، قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىسى مۇقىملاشمىغان بولسا؛

(3) دەۋالاشقۇچ بىر تەرەپ بولغان مەمۇرىي ئورگان، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلات ئەمەلدىن قالغان بولۇپ، ھوقۇق-مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالغۇچى مۇئەييەنلەشتۈرۈلمىگەن بولسا؛

(4) دەۋالاشقۇچى بىر تەرەپ تاقابىل تۇرۇشقا بولمايدىغان سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن دەۋاغا قاتنىشالمىسا؛

(5) دېلو قانۇننى تەتبىقلاش مەسىلىسىگە چېتىلغانلىقتىن، ھوقۇقلۇق ئورگاننىڭ چۈشەندۈرۈشى ياكى مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە توغرا كەلسە؛

(6) دېلو سوت قىلىشتا، ئالاقىدار ھەق تەلەپ، جىنايى ئىشلار ياكى باشقا مەمۇرىي دېلولارنىڭ سوت قىلىنىش نەتىجىسىگە ئاساسلىنىشقا توغرا كەلگەن، ئەمما ئالاقىدار دېلولار سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇرۇلمىغان بولسا؛

(7) دەۋانى توختىتىپ تۇرۇشقا تېگىشلىك باشقا ئەھۋاللار بولسا.

دەۋانى توختىتىپ تۇرۇش سەۋەبى تۈگىتىلگەندىن كېيىن، دەۋا ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ.

52-ماددا دەۋا جەريانىدا، تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرى بولسا، دەۋا ئاياغلاشتۇرۇلىدۇ:

(1) دەۋاگەر ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ، يېقىن تۇغقانلىرى بولمىغان ياكى يېقىن تۇغقانلىرى دەۋا ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەن بولسا؛

(2) دەۋاگەر بولغان قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار ئەمەلدىن قالغاندىن كېيىن، ھوقۇق-مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالغۇچى دەۋا ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەن بولسا.

مۇشۇ ئىزاھاتنىڭ 51-ماددا 1-تارماق (1)، (2)، (3) تارماقچىسىدىكى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن دەۋا توختىتىلغىنىغا 90 كۈن توشقاندا، يەنىلا دەۋانى داۋاملاشتۇرىدىغان ئادەم چىقمىسا، دەۋا كېسىم ئارقىلىق ئاياغلاشتۇرۇلىدۇ، لېكىن ئالاھىدە ئەھۋال بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

53-ماددا قايتا قاراپ چىقىش قارارىدا كۈچكە ئىگە قىلىنغان ئەسلىدىكى كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتنى خەلق سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم ئارقىلىق ئەمەلدىن قالدۇرغان بولسا، قايتا قاراپ چىقىش قارارى تەبىئىي كۈچتىن قالدىۇ.

قايتا قاراپ چىقىش قارارىدا ئەسلىدىكى كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەت خاتا ئۆزگەرتىلگەن بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم ئارقىلىق قايتا قاراپ چىقىش قارارىنى كۈچتىن قالدۇرغاندا، قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگاننى قايتىدىن قايتا قاراپ چىقىش قارارى چىقىرىشقا بۇيرۇشى لازىم.

54-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى جاۋابكارنى قايتىدىن كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشقا ھۆكۈم قىلغان بولسا، جاۋابكارنىڭ قايتىدىن ئېلىپ بارغان كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكىتى ئەسلىدىكى كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسى بىلەن ئوخشاش، لېكىن ئاساسىي پاكىتى ياكى ئاساسىي سەۋەبىدە ئۆزگىرىش بولغانلىرى مەمۇرىي دەۋا قانۇنىنىڭ 55-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن تەرتىپكە خىلاپلىق قىلدى دېگەن ئاساس بىلەن، دەۋا قىلىنغان كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتنى ھۆكۈم ئارقىلىق كۈچتىن قالدۇرغان بولسا، مەمۇرىي ئورگاننىڭ قايتىدىن كونكرېت مەمۇرى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشى مەمۇرىي دەۋا قانۇنىنىڭ 55-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ.

مەمۇرىي ئورگان ئوخشاش بىر پاكىت ۋە ئاساس بىلەن، قايتىدىن ئەسلىدىكى كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتكە ئاساسەن ئوخشاپ كېتىدىغان كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى مەمۇرىي دەۋا قانۇنىنىڭ 54-ماددا (2) تارماقچىسى، 55-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ھۆكۈم ئارقىلىق كۈچتىن قالدۇرۇشى ياكى قىسمەن كۈچتىن قالدۇرۇشى ھەمدە مەمۇرىي دەۋا قانۇنىنىڭ 65-ماددا 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىشى لازىم.

55-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى مەمۇرىي دېلولارنى سوت قىلغاندا، دەۋاگەرگە بېرىلىدىغان جازانى ئېغىرلىتىشقا بولمايدۇ، لېكىن مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولغۇچىلاردىن ئوخشاش دەۋاگەر بولغانلار بۇنىڭ سىرتىدا.

خەلق سوت مەھكىمىسى مەمۇرىي دېلونى سوت قىلغاندا، مەمۇرىي ئورگان چارە كۆرمىگەن كىشىگە بىۋاسىتە مەمۇرىي جازا بېرىشكە بولمايدۇ.

 56-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرى بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم ئارقىلىق دەۋاگەرنىڭ دەۋا تەلىپىنى رەت قىلىشى لازىم:

(1) جاۋابكارنىڭ ھەرىكىتى پاسسىپ ھەرىكەت دەپ قىلغان دەۋانىڭ ئاساسى پۇت تىرەپ تۇرالمىسا؛

(2) دەۋا قىلىنغان كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەت قانۇنلۇق، لېكىن مۇۋاپىق بولۇش مەسىلىسى مەۋجۇت بولسا؛

(3) دەۋا قىلىنغان كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەت قانۇنلۇق، لېكىن مۇۋاپىق بولۇش مەسىلىسى مەۋجۇت بولسا؛

(3) دەۋا قىلىنغان كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەت قانۇنلۇق، لېكىن قانۇن، سىياسەتلەردە ئۆزگىرىش بولغانلىقتىن، ئۆزگەرتىش ياكى بىكار قىلىشقا تېگىشلىك بولسا؛

(4) ھۆكۈم ئارقىلىق دەۋا تەلىپىنى رەت قىلىشقا تېگىشلىك باشقا ئەھۋاللار بولسا.

57-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى دەۋا قىلىنغان كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەت قانۇنلۇق، لېكىن ھۆكۈم ئارقىلىق كۈچكە ئىگە قىلىش ياكى دەۋا تەلىپىنى رەەت قىلىش مۇۋاپىق ئەمەس دەپ قارىغانلىرىدا، ئۇنىڭ قانۇنلۇق ياكى كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ھەققىدە ھۆكۈم چىقارسا بولىدۇ.

تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرى بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى دەۋا قىلىنغان كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكى ياكى كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ھەققىدە ھۆكۈم چىقىرىشى لازىم:

(1) جاۋابكار قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان بولسىمۇ، ئۇنى قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا بۇيرۇشنىڭ ئەمەلىي ئەھمىيىتى بولمىسا؛

(2) دەۋا قىلىنغان كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەت قانۇنغا خىلاپ بولسىمۇ، كۈچتىن قالدۇرۇلىدىغان مەزمۇنلار بولمىسا؛

(3) دەۋا قىلىنغان كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەت قانۇن بويىچە پۇت تىرەپ تۇرالمىسا ياكى كۈچكە ئىگە بولمىسا.

58-ماددا دەۋا قىلىنغان كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەت قانۇنغا خىلاپ بولسىمۇ، شۇ كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەت كۈچتىن قالدۇرۇلسا، دۆلەت مەنپەئىتىگە ياكى جامائەت مەنپەئىتىگە زور زىيان پەيدا قىلىدىغان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى دەۋا قىلىنغان كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتنىڭ قانۇنغا خىلاپلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ھەققىدە ھۆكۈم چىقىرىشى ھەمدە دەۋا قىلىنغان مەمۇرىي ئورگاننى مۇناسىپ تۈزىتىش تەدبىرى قوللىنىشقا بۇيرۇشى؛ زىيان پەيدا قىلغان بولسا، تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى ھەققىدە قانۇن بويىچە ھۆكۈم چىقىرىشى لازىم.

59-ماددا مەمۇرىي دەۋا قانۇنىنىڭ 54-ماددا (2) تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، قانۇنغا خىلاپ دەۋا قىلىنغان كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتنى كۈچتىن قالدۇرۇش ھەققىدە ھۆكۈم چىقارغاندا، دۆلەت مەنپەئىتى، جامائەت مەنپەئىتى ياكى باشقىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يېتىدىغان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم ئارقىلىق كۈچتىن قالدۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى قوللىنىپ بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ:

(1) جاۋابكارنى قايتىدىن كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشقا ھۆكۈم قىلىش؛

(2) دەۋا قىلىنغان مەمۇرىي ئورگاننى مۇناسىپ تۈزىتىش تەدبىرى قوللىنىشقا بۇيرۇش؛

(3) جاۋابكار ۋە ئالاقىدار ئورگانغا ئەدلىيىلىك تەكلىپ بېرىش؛

(4) قانۇنغا خىلاپ جىنايەت قىلمىشى سېزىلگەنلىرىدە، ھوقۇقلۇق ئورگاننىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا تەكلىپ بېرىش.

60-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى جاۋابكارنى قايتىدىن كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشقا ھۆكۈم قىلغاندا، ئەگەر ۋاقتىدا قايتىدىن كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەت ئېلىپ بارمىسا، دۆلەت مەنپەئىتى، جامائەت مەنپەئىتى ياكى دەۋالاشقۇچىلارنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يېتىدىغان بولسا، قايتىدىن كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشقا سۈرۈك بەلگىلەپ بەرسە بولىدۇ.

خەلق سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم ئارقىلىق جاۋابكارغا قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلدۇرۇشتا، سۈرۈك بەلگىلەپ بېرىشى لازىم، ئالاھىدە ئەھۋال تۈپەيلىدىن سۈرۈك بەلگىلەپ بەرگىلى بولمىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

61-ماددا جاۋابكارنىڭ باراۋەر سۇبيېكتلار ئوتتۇرىسىدىكى ھەق تەلەپ تالاش-تارتىشى ئۈستىدە چىقارغان قارارى قانۇنغا خىلاپ بولغانلىقتىن، ھەق تەلەپ تالاش-تارتىشىدىكى دەۋالاشقۇچىلار خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار ھەق تەلەپ تالاش-تارتىشىنى قوشۇپ ھەل قىلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قوشۇپ سوت قىلسا بولىدۇ.

62-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى مەمۇرىي دېلولارنى سوت قىلىشتا، تەتبىقلانغان ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەدلىيىلىك ئىزاھاتلىرىنى ھۆكۈم-كېسىم ھۆججەتلىرىدە نەقىل كەلتۈرۈشى لازىم.

خەلق سوت مەھكىمىسى مەمۇرىي دېلولارنى سوت قىلىشتا، ھۆكۈم-كېسىم ھۆججەتلىرىدە قانۇنلۇق، كۈچكە ئىگە بولغان قائىدە ۋە قېلىپلاشقان ھۆججەتلەرنى نەقىل كەلتۈرسە بولىدۇ.

63-ماددا كېسىم تۆۋەندىكى دائىرىدە تەتبىقلىنىدۇ:

(1) قوبۇل قىلماسلىق؛

(2) دەۋانى رەت قىلىش؛

(3) باشقۇرۇش تەۋەلىكىگە قارىتا باشقىچە پىكىردە بولۇش؛

(4) دەۋانى ئاخىرلاشتۇرۇش؛

(5) دەۋانى توختىتىپ تۇرۇش؛

(6) باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ياكى بەلگىلەش؛

(7) دەۋا مەزگىلىدە كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتنىڭ ئىجراسىنى توختىتىش ياكى ئىجرانى توختىتىش ئىلتىماسىنى رەت قىلىش؛

(8) مال-مۈلۈكنى ئامان ساقلاش؛

(9) ئالدىن ئىجرا قىلىش؛

(10) دەۋادىن كېچىشكە رۇخسەت قىلىش ياكى رۇخسەت قىلماسلىق؛

(11) ھۆكۈم-كېسىم ھۆججەتلىرىدىكى يېزىق خاتالىقىنى تۈزىتىش؛

(12) ئىجرانى توختىتىپ تۇرۇش ياكى ئاياغلاشتۇرۇش؛

(13) ئالدۇرۇپ سوت قىلىش ياكى يېڭىۋاشتىن سوت قىلىش ياكى قايتا سوت قىلىشقا بۇيرۇش؛

(14) مەمۇرىي ئورگاننىڭ كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكىتىنى ئىجرا قىلىشقا رۇخسەت قىلىش ياكى رۇخسەت قىلماسلىق؛

(15) كېسىم چىقىرىشقا تېگىشلىك باشقا ئىشلار.

(1)، (2)، (3) تارماقچىسىدىكى كېسىمگە قارىتا دەۋالاشقۇچىلار نارازىلىق ئەرز قىلسا بولىدۇ.

 64-ماددا مەمۇرىي دەۋا قانۇنىنىڭ 57-ماددىسى، 60-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن سوت قىلىش سۈرۈكى دەپ، دېلو ئېچىلغان كۈندىن باشلاپ ھۆكۈم-كېسىم جاكارلانغان كۈنىگىچە بولغان مۆھلەتنى كۆرسىتىدۇ. باھالاش ۋە باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھەققىدىكى تالاش-تارتىش ياكى باشقىچە پىكىرنى بىر تەرەپ قىلىش ھەمدە دەۋا توختىتىپ تۇرۇلغان ۋاقىت بۇنىڭ سىرتىدا.

65-ماددا 1-سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم ۋە كېسىم چىقارغاندىن كېيىن، دەۋالاشقۇچىلار نارازىلىق ئەرز قىلغان بولسا، نارازىلىق ئەرز قىلغان تەرەپ نارازىلىق ئەرز قىلغۇچى ھېسابلىنىدۇ.

دەۋالاشقۇچىلاردىن بىر قىسمى نارازىلىق ئەرز قىلغان بولسا، نارازىلىق ئەرز قىلمىغان دەۋالاشقۇچى قارشى تەرەپ نارازىلىق ئەرز قىلىنغۇچى بولىدۇ، قالغان دەۋالاشقۇچىلار ئەسلىي سوتتىكى ئورنى بويىچە رەتكە تۇرغۇزۇلىدۇ.

66-ماددا دەۋالاشقۇچىلار نارازىلىق ئەرز قىلىشتا، باشقا دەۋالاشقۇچىلار ياكى دەۋا ۋەكىلىنىڭ ئادەم سانى بويىچە نارازىلىق ئەرز خېتىنىڭ كۆچۈرمىسىنى تاپشۇرۇشى لازىم.

ئەسلىي سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسى نارازىلىق ئەرز خېتىنى تاپشۇرۇۋېلىپ بەش كۈن ئىچىدە، نارازىلىق ئەرز خېتىنىڭ كۆچۈرمىسىنى باشقا دەۋالاشقۇچىلارغا يەتكۈزۈپ بېرىشى، دەۋالاشقۇچى قارشى تەرەپ نارازىلىق خېتىنىڭ كۆچۈرمىسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ ئون كۈن ئىچىدە دەۋاغا جاۋاب بېرىشى كېرەك.

ئەسلىي سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسى جاۋاب خېتىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈنىدىن باشلاپ بەش كۈن ئىچىدە كۆچۈرمىسىنى دەۋالاشقۇچىلارغا يەتكۈزۈپ بېرىشى لازىم.

ئەسلىي سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسى نارازىلىق ئەرز خېتى، جاۋاب خېتىنى تاپشۇرۇۋېلىپ بەش كۈن ئىچىدە، پۈتۈن دېلو ماتېرىيالى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارنى قوشۇپ، 2-سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسىگە يوللاپ بېرىشى، دەۋا ھەققى ئالدىن ئېلىنغان بولسا، قوشۇپ يوللاپ بېرىشى لازىم.

67-ماددا 2-سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى نارازىلىق ئەرز دېلوسىنى سوت قىلىشتا، ئەسلىي سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈم-كېسىمى ۋە دەۋا قىلىنغان كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتنىڭ قانۇنغا ئۇيغۇن بولغان-بولمىغانلىقىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشى لازىم.

دەۋالاشقۇچىلار ئەسلىي سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسى بېكىتكەن پاكىتلار ئۈستىدە تالاش-تارتىش قىلىشسا ياكى 2-سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھىمىسى ئەسلىي سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسى بېكىتكەن پاكىتلارنى ئېنىق ئەمەس دەپ قارىسا، 2-سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى سوت ئېچىپ سوت قىلىشى لازىم.

68-ماددا 2-سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى سوت قىلىش ئارقىلىق، ئەسلىي سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قوبۇل قىلماسلىق ياكى دەۋانى رەت قىلىش كېسىمىدە ھەقىقەتەن خاتالىق بارلىقىنى سەزسە، يەنە كېلىپ دەۋا قانۇنىدا بەلگىلەنگەن شەرتكە ئۇيغۇن كەلسە، كېسىم ئارقىلىق ئەسلىي سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ كېسىمىنى كۈچتىن قالدۇرۇپ، ئەسلىي سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە دېلو ئېچىپ قوبۇل قىلىش ياكى سوتنى داۋاملاشتۇرۇشقا بۇيرۇشى لازىم.

 69-ماددا 2-سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى ئەسلىي سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قايتا سوت قىلىشىغا قايتۇرغان مەمۇرىي دېلولارنى ئەسلىي سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسى قايتىدىن كېڭەشمە سوت ئۇيۇشتۇرۇپ سوت قىلىشى لازىم.

70-ماددا 2-سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى نارازىلىق ئەرز دېلوسىنى سوت قىلىشتا، ئەسىلي سوتنىڭ ھۆكۈمىنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە، دەۋا قىلىنغان كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەت ئۈستىدە بىرلا ۋاقىتتا ھۆكۈم چىقىرىشى لازىم.

71-ماددا ئەسلىي سوتنىڭ ھۆكۈمىدە قاتنىشىشقا تېگىشلىك دەۋالاشقۇچىلار ياكى دەۋا تەلىپى چۈشۈپ قالغان بولسا، 2-سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى كېسىم ئارقىلىق ئەسلىي ھۆكۈمنى كۈچتىن قالدۇرۇپ، قايتا سوت قىلىشقا قايتۇرۇشى لازىم.

ئەسلىي سوتنىڭ ھۆكۈمىدە مەمۇرىي تۆلەم تەلىپى چۈشۈپ قالغان، 2-سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى تەكشۈرۈش ئارقىلىق قانۇن بويىچە تۆلەم بېرىشكە تېگىشلىك ئەمەس دەپ قارىغان بولسا، ھۆكۈم ئارقىلىق مەمۇرىي تۆلەم تەلىپىنى رەت قىلىشى لازىم.

ئەسلىي سوتنىڭ ھۆكۈمىدە مەمۇرىي تۆلەم تەلىپى چۈشۈپ قالغان، 2-سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى سوت قىلىش ئارقىلىق قانۇن بويىچە تۆلەم بېرىش كېرەك دەپ قارىغان بولسا، دەۋا قىلىنغان كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەمۇرىي تۆلەم مەسىلىسىنى مۇرەسسە قىلسا بولىدۇ؛ مۇرەسسە ھاسىل قىلىنمىغانلىرىدا، مەمۇرىي تۆلەم قىسمىنى قايتا سوت قىلىشقا قايتۇرۇشى لازىم.

دەۋالاشقۇچىلار 2-سوت مەزگىلىدە مەمۇرىي تۆلەم تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسا، 2-سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى مۇرەسسە قىلسا بولىدۇ؛ مۇرەسسە ھاسىل قىلىنمىغانلىرىدا، دەۋالاشقۇچىلارغا باشقىدىن دەۋا قىلىشنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى لازىم.

72-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرى بولسا، مەمۇرىي دەۋا قانۇنىنىڭ 63-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن «قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىش»قا كىرىدۇ:

(1) ئەسلىدىكى ھۆكۈم-كېسىملەردە بېكىتىلگەن پاكىتلارنىڭ ئاساسلىق دەلىل-ئىسپاتى تولۇق بولمىسا؛

(2) ئەسلىدىكى ھۆكۈم-كېسىملەرگە قانۇن-نىزاملارنى تەتبىقلاشتا ھەقىقەتەن خاتالىق بولسا؛

(3) قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپكە خىلاپ بولۇپ، دېلو ئۈستىدە توغرا ھۆكۈم-كېسىم چىقىرىشقا تەسىر يېتىش ئېھتىمالى بولسا؛

(4) قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ باشقا ئەھۋاللار بولسا.

73-ماددا دەۋالاشقۇچىلار يېڭىۋاشتىن سوت قىلىش ئىلتىماسىنى ھۆكۈم-كېسىم قانۇن كۈچىگە ئىگە بولغاندىن كېيىن ئىككى يىل ئىچىدە ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك.

دەۋالاشقۇچىلار قانۇن كۈچىگە ئىگە بولغان مەمۇرىي تۆلەم مۇرەسسەنامىسىگە قارىتا، مۇرەسسەدە ئىختىيار قىلىش پرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلىنغانلىقى ياكى مۇرەسسە كېلىشىمىنىڭ مەزمۇنى قانۇن بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلارنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسا، يېڭىۋاشتىن سوت قىلىشنى ئىككى يىل ئىچىدە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

74-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى دەۋالاشقۇچىلارنىڭ يېڭىۋاشتىن سوت قىلىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، تەكشۈرۈش ئارقىلىق، يېڭىۋاشتىن سوت قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلگەنلىرىدە دېلو ئېچىشى ھەمدە دەۋالاشقۇچى تەرەپلەرگە ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى؛ يېڭىۋاشتىن سوت قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمىگەنلىرىنى رەت قىلىشى لازىم.

 75-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى سوت نازارەتچىلىكى تەرتىپى بويىچە ئېتىراز بىلدۈرگەن دېلولارنى خەلق سوت مەھكىمىسى يېڭىۋاشتىن سوت قىلىشى لازىم.

خەلق سوت مەھكىمىسى ئېتىراز دېلولىرىنى سوت ئېچىپ سوت قىلىشتا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسگە سوتقا ئادەم ئەۋەتىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش قىلىشى لازىم.

76-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى سوت نازارەتچىلىكى تەرتىپى بويىچە يېڭىۋاشتىن سوت قىلغان دېلولارد،ا قانۇن كۈچىگە ئىگە بولغان ھۆكۈم-كېسىمنى 1-سوت قىلغان سوت مەھكىمىسى چىقارغان بولسا، 1-سوت تەرتىپى بويىچە سوت قىلىشى كېرەك، بۇرۇنقى ھۆكۈم-كېسىمگە دەۋالاشقۇچىلار نازارىلىق ئەرز بەرسە بولىدۇ؛ قانۇن كۈچىگە ئىگە بولغان ھۆكۈم-كېسىمنى 2-سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسى چىقارغان بولسا، 2-سوت تەرتىپى بويىچە سوت قىلىشى كېرەك. بۇ ھەقتە چىقىرىلغان ھۆكۈم-كېسىم قانۇن كۈچىگە ئىگە ھۆكۈم-كېسىم بولىدۇ؛ يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى سوت نازارەتچىلىكى تەرتىپى بويىچە ئالدۇرۇپ 2-سوت تەرتىپى بويىچە سوت قىلىپ چىقارغان ھۆكۈم-كېسىم قانۇن كۈچىگە ئىگە ھۆكۈم-كېسىم بولىدۇ.

خەلق سوت مەھكىمىسى يېڭىۋاشتىن سوت قىلىنىدىغان دېلولارنى باشقىدىن كېڭەشمە سوت ئۇيۇشتۇرۇپ سوت قىلىشى لازىم.

77-ماددا سوت نازارەتچىلىكى تەرتىپى بويىچە يېڭىۋاشتىن سوت قىلىش قارار قىلىنغان دېلولاردا، كېسىم ئارقىلىق ئەسلىي سوتنىڭ ھۆكۈمنىڭ ئىجراسىنى توختىتىش كېرەك؛ كېسىمگە مەھكىمە باشلىقى ئىمزا قويىدۇ، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تامغىسى بېسىلىدۇ.

يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى ئالدۇرۇپ سوت قىلىشنى قارار قىلغان ياكى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ يېڭىۋاشتىن سوت قىلىشقا بۇيرۇغانلىرىدا، كېسىم چىقىرىپ، ئۇنىڭغا ئەسلىي ھۆكۈمنىڭ ئىجراسى توختىتىلغانلىقىنى ئېنىق يېزىشى كېرەك. ئەھۋال جىددىي بولغانلىرىدا، ئىجرانى توختىتىش كېسىمىنى ئىجراغا مەسئۇل خەلق سوت مەھكىمىسىگە ياكى كۈچكە ئىگە ھۆكۈم-كېسىم چىقارغان خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئاغزاكى ئۇقتۇرۇپ قويسا بولىدۇ، لېكىن ئاغزاكى ئۇقتۇرۇش قىلغاندىن كېيىن ئون كۈن ئىچىدە كېسىمنامىنى ئەۋەتىپ بېرىشى لازىم.

78-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى يېڭىۋاشتىن سوت قىلغان دېلولاردىن، ئەسلىي كۈچكە ئىگە بولغان ھۆكۈم-كېسىمدە ھەقىقەتەن خاتالىق بار دەپ قارىغانلىرىدا، ئەسلىي كۈچكە ئىگە ھۆكۈم ياكى كېسىمنى كۈچتىن قالدۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۈچكە ئىگە ھۆكۈم-كېسىمنىڭ مەزمۇنىغا مۇناسىپ ھۆكۈم-كېسىم چىقارسا بولىدۇ، كېسىم ئارقىلىق كۈچكە ئىگە بولغان ھۆكۈم ياكى كېسىمنى كۈچتىن قالدۇرۇپ، شۇ ھۆكۈم-كېسىمنى چىقارغان خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قايتا سوت قىلىشىغا قايتۇرسىمۇ بولىدۇ.

79-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى 2-سوت دېلولىرى ۋە يېڭىۋاشتىن سوت قىلىنىدىغان دېلولارنى سوت قىلىشتا، ئەسلىي سوت قىلغان سوت مەھكىمىسى قوبۇل قىلىش، قوبۇل قىلماسلىق ياكى دەۋانى رەت قىلىشتا خاتالىق بولغانلىرىنى ئەھۋالغا قاراپ، تۆۋەندىكىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك:

(1) 1-سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسى نەق ھۆكۈم چىقارغاندىن كېيىن، 2-سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ دەپ قارىغانلىرىدا، 1-سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمنى كۈچتىن قالدۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، قايتا سوت قىلىشقا قايتۇرسا بولىدۇ، دەۋانى بىۋاسىتە رەت قىلسىمۇ بولىدۇ؛

(2) 2-سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ 1-سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قوبۇل قىلماسلىق ھەققىدىكى كېسىمىنى كۈچكە ئىگە قىلغانلىقى خاتا بولغانلىرىدا، يېڭىۋاشتىن سوت قىلغۇچى سوت مەھكىمىسى 1-، 2-سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ كېسىمىنى كۈچتىن قالدۇرۇپ، 1-سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسىنى قوبۇل قىلىشقا بۇيرۇشى لازىم؛

(3) 2-سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ 1-سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ دەۋانى رەت قىلىش كېسىمىنى كۈچكە ئىگە قىلىشى خاتا بولغانلىرىدا، يېڭىۋاشتىن سوت قىلغۇچى سوت مەھكىمىسى 1-، 2-سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ كېسىمىنى كۈچتىن قالدۇرۇپ، 1-سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسنى سوت قىلىشقا بۇيرۇشى لازىم.

80-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى يېڭىۋاشتىن سوت قىلىنىدىغان دېلولارنى سوت قىلىشتا، كۈچكە ئىگە بولغان ھۆكۈم-كېسىمدە تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرى بارلىقىنى سەزسە، كېسىم ئارقىلىم كۈچكە ئىگە بولغان ھۆكۈم-كېسىمنى چىقارغان خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قايتا سوت قىلىشىغا قايتۇرۇشى لازىم:

(1) شۇ دېلونى سوت قىلغان سوتچى خادىملار، پۈتۈكچى چەتلەپ تۇرۇشقا تېگىشلىك بولسىمۇ، چەتلەپ تۇرمىغان بولسا؛

(2) قانۇن بويىچە سوت ئېچىپ سوت قىلىشقا تېگىشلىك بولسىمۇ، سوت ئاچماستىن ھۆكۈم چىقارغان بولسا؛

(3) دەۋالاشقۇچىلارنى قانۇنلۇق چاقىرتماستىن، سىرتتىن ھۆكۈم چىقارغان بولسا؛

(4) دەۋالاشقۇچىلارنى قانۇنلۇق چاقىرتماستىن، سىرتتىن ھۆكۈم چىقارغان بولسا؛

(5) شۇ دېلوغا ئالاقىدار دەۋا تەلىپى ئۈستىدە ھۆكۈم-كېسىم چىقارمىغان بولسا؛

(6) قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپكە خىلاپلىق قىلىنغانلىقتىن، دېلو ئۈستىدە توغرا ھۆكۈم-كېسىم چىقىرىشقا تەسىر يېتىش ئېھتىمالى بولسا.

81-ماددا يېڭىۋاشتىن سوت قىلىنىدىغان دېلولاردىن 1-سوت تەرتىپى بويىچە سوت قىلىنىدىغانلىرىغا مەمۇرىي دەۋا قانۇنىنىڭ 57-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن سوت قىلىش سۈرۈكى تەتبىقلىنىدۇ.

يېڭىۋاشتىن سوت قىلىنىدىغان دېلولاردىن 2-سوت تەرتىپى بويىچە سوت قىلىنىدىغانلىرىغا، مەمۇرىي دەۋا قانۇنىنىڭ 60-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن سوت قىلىش سۈرۈكى تەتبىقلىنىدۇ.

82-ماددا ئاساسىي قاتلام خەلق سوت مەھكىمىسى سوت قىلىش سۈرۈكىنى ئۇزارتىشنى ئىلتىماس قىلىشتا، بىۋاسىتە يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تەستىقلىشىغا مەلۇم قىلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەنگە ئالدۇرۇشى لازىم.

يەتتىنچى ئىجرا قىلىش

83-ماددا مەجبۇرىيىتى بولغان دەۋالاشقۇچى بىر تەرەپ قانۇن كۈچىگە ئىگە بولغان مەمۇرىي ھۆكۈمنامە، مەمۇرىي كېسىمنامە، مەمۇرىي تۆلەم ھۆكۈمنامىسى ۋە مەمۇرىي تۆلەم مۇرەسسەنامىسىنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلسا، دەۋلاشقۇچى قارشى تەرەپ خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشىنى قانۇن بويىچە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

84-ماددا ئىلتىماس قىلغۇچى پۇقرا بولسا، كۈچكە ئىگە بولغان مەمۇرىي ھۆكۈمنامە، مەمۇرىي كېسىمنامە، مەمۇرىي تۆلەم ھۆكۈمنامىسى ۋە مەمۇرىي تۆلەم مۇرەسسەنامىسىنى ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىش سۈرۈكى بىر يىل بولىدۇ. ئىلتىماس قىلغۇچى مەمۇرىي ئورگان، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلات بولسا 180 كۈن بولىدۇ.

ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىش سۈرۈكى قانۇن ھۆججىتىدە بەلگىلەنگەن ئادا قىلىش مۆھلىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر كۈنىدىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ؛ قانۇن ھۆججىتىدە ئادا قىلىش سۈرۈكى بەلگىلەنمىگەن بولسا، شۇ قانۇن ھۆججىتى دەۋالاشقۇچىغا يەتكۈزۈپ بېرىلگەن كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.

سۈرۈك ئۆتكەندە ئىلتىماس قىلغان بولسا، يوللۇق ئاساسىي بولغانلاردىن باشقىلىرىنى خەلق سوت مەھكىمىسى قوبۇل قىلمايدۇ.

85-ماددا كۈچكە ئىگە بولغان مەمۇرىي ھۆكۈمنامە، مەمۇرىي كېسىمنامە، مەمۇرىي تۆلەم ھۆكۈمنامىسى ۋە مەمۇرىي تۆلەم مۇرەسسەنامىسىنى 1-سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسى ئىجرا قىلىدۇ.

1-سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسى ئالاھىدە ئەھۋاللار بار، 2-سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسى ئىجرا قىلىشقا تېگىشلىك دەپ قارىغانلىرىدا، 2-سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىجرا قىلىشىغا تەكلىپ بەرسە بولىدۇ؛ 2-سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسى ئۆزى ئىجرا قىلىشنى قارار قىلسا بولىدۇ، 1-سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىجرا قىلىشىنى قارار قىلسىمۇ بولىدۇ.

86-ماددا مەمۇرىي ئورگان مەمۇرىي دەۋا قانۇنىنىڭ 66-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكىتىنى ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشتا، تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى لازىم:

(1) كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتنى قانۇن بويىچە خەلق سوت مەھكىمىسى ئىجرا قىلدۇرۇپ بەرگىلى بولسا؛

(2) كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەت كۈچكە ئىگە بولغان ھەمدە ئىجرا قىلدۇرۇشقا بولىدىغان مەزمۇنلار بولسا؛

(3) ئىلتىماس قىلغۇچى شۇ كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتنى ئېلىپ بارغان مەمۇرىي ئورگان ياكى قانۇن-نىزام ۋە قائىدىلەردە ھوقۇق بېرىلگەن تەشكىلات بولسا؛

(4) ئىلتىماس قىلىنغۇچى شۇ كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتتە بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلغۇچى بولسا؛

(5) ئىلتىماس قىلىنغۇچى كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتتە بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە ياكى مەمۇرىي ئورگان ئايرىم بېكىتىپ بەرگەن سۈرۈك ئىچىدە مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان بولسا؛

(6) ئىلتىماس قىلغۇچى قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە ئىلتىماس قىلغان بولسا؛

(7) ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىش ئىلتىماس قىلىنغان مەمۇرىي دېلو ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولسا.

خەلق سوت مەھكىمىسى شەرتكە ئۇيغۇن كەلگەن ئىلتىماسلارنى دېلو ئېچىپ قوبۇل قىلىشى ھەمدە ئىلتىماس قىلغۇچىغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى؛ شەرتكە ئۇيغۇن كەلمىگەن ئىلتىماسلارنى كېسىم ئارقىلىق قوبۇل قىلماسلىقى لازىم.

87-ماددا قانۇن-نىزاملاردا مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇش ھوقۇقى بېرىلمىگەن، مەمۇرىي ئورگان خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشىنى ئىلتىماس قىلغان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلىشى لازىم.

قانۇن-نىزاملاردا مەمۇرىي ئورگان قانۇن بويىچە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرسا بولىدۇ، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشىنى ئىلتىماس قىلسىمۇ بولىدۇ دەپ بەلگىلەنگەنلىرىدە، مەمۇرىي ئورگان خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشىنى ئىلتىماس قىلغان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلسا بولىدۇ.

88-ماددا مەمۇرىي ئورگان خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكىتىنى مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشتا، ئىجرا قىلىنغۇچىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن دەۋا قىلىش سۈرۈكى توشقان كۈنىدىن باشلاپ 180 كۈن ئىچىدە ئوتتۇرىغا قويۇشى لازىم. سۈرۈك ئۆتۈپ ئىلتىماس قىلغان بولسا، يوللۇق ئاساسى بولغاندىن باشقىلىرىنى خەلق سوت مەھكىمىسى قوبۇل قىلمايدۇ.

89-ماددا مەمۇرىي ئورگان خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكىتىنى مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا، ئىلتىماس قىلغۇچى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئاساسىي قاتلام خەلق سوت مەھكىمىسى قوبۇل قىلىدۇ؛ ئىجرا ئوبيېكتى كۆچمەس مۈلۈك بولسا، كۆچمەس مۈلۈك تۇرۇشلۇق جايدىكى ئاساسىي قاتلام خەلق سوت مەھكىمىسى قوبۇل قىلىدۇ.

ئاساسىي قاتلام خەلق سوت مەھكىمىسى ئىجرا قىلىش ھەقىقەتەن قىيىن دەپ قارىغانلىرىدا، يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىجرا قىلىشىغا تەكلىپ بەرسە بولىدۇ؛ يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى ئۆزى ئىجرا قىلىشنى قارار قىلسا بولىدۇ، تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىجرا قىلىشىنى قارار قىلسىمۇ بولىدۇ.

 90-ماددا مەمۇرىي ئورگان قانۇندا بېرىلگەن ھوقۇقىغا ئاساسەن، باراۋەر سۇبيېكتلار ئوتتۇرىسىدىكى ھەق تەلەپ تالاش-تارتىشى ئۈستىدە قارار چىقارغاندىن كېيىن، دەۋالاشقۇچىلار قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە دەۋا قىلمىغان، ئادامۇ قىلمىغان، قارار چىقارغان مەمۇرىي ئورگان ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلمىغان بولسا، كۈچكە ئىگە بولغان كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتتە مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن ھوقۇقلۇق كىشى ياكى ۋارىسى، ھوقۇق بېرىلگەن كىشى 90 كۈن ئىچىدە، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولغۇچى پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتنى ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشىنى ئىلتىماس قىلىشتا، مەمۇرىي ئورگانلار خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتنى ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشىنى ئىلتىماس قىلىشقا ئائىت بەلگىلىمىدىن پايدىلانسا بولىدۇ.

91-ماددا مەمۇرىي ئورگان خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتنى مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشىنى ئىلتىماس قىلىشتا، ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىش ئىلتىماسى، ئىجرادا ئاساسلانغان مەمۇرىي قانۇن ھۆججەتلىرى، شۇ كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتنىڭ قانۇنلۇقلۇقىنى ئىسپاتلايدىغان ماتېرىياللار ۋە ئىجرا قىلىنغۇچىنىڭ مال-مۈلۈك ئەھۋالى، شۇنداقلا تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باشقا ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشى لازىم.

ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولغۇچى پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشىنى ئىلتىماس قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قارار چىقارغان مەمۇرىي ئورگاندىن ئالاقىدار ماتېرىياللارنى يۆتكەپ كېلىشى لازىم.

92-ماددا مەمۇرىي ئورگان ياكى كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەت مۇئەييەنلەشتۈرگەن ھوقۇقلۇق كىشى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشىنى ئىلتىماس قىلىشتا ئىلگىرى، ئىجرا قىلىنغۇچى ئىجرادىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئېھتىمالى بار دەپ قاراشقا تولۇق ئاساسى بولسا، ئىجرا قىلىنغۇچى ئىجرادىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئېھتىمالى بار دەپ قاراشقا تولۇق ئاساسى بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مال-مۈلۈكنى ئامان ساقلاش تەدبىرى قوللىنىشىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. كېيىنكىسىدە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشتا، مۇناسىپ مال-مۈلۈك كاپالىتى بىلەن تەمىن ئېتىشى لازىم.

93-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى مەمۇرىي ئورگان كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكىتىنى ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، 30 كۈن ئىچىدە مەمۇرىي سوت كوللېگىيىسى كېڭەشمە سوت ئۇيۇشتۇرۇپ، كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتنىڭ قانۇنلۇقلۇقىنى تەكشۈرۈشى ھەمدە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇش-قىلدۇرماسلىق ھەققىدە كېسىم چىقىرىشى لازىم؛ مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇش تەدبىرى قوللىنىش زۆرۈرىيىتى بولغانلىرىنى، شۇ مەھكىمىنىڭ دەۋا قىلىنمىغان مەمۇرىي ھەرىكەتنى مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇشقا مەسئۇل ئاپپاراتى ئىجرا قىلدۇرىدۇ.

94-ماددا دەۋا جەريانىدا، جاۋابكار ياكى كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەت مۇئەييەنلەشتۈرگەن ھوقۇقلۇق كىشى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ دەۋا قىلىنغان كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتنى مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشىنى ئىلتىماس قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ئىجرا قىلدۇرمايدۇ، لېكىن ۋاقتىدا ئىجرا قىلدۇرمىغاندا دۆلەت مەنپەئىتى، جامائەت مەنپەئىتى ياكى باشقىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىگە تولدۇرغىلى بولمايدىغان زىيان پەيدا قىلىش ئېھتىمالى ولغانلىرىنى خەلق سوت مەھكىمىسى ئالدىن ئىجرا قىلدۇرسا بولىدۇ. كېيىنكىسىدە، مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشتا، مۇناسىپ مال-مۈلۈك كاپالىتى بىلەن تەمىن ئېتىشى لازىم.

95-ماددا ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىش ئىلتىماس قىلىنغان كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتتە تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرى بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى كېسىم ئارقىلىق ئىجرا قىلدۇرماسلىق لازىم:

(1) پاكىت ئاساسى روشەن ھالدا كەمچىل بولسا؛

(2) قانۇن ئاساسى روشەن ھالدا كەمچىل بولسا؛

(3) روشەن ھالدا قانۇنغا خىلاپ ھەمدە ئىجرا قىلىنغۇچىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان باشقا ئىشلار بولسا.

96-ماددا مەمۇرىي ئورگان خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ كۈچكە ئىگە بولغان ھۆكۈم-كېسىمىنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى مەمۇرىي دەۋا قانۇنىنىڭ 65-ماددا 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن بىر تەرەپ قىلسا ھەمدە ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 102-ماددىسىدىكى ئالاقىدار بەلگلىمىلەردىن پايدىلىنىپ، ئاساسلىق مەسئۇلى ياكى بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بولغان خادىمغا جەرىمانە جازاسى بەرسە بولىدۇ.

سەككىزىنچى باشقىلار

97-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى مەمۇرىي دېلونى سوت قىلىشتا، مەمۇرىي دەۋا قانۇنى ۋە مۇشۇ ئىزاھاتقا ئاساسلانغاندىن سىرت، ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەردىن پايدىلانسا بولىدۇ.

98-ماددا بۇ ئىزاھات ئېلان قىلىنغان كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ «‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرىي دەۋا قانۇنى›نى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى بىرنەچچە مەسىلە توغرىسىدىكى پىكرى (سىناق نۇسخىسى)» بىرلا ۋاقىتتا ئەمەلدىن قالىدۇ؛ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىلگىرىكى ئەدلىيىلىك ئىزاھاتلىرى ۋە ئالاقىدار ئورگانلار بىرلىكتە ئېلان قىلغان قېلىپلاشقان ھۆججەتلەر مۇشۇ ئىزاھات بىلەن بىردەك بولمىغانلىرىدا، مۇشۇ ئىزاھات ئىجرا قىلىنىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى 

http://uygur.news.cn/2012-04/23/c_131545937_19.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#