پىچاق

پىچاق — ئىنسانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئالاھىدە ئېھتىياجلىق ئەسۋاب بولۇپ، پولاتتىن ياسالغان بىر ياكى ئىككى بىسلىق، سېپى بار كېسىش ئەسۋابلىرىنى ھەم سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان تۈرلۈك ئىستانوكلارنىڭ تىغ قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پىچاق — ئىنسانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئالاھىدە ئېھتىياجلىق ئەسۋاب بولۇپ، پولاتتىن ياسالغان بىر ياكى ئىككى بىسلىق، سېپى بار كېسىش ئەسۋابلىرىنى ھەم سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان تۈرلۈك ئىستانوكلارنىڭ تىغ قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

پىچاقلار ئاساسلىقى: قىڭراق، باققال پىچىقى، قاسساپ پىچىقى، ئۈگرە پىچىقى، ئۇستىرا، قەلەمتىراش، قىلىچ، خەنجەر قاتارلىقلار بولۇپ، كۇچادا ئۇزاق تارىخقا ئىگە. مۇنداق پىچاق، قايچا، قەلەمتىراشلار يېنىك، چاققان، ئىشلىتىشكە ئەپلىك بولغاچقا، نۆۋەتتە پىچاقلارنىڭ سېتىلىش مىقدارى تېز ئاشماقتا. كۇچا پىچاقلىرى (قەلەمتىراشلار) ئاساسەن كۆزلۈك پىچاق، ئۈچ كۆزلۈك پىچاق، تەيچە پىچاق، قىرلىق پىچاق، كۆپتۈرمە پىچاق، بادام نۇسخىلىق پىچاق، تاپان نۇسخىلىق پىچاق، چېچەكگۈل پىچاق، موزدۇز قايچا-پىچىقى، تىككۈچى قايچا-پىچىقى، گىلەم قايچا-پىچىقى، تۇماقچى قايچا- پىچىقى، جۇۋىچى قايچا-پىچىقى، قاڭالتىر قايچىسى، ئورغاق، ئوتىغۇچ قاتارلىق تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

قايچا-پىچاق، قەلەمتىراش قاتارلىق تىغلىق، بىسلىق ئەسۋابلارنى ياساشقا كېرەكلىك ماتېرىيال-جابدۇقلار ئاساسلىقى: تۇچ، پولات، قەلەي، مىخ، مۈڭگۈز، سۆڭەك، ياقۇت، بىرىكمە تالا، سۇ، سىلىقلاش مېيى، سوپۇن، چاق، قىسقۇچ، ئۈشكە، سەندەل، بازغان، بولقا، دۇپاي، ئاسۇر، قايچا، شامالچى، قەلەم، قۇم قەغەز، قۇم چاق، كىگىز چاق، كۆمۈر، توك قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپىدۇ.

قايچا-پىچاق تىپىدىكى تىغلىق ئەسۋابلارنىڭ گەۋدىسى تۆمۈردىن، بىسى پولاتتىن تاۋلاپ سوقۇلىدۇ. سوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، بىسىغا سوپۇن ياكى سىلىقلاش مېيى سۈرتۈلۈپ سۇغۇرىلىدۇ. ئاندىن قۇم قەغەز، سۇ ماي بىلەن پارقىرىتىلىدۇ. بۇنداق پىچاقلار پارقىراق، نەپس، ئۆتكۈر ھەم چىداملىق بولىدۇ، ئاسانلىقچە سۇنۇپ كەتمەيدۇ.

1992-يىلى شيې بىن «شىنجاڭغا ساياھەت»ناملىق زىيارەت خاتىرىسىدە كۇچا قايچا-پىچاقلىرىنى تەسۋىرلەپ: «سوقۇلۇشى تولىمۇ نەپىس، كۆركەم ئىكەن.يالتىراپ تۇرىدىكەن. قۇياش نۇرىغا تۇتسا، دولقۇنسىمان سىزىقچىلار غۇۋا كۆرۈنىدىكەن. پۈۋلىسە يېقىملىق ئاۋاز چىقىدىكەن. تۆمۈرنى قىرالايدىكەن، ياغاچنى چورتتىدە كېسەلەيدىكەن، ئەمما بىسى قايرىلمايدىكەن» دەپ يازغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#