ئىسپىغۇل

ئىسپىغۇل

ئىسپىغۇل بولسا پاقىيوپۇرمىقى ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك تۇخۇمسىمان يوپۇرماقلىق پاقىيوپۇرمىقى بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى «ئىسپىغۇل» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى ئىسپىغۇل
ئەرەبچە نامى بەزۇرۇل قوتونا
ئىنگلىزچە Isphagula seed
شەكلى ئۇرۇقى چاسا شەكىللىك ئۇششاق، رەڭگى سېرىققا مايىل ئاق، قارىسىمۇ بولىدۇ
تەمى تەمى تېتىقسىز شىرلىك كېلىدۇ
خەنزۇچە ئاتىلىشى 腺毛车前子
پارسچە نامى ئىسپىغۇل
ئوردۇچە نامى ئىسپۇغۇل
جىسمى سۇغا سالسا لۇئابى چىقىدۇ.
تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل سوغۇق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئىسپىغۇلئىسپىغۇل بولسا  پاقىيوپۇرمىقى ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق  ئۆسۈملۈك تۇخۇمسىمان يوپۇرماقلىق پاقىيوپۇرمىقى بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى «ئىسپىغۇل» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.  ئۇرۇقى چاسا شەكىللىك ئۇششاق، رەڭگى سېرىققا مايىل ئاق، قارىسىمۇ بولىدۇ.سۇغا سالسا لۇئابى چىقىدۇ. تەمى تېتىقسىز شىرلىك كېلىدۇ,كەشمىر، ئىران، ئافغانىستان، پاكىستان قاتارلىق ئەللەردىن چىقىدۇ.

غەيرىي تەبىئىي سەپرا، قان خىلىتىدىن بولغان ياللۇغلارنى قايتۇرۇش، قىزىتما پەسەيتىش، يۆتەل پەسەيتىش، بەلغەم بوشىتىش، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش، ئىچنى توختىتىش، باش ئاغرىقىنى پەسەيتىش، ئىششىقلارنى ياندۇرۇش، سۈيدۈك ھەيدەش، قاننىڭ ھارارىتىنى ياخشىلاش خۇسۇسىيىتى بار،

تەسىرى

 ياللۇغلارنى قايتۇرۇش . 

خاس تەسىرى

 ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورا 

قۇشۇمچە تەسىرى

 جىنسىي ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ.

فارموكولوگىيلىك تەسىرى

پىلانتاگېن نېرۋىلارنى قوزغىتىپ، كاناي، كاناي شاخچىلىرى ۋە ئاشقازاننىڭ سۇيۇقلۇقىنى ئاشۇرىدۇ، يەنە نەپەس مەركىزىگە تەسىر كۆرسىتىپ، نەپەس پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. ئاستىلىتىدۇ،شۇڭا كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە يۆتەل پەسەيتىش ئۈنۈمى بار، سۈيدۈك ھەيدەش تەسىرى بار.    

ئىسپىغۇل تەركىبىدە %10 ياغ، رېزىنا، پلانتاگېن (plantagen ) ناملىق جەۋھەر بار. ئۇندىن باشقا indicain, indicamin يېپىشقاق ماددا، ئەرەب يېلىمى قاتارلىق تەركىبلەر بار.

1. ئىسپىغۇل، بېھى ئۇرۇقىدىن 10 گرامدىن، تاباشىردىن 7 گرام ئېلىپ، لوئابىنى چىقىرىپ 7 گرام تاباشىرغا ئارىلاشتۇرۇپ ئىچسە، قان ۋە سەپراۋى ئىسھاللارغا شىپا بولىدۇ.

2. ئىسپىغۇل، بېھى ئۇرۇقى، گاۋزىبان قاتارلىقلاردىن بەش گرامدىن ئېلىپ قايناق سۇدا دەملەپ، شىرىسىنى چىقىرىپ تىلغا چاپسا تىل يېرىلىش، تىل ئېچىشىشنى پەسەيتىدۇ.

3. بېھى ئۇرۇقى، ئىسپىغۇللارنى سوقۇپ، گۈل يېغى ۋە سىركە بىلەن قوشۇپ بوغۇملارغا چاپسا، ئىسسىقتىن بولغان ئاغرىققا شىپا بولىدۇ، ئىششىق ياندۇرىدۇ.

4. ئىسپىغۇل بىلەن بېھى ئۇرۇقىنىڭ لوئابىنى چىقىرىپ بەدىيان، بالەنگونى سوقۇپ بىرلەشتۈرۈپ ئىچىپ بەرسە، قان تولغاق ئۈچۈن شىپا بولىدۇ.

دورىلىق ئورنى 

ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى 

مىقدارى 

5 ~ 3 گرام

تۈزەتكۈچىسى

ھەسەل، ئاقىرقەرھا

ئورۇنباسارى 

بېھى ئۇرۇقى، سېمىز ئوت

سۇپۇپى تىن، قۇرسى تاباشىر كاپۇرى. لوئوبى ئىسپىغۇل، زىمادى ئىسپاغول.

تولغاق، ئىچى سۈرۈش، يۆتەل، زۇكام، گال قۇرۇش، ئاشقازان ۋە 12 بارماق ئۈچەي يارىسى، تىل ئېچىشىش، تىل يېرىلىش، بۆرەك ۋە سۈيدۈك يولى ياللۇغى، سۆزنەك، قان سىيىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

كېلىش مەنبەسى (ئەسەر)

ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى ئىككىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=389

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#