جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كارخانىلارنىڭ ۋەيران بۇلۇشى توغرىسىدىكى قانۇنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كارخانا ۋەيرانچىلىقى قانۇنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كارخانا ۋەيرانچىلىقى قانۇنى 1986-يىل 12-ئاينىڭ 2-كۈنى 6-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18-يىغىنىدا ماقۇللانغان. 1986-يىل 12-ئاينىڭ 2-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 45-نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىنغان. 

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ كارخانا ۋەيرانچىلىقى قانۇنى
ئېلان قىلغان ئۇرۇن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمي كومىتېتى
كۈچكە ئىگە بولغان ۋاقىت 2007-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国企业破产法
ئېلان قىلىنغان ۋاقىت 2006-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كارخانا ۋەيرانچىلىقى قانۇنىجۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كارخانا ۋەيرانچىلىقى قانۇنى 1986-يىل 12-ئاينىڭ 2-كۈنى 6-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18-يىغىنىدا ماقۇللانغان. 1986-يىل 12-ئاينىڭ 2-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 45-نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىنغان. 

1–باب ئومۇمىي پرىنسىپ 

1-ماددا بۇ قانۇن سوتسىيالىستىك پىلانلىق تاۋار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ۋە ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىش، ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ ئىگىلىكىنى ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇش ئىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادىي مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ۋە دېموكراتىك باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئىگىلىك باشقۇرۇش ئەھۋالىنى ياخشىلاش، ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش، ھەقدارلار بىلەن قەرزدارلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش مەقسىتىدە تۈزۈلدى. 

2-ماددا بۇ قانۇن ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكى كارخانىلارغا تەتبىقلىنىدۇ. 

3-ماددا كارخانىلار ئۆز ئىگىلىكىنى ياخشى باشقۇرماي، ئېغىر زىيان تارتىپ، قەرزلىرىنى ئۆز قەرەلىسىدە قايتۇرالمىسا، بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئۇلارنىڭ ۋەيران بولغانلىقى جاكارلىنىدۇ. كارخانىنىڭ ۋەيران بولغانلىقى توغرىسىدا ھەقدارلار ئىلتىماس سۇنىدۇ. تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ۋەيران بولدى دەپ جاكارلانمايدۇ: 

(1) جامائەت ئىشلىرى كارخانىلىرى ۋە دۆلەت پىلانى، خەلق تۇرمۇشى بىلەن زور ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ گەدىنىدىكى قەرزنى ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى مەبلەغ جەھەتتىن ياردەم بېرىش ياكى باشقا تەدبىرلەرنى قوللىنىش يولى بىلەن قايتۇرۇپ بەرگەن بولسا؛ 

(2) ۋەيران بولغانلىق توغرىسىدا ئىلتىماس سۇنۇلغان كۈندىن باشلاپ ئالتە ئاي ئىچىدە قەرزنى قايتۇرۇپ بولۇشقا كېپىل تاپقان بولسا. ۋەيران بولغانلىقى توغرىسىدا ھەقدارلار تەرىپىدىنئىلتىماس سۇنۇلغان، يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارماق تەرتىپكە سېلىشنى ئىلتىماس قىلغان ھەمدە ھەقدارلار يىغىنى بىلەن يارىشىش كېلىشىمى تۈزگەن كارخانىلارنىڭ ۋەيران بولۇش رەسمىيىتى توختىتىلىدۇ. 

4-ماددا دۆلەت ۋەيران بولغان كارخانىلارنىڭ ئىشچى -خىزمەتچىلىرىنى تۈرلۈك يوللار بىلەن يېڭىۋاشتىن مۇۋاپىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ يېڭىۋاشتىن ئىشقا ئورۇنلىشىشتىن بۇرۇنقى ئاساسىي تۇرمۇش ئېھتىياجىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ، بۇنىڭ كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن ئايرىم بەلگىلەيدۇ. 

5-ماددا ۋەيران بولۇشقا دائىر دېلولار قەرزدار تۇرۇشلۇق جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدۇ. 

6-ماددا ۋەيران بولۇشقا دائىر دېلولارنىڭ بۇ قانۇندا بەلگىلىمە چىقىرىلمىغان دەۋا رەسمىيەتلىرىگە ھەق تەلەپ دەۋا رەسمىيىى توغرىسىدىكى قانۇنىي بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ. 

2–باب ۋەيران بولغانلىق توغرىسىدىكى ئىلتىماسنىڭ سۇنۇلۇشى ۋە قوبۇل قىلىنىشى 

7-ماددا قەرزدارلار قەرەلى توشقان قەرزلەرنى قايتۇرالمىسا، ھەقدارلار قەرزدارلارنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى جاكارلاشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ھەقدارلار ۋەيران بولغانلىقنى جاكارلاش توغرىسىدىكى ئىلتىماسنى سۇنغاندا، تۆلىتىۋالىدىغان قەرز مىقدارى، قەرزدارلارنىڭ كېپىل قىلىنغان مال-مۈلكىنىڭ بار-يوقلۇقى ۋە قەرزدارلارنىڭ قەرەلى توشقان قەرزلەرنى قايتۇرالمىغانلىقىغا دائىر دەلىل-ئىسپاتلارنى تاپشۇرۇشى لازىم. 

8-ماددا قەرزدارلار ئۆزىنى باشقۇرغۇچى يۇقىرى دەرىجىلىك تارماقلارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، ۋەيران بولغانلىقنى جاكارلاشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. قەرزدارلار ۋەيران بولغانلىقنى جاكارلاش توغرىسىدىكى ئىلتىماسنى سۇنغاندا، كارخانىنىڭ زىيان تارتىش ئەھۋالىنى ئىزاھلىشى، بوغالتىرلىققا دائىر مەلۇمات جەدۋەللىرىنى، قەرزدارلىق ۋە ھەقدارلىق دەپتەرلىرىنى تاپشۇرۇشى لازىم.

9-ماددا خەلق سوت مەھكىمىلىرى ۋەيران بولۇشقا دائىر دېلولارنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئون كۈن ئىچىدە قەرزدارلارغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى ۋە ئېلان چىقىرىشى لازىم. خەلق سوت مەھكىمىلىرى قەرزدارلار سۇنغان قەرزدارلىق دەپتەرلىرىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئون كۈن ئىچىدە ئۆزلىرى بىلىدىغان ھەقدارلارغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. ئېلان ۋە ئۇقتۇرۇشتا بىرىنچى قېتىملىق ھەقدارلار يىغىنى چاقىرىلىدىغان ۋاقىت بەلگىلىنىشى كېرەك. ھەقدارلار ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن بىر ئاي ئىچىدە ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالمىغان ھەقدارلار ئېلان چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ ئاي ئىچىدە، خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئۆزىنىڭ ھەقدار ئىكەنلىكىنى مەلۇم قىلىشى، ئالىدىغان ھەققىنىڭ مىقدارىنى ۋە كېپىل قىلىنغان مال-مۈلكىنىڭ بار-يوقلۇقىنى ئىزاھلىشى ھەمدە ئالاقىدار ئىسپات-ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشى لازىم. ھەقدار ئىكەنلىكىنى بەلگىلەنگەن مۇددەتتە مەلۇم قىلمىغانلار ھەقدارلىقتىن ئۆزلۈكىدىن ۋاز كەچكەن، دەپ قارىلىدۇ. خەلق سوت مەھكىمىلىرى مال-مۈلۈك كېپىل قىلىنغان ھەقدارلىق مەلۇماتى بىلەن مال-مۈلۈك كېپىل قىلىنمىغان ھەقدارلىق مەلۇماتىنى ئايرىم-ئايرىم تىزىمغا ئېلىشى لازىم.

 10-ماددا ھەقدارلار ۋەيران بولغانلىقنى جاكارلاش توغرىسىدا ئىلتىماس قىلغاندا، قەرزدارلار خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن 15 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە بۇ قانۇننىڭ 8-ماددا 2-تارمىقىدا كۆرسىتىلگەن ئالاقىدار ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشى كېرەك. قەرزدارلار باشقا ئورۇنغا كېپىل بولۇۋاتقان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۇنى بەش كۈن ئىچىدە ئالاقىدار كىشىلەرگە ئۇقتۇرۇشى كېرەك. 

11-ماددا خەلق سوت مەھكىمىلىرى ۋەيران بولۇشقا دائىر دېلولارنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، قەرزدارلارنىڭ مال-مۈلكىگە دائىر باشقا ھەق تەلەپ ئىشلىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىش رەسمىيىتى توختىتىلىشى لازىم. 

12-ماددا خەلق سوت مەھكىمىلىرى ۋەيران بولۇشقا دائىر دېلولارنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، قەرزدارلارنىڭ قىسمەن ھەقدارلارغا تۆلىگەن قەرزى ئىناۋەتسىز بولىدۇ، لېكىن قەرزدارلارنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت ئىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 3 – باب ھەقدارلار يىغىن 

13-ماددا بارلىق ھەقدارلار ھەقدارلار يىغىنىنىڭ ئەزاسى بولىدۇ. ھەقدارلار يىغىنىنىڭ ئەزالىرى ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە، لېكىن بەرگەن قەرزىگە مال-مۈلۈك بىلەن كېپىللىك قىلىنغان، تۆلىتىۋېلىشتىكى كېپىللىك ھوقۇقىدىن ۋاز كەچمىگەن ھەقدارلار بۇنىڭ سىرتىدا. قەرزدارنىڭ كېپىلى قەرزدارنىڭ ئورنىدا قەرزنى تۆلىگەندىن كېيىن، ھەقدارلار قاتارىدا ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ. ھەقدارلار يىغىنىنىڭ رەئىسىنى خەلق سوت مەھكىمىسى ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە ھەقدارلار ئىچىدىن بەلگىلەيدۇ. قەرزدارنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى ھەقدارلار يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىشى، ھەقدارلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشى لازىم. 

14-ماددا بىرىنچى قېتىملىق ھەقدارلار يىغىنى خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن چاقىرىلىدۇ، بۇ يىغىن ھەقدارلىقنى مەلۇم قىلىش مۇددىتى توشقاندىن كېيىنكى 15 كۈن ئىچىدە ئېچىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىنكى ھەقدارلار يىغىنى خەلق سوت مەھكىمىسى ياكى يىغىن رەئىسى زۆرۈر تاپقان ۋاقىتتا ئېچىلىدۇ، ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى ياكى بەرگەن قەرزى مال-مۈلۈك كېپىل قىلىنمىغان ئومۇمىي قەرز سوممىسىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن ھەقدارلار تەلەپ قىلغان چاغدا ئېچىلسىمۇ بولىدۇ.

15-ماددا ھەقدارلار يىغىنىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى: 

(1) ھەقدارلىققا دائىر ئىسپات-ماتېرىياللارنى تەكشۈرۈش، ھەقدارلىق ئۈچۈن كېپىل قىلىنغان مال-مۈلۈك بار-يوقلۇقىنى، كېپىل قىلىنغان مال-مۈلۈكنىڭ مىقدارىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش؛ 

(2) يارىشىش كېلىشىمى لايىھىسىنى مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللاش؛ 

(3) ۋەيران بولغان مال-مۈلۈكلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە تەقسىم قىلىش لايىھىسىنى مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللاش.

16-ماددا ھەقدارلار يىغىنىنىڭ قارارى يىغىنغا قاتناشقان ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە ھەقدارلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ماقۇللىنىدۇ ھەمدە ئۇلار ۋەكىللىك قىلىدىغان ھەقدارلىق سوممىسى مال-مۈلۈك كېپىللىك قىلىنمىغان ئومۇمىي ھەقدارلىق سوممىسىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن بولۇشى كېرەك، لېكىن يارىشىش كېلىشىمى لايىھىسى توغرىسىدىكى قارارنى ماقۇللىغانلارنىڭ ھەققى مال-مۈلۈك كېپىللىك قىلىنمىغان ئومۇمىي ھەقدارلىق سوممىسىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىشى كېرەك. ھەقدارلار يىغىنىنىڭ قارارى بارلىق ھەقدارلار ئۈچۈن ئوخشاشلا چەكلەش كۈچىگە ئىگە بولىدۇ. ھەقدارلار ھەقدارلار يىغىنىنىڭ قارارىنى قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ دەپ قارىسا، ھەقدارلار يىغىنى قارار چىقارغاندىن كېيىن يەتتە كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە كېسىم چىقىرىش توغرىسىدا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. 

4-باب يارىشىش ۋە تەرتىپكە سېلىش

17-ماددا ھەقدارلار كارخانىنىڭ ۋەيران بولۇشىنى ئىلتىماس قىلىپ، خەلق سوت مەھكىمىسى دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ئۈچ ئاي ئىچىدە، ۋەيران بولۇشى ئىلتىماس قىلىنغان كارخانىنى باشقۇرغۇچى يۇقىرى دەرىجىلىك تارماق شۇ كارخانىنى تەرتىپكە سېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، تەرتىپكە سېلىش مۇددىتى ئىككى يىلدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. 

18-ماددا تەرتىپكە سېلىش ئىلتىماسى سۇنۇلغاندىن كېيىن، كارخانا ھەقدارلار يىغىنىغا يارىشىش كېلىشىمى لايىھىسىنى سۇنۇشى كېرەك. يارىشىش كېلىشىمىدە كارخانىنىڭ قەرز قايتۇرۇش مۇددىتى بەلگىلەنگەن بولۇشى لازىم. 

19-ماددا كارخانا بىلەن ھەقدارلار يىغىنى يارىشىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىپ، خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇنى ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن، خەلق سوت مەھكىمىسى ئېلان چىقىرىپ، ۋەيران بولۇش رەسمىيىتىنى توختىتىدۇ. يارىشىش كېلىشىمى ئېلان چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ قانۇنىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ. 

20-ماددا كارخانىنى تەرتىپكە سېلىشقا شۇ كارخانىنى باشقۇرغۇچى يۇقىرى دەرىجىلىك تارماق مەسئۇل بولىدۇ. كارخانىنى تەرتىپكە سېلىش لايىھىسى كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇزاكىرىسىدىن ئۆتكۈزۈلۈشى لازىم. كارخانىنى تەرتىپكە سېلىش ئەھۋالى كارخانىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيىغا دوكلات قىلىنىشى ھەمدە بۇ ھەقتە پىكىر ئېلىنىشى لازىم. كارخانىنىڭ تەرتىپكە سېلىنىش ئەھۋالى ھەقدارلار يىغىنىغا قەرەللىك دوكلات قىلىپ تۇرۇلۇشى لازىم. 

21-ماددا تەرتىپكە سېلىش مەزگىلىدە، كارخانىدا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ كېسىم چىقىرىشى ئارقىلىق، شۇ كارخانىنى تەرتىپكە سېلىش ئاخىرلاشتۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ۋەيران بولغانلىقى جاكارلىنىدۇ: 

(1) يارىشىش كېلىشىمىنى ئىجرا قىلمىسا؛ 

(2) مالىيە ئەھۋالى داۋاملىق يامانلىشىپ، ھەقدارلار يىغىنى تەرتىپكە سېلىشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا؛ 

(3) بۇ قانۇننىڭ 35-ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن ھەرىكەتلەرنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ، ھەقدارلارنىڭ مەنپەئىتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزسە.

22-ماددا كارخانا تەرتىپكە سېلىنغاندىن كېيىن، يارىشىش كېلىشىمى بويىچە قەرزلىرىنى قايتۇرالىسا، خەلق سوت مەھكىمىسى شۇ كارخانىنىڭ ۋەيران بولۇش رەسمىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشى ۋە بۇ ھەقتە ئېلان چىقىرىشى كېرەك. كارخانا تەرتىپكە سېلىنىش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، يارىشىش كېلىشىمى بويىچە قەرزنى قايتۇرالمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسى شۇ كارخانىنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى جاكارلىشى ھەمدە بۇ قانۇننىڭ 9-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ھەقدارلىق ئىشلىرىنى يېڭىۋاشتىن تىزىمغا ئېلىشى لازىم. 

5-باب ۋەيران بولغانلىقنى جاكارلاش ۋە مال-مۈلۈكنى ئېنىقلاش 

23-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، خەلق سوت مەھكىمىسى كېسىم چىقىرىپ، كارخانىنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى جاكارلايدۇ: (1)بۇ قانۇننىڭ 3-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ۋەيران بولغانلىقىنى جاكارلاشقا تېگىشلىك بولسا؛ 

(2)بۇ قانۇننىڭ 21-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تەرتىپكە سېلىش ئىشى ئاخىرلاشتۇرۇلغان بولسا؛ 

(3) تەرتىپكە سېلىش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، قەرزنى يارىشىش كېلىشىمى بويىچە قايتۇرالمىسا. 

24-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى كارخانىنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى جاكارلىغان كۈندىن ئېتىبارەن 15 كۈن ئىچىدە ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ۋەيران بولغان كارخانىنى ئۆتكۈزۈۋېلىشى كېرەك. ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى ۋەيران بولغان كارخانىنىڭ مال-مۈلكىنى ساقلاش، ئېنىقلاش، باھالاش، بىر تەرەپ قىلىش ۋە تەقسىم قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ. ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى قانۇن بويىچە زۆرۈر ھەق تەلەپ پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارسا بولىدۇ. ئېنىقلاش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرىنى خەلق سوت مەھكىمىسى كارخانىنى باشقۇرغۇچى يۇقىرى دەرىجىلىك تارماق، ھۆكۈمەتنىڭ مالىيە تارماقلىرى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلاردىن ۋە كەسپىي خادىملار ئىچىدىن بەلگىلەيدۇ. ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى زۆرۈر بولغان خىزمەتچىلەرنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلەتسە بولىدۇ. ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى خەلق سوت مەھكىمىسى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ ۋە ئۇنىڭغا خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ. 

25-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ۋەيران بولغان كارخانىنىڭ مال-مۈلكى، ھېسابات دەپتىرى، ھۆججەت-ئالاقىلىرى، ماتېرىياللىرى ۋە تامغىسى قاتارلىقلارنى قانۇنسىز بىر تەرەپ قىلىشىغا بولمايدۇ. ۋەيران بولغان كارخانىنىڭ قەرزدارلىرى ۋە مال-مۈلۈكلەرنى تۇتۇپ تۇرغانلار قەرزنى ياكى مال-مۈلۈكلەرنى ئېنىقلاش گۇرۇپپىسىغىلا تاپشۇرىدۇ. 

26-ماددا ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى ۋەيران بولغان كارخانا ئىجرا قىلمىغان توختاملارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ياكى داۋاملىق ئىجرا قىلىشنى بەلگىلىسە بولىدۇ. ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى توختامنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى قارار قىلغاندا، توختام تۈزۈشكەن يەنە بىر تەرەپ توختامنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى تۈپەيلىدىن زىيانغا ئۇچرىسا، ئۇنىڭغا تۆلىنىدىغان پۇل ۋەيران بولغان كارخانا تۆلەيدىغان قەرز قاتارىغا كىرگۈزۈلىدۇ. 27-ماددا ۋەيران بولغان كارخانىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى ئېنىقلاش گۇرۇپپىسىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش رەسمىيىتى بېجىرىلىشتىن بۇرۇن، شۇ كارخانىنىڭ مال-مۈلكى، ھېسابات دەپتىرى، ھۆججەت-ئالاقىلىرى، ماتېرىياللىرى ۋە تامغىسى قاتارلىقلارنى ساقلاشقا مەسئۇل بولىدۇ. ۋەيران بولغان كارخانىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى ۋەيران بولۇش رەسمىيىتى ئاخىرلاشقۇچە، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ياكى ئېنىقلاش گۇرۇپپىسىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن خىزمەت ئىشلەيدۇ، ئۇنىڭ خىزمەت ئورنىدىن ئۆز مەيلىچە ئايرىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

28-ماددا ۋەيران بولغان مال-مۈلۈكلەر تۆۋەندىكى مال-مۈلۈكلەردىن تەركىب تاپىدۇ: 

(1) ۋەيران بولغانلىقى جاكارلانغاندا ۋەيران بولغان كارخانا باشقۇرۇۋاتقان بارلىق مال-مۈلۈكلەر؛ 

(2) ۋەيران بولغان كارخانا ۋەيران بولغانلىقى جاكارلانغاندىن تارتىپ ۋەيران بولۇش رەسمىيىتى ئاخىرلاشقۇچە بولغان ئارىلىقتا ئېرىشكەن مال-مۈلۈكلەر؛ 

(3) ۋەيران بولغان كارخانا يۈرگۈزۈشكە تېگىشلىك بولغان باشقا مال-مۈلۈك ھوقۇقلىرى. كېپىل قىلىنغان مال-مۈلۈكلەر ۋەيران بولغان مال-مۈلۈكلەر قاتارىغا كىرمەيدۇ؛ كېپىل قىلىنغان مال-مۈلۈكلەرنىڭ باھاغا سۇندۇرۇلغان پۇلى شۇ مال-مۈلۈك كېپىل قىلىنغان قەرز پۇلىدىن ئارتۇق بولسا، ئارتۇق قىسمى ۋەيران بولغان مال-مۈلۈك قاتارىغا كىرىدۇ. 

29-ماددا ۋەيران بولغان كارخانىدىكى باشقىلارغا تەۋە مال-مۈلۈكلەرنى ئۇلارنىڭ ئىگىلىرى ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى ئارقىلىق ئېلىۋالىدۇ. 

30-ماددا ۋەيران بولغانلىقى جاكارلىنىشتىن ئىلگىرى بارلىققا كەلگەن، مال-مۈلۈك كېپىل قىلىنمىغان ھەقدارلىق ۋە تۆلىتىۋېلىش جەھەتتىكى كېپىللىك ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەن، مال-مۈلۈك كېپىل قىلىنغان ھەقدارلىق ۋەيران بولغان ھەقدارلىق ھېسابلىنىدۇ. ھەقدارلارنىڭ ۋەيران بولۇش رەسمىيىتىگە قاتنىشىش جەريانىدىكى خىراجىتىنى ۋەيران بولغان ھەقدارلىق قاتارىدا ھېسابلاشقا بولمايدۇ. 

31-ماددا ۋەيران بولغانلىقى جاكارلانغاندا تېخى مۇددىتى توشمىغان ھەقدارلىق مۇددىتى توشقان ھەقدارلىق، دەپ قارىلىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ توشمىغان مۇددەتتىكى ئۆسۈمىنى كېمەيتىۋېتىش كېرەك. 

32-ماددا ۋەيران بولغانلىقى جاكارلىنىشتىن ئىلگىرى بارلىققا كەلگەن، مال-مۈلۈك كېپىل قىلىنغان ھەقدارلىقتا، ھەقدار ھەققىنى كېپىل قىلىنغان شۇ مال-مۈلۈك بىلەن ئاۋۋال تۆلىتىۋېلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ. مال-مۈلۈك كېپىل قىلىنغان ھەقدارلىقنىڭ سوممىسى كېپىل قىلىنغان مال-مۈلۈكنىڭ پۇلىدىن ئارتۇق بولسا، ھەقنىڭ تۆلەنمەي قالغان قىسمى ۋەيران بولغان ھەقدارلىق قاتارىدا ھېسابلىنىپ، ۋەيران بولۇش رەسمىيىتى بويىچە تۆلىتىۋېلىنىدۇ. 

33-ماددا ھەقدارنىڭ ۋەيران بولغان كارخانىغا قەرزى بولسا، ۋەيران بولغان مال-مۈلۈكلەر ئېنىقلىنىشتىن ئىلگىرى تەڭشىۋېتىلسە بولىدۇ. 34-ماددا ۋەيران بولۇشقا كېرەكلىك تۆۋەندىكى خىراجەتلەر ۋەيران بولغان مال-مۈلۈكلەردىن ئالدى بىلەن ئاجرىتىپ بېرىلىدۇ: 

(1) ۋەيران بولغان مال-مۈلۈكلەرنى باشقۇرۇش، سېتىش ۋە تەقسىم قىلىشقا كېرەكلىك خىراجەت، جۈملىدىن خىزمەتچى خادىملارنى تەكلىپ قىلىشقا كېتىدىغان خىراجەت؛ 

(2) ۋەيران بولۇش دېلوسى ئۈچۈن كېرەكلىك دەۋا خىراجىتى؛ 

(3) ۋەيران بولۇش رەسمىيىتى داۋامىدا ھەقدارلارنىڭ ئورتاق مەنپەئىتى ئۈچۈن چىقىم قىلىنىدىغان باشقا خىراجەتلەر. ۋەيران بولغان مال-مۈلۈكلەر ۋەيران بولۇش رەسمىيىتى ئۈچۈن كېتىدىغان خىراجەتكە چىقىش قىلمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ۋەيران بولۇش رەسمىيىتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلىشى كېرەك. 

35-ماددا ۋەيران بولغان كارخانىنىڭ خەلق سوت مەھكىمىسى ۋەيران بولۇشقا دائىر دېلولارنى قوبۇل قىلىشتىن ئىلگىرىكى ئالتە ئايدىن ۋەيران بولغانلىقى جاكارلانغان كۈنگىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدىكى تۆۋەندىكى ھەرىكەتلىرى ئىناۋەتسىز بولىدۇ: 

(1) مال-مۈلۈكلەرنى يوشۇرۇش، خۇسۇسىيلار يەڭ ئىچىدە بۆلۈشۈۋېلىش ياكى ھەقسىز ئۆتۈنۈپ بېرىش؛ 

(2) مال-مۈلۈكلىرىنىڭ باھاسىنى غەيرىي نورمال يول بىلەن چۈشۈرۈپ سېتىش؛ 

(3) ئەسلىدە مال-مۈلۈك كېپىل قىلمىغان قەرزىگە مال-مۈلۈك كېپىل قىلىپ بېرىش؛ 

(4) مۇددىتى توشمىغان قەرزنى مۇددەتتىن بۇرۇن قايتۇرۇش؛ 

(5) ئۆزىنىڭ ھەقدارلىقىدىن ۋاز كېچىش.ۋەيران بولغان كارخانىدا ئالدىنقى تارماقلاردا كۆرسىتىلگەن ھەرىكەتلەر كۆرۈلسە، ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى خەلق سوت مەھكىمىسىگە شۇ كارخانىنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى قايتۇرۇپ كېلىشنى ئىلتىماس قىلىشقا ھوقۇقلۇق. قايتۇرۇپ كېلىنگەن مال-مۈلۈكلەر ۋەيران بولغان مال-مۈلۈكلەرگە قوشۇۋېتىلىدۇ. 

36-ماددا ۋەيران بولغان مال-مۈلۈكلەر ئىچىدىكى يۈرۈشلەشكەن ئۈسكۈنىلەر پۈتۈن پېتى سېتىلىشى لازىم؛ پۈتۈن پېتى سېتىشقا بولمايدىغانلىرىنى پارچىلاپ سېتىشقا بولىدۇ. 

37-ماددا ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى ئوتتۇرىغا قويغان ۋەيران بولغان مال-مۈلۈكلەرنى تەقسىملەش لايىھىسى ھەقدارلار يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللىنىپ، خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەلۇم قىلىنىپ، كېسىم چىقىرىلغاندىن كېيىن ئىجرا قىلىنىدۇ. ۋەيران بولغان مال-مۈلۈكلەرنىڭ ئالدى بىلەن ۋەيران بولۇش خىراجىتى ئاجرىتىۋېلىنغاندىن كېيىنكى قىسمى تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە قايتۇرۇلىدۇ: 

(1) ۋەيران بولغان كارخانىلار ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە بېرەلمەي قالغان ئىش ھەققى ۋە ئەمگەك سۇغۇرتىسى خىراجىتى؛ 

(2) ۋەيران بولغان كارخانىلارنىڭ باج قەرزى؛ 

(3) ۋەيران بولغان ھەقدارلىق. ۋەيران بولغان مال-مۈلۈكلەر ئەينى بىر تەرتىپتىكى تۆلەش تەلىپىنى قاندۇرالمىسا، نىسبەت بويىچە تەقسىملىنىدۇ. 

38-ماددا ۋەيران بولغان مال-مۈلۈكلەرنى تەقسىملەش تاماملانغاندا، ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ۋەيران بولۇش رەسمىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىدۇ. ۋەيران بولۇش رەسمىيىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، قايتۇرۇپ بولۇنمىغان ھەق قايتۇرۇلمايدۇ. 39-ماددا ۋەيران بولۇش رەسمىيىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى ۋەيران بولغان كارخانا ئەسلىدە تىزىمغا ئالدۇرغان ئورگانغا بېرىپ، تىزىمدىن ئۆچۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىدۇ. 

40-ماددا ۋەيران بولغان كارخانىدا بۇ قانۇننىڭ 35-ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن ھەرىكەتلەرنىڭ بىرى كۆرۈلۈپ، ئۇ، ۋەيران بولۇش رەسمىيىتى ئاخىرلاشقان كۈندىن باشلاپ بىر يىل ئىچىدە ئېنىقلانسا، خەلق سوت مەھكىمىسى كارخانىنىڭ مال-مۈلكىنى قايتۇرۇۋېلىپ، بۇ قانۇننىڭ 37-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ھەقدارلارغا قايتۇرۇپ بېرىدۇ. 

41-ماددا ۋەيران بولغان كارخانىدا بۇ قانۇننىڭ 35-ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن ھەرىكەتلەرنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ۋەيران بولغان كارخانىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلىگە ۋە بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ ۋەيران بولغان كارخانىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلىنىڭ ۋە بىۋاسىتە جاۋابكارنىڭ ھەرىكىتى جىنايەت شەكىللەندۈرسە، ئۇنىڭ جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. 

42-ماددا كارخانىنىڭ ۋەيران بولغانلىقى جاكارلانغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەتنىڭ رېۋىزىيە تارماقلىرى ۋە مۇپەتتىش تارماقلىرى كارخانىنىڭ ۋەيران بولۇشتىكى جاۋابكارلىقىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشقا مەسئۇل بولىدۇ. ۋەيران بولغان كارخانىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلىنىڭ كارخانىنىڭ ۋەيران بولۇشىدا ئاساسىي جاۋابكارلىقى بولسا، ئۇنىڭغا مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ. ۋەيران بولغان كارخانىنى باشقۇرغۇچى يۇقىرى دەرىجىلىك تارماقنىڭ كارخانىنىڭ ۋەيران بولۇشىدا ئاساسىي جاۋابكارلىقى بولسا، شۇ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى تارماقنىڭ رەھبىرىگە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ. ۋەيران بولغان كارخانىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى، ۋەيران بولغان كارخانىنى باشقۇرغۇچى يۇقىرى دەرىجىلىك تارماقنىڭ رەھبەرلىرى خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، كارخانىنىڭ ۋەيران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، دۆلەتنىڭ مال-مۈلكىنى زور زىيانغا ئۇچراتقان بولسا، ئۇلارنىڭ جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 187-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. 

6 – باب قوشۇمچە پرىنسىپ 

43-ماددا بۇ قانۇن ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكى سانائەت كارخانىلىرى قانۇنى يولغا قويۇلۇپ ئۈچ ئاي توشقان كۈندىن باشلاپ سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ، سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇشنىڭ كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە قەدەم-باسقۇچلىرى گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#