بورقاي يېزىسى

بورقاي يېزىسى قاراشەھەر ناھىيەسى بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىن 12 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى بورقاي يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
تەۋە رايون شىنجاڭ باينىغولىن ئوبلاستى قاراشەھەر ناھىيەسى
رايۇن نۇمۇرى 0996
خەنزۇچە ئاتىلىشى 包尔海乡
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
كىلىماتى مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق كىلىماتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بورقاي يېزىسىبورقاي يېزىسى قاراشەھەر ناھىيەسى بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىن 12 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، قاتناش قولايلىق، يېزا تەۋەلىكىدە بەش مەمۇرىي كەنت بۇلۇپ، كېرەت كەنتى، دېرسېن كەنتى، بورقاي كەنتى، دەي كەنت، بىر ئوتلاق پونكىتى قاتارلىقلار بار. جەمئىي 23 كەنت ئاھالىلەر گۇرۇپپىسى بار بۇلۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يېزا نوپۇسى 5161 ئادەم، خەنزۇ، ئۇيغۇر، خۇيزۇ، موڭغول قاتارلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە خەنزۇ %36.7 نى، خۇيزۇ %10.6 نى، ئۇيغۇر %37.29، موڭغۇل %15.37 نى ئىگەلەيدۇ.

بورقاي يېزىسىنىڭ ھازىر ئىچكى قىسمىدا پارتكوم ، ھۆكۈمەت، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، پارتكوم ئىشخانىسى تەسىس قىلىنغان. ئىتتىپاق كومىتېتى، بىرلىك سەپ دىن ئىشخانىسى، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ئىشخانىسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئىشخانىسى، قوراللىق پونكىتى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ھۆكۈمەت ئىشخانىسى، پىلانلىق تۇغۇت شىپاخانىسى، چارۋىچىلىق پونكىتى، خەلق ئىشلىرى ئىشخانىسى، ئېكىسىكۇرسىيە مەركىزى، ئورمان باشقۇرۇش پونكىتى، رادىئو ئۇزېلى، رادىئو پروگراممىسى، مال دوختۇرلۇق پونكىتى، يېزا ھەمكارلىق ئىگىلىكىنى باشقۇرۇش پونكىتى، دېھقانچىلىق تېخنىكا پونكىتى ، يەر باشقۇرۇش پونكىتى، ئەدلىيە ئورنى، توك باشقۇرۇش پونكىتى، سۇ باشقۇرۇش پونكىتى، شىپاخانا، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى پونكىتى ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ساقچىخانا، توك باشقۇرۇش پونكىتى، سۇ باشقۇرۇش پونكىتى ،پوچتىخانا ،تىجارەت پونكىتى قاتارلىق ئورۇنلار بار.

ئومۇمىي نۇپۇس سانى 6614؛

ئەر 3423؛

ئايال 3191؛

ھەممە ئائىلىلەر سانى 1672؛

ئائىلىلەرنىڭ نۇپۇس ئومۇمىي سانى 6576؛

ئائىلىلەردىكى ئەرلەرنىڭ سانى 3396؛

ئائىلىلەردىكى ئاياللارنىڭ سانى 3180؛

0 ~ 14 ياشقىچە بولغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 1743؛

0 ~ 14 ياشقىچە بولغان ئوغۇللارنىڭ سانى 875؛

0 ~ 14 ياشقىچە بولغان قىزلارنىڭ سانى 868؛

15 ~ 64 ياشقىچە بولغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 4537؛

15 ~ 64  ياشقىچە بولغان ئەرلەرنىڭ سانى 2363؛

15 ~ 64  ياشقىچە بولغان ئاياللارنىڭ سانى 2174؛

65 ياشتىن يۇقىرى بولغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 334؛

65 ياشتىن يۇقىرى بولغان ئەرلەرنىڭ سانى 185؛

65 ياشتىن يۇقىرى بولغان ئاياللارنىڭ سانى 149؛

 شۇ جايدىكى يەرلىك نۇپۇس سانى 6120؛

بورقاي يېزىسى2006-يىلى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 12 مىليون 528 يۈەن بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش 5838 يۈەن، ئىككىنچى ئىشلەپچىقىرىش 57 مىليون 160 مىڭ يۈەن، ئۈچىنچى ئىشلەپچىقىرىش 974 مىليۇن يۈەن . ئاساسلىق دېھقانچىلىق زىرائەت مەھسۇلاتلىرىدىن 3703 توننا ئاشلىق، 952 توننا پاختا، قىزىلچا 6984 توننا بۇلۇپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ماشىنىلىرىنىڭ ئومۇمىي قۇۋۋىتى 14508 كىلوۋات بولغان. يىل ئاخىرىدا قولدا 13200 تۇياق چارۋا قالغان، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 5154 يۈەن بولغان، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 650 مىليون يۈەن ئاشقان. 

سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇش قەدىمى تېزلىتىلىپ، يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى سىناق كەنتىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن. 2006-يىلى يېزا بويىچە يېڭىدىن ناھىيە، يېزا، كەنت تاشيول ئۆزگەرتىلگەن، كېڭەيتىپ قۇرۇلغان، بورقاي يېزىلىق مال دوختۇرلۇق پونكىتى قۇرۇلغان؛ تۈرلۈك سۇ ئىنشائاتلىرى قۇرلۇپ، يېزا–كەنتلەرنىڭ قىياپىتى ئۆزگەرتىلگەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#