شوتلاندىيە
ياۋروپانىڭ غەربىي شىمالىدىكى چوڭ برىتانىيە ئارىلىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بىر جۇغراپىيىلىك رايون ئۇنىڭ يەر مەيدانى 78 مىڭ كۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ياۋروپانىڭ غەربىي شىمالىدىكى چوڭ برىتانىيە ئارىلىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بىر جۇغراپىيىلىك رايون ئۇنىڭ يەر مەيدانى 77,169 كۋادرات كىلومېتىر. شىمالىي قىسمىدا ئېگىزلىكلەر، گرامپيان قاتارلىق تاغلىقلار، ئوتتۇرا قىسمىدا ئويمانلىقلار بار. بۇ جايدىكى نېۋس چوققىسىنىڭ ئېگىزلىكى 1343 مېتىر بولۇپ، ئەنگلىيە بويىچە ئەڭ ئېگىز نۇقتا ھېسابلىنىدۇ.
شوتلاندىيىنىڭ جەنۇبىدا تېيتىي، كىلايد دەريا ۋادىلىرى جايلاشقان، شىمالىي دېڭىز قىرغاقلىرىدا تار كەتكەن دېڭىز قىرغاق تۈزلەڭلىكلىرى بار. شوتلاندىيىنىڭ ئاھالىسى 5 مىليون 180 مىڭدىن ئاشىدۇ(1981) بۇنىڭ كۆپ قىسمىنى شوتلاندىيە خەلقلىرى تەشكىل قىلىدۇ، مەركىزى ئېدىنبۇرگ شەھىرى. شوتلاندىيە ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل مەمۇرىي رايون، ئۆزىنىڭ قانۇنى، مائارىپ، يېزا ئىگىلىك، بېلىقچىلىق ۋە باشقا مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگانلىرى بار.
سانائىتىدە كۆمۈر، كان، مېتاللۇرگىيە، كېمىسازلىق، ماشىنىسازلىق، توقۇمىچىلىق سانائىتىنى ئاساس قىلىدۇ. 70-يىللاردىن بۇيان شىمالىي دېڭىز نېفىتلىكىنىڭ كۆپلەپ ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ، بۇ جاينىڭ نېفىت ئايرىش، خىمىيە قاتارلىق سانائەتلىرى ئەڭ ئاساسىي سانائەت تارماقلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.