مىكرو دولقۇن ئېنېرگىيىلىك ئايروپىلان

مىكرو دولقۇن ئېنېرگىيىلىك ئايروپىلان

مۇنداق ئايروپىلان مىكرو دولقۇن قوبۇل قىلىپ ھەرىكەتلىنىدۇ، شۇڭا مىكرو دولقۇن ئېنېرگىيىلىك ئايروپىلان دېيىلىدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى مىكرو دولقۇن ئېنېرگىيىلىك ئايروپىلان
خەنزۇچە نامى 微波动力飞机

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مىكرو دولقۇن ئېنېرگىيىلىك ئايروپىلانمۇنداق ئايروپىلان مىكرو دولقۇن قوبۇل قىلىپ ھەرىكەتلىنىدۇ، شۇڭا مىكرو دولقۇن ئېنېرگىيىلىك ئايروپىلان دېيىلىدۇ. 

مىكرو دولقۇن ئېنېرگىيىلىك ئايروپىلانغا يېقىلغۇ كەتمەيدۇ، پەقەت بىر تۇراقلىق توك دۋىگاتېلى ۋە مىكرو دولقۇن قوبۇل قىلىپ توك توغرىلاش قۇرۇلمىسىلا بار. ئۇچۇش ۋاقتىدا دۋىگاتېلنى ئاككۇمۇلياتور توك بىلەن تەمىنلەيدۇ. 100 مېتىر كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئاككۇمۇلياتور تاقىلىپ، يەر يۈزىدىكى مىكرو دولقۇن ھاسىل قىلغۇچ قازانسىمان ئانتېننا ئارقىلىق مىكرو دولقۇن يوللايدۇ. ئايروپىلاندىكى ئالاھىدە ئانتېننا قوبۇل قىلىنغان مىكرو دولقۇننى تۇراقلىق توكقا ئايلاندۇرۇپ، دۋىگاتېلنى ئايلاندۇرىدىغان پىرقىرىغۇچنى ھەرىكەتلەندۈرىدۇ، شۇنداق قىلىپ، ئايروپىلان مىكرو دولقۇننى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ ئۇچىدۇ. 

مۇنداق ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش ئېگىزلىكى يەر يۈزىدىكى مىكرو دولقۇننىڭ قۇۋۋىتىگە مۇناسىۋەتلىك، ھازىر دولقۇن ئۇزۇنلۇقى 10 سانتىمېتىر ۋە 8.3 سانتىمېتىر بولغان مىكرو دولقۇنلار ئىشلىتىلىدۇ، قۇۋۋىتى نەچچە يۈز كىلوۋاتقا يېتىدۇ. ئۇ ئايروپىلاننىڭ 9000 مېتىر ئېگىزلىكتە ئۇچۇشىغا يېتىدۇ؛ ئەگەر مۇشۇنداق ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ ھاسىل قىلغۇچ بىرلەشتۈرۈلسە، ئايروپىلاننى 15 مىڭ مېتىر ئېگىزلىكتە ئۇچۇرغىلى بولىدۇ، بىراق، ئۇنىڭ مىكرو دولقۇن تارقىتىش ئانتېننىسى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، دىئامېتىرى 60 مېتىردىن ئارتۇقراق بولىدۇ. 

مىكرو دولقۇن ئېنېرگىيىلىك ئايروپىلاننىڭ قوبۇل قىلىش ئانتېننىسى مىكرو دولقۇننى قوبۇل قىلىپلا قالماي، مىكرو دولقۇننى دۋىگاتېلنىڭ ئىشلىتىشىگە بولىدىغان تۇراقلىق توكقىمۇ ئايلاندۇرالايدۇ. مۇنداق قۇرۇلما يېنىك بولۇشى كېرەك، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېھتىياجلىق توك كۈچى كۆپ بولغانلىقتىن، ئالاھىدە نېپىز ئانتېننا ياساشقا توغرا كېلىدۇ. 

مىكرو دولقۇن ئېنېرگىيىلىك ئايروپىلان يەڭگىل، خىزمەت ئۈنۈمى يۇقىرى، كېرەكلىك ئېنېرگىيە يەر يۈزىدىن يەتكۈزۈپ بېرىلىدىغانلىقتىن، ئۇچقاندا يېقىلغۇنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. ئۇنى ھەربىي ئىشلاردا ئالدىن خەۋەر بېرىش ئايروپىلانى قىلىپ ئىشلىتىپ، دۆلەت زېمىنىنى قوغدىغىلى، يەنە يۇقىرى بوشلۇق رازۋېدكا ئايروپىلانى قىلغىلى بولىدۇ. ئاۋام ئۈچۈن ئىشلىتىش جەھەتتە، مۇنداق ئايروپىلاندىن پايدىلىنىپ يېزا ئىگىلىكىنى نازارەت قىلغىلى، ھاۋا رايىدىن ئالدىن مەلۇمات بەرگىلى، يەنە رادار ۋە ئالاقە ئەسلىھەلىرىنى ئورنىتىپ، ئۇنى رادىئو، تېلېۋىزىيە ۋە ئالاقە ئىشلىرىنىڭ بوشلۇقتىكى ئۆتەڭ بېكىتى قىلغىلى بولىدۇ. 

ھازىر كانادا، ئامېرىكىلار بىرقەدەر زور تىپتىكى مىكرو دولقۇن ئېنېرگىيىلىك ئايروپىلاننى سىناپ ياسىدى، لېكىن يەر يۈزىدىن دولقۇن تارقىتىش ئانتېننىسى بەك چوڭ بولۇپ، ئايلاندۇرۇش تەس بولغانلىقتىن، ھازىرچە يۇقىرى-تۆۋەن تىك ئۇچىدىغان ۋە ھاۋادا توختايدىغان تىك ئۇچار ئورنىدىلا ئىشلىتىلىۋاتىدۇ 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#