راتىيانەج
راتىيانەج بولسا سەنۇبەر (قارىغاي) ئائىلىسىدىكى دەرەخ كۆپ خىل قارىغاينىڭ يىلىمى بولۇپ، قارىغاينىڭ تېنىنى تىلىپ قويغان يەردىن ئېقىپ چىقىدۇ. بۇ ئېقىپ چىققان يلىمى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. مېڭىدىكى ئارتۇق ھۆلكلۈكنى قۇرۇتۇش، جاراھەتلەرنى پۈتتۈرۈش رولى بار.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
راتىيانەج بولسا سەنۇبەر (قارىغاي) ئائىلىسىدىكى دەرەخ كۆپ خىل قارىغاينىڭ يىلىمى بولۇپ، قارىغاينىڭ تېنىنى تىلىپ قويغان يەردىن ئېقىپ چىقىدۇ. بۇ ئېقىپ چىققان يلىمى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. مەملىكىتىمىزنىڭ لياۋنىڭ، جىلىن، خېبېي، شەندۇڭ، سەنشى، گەنسۇ، ئىچكى موڭغۇل، نىڭشا، چىڭخەي، خېنەن، ئەنخۇي، جياڭسۇ، جېجياڭ، فۇجيەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، سىچۇەن، يۈننەن، گۇيجۇ قاتارلىق جايلىرىدىن شۇنداقلا ياپونىيە، ئافغانىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىنمۇ چىقىدۇ.
ئۆسۈملۈكنى يازۋاقتى يىغىۋېلىپ، قارىغاي دەرەخنى تىلىپ يىلىمى ئېقىپ چىققاندىن كېيىن يىغىۋېلىندۇ
ئۆپكە، كاناينى راۋانلاشتۇرۇش، يۆتەل توختىتىش، مېڭىدىكى ئارتۇق ھۆلكلۈكنى قۇرۇتۇش، جاراھەتلەرنى پۈتتۈرۈش.
1. چاشقاننىڭ ئاشقازان، ئۈچەي مۇسكۇللىرىنىڭ قىسقىراش دەرىجىسى تورمۇزلايدۇ. 2. قارىغاي يىلىمىدىن ئايرىپ ئېلىنغان ماددىلارنىڭ ئاققان ھۈجەيرىسىنى قوش يۆلىنىشلىك تەڭشەش رولى بولۇپ ئۇ ئارقىلىق ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ.
ماي (abieticanbydrid)، راتيناچ كىستالاسى (abiecticacid) %80 نى، ئۇچۇچان ماي، %0.5نى، ئالكىللا %5-6 نى تەشكىل قىلىدۇ.
1. راتىيانەجدىن 2 گرامنى ئىلىتىلغان تۇخۇمنىڭ سېرىقى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئچىپ بەرسە، يۆتەل ۋە ئىچكى كېسەللەرگە پايدا قىلىدۇ.
2. راتىيانەجنى ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا چاپسا، جاراھەتلەرنى پۈتتۈرىدۇ. قىچىشقاق ۋە قوتۇرلارنى يوقىتىپ، تېرىنى يۇمشىتىدۇ.
3. قىزىل زەرنىخ، توشقان مايىقى، ئۆچكىنىڭ يېغى ھەر بىرىدىن يېرىم ھەسسە ئېلىپ، راتىيانەجنى بىر ھەسسە ھەسەل بىلەن ئوتتا ئېرىتىپ، قالغان دورا تالقانلرى بىلەن قوشۇپ 2 گرام مىقداردا توقىچاق تەييارلاپ، زۆرۈر كەلگەندە بىر دانە توقىچاقنى يۇمشاق ئوتتا كۆيدۈرۈپ دۇت سېلىپ، تۈتۈنىنى نەيچە بىلەن تارتسا، يۆتەل ۋە ئۆپكە يارىسى ئۈچۈن ئوبدان پايدا قىلىدۇ.
راتىيانەچ شامچىسى.
يۆتەل، ھەر خىل يارا، قىچىشقاق، پۇت يېرىلىش، بوۋاسىر قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)
ئۇيغۇر تېباىتى خام دورىلار ئىلمى1 (شىنجاڭ تېببي ئۇنۋېرسېتىتى تولۇق كۇرۇس نۇسخسى).[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.