شىنجاڭنىڭ شامال ئېنېرگىيىسى بايلىقى

 شىنجاڭنىڭ شامال ئېنېرگىيسى بايلىقى ئىنتايىن مول ، يىللىق شامال ئېنېرگىيىسىنىڭ نەزەرىيۋى زاپاس مىقدارى 3 تىرىليون كىلوۋات –سائەت ئەتراپىدا ،تاغ ئېغىزلىرى شامال ئېنېرگىيە بايلىقى ئەڭ مول جايلار .

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭنىڭ شامال ئېنېرگىيىسى بايلىقى
خەنزۇچە نامى 新疆风能资源

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

 شىنجاڭنىڭ شامال ئېنېرگىيسى بايلىقى ئىنتايىن مول ، يىللىق شامال ئېنېرگىيىسىنىڭ نەزەرىيۋى زاپاس مىقدارى 3 تىرىليون كىلوۋات –سائەت ئەتراپىدا ،تاغ ئېغىزلىرى شامال ئېنېرگىيە بايلىقى ئەڭ مول جايلار بولۇپ ، يىللىق ئوتتۇرىچە ئۈنۈملۈك شامال ئېنېرگىيىسى يىلىغا 3000 كىلوۋات –سائەت/كۋادرات مېتىردىن يۇقىرى، جۇڭغار ئويمانلىقىدا كۆپىنچە يىلىغا 300~800 كىلوۋات –سائەت/كۋادرات مېتىر؛ تارىم ئويمانلىقىدا كۆپىنچە يىلىغا 300 كىلوۋات –سائەت/كۋادرات مېتىر؛ شەرقىي قىسمىدا يىلىغا 800 كىلوۋات –سائەت/كۋادرات مېتىردىن يۇقىرى. 

شامال ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىش قىممىتىگە جايلار كۆپىنچە شىمالىي شىنجاڭدىكى شامال ئېغىزلىرى، دەريا ۋادىسى ، تاغلىق جىلغىلار ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمى، غەربىي شىمالىي قىسمى ھەمدە تەڭرىتېغىنىڭ شەرقىي بۆلىكىنىڭ جەنۇبىي شىمالىي ئېتەكلىرىدە يەتتە ئورۇنغا مەركەزلەشكەن.

1.ئېرىتىش دەريا ۋادىسىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى شامال رايونى ،شامال ئېنېرگيىسى يىلىغا 900~1100 كىلوۋات –سائەت/كۋادرات مېتىر. 2.جۇڭغار ۋادىسىنىڭ غەربىي قىسمى شامال رايونى:شىمالدا قۇبۇقسارنىڭ جەنۇبىدىن قارامايغىچە ھەمدە تولىدىكى لاۋفىڭكۇغىچە بولۇپ ، شامال ئېنېرگىيىسى يىلىغا 700~1500 كىلوۋات –سائەت/كۋادرات مېتىر.

 3.ئالاتاۋ ئېغىزى —ئېبنۇر كۆلى شامال ئېغىزى: بارىكۆل تېغى بىلەن ئالاتاۋنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئورانكۆل جىلغىسىغا جايلاشقان شامال ئېنېرگىيىسى يىلىغا 3000 ~ 4000 كىلوۋات –سائەت/كۋادرات مېتىر بولۇپ ، شىنجاڭ بويىچە شامال ئېنېرگىيە بايلىقى ئەڭ مول رايون .

4. ئۈرۈمچى– داۋانچىڭ شامال رايونى: ئۈرۈمچىنىڭ جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىدىكى ئولانبايدىن داۋانچىڭ تاغ ئېغىزىغىچە بولۇپ ،شامال ئېنېرگىيىسى يىلىغا 2000~3000 كىلوۋات –سائەت/كۋادرات مېتىر. بۇ يەردە ھازىر ھازىر ئاسىيا بويىچە ئەڭ چوڭ شامال كۈچى ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلغان بولۇپ ، شامال كۈچى گېنراتور گۇرۇپپىسىدىن 111 بار، ئومومىي سىغىمچانلىقى 57 مىڭ 500 كىلوۋات سائەت.

 5 .قومۇلنىڭ جەنۇبىي شىمالىي گوبىيىدىكى شامال رايونى: شەرقىي تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىي يانباغرىدىكى سەنتاڭخۇ–جوموخۇ گوبىيى ۋە گاشىن گوبىيىغا جايلاشقان .شامال ئېنېرگىيىسى يىلىغا 1500~2000 كىلوۋات –سائەت/كۋادرات مېتىر.

6.تۇرپان شامال رايونى :ئۆزئىچىگە تۇرپاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى خۇگۇدىن سەنگېچۈەنگىچە بولغان ‹‹30چاقىرىملىق شامال رايونى››نى، بەيياڭگۇدىن توقسۇنغىچە بولغان شامال رايونى ۋە تۇرپاننىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ئايدىڭكۆل شامال رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .شامال ئېنېرگىيىسى يىلىغا 1500~2000 كىلوۋات –سائەت/كۋادرات مېتىر.

 7.يۈز چاقىرىملىق شامال رايونى : قومۇلنىڭ غەربىي ،لەنجۇ –شىنجاڭ تۆمۈر يولىنىڭ لياېدۇڭدىن ئون ئۈچ تۈتۈگىچە بولغان يۈز كىلومېتىرلىق يول ياقىسى بولۇپ ،شامال ئېنېرگىيىسى يىلىغا 2000 كىلوۋات –سائەت/كۋادرات مېتىردىن يۇقىرى بولىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#