كوسموماتكا

كوسموماتكا

كوسموماتكا − ئاسماندىكى ھەربىي پاراخوت. ئۇ غايەت زور ئالەم كېمىسى بولۇپ، يەر يۈزىدىن36 مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى يەر شارى بىلەن ماس قەدەملىك ئوربىتىدا يۈرىدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى كوسموماتكا
خەنزۇچە نامى 天空战舰

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كوسموماتكاكوسموماتكا − ئاسماندىكى ھەربىي پاراخوت. ئۇ غايەت زور ئالەم كېمىسى بولۇپ، يەر يۈزىدىن36 مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى يەر شارى بىلەن ماس قەدەملىك ئوربىتىدا يۈرىدۇ. ئۇ4 ئالەم ئايروپىلانى، 3 ئالەم سۆرەلمە كېمىسى، 1 ئوربىتا يېقىلغۇ ئامبىرى ۋە1 ئالەم تەمىنات پونكىتىنى باشلاپ ئالەم بوشلۇقىنى چارلايدىغان ئالەم كېمە ئەترىتى. بۇنىڭ ئىچىدە ئالەم ئايروپىلانى كوسموماتكىدىن ئۇچۇپ چىقالايدۇ ھەم ئۇنىڭغا قونالايدۇ.

كوسموماتكاكوسموماتكىدا ئىشلىتىدىغان ياراغلار قۇرۇقلۇقتىكى ياكى ئايروپىلاندىكى ياراغلارغا ئوخشىمايدۇ. ئۇنىڭدا باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد ۋە راكېتادىن باشقا، ئاساسەن، يۆنىلىشلىك دەستە ئېنېرگىيىسى دەپ ئاتىلىدىغان ياراغ ئىشلىتىلىدۇ. بۇ خىل ياراغدىن قويۇپ بېرىلىدىغىنى سىنارەد بولماستىن، بەلكى تېزلەتكۈچتىن ئېتىپ چىقىرىلغان يۇقىرى سۈرئەتلىك ئېلېكترون، پروتون ۋە ئېغىر ئىئون قاتارلىق زەرەتلىك زەررىچە ئېقىمى بولۇپ، نىشاننىڭ ئەجەللىك قىسمىغا زەربە بېرىپ، ئۇنى يۇمشىتىدۇ، ئۇنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىدۇ، ئۇنى تېشىپ ئۆتىدۇ، كۆيدۈرۈۋېتىدۇ. لازېر زەمبىرەك ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى قۇدرىتى ئەڭ كۈچلۈك بىرى، بىراق ئۇ لازېر نۇرى دەستىسىنى ئېتىپ چىقىرىدۇ، ئۇ تەسىر قىلغان ئىنتايىن كىچىك يۈزدە ئاتوم بومبىنىڭ1 مىليون ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدىغان ئېنېرگىيە ھاسىل بولىدۇ.

كوسموماتكاكوسموماتكىدا ئالەم بوشلۇقى جەڭچىلىرى بولۇپ، ئۇلار100 گە يېقىن ئالەم ئۇچقۇچىسىدىن تەشكىل تاپىدۇ. ئۇلار مەخسۇس ئالەم بوشلۇقى جەڭ تەلىم-تەربىيىسىنى ئالغان، ئالەم بوشلۇقىدا ئاخبارات ئىگىلەش ۋە دۈشمەن نىشانىغا زەربە بېرىشكە ماھىر. قوماندانلىق ئورنى كوسموماتكىغا تەسىس قىلىنغان بولۇپ، باشقا ئەزالار ھەرقايسى ئالەم ئۇچۇش ئۈسكۈنىلىرىگە تارقىلىدۇ ھەم كېمىلەردە ئۆزئارا ئورۇن ئالماشتۇرالايدۇ.

ئالەم بوشلۇقى يېقىلغۇ ئامبىرى، ئالەم بوشلۇقى تەمىنات پونكىتى كوسموماتكا بىلەن ئۇچرىشىپ، يېقىلغۇ ۋە ماددىي ئەشيانى بەرگەندىن كېيىن ئاجراپ كېتىدۇ. ئالەم ئايروپىلانى يەر يۈزىگە بېرىپ-كېلىپ ئادەم ئالماشتۇرىدۇ، يارىدارلارنى توشۇيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئالەم ئايروپىلانىدىن بىرنى «ئالەم بوشلۇقىدىكى قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى» غا ئۆزگەرتىپ، يېنىك يارىلانغانلارنى ئۇنىڭدا قۇتقۇزۇش ۋە داۋالاشقا بولىدۇ، ئۇلارنىڭ يەر يۈزىگە قايتىشىنىڭ ھاجىتى يوق.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    100%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#