كېپىنەك جىلغىسى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
كېپىنەك جىلغىسى جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ سوزۇلغان، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 60 كىلومېتىر، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1400 مېتىر ئەتراپىدا. بۇ يەرنىڭ تۆت ئەتراپىنى ئېگىز تاغلار ئوراپ تۇرىدۇ، بۇلاق سۈيى شىلدىرلاپ ئېقىپ ئىنتايىن گۈزەل مەنزىرىنى ھاسىل قىلىدۇ، ھەر يىلى 6-ئايدىن 9-ئايغىچە نەچچە مىليونلىغان رەڭلىك كېپىنەك بۇ يەرگە ئۇچۇپ كېلىدۇ، بۇ چاغدا تاغ ئىچىدە ھەممىلا يەردە كېپىنەك لەر ئۇچۇپ يۈرىشىدۇ، بەزىلىرىنىڭ رەڭگى ئالتۇن رەڭ، بەزىلىرىنىڭ تۇم قارا، يەنە بەزىلىرىنىڭ كۈمۈش رەڭ بولۇپ كۆزنى قاماشتۇرىدۇ، دەسلەپكى تەكشۈرۈشتە ئېنىقلىنىشىچە، كېپىنەك جىلغىسىدىكى كېپىنەك تۈرلىرى نەچچە ئون خىلغا يېتىدىكەن، بەزىلىرى كۈمۈش رەڭ پاك بىرلا خىل رەڭگى بار، بەزى ئالا-بۇلىماچ كۆزنى قاماشتۇرىدىغان گۈزەل قاسرىقى بار، بەزىلىرى بولسا ئاددىي-ساددا، سۈزۈك چىرايلىق كېلىدۇ، كېپىنەك جىلغىسى ئىچىدىكى ئەڭ گۈزەل، ئەڭ قىممەتلىك بولغىنى گەۋدىسى چوڭ، رەڭگى ئوچۇق كېپىنەك بۇنىڭدىن سىرت، كۆپ ئۇچرايدىغان كېپىنەك تۈرلىرىدىن يەنە مەرۋايىت كېپىنەك، شايى كېپىنەك، بۇلۇتسىمان داغلىق ئاق كېپىنەك، سىم قىسقۇچ كېپىنەك، يىلپىز گۈللۈك كېپىنەك، ئاق قۇنۇن كېپىنەك، كىچىك كۈل رەڭ كېپىنەك قاتارلىقلار بار.
ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرى، ئالتاي تېغىدا ياشاپ ئۆتكەن تۇرا بېگىنىڭ يالغۇز بىر مەلىكىسى بار بولۇپ، مەلىكە ياش، چىرايلىق، ئەقىللىق، ھەمدە ئىنتايىن ئاق كۆڭۈل ئىكەن، شۇنداق بولغاچقا تۇرا بېگى كۆز قارىچۇقىدەك ئاسرايدىكەن، بىر يىلى يازدا مەلىكە تاغقا ئوۋ ئوۋلىغىلى چىقىپ، بىر كىلىشكەن يىگىت بىلەن ئۇچرىشىپ قاپتۇ ھەمدە ئىككىسى بىر كۆرۈپلا ياخشى كۆرۈشۈپ قاپتۇ، تۇرا بېگى ئۇنىڭغا ئېغىر شەرتلەنى قويۇپ ئۇنى قىيناپتۇ، ھەتتا ئۇنىڭغا بىر كۈن ئىچىدە ئالتاي تاغلىرىنىڭ قارلىق چوققىلىرىدىن ئىككى تال قار لەيلىسى يىغىپ كېلىشنى بۇيرۇپتۇ، چوققا تىك بولسىمۇ ئۇ بەخىتكە ئېرىشىش ئۈچۈن يەنىلا ئالغا ئىلگىرلەپتۇ، ئۇ تاغ چوققىسىغا يېقىن كەلگەندە بەخىتكە قارشى تىك قىيادىن چۈشۈپ كېتىپتۇ، بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان مەلىكە قاتتىق ئازابلىنىپتۇ، ئۇ ئازابقا چىدىماي تىك قىيا ئۈستىگە چىقىپ سەكرىۋاپتۇ، ئىككىنچى يىلى يازدا، بۇ يارنىڭ ئاستىدىكى ئازگالدا ئىككى رەڭلىك كېپىنەك ئۇچۇپ يۈرۇپتۇ، كىشىلەرنىڭ دېيىشىچە بۇ كېپىنەك مەلىكە ۋە ئۇنىڭ روھى ئىكەن، شۇندىن باشلاپ، بۇ جىلغىدا كېپىنەك بارغانسېرى كۆپەيگەن، كېيىنچە كىشىلەر تەرىپىدىن« كېپىنەك جىلغىسى» دەپ ئاتالغان. [1]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.