چېچېنو-ئىنكۇرىش ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
19 - ئەسىردە، چاررۇسىيە يېرىم ئەسىرگە يېقىن كاۋكاز ئۇرۇشى ئارقىلىق 1859 - يىلى ئۇنى چېچىنىيە ئىمپېرىيەنىڭ زېمىنىغا قوشۇۋېتىلدى . سوۋېت ئىتتىپاقى قۇرۇلغاندىن كېيىنكى 1922-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى ، چېچىنىيە ئاپتونوم ئوبلاستى قۇرۇلدى ، رۇسىيە فېدېراتىپ سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەت تەۋە بولدى ، 1934-يىلى 1-ئاينىڭ 15 -كۈنى رۇسىيە فېدېراتسىيەسىگە تەۋە ئىنگۇش ئاپتونوم ئوبلاستى بىرلەشتۈرۈلۈپ چېچېنو-ئىنكۇرىش ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى دەپ ئاتالدى.
ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي قىسمىنى چېچېن ئىنگۇرىش ھەم رۇس خەلقلىرى تەشكىل قىلىدۇ. مەركىزى گروزنىي شەھىرى. چېچېنسو-ئىنگۇرىش ئاپتونوم جۇھمۇرىيىتى 1936-يىلى قۇرۇلغان. ئۇنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدىكى چوڭ كاۋكاز تاغلىرىغا جايلاشقان، يەر ۋەزىيىتى جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ تەدرىجىي پەسىيىپ كاسپى دېڭىز بويى پەسلىكلىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. ئىقلىمى قۇرغاق ماتىرىك خاراكتېرلىك ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ، يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 300-450 مىللىمتېرغا يېتىدۇ، شىمالىي تەرەپلىرىدە چۆللۈكلەر بار.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.