زۇكام ۋە نەزلە

زۇكام ۋە نەزلە

مېڭىدىكى غەيرى تەبىئىي خىلىتلارنىڭ نەپەس يوللىرىغا تۆكۈلۈشى زۇكام ۋە نەزلە دېيىلىدۇ، بۇ ئىككى كېسەللىك بىر-بىرىگە باغلىنىشلىق، چۈنكى بۇ كېسەلنىڭ ئاساسى سەۋەب بىر. باش ئاغرىش، بۇرۇن قىچىشىش، ئېچىشىش، چۈشكۈرۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

غەرب تېبابىتى نامى زۇكام ۋە نەزلە
ئاساسلىق ئالامىتى باش ئاغرىش، بۇرۇن قىچىشىش

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

زۇكام ۋە نەزلەمېڭىدىكى غەيرى تەبىئىي خىلىتلارنىڭ نەپەس يوللىرىغا تۆكۈلۈشى زۇكام ۋە نەزلە دېيىلىدۇ، بۇ ئىككى كېسەللىك بىر- بىرىگە باغلىنىشلىق ، چۈنكى بۇ كىسەلنىڭ ئاساسى سەۋەب بىر ، لېكىن بۇ ئىككىسىنى تېۋىپلار تۆۋەندىكىدەك پەرقلەندۈرگەن .

ئەگەر مىڭىنىڭ ئارتۇق خىلىتلىرى گال ۋە كۆكرەك تەرەپكە چۈشۈپ كەتكەن بولسا <<نەزلە>>، بۇرۇن يولى ئارقىلىق سىرتقا چىقىپ كەتكەن بولسا<<زۇكام >> دەپ ئايرىغان.

بەزى تېۋىپلار بىر خىل ناھايىتى سۇيۇق خىلىت ئارقىمۇ ئارقا بۇرۇن يولى ئارقىلىق سىرتقا چىقىپ كەتكەن بولسا ياكى پېشانە كاۋاك سۆڭىكى ۋە بۇرۇن تان تۆشۈكلىرى ئارقىلىق يۈز قىسمىغا چۈشۈش بىلەن بىرگە پۇراش سېزىمى نورمالسىزلاشقان بولسا <<زۇكام>> دەپ ئاتىغان.

سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، مېڭىدە ئارتۇقچە سۇيۇقلۇق يىغىلىپ، بۇ خىل سۇيۇقلۇق بۇرۇن ئارقىلىق كەلسە زۇكام، كاناي ئارقىلىق كەلسە نەزلە دەپ ئاتىلىدۇ. ئىسسىق ياكى سوغۇقلۇقنىڭ تەسىر قىلىشىدىن، قان، سەپرا، ۋە سەۋدا خىسلىتىنىڭ غەيرى تەبىئىي ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى: باش ئاغرىش، بۇرۇن قىچىشىش، ئېچىشىش، چۈشكۈرۈش، بۇرۇن پۈتۈش بۇرۇندىن سۇيۇقلۇق ئېقىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

  • نەزلە يامان سۈپەتلىك بولسا نۇرغۇنلىغان كېسەللىكلەرگە سەۋەبچى بولىدۇ، مەسىلەن: كاناي، ئۆپكە، قىزىلئۆڭگەچ، ئاشقازان قاتارلىق ئورۇنلارغا چۈشۋالسا مەزكۇر ئەزالاردا يارا پەيدا قىلىپ قويىدۇ ۋە بەزىدە ئىت ئىشتىھا كېسىلى (شەھۋەتى كەلبى) پەيدا بولىدۇ.
  • ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بوغما، ئۆپكە ياللۇغى، كۆكرەك پەردە ياللۇغى، ئۆپكە تۇبىركۇلۇزى (سىل) قاتارلىق كېسەللىكلەر پەيدا بولىدۇ، جۈملىدىن ئىسسىقتىن بولغان جىددىي خاراكتېرلىك نەزلە سەۋەبىدىن بۇ كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇش مۇمكىنچىلىكى ئىنتايىن يۇقىرى.
  • ئەگەر نەزلە سۇيۇقلۇقى تۇزلۇق ياكى چۈچۈمەل بولسا، ئۇ ئارقىلىق ئاشقازان ياللۇغى، ئىچ سۈرۈش، پەيدا بولىدۇ.
  • ئەگەر بۇ شىلىمشىق سۇيۇقلۇق تېخى پىشمىغان خىلىتىدىن پەيدا بولغان بولسا، ئۇنىڭ بىلەن ئۈچەي توسۇلۇش،(قۇلۇنجى) پەيدا بولىدۇ.
  • يۇقىرىقىلاردىن باشقا كۆكرەك پەردە ياللۇغى، يۈز ئىششىپ قىلىش، يۇتقۇنچاق ياللۇغى، چىش ئاغرىقى، كۆز ئاغرىش، باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش، سىزىمسىزلىنىش، گاسلىق، پالەچ، پىل پۇت كېسىلى قاتارلىقلارغا سەۋەبچى بولىدۇ.
  • ئادەتتە نەزلە بىلەن يۆتەل، ئاۋاز پۈتۈپ قىلىش، ئېغىر دەرىجىدىكى قىزىتما، باش ئاغرىقى تىترەش قاتارلىقلار پەيدا بولىدۇ. [0]

1-رېتسېپ

تەركىبى: ئاق خەشخاش ئۇرۇقى 120 گىرام، بەزرۇلبەنجى، پوستى خەشخاش (كۆكنار غوزىسى) ھەر بىرى 100 گىرامدىن، قارا سونا ئۇرۇقى 60 گىرام، گاۋزىبان گۈلى، ھەببۇلئاس، قۇرۇق يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى ھەر بىرى 30 گىرامدىن، ئاقلانغان يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى، كەتىرا، سەمغى ئەرەبى، نىشاستە، رۇببىسۇس، قىزىلگۈل، ئۈستقۇددۇس ھەر بىرى 15 گىرامدىن، شېكەر بىر كىلوگرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: قىزىلگۈل، رۇببىسۇس، نىشاستە، سەمغى ئەرەبى، كەتىرا، ئاقلانغان يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى قاتارلىقلارنى سوقۇپ تالقانلاپ، قالغان دورىلارنى بىر كېچە سۇغا چىلاپ، ئەتىسى قاينىتىپ سۈزۈپ، ئۇنىڭغا يۇقىرىقى دورا تالقىنىنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا ئۈچ گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

2-رېتسېپ

زۇكام ۋە نەزلەتەركىبى: چىلان، مارجان شوخلا ھەر بىرى 100 گىرامدىن، سەرپىستان 30 گىرام، پىرسىياۋشان، چۈچۈكبۇيا يىلتىزى، زۇپا 20 گىرامدىن، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، ھەمىشىباھار ئۇرۇقى 15 گىرامدىن، گۈلبىنەپشە 25 گىرام، قەنت 500 گىرام، سۇ ئۈچ لىتىر.

تەييارلاش ئۇسۇلى: ئۇرۇق دورىلارنى چالا سوقۇپ، قالغان دورىلار بىلەن بىللە سۇغا بىر كېچە چىلىغاندىن كېيىن يېرىمى قالغۇچە قاينىتىپ، سۈزۈپ قەنت سېلىپ قىيام قىلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىر ئىچىلىدۇ (بالىلارغا مىقدارى ئازايتىلىدۇ) .

3-رېتسېپ

تەركىبى: سانا 30 گىرام، چىلان 20 تال، ئەنجۈر 10 تال، پىرسىياۋشان، زۇپا 12 گىرامدىن، تاغ پىيىزى توققۇز گىرام، بەدىيان يىلتىزى، كەرەپشە يىلتىزى، ئارپىبەدىيان، رۇم بەدىيان، كەرەپشە ئۇرۇقى، كاسىنە ئۇرۇقى، تەرخەمەك ئۇرۇقى، گاۋزىبان، بادرەنجى بۇيا، قىزىلگۈل، زىرە، ئاق لەيلى ئۇرۇقى ھەر بىرى ئالتە گىرامدىن، قەنت 500 گىرام، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى سۇغا بىر سوتكا چىلىغاندىن كېيىن ئۈچتىن بىر قىسمى قالغۇچە قاينىتىپ، قەنت سېلىپ قىيام قىلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 30 مىللىلىتىردىن ئىچىلىدۇ.

ئالدى بىلەن خىلىتىنى پىشۇرۇش، ئەگەر خىلىت ئىسسىق ۋە سۇيۇق بولسا قويۇلدۇرغۇچى دورىلار بىلەن، سوغۇق ۋە قويۇق بولسا يۇمشاتقۇچى نەرسىلەر بىلەن تەڭشەش لازىم.

 بۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ قىيامىنى نورمال ۋە پىشقان ھالەتكە كەلتۈرۈپ، چىقىپ كېتىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغىلى بولىدۇ. 

بۇ كېسەللىكتە بىخەستلىك قىلىشقا بولمايدۇ، خىلىتنى پىشۇرۇش ۋە سۈزۈپ چىقىرىشتا خاتا داۋالاش ناھايىتى خەتەرلىك، شۇڭا ئىككىلەنمەستىن پىشۇرغۇچى دورىلارنى بېرىپ، ئۇنى ناھايىتى تىز سۈرۈپ چىقىرىشقا تىرىشىش كېرەك، ئەگەر ئۆزلۈكىدىن چىقمىسا ئۇنى سۈرۈپ چىقىرىش ئۈچۈن توسالغۇلارنى ئاچقۇچى ۋە سۇيۇلدۇرغۇچى دورىلار بېرىلىدۇ.

زۇكام ۋە نەزلەبۇ كېسەللىكتە خىلىتنى پىشۇرۇش، تازىلاش، بۇزۇق گازلارنى چەكلەش، مېڭە ۋە ئاشقازاننى كۈچلەندۈرۈشكە ئوخشاش تەدبىرلەر قوللىنىلىدۇ، بىمارنىڭ يېمەك – ئىچمىكىنى ئازلىتىش كېرەك، مۇمكىن بولسا ئاز ئۇخلىتىش، گۆش ياغدىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك . 

ئەگەر بىمارنىڭ بەدىنى ئاجىز بولۇپ گۆش ئىستېمال قىلىش زۆرۈر بولسا ئىسسىقتىن بولغان نەزلە ۋە زۇكام ئۈچۈن پاقلان گۆشى، چۈجە گۆشى قاتارلىق ھۆللۈك يەتكۈزگۈچى گۆشلەر ئارپا ئىشى بىلەن بېرىلىدۇ. سوغۇقتىن بولغان نەزلە ۋە زۇكام ئۈچۈن كەپتەر ۋە قۇشقاچ گۆشلىرىنىڭ شورپىلىرى بېرىلىدۇ.

باشنى سوغۇقتىن ساقلاش ئۈچۈن قىلىن باش كىيىمى ياكى ئۇنىڭدىن باشقا باشنى قوغدىغۇچى كىيىملەرنى كىيىۋېلىش لازىم، ئىمكانقەدەر باشنى ياغلاش، ئوڭدا يىتىش، كۈندۈزى ئۇخلاش، تاماقتىن كېيىنلا ئۇخلاشتىن ساقلىنىش كېرەك.

چۈچۈمەل نەرسىلەر ۋە سۈتلۈك نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىش بەك تۇيغۇ\چە تاماق يېيىش، ھەزىم بۇزۇلۇش، ئېغىر ھەرىكەت قىلىش ۋە جىنسى مۇناسىۋەت قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم.

ئەگەر زۇكام ماددىسى توسۇلۇپ قالغان بولسا، يۇيۇنۇش ۋە ھورلاندۇرۇش ئارقىلىق ئۇنى ئاقتۇرۇش كېرەك، ئەگەر نەزلىنىڭ غىدىقلىنىشى گال ۋە كۆكرەكتە بولغان بولسا بۇرۇنغا پىلتا قۇيۇپ قايتۇرۇلىدۇ. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

تېببىي جەۋھەر ئۇيغۇر تېبابەت تورىدىن ئېلىندى 

http://www.tibbiyjawhar.com/index.php?m=content&c=index&a=show&catid=60&id=4313

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#