چوماق توپ ئويۇنى

چوماق توپ ئويۇنى-ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولغان ئەنئەنىۋى ئويۇن تۈرلىرىنىڭ بىرى. بۇ ئويۇن قىزىقارلىق، ھەرىكەتچانلىقى يۇقىرى، رىقابەتچىلىك كۈچلۈك بولغان مۇسابىقە خاراكتېرىدىكى ھەرىكەت.

ئۇيغۇرچە ئىسمى چوماق توپ ئويۇنى
خەنزۇچە ئىسمى 曲棍球游戏

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چوماق توپ ئويۇنى-ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولغان ئەنئەنىۋى ئويۇن تۈرلىرىنىڭ بىرى. بۇ ئويۇن قىزىقارلىق، ھەرىكەتچانلىقى يۇقىرى، رىقابەتچىلىك كۈچلۈك بولغان مۇسابىقە خاراكتېرىدىكى ھەرىكەت. بۇ ھەرىكەت مۇرەككەپ مەيدان ۋە ئۈسكۈنە تەلەپ قىلمايدۇ. 

چوماق توپ ئويۇنى (ياپوز) كۆپىنچە دېھقانىچلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىللىرىدىكى دەم ئېلىش كۈنلىرىدە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېزىلىرىدا ئوينىلىدۇ. ئازادلىقتىن بۇرۇن بۇ ھەرىكەتنىڭ مەيدان ئۆلچىمى يوق ئىدى. بىرەر تۈزلەڭلىك ياكى ئېتىزلىقلار مەيدان قىلىناتتى. مەيداننىڭ ئۇزۇنلۇقى، كەڭلىكى ئوينالماقچى بولغان مەيداننىڭ ئەھۋالىغا قاراپ بېكىتىلەتتى، ئادەم سانى چەكلەنمەيتتى. ياپوز ئوينىغۇچىلار شۇ مەيداننىڭ ئەھۋالىغا قاراپ توغرا سىزىقىغا ئىككى تۇماق ياكى چاپاننى قاپقا قىلىپ ئوينايتتى. ئازادلىقتىن كېيىن، بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ ھەرىكەت بىر قەدەر قائىدىگە چۈشۈرۈلدى. 

توپ ۋە كالتەك: بۇ ھەرىكەتنىڭ توپى چىدامچانلىقى كۈچلۈك بولغان ئالمىدەك يۇمىلاق قىلىپ ياسىلىدۇ. ياغاچتىن ياسالغان بۇ خىل توپ «شاقشاق» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئادەتتىكى خام يىپنى تولاپ، يۇمىلاق قىلىپ ياساشقىمۇ بولىدۇ. 

ياپوز كالتىكى 80 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى قاتتىق ياغاچتىن ياسىلىدۇ. توپ ئۇرىدىغان ئۇچى 15-20 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئېگىلگەن چوماق شەكلىدە بولۇپ، ھازىرقى مۇز توپ تايىقىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. 

مەيدان: ياپوز مەيدانىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 80 مېتىر، كەڭلىكى 40 مېتىر، قاپقا ئېگىزلىكى بىر مېتىر، كەڭلىكى 30.1 مېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ.

ئادەم سانى، مۇسابىقە ۋاقتى: ھەر بىر كوماندا يەتتىدىن توققۇزغىچە ئادەم بولىدۇ. مۇسابىقە ۋاقتى 40 مىنۇت بولىدۇ. ھەر يېرىم مەيدان 20 مىنۇت بولۇپ، ئارىلىقتا 5 مىنۇت دەم ئېلىش ۋاقتى بولىدۇ. 

مۇسابىقە ئۇسۇلى: مۇسابىقە مەيدانىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا دىئامېتىرى 20 سانتىمېتىر بولغان بىر كىچىك چەمبەر سىزىلىدۇ. مۇسابىقە شۇ چەمبەر ئىچىدە توپ تالىشىش بىلەن باشلىنىدۇ. 

مۇسابىقىگە چۈشىدىغان ئەزالات توپ ھەيدەيدىغان كالتەك تۇتىدۇ. مۇسابىقىلىشىدىغان ئىككى كوماندىدىن بىردىن ئىككى كىشى چەمبەر يېنىدا قارىمۇ قارشى تۇرۇپ توپنى چەمبەردىن ئۇرۇپ چىقارغاندىن كېيىن، ھەر قايسى تەرەپ ئەزالىرى توپنى قارشى تەرەپنىڭ قاپقىسىغا ھەيدەيدۇ. مۇسابىقە ئەنە شۇ ئاساستا داۋاملىشىپ، قايسى تەرەپ توپنى قاپقىغا كۆپ كىرگۈزسە، شۇ تەرەپ يەڭگەن ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر ئىككى تەرەپ تەڭ بولۇپ قالسا 10 مىنۇت ئۇزارتىلىدۇ. بەش مىنۇتتىن كېيىن مەيدان ئالمىشىدۇ. ئويۇن داۋامىدا توپ يان سىزىق ياكى توغرا سىزىقتىن چىقىپ كەتسە ئىككىنچى تەرەپ شۇ توپ چىقىپ كەتكەن جايدىن توپ باشلايدۇ. 

دىققەت قىلىنىدىغان ئىشلار: ئويۇن جەريانىدا كالتەك بىلەن قارشى تەرەپنىڭ ھەر قانداق يېرىگە ئۇرۇۋېتىشكە، توپنى تۇتۇشقا، پۇت بىلەن تېپىشقا بولمايدۇ. پەقەت ياپوز كالتىكى بىلەنلا توپنى قاپقىغا ھەيدەشكە بولىدۇ. ئۇنداق قىلىنمىسا قائىدىگە خىلاپلىق قىلىنغان دەپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ. 

بەزى رايونلاردا بۇ ھەرىكەتنى مۇزدىمۇ ئوينايدۇ. ئىشلىتىلىدىغان كالتەك، توپ ۋە ئويناش ئۇسۇلى قۇرۇقلۇقتىكىگە ئوخشاش بولىدۇ. مۇزدا ئوينىغاندا كانكىسىز ئوينايدۇ. مۇزدىكى ئويۇن مەيدانىنىڭ ئۇزۇنلۇقى قۇرۇقلۇقتىكى مەيداندىن ئۇزۇن ھەم كەڭرى بولىدۇ.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#