ئاندرەۋ ۋىلىس

ئاندرەۋ ۋىلىس

ئاندرەۋ ۋىلىس 1953-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى ئەنگلىيە نىڭ كامبرىج دا تۇغۇلغان. ماتېماتىكا ئالىمى، Princeton ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماتېماتىكا پروفېسسورى، فەرمات ئاخىرقى تېئورېمىسىنى ئىسپاتلىغۇچى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ئاندرەۋ ۋىلىس
باشقا نامى Andrew Wiles
يۇرتى كامبرىج
كەسپى ئالىم
خەنزۇچە ئاتىلىشى 安德鲁·怀尔斯
دۆلەت تەۋەلىكى ئەنگلىيە
تۇغۇلغان ۋاقتى 1953-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاندرەۋ ۋىلىسئاندرەۋ ۋىلىس 1953-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى ئەنگلىيە نىڭ كامبرىج (Cambridge) دا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى ئىلاھىيەتشۇناس ھەم دىن كەسپىدىن ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېت (Oxford University) دا دەرس بېرەتتى. ئاندرەۋ ۋىلىسنىڭ بۇ ۋاقتىدا ماتېماتىكىدا قانداق ئالاھىدىلىكى بارلىقى توغۇرلۇق ھېچقانداق خاتىرە مەلۇمات بولمىسىمۇ، ئۇ 10 يېشىدىلا فەرمات ئاخىرقى تېئورېمىسىغا قىزىققان ئىكەن. ئۇ ئۆزى تۇرۇۋاتقان يەردىكى بىر كىتابخانىدا فەرمات ئاخىرقى تېئورېمىسى بىلەن بىرىنچى قېتىم ئۇچراشقان.

ماتېماتىكا ئالىمى ئاندرەۋ ۋىلىس، 7 يىل زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆگۈنۈش ھەم تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، دۇنيادا ئەڭ داڭلىق ماتېماتىكىلىق مەسىلە «فەرمات ئاخىرقى تېئورېمىسى»غا خاتىمە بەردى. فەرمات بولسا فرانسىيەلىك بولۇپ، ئۇنىڭ تولۇق ئىسمى Pierre de Fermat. فەرمات ئوتتۇرىغا قويغان بۇ ماتېماتىكىلىق مەسىلىگە ناھايىتى كۆپ ماتېماتىكلار (ئۇيغۇرلارمۇ بار) ئىسپاتلارنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ مەسىلە تولۇق ھەل بولماي 300 يىل داۋاملاشتى. داڭلىق كىشىلەر ھەم كۆپلىگەن مۇكاپاتلارنى ئالغان كىشىلەرنىڭ ئاندرەۋ ۋىلىسنى ماختىشى، ئۇنىڭ ئاجايىپ تېخنىكىلىق ئۇسۇلنى بۇ مەسىلىنى يېشىشكە قوللانغانلىقىدىن بولغان.

ئاندرەۋ ۋىلىسئاندرەۋ ۋىلىس مۇنداق ئەسلەيدۇ: «بۇ مەسىلە كۆرۈنۈشتە بەكمۇ ئاددىي بولسىمۇ بىراق داڭلىق ماتېماتىكا ئالىملىرى بۇ مەسىلىنى يېشەلمىگەن. بۇ يەردىكى مەسىلە 10 ياشلىق بىر بالىنىڭ ئۇنى چۈشەنگەنلىكى، مەن مۇشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ بۇ مەسىلىنى قەتئىي قويۇپ بەرمەسلىكنى ئويلىدىم». ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ كۆپلىگەن ياشلىق ۋاقتىم مۇشۇ مەسىلىنى ئىسپاتلاش بىلەن ئۆتتى. ئۇ 1974 يىلى ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتتا باكالاۋرلىق ئۇنۋانىنى ئالغاندىن كېيىن، كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى نىڭ چلارە مەكتىپىگە ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئېلىش ئۈچۈن كىرىدۇ. Clare مەكتىپىدە ئۇ ئېلىپىسلىق ئەگرى سىزىقلارنى ئۆگىنىدۇ. ئۇ 1977-يىلى ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا، 1980-يىلى دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ. 1982-يىلى ئامېرىكىغا كېلىپ نەۋ جەرسەيدىكى Princeton ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماتېماتىكا پروفېسسورى بولىدۇ.

فەرمات ئاخىرقى تېئورېمىسى

ئاندرەۋ ۋىلىسئەگەر «n» بولسا 2 دىن چوڭ بولغان تەبىئىي سان (n=3، 4، 5،…) بولغاندا، y^n + x^n =z^n نى قانائەتلەندۈرىدىغان پۈتۈن سانلار يېشىمى x, y, z لار مەۋجۇت ئەمەس. ئەگەر n=2 بولسا يەنى x^2 +y^2 = z^2 بولسا بۇ پىفاگور (Pythagoras) تېئورېمىسى بولدى. بۇ چاغدا تەڭلىمە پۈتۈن سانلار يېشىمىگە ئىگە بولىدۇ. مەسىلە ھەل بولۇشنىڭ ئېھتىماللىقى 1980-يىلىدىن باشلاپ ئاندرەۋ ۋىلىسدا بۇ قىيىن مەسىلىنى يېڭى ئۇسۇل بىلەن يېشىشنىڭ ئېھتىمالى پەيدا بولۇشقا باشلىنىدۇ. بۇنداق بولىشى گېرمانلىق ماتېماتىكا ئالىم Gerhar Frey ئېلىپىسلىق ئەگرى سىزىقلارنىڭ فەرمات تەڭلىمىسىگە قوللىنىش پەرىزىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ ئېلىپىسلىق ئەگرى سىزىقلارنى تەڭلىمىگە باغلاش پەرىزىنى 1954-يىلى ياپونلۇق 2 ئى ماتېماتىكا ئالىمى تانىياما ھەم شىمۇرا ئوتتۇرىغا قويغان. 1986-يىلى ئامېرىكىلىق ماتېماتىك Kenneth A. Ribert  بولسا Gerhar Frey  پەرىزىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئاندرەۋ ۋىلىس، بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ Ribet پەرىزىگە يېقىنلىشىدۇ. ئۇ مۇنداق ئويلايدۇ: ئەگەر تانىياما-شىمۇرا پەرىزىنى ئىسپاتلاپ چىقسام مەنتىقە جەھەتتىن فەرمات ئاخىرقى تېئورېمىسىنى ئىسپاتلاپ چىقالىشىم مۇمكىن.

فەرمات ئاخىرقى تېئورېمىسىنى ئىسپاتلاش

ئاندرەۋ ۋىلىسئاندرەۋ ۋىلىس بولسا Ribert پەرىزىنىڭ Ribert تەرىپىدىن ئىسپاتلانغانلىقىنى ئۇققاندىن كېيىن تانىياما-شىمۇرا بىلەن فەرماتنىڭ ئۆزئارا باغلىنىش بارلىقىغا كۈچلۈك ئىشىنىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن مۇشۇنى ئۇققاندىن كېيىن، مېنىڭ ھاياتىم ئۆزگەردى. بۇ دېگىنىم تانىيام-شىمۇرا پەرىزىنى ئىسپاتلىساقلا فەرمات ئاخىرقى تېئورېمىسىنى ئىسپاتلاپ چىقالايمىز. ئاندرەۋ ۋىلىس، ئۆزىنىڭ پۈتۈن زېھنىنى بۇ تېئورېمىنى ئىسپاتلاشقا قارىتىپ باشقىلار بىلەن بولغان ئالاقىنى ئۈزۈپ تاشلايدۇ. يەنى 1986-يىلنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئۇ بۇ تېئورېمىنى ئىسپاتلاشنى قارار قىلىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى ئايالى Nada بىلەن يېقىن دوستلىرىدىن باشقا ئادەمگە تىنمايدۇ. ئۇنىڭ باشقىلاردىن ئايرىلىپ بۇ مەسىلىنى تەتقىق قىلىشىنىڭ يەنى بىر سەۋەبى رىقابەتلىشىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش. ئۇ ئېرىشكەن نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلىپ تۇرسا باشقىلاردىن بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ باشقا پەرەزلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، تەتقىقاتنىڭ بىر يۆنىلىشتە مېڭىشىغا ئېغىر تەسىرى بولۇشى مۇمكىن.

ئاخىرقى مۇۋەپپەقىيەت

ئاندرەۋ ۋىلىسئاندرەۋ ۋىلىس، 7 يىلنى مۇشۇ فەرمات تېئورېمىسىنى ئىسپاتلاشقا قارىتىدۇ. بۇ 7 يىلدا ئۇ دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىنى بالىلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەندىن باشقا ۋاقتىدا مۇشۇ مەسىلىنى يېشىش بىلەن بولىدۇ. ئۇ ماڭسا ئولتۇرسا مۇشۇ مەسىلىنى ئويلايدۇ. ئۇ ئۇخلاشتىن بۇرۇن بۇ مەسىلىنى ئويلاپ ياتىدۇ. ئۇ مۇشۇنداق تىرىشىش، تەتقىق قىلىش نەتىجىسىدە 1993-يىلى بۇ تېئورېمىنى ئىسپاتلاپ چىقىدۇ. بۇ نەتىجىسىنى ئايالىدىن باشقا ئادەمگە ئۇقتۇرمايدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىسپاتىنى 200 بەتلىك قەغەزگە يىغىنچاقلاپ، 1993-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى بۇ تېئورېمىنىڭ ئىسپاتىنى كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېت نيۇتون ئىنىستىتۇتىدا ئېلان قىلىدۇ. ئىسپاتنىڭ كۆپ قىسىمى تانىياما-شىمۇرا پەرىزىنىڭ توغرىلىغىنى ئىسپاتلاش ئىگەلەيدۇ. فەرمات تېئورېمىسىنىڭ ئىسپاتى ئېلان قىلىنىپ ئاز ئۆتۈپ، كامبرىجدىكى ماتېماتىك Richard Taylor تەرىپىدىن ئىسپاتنىڭ ئىچىدىكى خاتالىق كۆرسىتىلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئاندرەۋ ۋىلىس تېئورېمىنىڭ ئىسپاتىغا قايتا كىرىشىدۇ. ئۇ 18 ئايلىق قاتتىق تەتقىق قىلىش نەتىجىسىدە ئاخىرى بۇ تېئورېمىنى مۇكەممەل ئىسپاتلاپ چىقىپ 300 يىللىق تارىخقا ئىگە بۇ داڭلىق ماتېماتىكا مەسىلىسىگە خاتىمە بېرىدۇ. فەرمات تېئورېمىسىنىڭ مۇكەممەل ئىسپاتى پۈتۈن دۇنياغا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئاندرەۋ ۋىلىسنىڭ نەتىجىلىرىنى دۇنيادىكى داڭلىق مەتبۇئاتلار ئېلان قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئىسپاتىنى دۇنيادىكى ماتېماتىكلار ئېتىراپ قىلىدۇ.

ئاندرەۋ ۋىلىسئۇ ھازىر Princeton ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماتېماتىكا پروفېسسورى. ئاندرەۋ ۋىلىسنىڭ بۇ نەتىجىلىرىگە خەلقئارا ماتېماتىكا Péni مەركىزى ھەم خەلقئارا ماتېماتىكا بىرلەشمىسى ئالاھىدە مۇكاپات سوۋغا قىلىدۇ. 1998-يىلى، ئۇ يەنە «King Faisal International Prize» مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ. ئۇنىڭ قىممىتى 200،000 ئامېرىكا دوللار بولىدۇ.  [1]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#