پېڭ دېخۇەي

پېڭ دېخۇەي

پېڭ دېخۇەي (1898-1974-يىللار) خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شياڭتەن دېگەن يېرىدىن. 1916-يىلى 18 يېشىدا ئەسكەر بولغان. بۈيۈك ئىنقىلاب مەزگىلىدە، مىللىي ئىنقىلاب ئارمىيەسىدە يىڭجاڭ، تۇەنجاڭ بولغان. بۈيۈك ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ھەممە يەرنى ئاق تېررورلۇق قاپلىغان شارائىتتىمۇ، دادىللىق بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى گە كىرگەن. 1928-يىلى 7-ئايدا پىڭجياڭ قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى پېڭ دېخۇەي
باشقا نامى 彭得华、清宗、石穿
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1898-يىلى
كەسپى پرولتارىيات ئىنقىلابچىسى، ھەربىي ئالىم، سىياسىئون
خەنزۇچە ئىسمى 彭德怀
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شياڭتەن
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1974-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پېڭ دېخۇەيپېڭ دېخۇەي (1898-1974-يىللار) خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شياڭتەن دېگەن يېرىدىن. 1916-يىلى 18 يېشىدا ئەسكەر بولغان. بۈيۈك ئىنقىلاب مەزگىلىدە، مىللىي ئىنقىلاب ئارمىيەسىدە يىڭجاڭ، تۇەنجاڭ بولغان. بۈيۈك ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ھەممە يەرنى ئاق تېررورلۇق قاپلىغان شارائىتتىمۇ، دادىللىق بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى گە كىرگەن. 1928-يىلى7-ئايدا پىڭجياڭ قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلغان، قوزغىلاڭچى قوشۇننى جۇڭگو ئىشچى-دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسىنىڭ 5-جۈنى قىلىپ ئۆزگەرتىپ، جۈنجاڭ بولغان ھەمدە خۇنەن، خۇبېي، جياڭشى ئىنقىلابىي بازىسىنى قۇرغان. شۇ يىلى 12-ئايدا، قوشۇنىنى باشلاپ جىڭگاڭشەنگە بېرىپ ماۋ زېدۇڭ، جۇ دې رەھبەرلىكىدىكى قىزىل ئارمىيە بىلەن غەلىبىلىك ئۇچرىشىپ، جىڭگاڭشەندە كۈرەشنى داۋاملاشتۇرغان. 1930 -يىلى پېڭ دېخۇەي قىزىل ئارمىيە 3-جۈنتۈەنىنىڭ قوماندانى بولغان. شۇ يىلى 8-ئايدا، قىزىل ئارمىيەنى باشلاپ چاڭشانى ئىشغال قىلغان. 2-قېتىملىق «قورشاپ يوقىتىش» قا قارشى ئۇرۇشتا، قوشۇنىنى باشلاپ جياڭشىدىن فۇجيەنگىچە غەلىبىلىك جەڭ قىلغان.

پېڭ دېخۇەي1934-يىلى 10-ئايدا، قىزىل ئارمىيەنىڭ 3-جۈنتۇەنىنى باشلاپ ئۇزۇن سەپەرگە قاتناشقان، بۇ جەرياندا ئېگىز تاغ چوققىلىرىدا يول ئېچىپ، دەريا-ئېقىنلارغا كۆۋرۈك سېلىپ، قان كېچىپ جەڭ قىلىپ، ئاجايىپ زور خىزمەتلەرنى كۆرسەتكەن. شىمالىي شەنشىگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، قىزىل ئارمىيىنىڭ شەرققە يۈرۈش قىلىشىغا رەھبەرلىك قىلغان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شەنشى، گەنسۇ تارماق قوشۇنىنىڭ قوماندانى، قىزىل ئارمىيە ئالدىنقى سەپ دۈشمەنگە زەربە بېرىش قوشۇنىنىڭ قوماندانى بولغان.

ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە، پېڭ دېخۇەي 8-ئارمىيىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن، ئۇ قوشۇننى باشلاپ دۈشمەن ئارقا سېپىگە ئۇدۇل ھۇجۇم قىلىپ، شىمالىي جۇڭگودا ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى بىرمۇنچە ئىنقىلابىي بازىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. 1940-يىلى 8-ئايدىن 12-ئايغىچە، 8-ئارمىيەنىڭ 400 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەردىن تەركىب تاپقان 100 نەچچە تۈەنلىك زور قوشۇنىنى باشلاپ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغاپ، دۈشمەننىڭ 40 مىڭدىن ئارتۇق ئادىمىنى يوقىتىپ، 2000 كىلومېتىردىن ئارتۇق قاتناش لىنىيەسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، 3000 غا يېقىن دۈشمەن ئۇۋىسىنى بىتچىت قىلىپ، زور غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئارمىيە-خەلقنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش كۈرەش ئىرادىسىگە ئىلھام بەرگەن. 

ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە، پېڭ دېخۇەي جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى، 1-دالا ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى، قوشۇمچە سىياسىي كومىسسارى بولغان. ئۇ ئاۋۋال قوشۇن باشلاپ شىمالىي شەنشىدە ئۆزىدىن ئون ھەسسە كۆپ گومىنداڭ ئارمىيەسى بىلەن بىر قاتار غەلىبىلىك جەڭلەرنى قىلىپ، يەنئەننى قوغداش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن. ئارقىدىنلا قوشۇن باشلاپ گومىنداڭنىڭ ئۆتكۈر سەركەردىسى خۇ زۇڭنەننىڭ قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلىپ، غەربىي شىمالنى ئازاد قىلغان.

پېڭ دېخۇەي ۋە ماۋزېدوڭجۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، پېڭ دېخۇەي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، غەربىي شىمال بيۇروسىنىڭ1-شۇجىسى، غەربىي شىمال رايونلۇق ھەربىي، سىياسىي كومىتېتنىڭ رەئىسى بولغان. 1950-يىلى جۇڭگو پىدائىيلار ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى، قوشۇمچە سىياسىي كومىسسارلىقىغا تەيىنلەنگەن ھەمدە پىدائىيلار قوشۇنىنى باشلاپ چاۋشيەنگە بېرىپ ئۇرۇش قىلىپ، ۋەتەننى قوغدىغان، ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ گوۋۇيۈەن نىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىلىقى، قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا تەيىنلىنىپ، جۇڭگونىڭ دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىغا كۈچ چىقارغان. 1955-يىلى ئۇنىڭغا مارشال ئۇنۋانى بېرىلگەن. 

پېڭ دېخۇەي دۇرۇس، تۈز مىجەز، ئىنقىلاب ئىشلىرىغا ئىنتايىن سادىق رەھبەر ئىدى. 1959-يىلى، ئۇ «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش» تىن ئىبارەت قارىغۇلارچە ئىلگىرىلەش ھەرىكىتىگە قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن، خاتا تەنقىدلەنگەن. «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دىمۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان. جۇڭگو خەلقى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ھايات-ماماتلىق كۈرەش قىلغان بۇ مەشھۇر ئىنقىلابچى 1974-يىلى 11-ئايدا ئۇۋالچىلىق ئىچىدە ۋاپات بولغان.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (3 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#