ئاۋگۇست

ئاۋگۇست

ئاۋگۇست ياشىغان دەۋر رىم ئىمپېرىيىسى زاۋاللىققا يۈزلەنگەن دەۋر ئىدى. ئۇ ئۆز زامانىسىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ تېئولوگلىرىدىن ئىدى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئوتتۇرا ئەسىرگىچە ھەتتا بۈگۈنكى كۈندىكى دىننىي تەلىمات ۋە دىننىي كەيپىياتقا تەسىر كۆرسىتىپ كەلمەكتە. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى ئاۋگۇست
باشقا نامى Aurelius Augustinus،圣奥斯定、圣奥斯丁、圣奥古斯丁
تۇغۇلغان ۋاقتى 354-يىلى
كەسپى يازغۇچى،تېئولوگ
خەنزۇچە ئىسمى 奥古斯丁
دۆلەت تەۋەلىكى رىم ئىمپېرىيەسى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 430-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاۋگۇستئاۋگۇست ئۆزىنىڭ بۈتۈك ئەسىرى «تۆۋىنامە» دە: «بىز ئۆزىمىزنى قاچۇرغۇدەك ھېچقانداق نەرسە مەۋجۇت ئەمەس. مەسىلەن، جىنس ۋە جىنسىي مۇناسىۋەتلەرمۇ شۇنداق» دەپ يازىدۇ. 

ئاۋگۇست ياشىغان دەۋر رىم ئىمپېرىيىسى زاۋاللىققا يۈزلەنگەن دەۋر ئىدى. ئۇ ئۆز زامانىسىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ تېئولوگلىرىدىن ئىدى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئوتتۇرا ئەسىرگىچە ھەتتا بۈگۈنكى كۈندىكى دىننىي تەلىمات ۋە دىننىي كەيپىياتقا تەسىر كۆرسىتىپ كەلمەكتە. 

ئاۋگۇست 354-يىلى تاگۇستې شەھىرى(ھازىرقى ئالجىرىيىنڭ سۇكئاخرېس) دە تۇغۇلغان. دادىسى كۆپ خۇدالىق دىننىڭ مۇرىتى ئىدى. ئانىسى قىزغىن ۋە ئىخلاسمەن خرىستىئان ئىدى. شۇڭلاشقا ئاۋگۇست كىچىكىدە چوقۇندۇرۇلمىغانىدى. 

ئاۋگۇسىتنىڭ زېرەكلىكى، ئۇنىڭ ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدىلا نامايان بولۇشقا باشلىغان. ئۇ 16 ياشقا كىرگەندە كارفاگېنىگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلگەن. ئۇ يەردە نامرات بىر قىز بىلەن بىللە بولۇپ، توي قىلمايلا بالىلىق بولۇپ قالغان. ئۇ 19 ياشقا كىرگەندە پەلسەپە ئۆگىنىش قارارىغا كېلىپ، ئۇزۇن ئۆتمەي مانى دىنىغا كىرگەن. بۇ پارسلىق مانى تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغان بىر خىل دىن ئىدى. ئۇ دەسلەپتە خىرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلماستىن، مانى دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. چۈنكى ئۇ خرىستىئان دىنىنىڭ مەنىۋى جەھەتتىن ھەۋەس قىلغۇدەك يېرى يوق دەپ ھېسابلايتتى. ئۇ 29 يېشىدا رىمغا كېلىدۇ، كېيىن ئىتالىيىنىڭ شىمالىدىكى مىلانغا بېرىپ سىتلىستىكىدىن دىنى دەرس ئۆتىدۇ. ئۇ يەردە يېڭى ئەپلاتونچىلىق بىلەن تۇنۇشىدۇ. ئۇ ئەپلاتون پەلسەپىسىنىڭ بىر خىل تۈزىتىلگەن نۇسخىسى ئىدى. 

ئاۋگۇستشۇ چاغلاردا مىلاندىكى كاردىنال ئاپوستلې(دىن تەرغىپ قىلغۇچى) ئامبروسىئۇس ئىدى. ئاۋگۇست ئامبروسىئۇسنىڭ تەلىماتلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن خرىستىئان دىنىنىڭ يېڭى قىياپىتىنى چۈشەنگەن. ئاۋگۇست 32 يېشىدا خرىستىئان دىنىنىڭ ئەڭ قىزغىن، ئەڭ سادىق مۇرىتلىرىدىن بولۇپ قالىدۇ. 387-يىلى دىن تەرغىپ قىلغۇچى ئامبروسىئۇس ئۇنى چوقۇندۇرىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ۋەتىنى ئالجىرىيىگە قايتىپ كەلگەن. 

391-يىلى ئاۋگۇست خىپپودىكى كاردىنال ۋالېرىئۇسنىڭ قول ئاستىدا مۇئاۋىن كاردىنال بولغان. بەش يىلدىن كېيىن ۋالېرىئۇس ۋاپات بولغان. ئاۋگۇست خىپپوغا كاردىنال بولۇپ، ئۆمرىنىڭ ئاخرىىغىچە بۇ ۋەزىپىنى ئۆتەيدۇ. خىپپو شەھىرى گەرچە كىچىك شەھەر بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەردە ئاۋگۇستنىڭ ئەقىل-پاراسىتى جارى قىلدۇرۇلدى. ئاخىرى ئۇ چېركاۋدا كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكى دىننىي داھىي بولۇپ قالدى. گەرچە ئۇنىڭ تېنى ئىنتايىن ئاجىز بولسىمۇ، لېكىن پۈتۈكچىلىرىنىڭ ياردىمىدە نۇرغۇن دىننىي كىتابلارنى يېزىپ چىقتى، ئۇنىڭ تەخمىنەن 500 گە يېقىن تەلىماتى تا بۈگۈنكى كۈنگىچە تارقىلىپ كەلدى. بۇلاردىن سىرت يەنە تەخمىنەن 200 پارچە نەزەرىيىۋى ماقالىسىمۇ بار. «خۇدانىڭ شەھىرى توغرىسىدا» بىلەن «توۋىنامە» ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەسەرلىرى ھېسابلىنىدۇ. «تۆۋىنامە» ئۇ 40 يېشىدا پۈتتۈرگەن بىر پارچە ئەڭ قىزىقارلىق تەرجىمھالى ھېسابلىنىدۇ. 

ئاۋگۇستنىڭ نۇرغۇن نەزەرىيىۋى ماقالىلىرى بىلەن تەنقىدلىرى مانى دىنى بىلەن خرىستىئان دىنىدىكى بەزى بىدئەت مەزھەپلىرىگە بېرىلگەن رەددىيە ھېسابلىنىدۇ. ئاۋگۇستنىڭ پىلاگىئانىزمچىلار(شۇ زامانلاردىكى خرىستىئان دىنىنىڭ بىر بىدئەت مەزھىپى) بىلەن قىلغان كەسكىن بەس مۇنازىرىلىىرى، ئاۋگۇست دىنىي تەلىماتلىرىنىڭ بىر قىسمىنى شەكىللەندۈرگەن.

پېلاگىئۇس ئەسلى بېرىتانىيلىك بىر مۇناخ بولۇپ، 400-يىلى رىمغا كېلىپ ئۇ يەردە تېئولوگىيە ئەقىدىلىرىنى تەرغىپ قىلغان. ئۇ ئادەم تۇغۇلۇشتا گۇناھسىز بولۇپ، ياخشى ۋە يامانلىق قىلىش ھەر كىمنىڭ ئۆز ئىرادىسى بويىچە بولىدۇ؛ ئىنسانىيەتنىڭ ياخشى ئىشلارنى قىلىشى خۇدانىڭ شاپائىتىدىن بولغان ئەمەس. خرىستىئان دىنىنىڭ قىلمىش ئۆلچىمى ئىنسانىيەتنىڭ قىلمىش نەمۇنىسىدۇر؛ ئىنسان گۇناھ ئۆتكۈزۈشتىن تامامەن ساقلىنالايدۇ، دېگەن تەشەببۇس قىلغان.

ئاۋگۇست ئۆز ئەسەرلىرىدە پېلاگىئۇسنى ئاسىي دەپ جاكارلاپ، ئۆز نوپۇزىغا تاينىپ پېلاگىئۇسنى رىمدىن ھەيدەپ چىقىرىپ، ئۇنى خرىستىئان دىنىدىن قوغلاپ چىقارغان. ئاۋگۇستنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا، ھەممە ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ گۇناھى بىلەن چېتىشلىق بولىدۇ؛ ئىنسان ھېچ نەرسىگە قادىر ئەمەس، پەقەت خۇدانىڭ شاپائىتى بىلەن ئۆزىنى قۇتقۇزالايدۇ. بۇ خىل ئىدىيىلەر ئاۋگۇستتىن ئىلگىرىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. لېكىن ئاۋگۇست بۇ خىل ئىدىيىلەرنى خىرىستىئان دىنىنىڭ ئەقىدىلىرىگە يېزىپ كىرگۈزگەن. ئەمەلىيەتتە، ئاۋگۇستنىڭ جىنىس ھەققىدىكى بايانلىرى ئوتتۇرا ئەسىردىكى جىنسىي قاراشلارغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن. ئاۋگۇست خرىستىئان دىندىغا ئېتىقاد قىلغاندىن كېيىن ھاۋايى ھەۋەستىن ۋاز كېچىش قارارىغا كەلگەن. ئۇ بىر قېتىم مۇنداق دېگەن: «بىز ئۆزىمىزنى قاچۇرغۇدەك ھېچقانداق نەرسە مەۋجۇت ئەمەس، مەسىلەن، جىنىس ۋە جىسنىي مۇناسىۋەتلەرمۇ شۇنداق» . قارىغاندا جىنسىي ھەۋەستىن ۋاز كېچىش ئاۋگۇستتىن ئىبارەت بۇ ئەۋلىيا ئۈچۈنمۇ تەسكە چۈشكەن. ئۇنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ئۆزىنى چەكلەشتىكى كۈرەشلىرى ھەمدە ئۇنىڭ بۇ مەسىلىدىكى قاراشلىرى ھەققىدە ئۇنىڭ «توۋىنامە» دېگەن كىتابىدا تەپسىلىۇ بايان قىلىنغان. 

ئاۋگۇستئاۋگۇست ياشىغان دەۋر دەل رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ زاۋاللىققا يۈزلەنگەن دەۋرى ئىدى. ئۇنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرى گرېك پەلسەپىسى، بولۇپمۇ يېڭى ئەپلاتونچىلىق بىلەن بىللە ئوتتۇرا ئەسىردە ياۋرۇپاغا كىرگەن. بىز ئاۋگۇستنىڭ سۆزلىرىدىن گرېتسىيىدىكى دىسكارنىڭ «مەن پىكىر يۈرگۈزۈۋاتىمەن» ، دېمەك مەن مەۋجۇت «دېگەنگە ئوخشاش سۆزلىرىنى كۆرۈۋالالايمىز. 

ئاۋگۇست قاراڭغۇلۇق قاپلىغان ئوتتۇرا ئەسىر باشلىنىش ئالدىدىكى ئەڭ ئاخىرقى خرىستىئان تېئولوگىدۇر. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى پۈتكۈل ئوتتۇرا ئەسىرگە تەسىر كۆرسەتكەن. 

نۇرغۇن مەشھۇر دىنىي زاتلار، مەسىلەن، توماس، ئاكويناس، ليۇتېر ۋە كالۋىن قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاۋگۇستنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. 

430-يىلى، ۋانداللار خىپپو شەھىرىگە قورشاپ ھۇجۇم قىلغاندا ئاۋگۇست مەيۈسلۈك ئىچىدە 79 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. ۋانداللار خىپپو شەھىرىگە ئوت قويۇۋەتكەن. بەختكە يارىشا ئاۋگۇست چېركاۋى بىلەن كۇتۇپخانا ئوت ئاپىتىدىن ئامان قالغان. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#