ئۈچ چوڭ كەسىپ

 1-كەسىپ يېزا ئىگىلىكىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.2-كەسىپ سانائەت ۋە بىناكارلىقنى كۆرسىتىدۇ، سانائەت ئۆز ئىچىگە قازمىچىلىق سانائىتى، ياساش سانائىتى ۋە تۇرۇبا سۈيى، ئېلېكتر كۈچى، پار كۈچى، ئىسسىق سۇ، كۆمۈر گازى قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.3-كەسىپ بولسا بىرىنچى ۋە ئىككىنچى كەسىپتىن باشقا ھەممە ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى ئۈچ چوڭ كەسىپ
خەنزۇچە نامى 三大产业

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي پائالىيەت، ئالدى بىلەن ئىنسانلارنى يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك بىلەن تەمىنلەيدىغان يېزا ئىگىلىكىدىن باشلانغان. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىيات سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، بىر قىسىم كىشىلەر يېزا ئىگىلىكىدىن ئايرىلىپ چىقىپ، سانائەت ۋە باشقا ئىقتىسادىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە ئىنسانلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەكتىن باشقا ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا باشلىغان. يېزا ئىگىلىكى ۋە سانائەت راۋاجلانغاندىن كېيىن، ئىنسانلار ماددىي تۇرمۇشتىن باشقا تېخىمۇ يۇقىرى ئېھتىياجنى قاندۇرۇشنى تەلەپ قىلدى، مەسىلەن، ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، تۇرمۇشنى قۇلايلاشتۇرۇش، سەنئەتتىن ھۇزۇرلىنىش قاتارلىقلار. شۇڭا، يېزا ئىگىلىكى ۋە سودىدىن باشقا ئىقتىسادىي پائالىيەتلەر تەرەققىي قىلدى. ئىجتىمائىي ئىش تەقسىماتى ۋە ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە ئاساسەن، ئىقتىسادشۇناسلار ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي پائالىيەت دائىرىسىنى ئۈچ چوڭ كەسىپكە ئايرىدى. 1985 -يىلى جۇڭگو ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى ئۈچ چوڭ كەسىپ تۈرى بويىچە ھېسابلاشقا باشلىدى. 

ئەينى چاغدا، دۆلەتلىك ستاتىستىكا ئىدارىسى ئۈچ چوڭ كەسىپكە ئايرىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

 1-كەسىپ

 1-كەسىپ يېزا ئىگىلىكىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ تېرىقچىلىق ، ئورمانىچىلق ، چارۋىچىلىق ، سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقى 

نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 2-كەسىپ

 2-كەسىپ سانائەت ۋە بىناكارلىقنى كۆرسىتىدۇ، سانائەت ئۆز ئىچىگە قازمىچىلىق سانائىتى، ياساش سانائىتى ۋە تۇرۇبا سۈيى، ئېلېكتر كۈچى، پار كۈچى، ئىسسىق سۇ، كۆمۈر گازى قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 3-كەسىپ

 3-كەسىپ بولسا بىرىنچى ۋە ئىككىنچى كەسىپتىن باشقا ھەممە ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

3-كەسىپ مۇنداق تۆت قاتلامغا بۆلۈنىدۇ:

 بىرىنچى قاتلام

 بىرىنچى قاتلام ئوبوروت ساھەسىنى، يەنى قاتناش-ترانسپورت، پوچتا-تېلېگراف، ئالاقىلىشىش كەسپى، سودا، يېمەك-ئىچمەك كەسپى، ماددىي ئەشيا، تەمىنات-سودا ۋە ئامباردا ساقلاش قاتارلىق جەھەتلەرنى كۆرسىتىدۇ.

 ئىككىنچى قاتلام

 ئىككىنچى قاتلام ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشقا مۇلازىمەت قىلىدىغان تارماقلارنى، يەنى پۇل مۇئامىلە، سۇغۇرتا كەسپى، گېئولوگىيىلىك قىدىرىپ تەكشۈرۈش، ئۆي-زېمىن كەسپى، ئاممىۋى مۇلازىمەت ئىشلىرى، ئاھالىلەر مۇلازىمەتچىلىكى، ساياھەت، مەسلىھەت، مۇلازىمەت كەسپى ۋە تۈرلۈك تېخنىكا مۇلازىمەت كەسپى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 ئۈچىنچى قاتلام

 ئۈچىنچى قاتلام، پەن-مەدەنىيەت سەۋىيىسى ۋە ئاھالىلەرنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان تارماقلار بولۇپ، بۇ مائارىپ، مەدەنىيەت، رادىئو-تېلېۋىزىيە، پەن-تەتقىقات، سەھىيە، تەنتەربىيە ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 تۆتىنچى قاتلام

 تۆتىنچى قاتلام ئىجتىمائىي جامائەت ئېھتىياجى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان تارماقلار بولۇپ، دۆلەت ئورگانلىرى، پارتىيە-ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، ئارمىيە، ساقچى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيىسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، 3-كەسىپنىڭ ئىقتىسادىي تۇرمۇشتىكى ئورنى ۋە رولى كۈنسايىن كۈچەيدى. تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردە 3-كەسىپنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە تۇتقان سالمىقى چوڭ بولۇپ، 1-ۋە 2-كەسىپلەرنىڭ يىغىندىسىدىن ئېشىپ كەتكەن. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#