رەڭدار كۇمۇلەك
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
1. گۆشنى ماشىنىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇنىڭغا بىر تۇخۇمنى چېقىپ، تۇز، سوققان كاۋاۋىچىن، تېتىتقۇ، جاڭيۇ، چىلىغان پۇرچاق ئۇنىنى ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلاپ، 30 دانە كۇمۇلەك ياسىلىدۇ. سۇڭپىياز، سامساقلار ئىنچىكە توغرىلىدۇ.
2. ئىككى تۇخۇمنى چېقىپ، ئازراقلا چىلىغان پۇرچاق ئۇنى، يېمەكلىككە ئىشلىتىدىغان قىزىل رەڭ ئارىلاشتۇرۇپ، كۆپتۈرۈپ، قىزىل پوشكالدىن بىرنى، سېرىق پوشكالدىن بىرنى ياساپ ئىنچىكە توغرىلىدۇ.
3. ياسالغان كۇمۇلەكنىڭ ئۈستىگە ئىنچىكە توغرالغان قىزىل، سېرىق پوشكال سىرلىرىنى يۇقتۇرۇپ، رەڭدار كۇمۇلەك قىلىپ تەييارلاپ تەخسىگە تىزىپ، قاسقانغا سېلىپ 25 مىنۇت دۈملىنىدۇ.
4. شورپىغا چىلىغان پۇرچاق ئۇنى، تېتىتقۇ، تۇز، جاڭيۇ سېلىپ تەڭشەلگەن شورپا تەييارلىنىدۇ.
5. قازانغا 35 گرام، ياغ قۇيۇپ، سۇڭپىياز، سامساق، خۇاڭخۇا سەي، مور سېلىپ قورۇپ، تەڭشەلگەن شورپىنى تۆكۈپ، قايناپ چىققاندا پىششىق ياغ سېپىپ، قاسقاندا پىشۇرۇپ ئېلىنغان كۇمۇلەكنىڭ ئۈستىگە قۇيۇلىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.