يارماقگۈل

يارماقگۈل

يارماقگۈل كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق، يارماقگۈلگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، پۈتۈن چۆپى قاننى جانلاندۇرۇش، ئىششىقنى ياندۇرۇش، ئىسسىقنى ھەيدەش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى يارماقگۈل
پارسچە نامى Glechoma longituba (Nakai) Kupr
چىقىش ئورنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى نەم جايلاردا
پىنيىنچە يېزىلىشى huó xuè dān
خەنزۇچە ئاتىلىشى 活血丹
شەكلى كالپۇكسىمان
تەبىئىتى ھۆل سوغۇق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يارماقگۈليارماقگۈل كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق، يارماقگۈلگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 5 ~ 20 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ غولى ئىنچىكە ۋە ئۇزۇن، يۇمشاقراق، تۆت قىرلىق بولۇپ، تىك ياكى قىيپاش ئۆسىدۇ؛ يوپۇرمىقى ئۇدۇل ئۆسكەن، يۈرەك ياكى بۆرەك شەكلىدە، گىرۋىكى يۇمىلاق چىشسىمان، غولىنىڭ تۆۋەن قىسمىدىكى يوپۇرمىقىنىڭ ئىنچىكە ۋە ئۇزۇن سېپى بار؛ گۈلى سۆسۈن، كالپۇكسىمان، كۆپىنچە ئىككى-ئۈچتىن بولۇپ قولتۇقىدىن ئۆسۈپ چىقىدۇ.

دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى ئىشلىتىلىدۇ.

بۇ ئۆسۈملۈك گۈلى تولۇق ئېچىلغان ۋاقتىدا يىغىۋېلىنىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئورمانلىق، تاغ-دەريا ۋادىلىرى ۋە يايلاق قاتارلىق نەم يەرلەردە ئۆسىدۇ.

ھۆل سوغۇق.

قاننى جانلاندۇرۇش، ئىششىقنى ياندۇرۇش، ئىسسىقنى ھەيدەش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئەھۋالغا قاراپ 10 ~ 30 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.

مۇۋاپىق مىقداردىكى يارماقگۈلنى ئېزىپ، يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، يىقىلىپ، ئۇرۇلۇپ زەخىملىنىش ۋە ھەرخىل سۇنۇقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ. يارماقگۈلدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سۈيدۈك يولىدىكى تاش، يۈرەك ياللۇغى ۋە دوۋساق ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. قۇرۇتۇلغان يارماقگۈلدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، تالقان قىلىپ قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، بالىلاردىكى تۇتقاقلىق ۋە ھەزىم ناچارلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. ھۆل يارماقگۈلدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، يۇمشاق ئېزىپ، يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، غەلۋىرەك، تىلما ۋە قۇلاق ئاستېى بېزى ئىششىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

تىلماچ ئىزاھاتلىق لوغىتى

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#