تاشقى جىنسىي ئەزا راكى

تاشقى جىنسى ئەزا راكى

بۇ، ھەرخىل سەۋەبلەردىن تاشقى جىنسىي ئەزانىڭ تېرە ئاستىدا كىچىك قاتتىق تۈگۈنچە پەيدا بولۇش، يىرىڭلىق ۋە قانلىق ئاجرالمىلار كۆپىيىش، كېسەللىكنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ئاغرىش ئالامىتى كۆرۈلۈش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك. 

غەرب تېبابىتى نامى تاشقى جىنسىي ئەزا راكى
خەنزۇچە نامى 外阴癌
كېسەللىك ئورنى جىنسى ئەزا
كېسەللىك سەۋەبى كۆيگەن سەۋدا خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
تەۋە بۆلۈم ئاياللار بۆلۈمى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۇيغۇر تېبابىتى كلاسسىك ئەسەرلىرىدە «سەرتانى فەرىج زاھىرى» دەپ ئاتىلىدۇ. تاشقى جىنسى ئەزا راكى نىسبەتەن ئاز كۆرۈلىدىغان بولۇپ، ئاياللار جىنسىي ئەزالار راكلىرى ئىچىدە 4-ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. پەيدا بولۇش نىسبىتى جەھەتتە بالىياتقۇ بوينى راكى پەيدا بولۇش نىسبىتىنىڭ 1/20 گە توغرا كېلىدۇ.

1. كۆيگەن سەۋدا خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي سەۋدا خىلىتى تاشقى جىنسىي ئەزالارغا تەسىر قىلغاندا، قان تومۇرلاردا ئاسانلا چۆكمە پەيدا قىلىپ، قان تومۇرلارنىڭ دىۋارىنى قېلىنلاشتۇرۇپ ۋە تارايتىپ، ھەتتا توسۇلۇش پەيدا قىلىپ، ماددا ئالمىشىشىنى توسقۇنغا ئۇچرىتىپ، يەرلىك ئورۇندىكى ھۈجەيرىلەرنى غىدىقلاپ، ئۇلارنىڭ نورمالسىز ئۆسۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەمدە ئۆزگەرتكۈچى قۇۋۋەت ۋە شەكىللەندۈرگۈچى قۇۋۋەتلەرنىڭ خىزمىتىنى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ھۈجەيرىلەرنىڭ تەرتىپسىز ئۆسۈشىنى شەكىللەندۈرۈپ تاشقى جىنسىي ئەزا راكىنى پەيدا قىلىدۇ. 

2. گەجسىمان بەلغەم خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. گەجسىمان بەلغەم خىلىتى تاشقى جىنسىي ئەزالارغا تەسىر قىلغاندا ئاسانلا قان تومۇر ۋە توقۇلما ئارىلىق بوشلۇقلىرىدا يىغىلىپ توسالغۇ پەيدا قىلىپ، يەرلىك ئورۇننىڭ ماددا ئالمىشىشىنى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ ۋە ئۆزگەرتكۈچى قۇۋۋەت ۋە شەكىللەندۈرگۈچى قۇۋۋەتلەرنىڭ خىزمىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ھۈجەيرىلەرنىڭ تەرتىپسىز ئۆسۈشىنى شەكىللەندۈرۈپ تاشقى جىنسى ئەزا راكىنى پەيدا قىلىدۇ.

 3. باشقا كېسەللىكلەر تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. 1)جىنسىي ئەزا ئاق داغ كېسىلىنىڭ سەۋەبىدىن بولىدۇ. جىنسىي ئەزا ئاق داغ كېسىلىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىشىشى نەتىجىسىدە يەرلىك ئورۇندىكى ماددا ئالمىشىش قالايمىقانلىشىپ، توقۇلما-ھۈجەيرىلەرنىڭ قان ۋە ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىنىشى يېتەرلىك بولماسلىقى سەۋەبلىك تەبىئەت كۈچى ئاجىزلايدۇ ھەمدە ئۆزگەرتكۈچى قۇۋۋەت، شەكىللەندۈرگۈچى قۇۋۋەتلەرنىڭ خىزمەت پائالىيىتى قالايمىقانلىشىدۇ، نەتىجىدە ھۈجەيرىلەر تەرتىپسىز ئۆسۈپ يامان سۈپەتكە ئۆزگىرىپ، تاشقى جىنسىي ئەزا راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 2) بەزى كۆزىتىشلەردىن مەلۇم بولۇشىچە سوزۇلما تاشقى جىنسىي ئەزا ياللۇغى، تاشقى جىنسىي ئەزا يارىسى قاتارلىقلارنىڭمۇ تاشقى جىنسىي ئەزا راكىغا ئۆزگىرىش ئېھتىمالى بولىدىكەن. 

دەسلەپكى دەۋردە تاشقى جىنسىي ئەزانىڭ تېرە ئاستىدا كىچىك قاتتىق تۈگۈن بولۇپ، كۆپىنچە ئېنىق بەلگىلەر بولمايدۇ، كېيىنچە قىچىشىدۇ، ئۇنىڭ ئاستىنقى قىسمىدا قاتتىق يارا ياكى ئەمچەكسىمان ئۆسۈكچە، ئىششىق شەكىللىنىدۇ. يىرىڭلىق ياكى قان ئارىلاش، ئاجرالمىلار كۆرۈلىدۇ، چات يېرىقى لىمفا تۈگۈنلىرىگە يۆتكىلىشى بالدۇرراق بولىدۇ، ئاخىرقى مەزگىلىدە ئاغرىش بولىدۇ

1.كېسەللىك تارىخى ۋە تىپىك بولغان كېسەللىك ئالامەتلىرىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ. بىماردا ئىلگىرى جىنسىي ئەزا ئاق داغ كېسىلى، سوزۇلما تاشقى جىنسىي ئەزا ياللۇغى ياكى يارىسى قاتارلىق كېسەللىكلەر بىلەن ئاغرىش تارىخى بولۇش بىلەن بىرگە تاشقى جىنسىي ئەزا تېرە ئاستىدا كىچىك تۈگۈنچە پەيدا بولۇش، يىرىڭلىق ۋە قانلىق ئاجرالمىلار كۆپىيىش، كېسەللىكنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ئاغرىش ئالامىتى كۆرۈلۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. 

2. قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ. يەرلىك ئورۇندىن توقۇلما ئېلىپ تەكشۈرگەندە راك ھۈجەيرىسى بايقىلىدۇ.

1. تاشقى جىنسىي ئەزا يارىسىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ. تاشقى جىنسى ئەزا يارىسىدا، يەرلىك ئورۇن جاراسىملار بىلەن يۇقۇملىنىشى سەۋەبىدىن كىچىك جىنسىي لەۋلەرنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا يارا شەكىللىنىپ قاتتىق ئېچىشىپ ئاغرىش، يارا يۈزىدە كۆپلىگەن ئاجراتمىلار بولۇش، يارا ئاستىدا ئاق كۈلرەڭلىك سىرغىما سۇيۇقلۇق بولۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، ئۇندىن باشقا توقۇلما ئېلىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىقمۇ پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ. 

2. يىگلەش باسقۇچىدىكى تاشقى جىنسىي ئەزا ئاق داغ كېسىلىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ. يىگلەش باسقۇچىدىكى تاشقى جىنسىي ئەزا ئاق داغ كېسىلىدە قىچىشىش يېنىكرەك بولۇپ دىلچىق، كىچىك جىنسىي لەۋ ۋە ئارقا بىرلەشمىلەردە روشەن بولغان كېسەللىك ئۆزگىرىشى كۆرۈلىدۇ. يەنى دىلچىق كۆپىنچە يىگلەپ، كىچىك جىنسىي لەۋ تۈزلىشىدۇ ياكى يوقايدۇ. كېسەللىك تەرەققىي قىلسا تېرىنىڭ ئۈستۈنكى يۈزىدە يېرىق ياكى يارا شەكىللىنىدۇ. بۇ چاغدا ئاغرىش ۋە كۆيۈشۈش تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ، يىرىق ياكى يارا تەرەققى قىلسا راكقا ئۆزگىرىش ئېھتىمالى يۇقىرى بولىدۇ.

1. غەيرىي تەبىئىي خىلىتلارنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا، تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. 

2. باشقا كېسەللىكلەرنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا، شۇ كېسەلگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. 

3. راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تورمۇزلاش، ئىششىق ياندۇرۇش، قان تازىلاش، ئاغرىق پەسەيتىش مەقسىتىدە دورا ئىچى-سىرتىدىن ئىشلىتىلىدۇ. 

4. ئوپېراتسىيە قىلىش ئارقىلىق داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

 5. رادىئاكتىپلىق نۇر بىلەن داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

 6. خىمىيىلىك داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

كۆيگەن سەۋدا خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا خاس سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا كۆيدۈرگۈچى، ئۆسمە ھۈجەيرىسىنى تىزگىنلىگۈچى دورىلاردىن پەرفىيۇن، زەرنەخ، سەرتان …… قاتارلىقلارنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەرقېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن، 10~45 كۈنگىچە بېرىپ، ماددا پىشقانلىقىغا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن، يۇقىرىقى مۇنزىچقا خاس سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن بېرىپ، كۆيگەن سەۋدا خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ. گەجسىمان بەلغەم يۇمشاتقۇچى خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا خاس بەلغەم خىلتىنىڭ مۇنزىچىغا كۆيدۈرگۈچى، يۇمشاتقۇچى دورىلاردىن پەرفىيۇن، زەرنەخ، سەرتان …… قاتارلىقلارنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن 7~9 كۈنگىچە بېرىپ، ماددا پىشقانلىقىغا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن، بۇ مۇنزىچقا خاس بەلغەم خىلتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەرقېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن 3~5 كۈنگىچە بېرىپ، گەجسىمان بەلغەم خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ. راك ھۈجەيرىلىرىنى تورمۇزلاش، ئىششىق قايتۇرۇش، قان تازىلاش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلار كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ. ئىترىفىل چۆپچىن كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ مەجۇنى ئۆشبە كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ شەربىتى ئۆشبە كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن؛ سۇفۇپى سەرتان كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ قۇرسى سەرتان كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 5 دانىدىن؛ ھەببى ئەفئى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا يەتتە دانىدىن؛ ھەببى سىماب كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا بەش تالدىن؛ سۇفۇپى شورە كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10گرامدىن تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ. ئۇندىن باشقا تۆۋەندە كۆرسىتىلگەن مەجۇنى ئەفئى، سىماب كۇشتىسى، كۇچۇلا مەجۈنى، ھەرە كۆنىكى مەجۈنى (ھۆكۈنەك مەجۈنى) قاتارلىقلارنىڭمۇ راك ھۈجەيرىلىرىنى تورمۇزلاش تەسىرى ياخشى. مەجۇنى ئەفئا: چوڭ يىلان گۆشى، زەنجىۋىل ھەر بىرىدىن 60 گرام، ئوق يىلان، خولىنجان، دارچىن ھەر بىرىدىن 40 گرام، پىلپىل، ۋاڭ ئۇرۇقى، بىخ كەبىر، پەرفىيۇن، ھەربىرىدىن 20 گرام ئېلىپ، قائىدە بويىچە مەجۈن تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەرقېتىمدا 10 گرامدىن ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ. سىماب كۇشتىسى: سىماب 50 مىللىلىتىر، شورا (قارا مىلتىق دورىسى) 50 گرام، زەمچە 50 گرام ئېلىپ، شورانى ئايرىم ئېزىپ (ھاۋانچىدا كۈچەپ سوقسا پارتلاپ كېتىشى ئېھتىمالى بار، شۇڭا ئېھتىيات بىلەن ئېزىلىدۇ) ، زەمچىنى ئايرىم تالقانلاپ، شورا بىلەن زەمچىنىڭ تالقىنىنى ئارىلاشتۇرۇپ، كىچىك قازانغا سېلىپ، ئۈستىگە سىمابنى سېلىپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، ئۈستىگە چىنە تەخسە يېپىپ، تەخسىنىڭ قازانغا تېگىپ تۇرىدىغان گىرۋەكلىرىنى قەغەز بىلەن ھىم چاپلاپ، ئۇنىڭ ئۈستىنى سېرىق توپا (سېغىز) نى يۇڭ، تۇز بىلەن يۇغۇرۇپ پىشۇرۇلغان لاي بىلەن چاپلاپ، ئاندىن كېيىن قازان ئاستىغا ئوت يېقىلىدۇ. ئوت كۈچىنى دەسلەپتە يەڭگىلرەك قىلىپ تەدرىجىي كۈچەيتىلىشى كېيىن يەنە ئاستىلىتىلىشى لازىم. تەخمىنەن بىر سائەت ئەتراپىدا قىزىتقاندىن كېيىن، قازاننى ئوتتىن ئېلىپ سوۋۇتۇپ، لاينى ئاۋايلاپ ئېلىۋېتىپ، ئېھتىيات بىلەن تەخسىنى ئالغاندا تەخسە ئىچكى يۈزىگە يىڭنىگە ئوخشاش كرىستاللانغان، ئاچ قىزىل رەڭلىك تالقان چاپلىشىپ قالغان بولىدۇ، مانا بۇ سىماب كۇشتىسى بولۇپ، ئۇنى ئاۋايلاپ قىرىۋېلىپ، دەسلەپتە ھەپتىدە بىر قېتىم، ھەرقېتىمدا 3.0 گرامدىن، كېيىنچە مىقدارىنى تەدرىجىي ئاشۇرۇپ، ئىككى 6.0 گرامغا يەتكۈزۈلىدۇ. دورىنى ئىچكەندىن كېيىن قۇسۇۋېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئارقىدىنلا پودىنە قاينىتىلمىسى ئىچىشكە بېرىلىدۇ. ئەسكەرتىش: سىماب كۇشتىسى زەھەرلىك بولغاچقا ئېغىز ئىچكى پەردىلىرىنى زەخىملەندۈرۈپ قويىدۇ ھەمدە چىشقا تېگىپ كەتسە چىشنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ، شۇڭا سىماب كۇشتىسىنى ئىستېمال قىلغاندا ناھايىتى ئېھتىيات قىلىش يەنى كاپسۇللۇق قىلىش ياكى ھورناننىڭ ئارىسىغا ئېلىپ چاينىماي يۇتۇۋېتىش لازىم. دورىنى ئىچىپ بولغاندىن كېيىن قۇسۇۋېتىپ قالسا دەرھال ئېغىزنى پاكىز چايقىۋېتىش لازىم. مەجۈنى كۇچۇلا (ئازاراقى) كۇچۇلا 50 گرام، قۇيرىقى ئېلىنمىغان چايان 20 دانە، يىلان 150 گرام، شىڭرىپ 30 گرام ئېلىپ قائىدە بويىچە لايىقلاشتۇرۇپ، ئومۇمىي دورا مىقدارىنىڭ ئۈچ ھەسسىسى باراۋىرىدە ھەسەل بىلەن مەجۈن تەييارلاپ، كۈندە بىر قېتىم، تاماقتىن كېيىن ئۈچ گرام ئىستىمال قىلىنىدۇ. ھەرە كۆنىكى (ھۆكۈنەك) مەجۈنى: ھەرە كۆنىگى 100 گرام، يىلان قاسرىقى (پوستى) 100 گرام، قۇرۇتۇلغان پىلە قۇرتى 100 گرام، بۇلاردىن ئېلىپ قائىدە بويىچە مەجۈن تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. سىرتىدىن دورا سۈركەپ داۋالاش سىرتىدىن دورا سۈركەپ داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ راك كېسەللىكىنى داۋالاشتا ئۈنۈمى ناھايىتى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، «ئىكسىر ئەزەم» دە: «سەرتاننى يوقىتىش مەقسىتىدە ئىشلىتىلىدىغان دورىلار ئۇنى بوشىتىدىغان، تەرەققىياتىنى ئاستىلىتىدىغان ۋە بۇزۇق قاننى ئىسلاھ قىلىدىغان، قويۇق ماددىلارنى تازىلايدىغان بولۇشى شەرت. چۈنكى غەيرىي تەبىئىي يامان خىلىتلار سەرتان پەيدا قىلىدۇ، ئەمما سىرتتىن ئىشلەتكەن دورا بەك كۈچلۈك، بەك ئۆتكۈر بولمىغىنى ياخشى، بۇنداق بولمىغاندا سەرتاننىڭ ئەۋج ئېلىشىنى تېزلىتىدۇ. شۇڭا كۆيدۈرگۈچى دورىلارنى ئىشلەتمەسلىك لازىم. ئادەتتە مەدەندىن ۋە ئۆسۈملۈكتىن ئېلىنغان دورىلار مەسىلەن: يۇيۇلغان تۇتىيا، گۈل يېغى، تۈگمەن تېشى، بىلەي تېشى، مىس رۇدىسى، قوغۇشۇن، قەلەي، توڭ ئۈزۈم، يۇمغاقسۈت، ئىتئۈزۈمى ئۆسۈملۈكىنىڭ سۈيى، كۈدە ئۇرۇقى، پاقىيوپۇرمىقى سۈيى، سېمىز ئوت سۈيى، كاسىنە سۈيى، كاكىنەچ سۇلىرىنى ئىشلىتىش خېلى ياخشى ئۈنۈمگە ئىگە» دەپ كۆرسىتىلگەن. ئۆسمىنىڭ تەرەققىياتىنى توسۇش، جاراھەتلەندۈرمەسلىك، ئۆسمىنى كىچىكلىتىش، يوقىتىش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى ئۇسۇللار كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ قوللىنىلىدۇ: راكنىڭ تەرەققىياتىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن تۈگمەن تېشىنى يۇمشاق سوقۇپ، تاسقاپ، بىلەي تاشنى سىركە ياكى ئىتئۈزۈمى ئۆسۈملۈكىنىڭ سۈيىدە سۈرۈپ، ئۇنىڭغا گۈل يېغى ئارىلاشتۇرۇپ زىمات تەييارلاپ، ئۆسمە ئۈستىگە چېپىلىدۇ. ئاغرىق پەسەيتىش، راك ھۈجەيرىلىرىنى تىزگىنلەش مەقسىتىدە نېپىز قوغۇشۇن تاختاينى، ھۆل يۇمغاقسۈت سۈيى بىلەن گۈل يېغىنىڭ ئارىلاشمىسىغا چىلاپ ئۆسمە بار ئورۇننىڭ ئۈستىگە چېپىلىدۇ. ئاغرىق پەسەيتىش مەقستىدە تاشپاقىنى لاي ئىچىگە يۆگەپ تونۇردىكى قوقاسقا كۆمۈپ پىشۇرۇپ، ئاندىن سوقۇپ كالا يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، يەرلىك ئورۇن ياغلىنىدۇ. تازىلانغان تۇتىيا، مۇردارسەنگ، سەدەب 20 گرامدىن، موم 5 گرام. دورىلارنى سوقۇپ، مومنى گۈل يېغىدا ئېرىتىپ، تالقانلارنى ئارىلاشتۇرۇپ، مەلھەم تەييارلاپ سىرتىدىن چېپىلىدۇ. قىزىل قولتۇقلۇق پاقىنى يېرىپ ئۆسمە ئۈستىگە تېڭىلىدۇ. راك كېسىلىنى دورا بىلەن داۋالاشتا زەھەرلىك يىلان (ئاتۇشنىڭ تاشلىقلىرىدا ئۆسكەن ياكى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كىرگۈزۈلگەن) ، چايان، زەھەرلىك ئۆمۈچۈك، كۆكۈيۈن (بىرخىل زەھەرلىك چىۋىن) ، دېڭىز قىسقۇچپاقىسى (راك) ، قىزىل قولتۇق پاقا، سىماب، كۇچۇلا قاتارلىق دورىلارنىڭ ئۆسمىنىڭ تەرەققىياتىنى توسۇش، كىچىكلىتىش ۋە يوقىتىشقا ئۈنۈمى ياخشى، مۇۋاپىق ئۇسۇللار ئارقىلىق تەييارلاپ سىرتىدىن ئىشلىتىلىدۇ. ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاش تاشقى جىنسىي ئەزا راكىنى بالدۇر بايقاپ، بالدۇر دىئاگنوز قويۇپ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالىسا ئۇنىڭ باشقا ئورۇنلارغا يامراپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ئۇيغۇر تېبابەت كلاسسىك ئەسەرلىرىدە، «ئوپېراتسىيە قىلىشتىن ئاۋال ئۆسمىنىڭ ئەتراپىنى موم ۋە گۈل يېغى بىلەن نەمدەپ، ئۈستىگە ئۇۋۇتۇلغان قوغۇشۇنغا ئىسپىغۇل لوئابى، بېھى ئۇرۇقىنىڭ لوئابىنى ئارىلاشتۇرۇپ مەلھەم قىلىپ تېڭىش، بۇ ئۇسۇلنى بىرنەچچە كۈن داۋاملاشتۇرۇپ تاشقى جىنسىي ئەزادىكى سەرتان ئۆسمىلىرىنىڭ ئەتراپىدىكى يىلتىزلىرى ئاشكارىلىنىپ چىققاندا، ئاندىن مەزكۇر يىلتىزلارنى قالدۇرماي كېسىپ تاشلاش ۋە ئەتراپنى داغلاش ھەم كېسىلگەن ئورۇننى ھۆل زۇپا سۈيى، بېھى شىرىسى، موم، گۈل يېغى، بىنەپشە ياغلىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلانغان سۇيۇق مەلھەم بىلەن تېڭىپ، تېڭىق ئۈستىنى دائىم نەم تۇتۇش مەقسىتىدە ئىتئۈزۈمى سۈيى قۇيۇپ تۇرۇش ياكى ئادەم سۈتى بىلەن ھۆللەپ تۇرۇش پايدىلىق» دەپ كۆرسىتىلگەن. رادىئاكتىپلىق نۇر بىلەن داۋالاش تاشقى جىنسىي ئەزا راكىنىڭ كۆپىنچىسى يۇقىرى دەرىجىدە بۆلۈنگەن ھۈجەيرە بولغانلىقتىن رېنتگېنلىق داۋالاشقا قارىتا سەزگۈر ئەمەس ھەمدە رېنتگېنلىق داۋالاش ئەتراپ تېرە شىللىق پەردىلىرىنى ئېغىر دەرىجىدە كۆيدۈرۈپ ياكى نىكروزلىغانلىقى ئۈچۈن ھازىر بۇ خىل داۋالاش ئۇسۇلى يەككە ھالەتتە قوللىنىلمايدۇ. خىمىيىلىك داۋالاش خىمىيىۋى داۋالاش پەقەت راك ئىششىقى چوڭ بولسا ياكى ئوپېراتسىيىدىن بۇرۇن كېسەللىك دائىرىسىنى كىچىكلىتىپ ياكى كېسەللىك تەرەققىياتىنى كېچىكتۈرۈپ ئوپېراتسىيە پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرۈش ھەمدە ئوپېراتسىيە جەريانىدا راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ يۆتكىلىشىنى توسۇش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ.

1. تەستە ھەزىم بولىدىغان، يەل پەيدا قىلىدىغان، زىيادە ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ.

 2. ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى يېمەكلىكلەر بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇلىدۇ. مەسىلەن: تۇخۇم، چۈجە گۆشى، پاقلان گۆشى، مائۇللەھمى، مائۇلھەسەل، ئۈگرە، شورپا، ياڭاق، بادام مېغىزى، ئۆرۈك مېغىزى، ئۈزۈم …… قاتارلىقلار.

 3. پاسسىپ روھىي كەيپىياتلار قاتارلىقلار يەنى غەم-ئەندىشە، زىيادە ئاچچىقلىنىش، ئۇزۇن مۇددەت دەرت-ئەلەم تارتىش، ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك قىلىش، ئىچ كىيىملەر يىرىك، مەينەت بولۇش، ئادەتتىكى تاشقى جىنسىي ئەزا كېسەللىكلىرى قاتارلىقلاردىن ساقلىنىش كېرەك. 

4. ئاكتىپ روھى-كەيپىياتنى ساقلاش، يەڭگىل تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ۋە مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش، شەخسىي تازىلىق ۋە تۇرمۇش ئادىتى رەتلىك بولۇش، جىنسىي ئەزالاردا باشقا كېسەللىكلەر يۈز بەرسە ۋاقتىدا داۋالىنىش كېرەك.

كېسەللىك ئاقىۋىتىنىڭ ياخشى، يامان بولۇشى تۆۋەندىكى بىرقانچە خىل ئەھۋاللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك. 

1. راك ئۆسمىسىنىڭ ئۆسكەن ئورنى: ئەگەر چوڭ، كىچىك جىنسىي لەۋلەردىن باشلانغان بولسا ھەمدە ئۆسمە كىچىك بولۇپ، يامراش دائىرىسى تېيىز، تار بولسا ئاقىۋىتى ياخشىراق بولىدۇ. ئەگەر ئۆسمە سۈيدۈك يولى ئېغىزىدا بولۇپ ھەمدە چوڭقۇرلىغان بولسا ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدۇ، ئەگەر ئۆسمە بېشى جىنسىي يول ئالدى دالانچىسىدا ئۆسكەن بولسا ئاقىۋىتى تېخىمۇ خەتەرلىك بولىدۇ. 

2. راك ئۆسمىسىنىڭ ئۆسۈش تىپى: 1) سىرتىغا ئۆسۈش تىپى: بۇ خىل تىپتا ئۆسمە چوڭقۇر قىسىم توقۇلمىلىرىغا ئۆسۈپ كىرەلمىگەچكە، لىمفىلارغا تارقىلىشى كېچىكىدۇ، شۇڭا ئاقىۋىتى ياخشىراق بولىدۇ. 2)يامراش تىپى: بۇ خىل تىپتا ئۆسمە ئىچىگە قارىتا ئۆسۈپ چوڭقۇر قىسمىدىكى توقۇلمىلارغا ئاسانلا تاجاۋۇز قىلىپ لىمفىلارغا تارقىلىشى ئاسان بولغاچقا ئاقىۋىتى ناچار بولىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=1264

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=1264

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#